سۈرە مائىدە
سۈرە مائىدە 1-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ أُحِلَّتْ لَكُم بَهِيمَةُ الْأَنْعَامِ إِلَّا مَا يُتْلَى عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنتُمْ حُرُمٌ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! كېلىشىم-ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە تۆۋەندە بايان قىلىپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسى (نى بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ(1).
سۈرە مائىدە 2-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحِلُّوا شَعَائِرَ اللَّهِ وَلَا الشَّهْرَ الْحَرَامَ وَلَا الْهَدْيَ وَلَا الْقَلَائِدَ وَلَا آمِّينَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّن رَّبِّهِمْ وَرِضْوَانًا وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَاصْطَادُوا وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَن صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَن تَعْتَدُوا وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ (دىنىي سىمۋول قىلىنغان) ئالامەتلىرىگە، ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايغا، قۇربانلىق ھايۋانلارغا، (قۇربانلىق ھايۋانلارغا) ئېسىپ قويۇلغان بويۇنچۇقلارغا ۋە رەببىنىڭ پەزل-ئىلتىپاتىنى ئىزدەپ بەيتۇللاھقا كەلگۈچىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قوۋمنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسچىتىدىن توسقانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆچمەنلىك، ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن. ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ھەمكارلاشماڭلار، ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ جازاسى ھەقىقەتەن شىددەتلىكتۇر(2).
سۈرە مائىدە 3-ئايەت
حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ وَلَحْمُ الْخِنزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ وَالْمُنْخَنِقَةُ وَالْمَوْقُوذَةُ وَالْمُتَرَدِّيَةُ وَالنَّطِيحَةُ وَمَا أَكَلَ السَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيْتُمْ وَمَا ذُبِحَ عَلَى النُّصُبِ وَأَن تَسْتَقْسِمُوا بِالْأَزْلَامِ ذَلِكُمْ فِسْقٌ الْيَوْمَ يَئِسَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن دِينِكُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِ الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا فَمَنِ اضْطُرَّ فِي مَخْمَصَةٍ غَيْرَ مُتَجَانِفٍ لِّإِثْمٍ فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، غۇلاپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچلار (پارچىلاپ) يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى؛ لېكىن (يۇقىرىقىلارنىڭ كېيىنكى بەش خىلىدىن جېنى چىققۇچە) بوغۇزلىۋالغىنىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى، ھالالدۇر). بۇتلارنى ئۇلۇغلاپ بوغۇزلانغان ھايۋانلار، پال ئوقلىرى بىلەن قىسمەت ئىزدىشىڭلار– بۇلار يولدىن چىققانلىقتۇر. كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن (يېنىشىڭلاردىن) ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا رازى بولدۇم. گۇناھقا مايىللىقىدىن ئەمەس بەلكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىز قالسا (ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھارام نەرسىلەرنى يېسە)، ئاللاھ كەچۈرۈمچاندۇر، رەھىمدىلدۇر(3).
سۈرە مائىدە 4-ئايەت
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَمَا عَلَّمْتُم مِّنَ الْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ اللَّهُ فَكُلُوا مِمَّا أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك-ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاكىز نەرسىلەر ھالال قىلىندى ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرگىنى بويىچە ئوۋغا ئۆگەتكەن (ئىت، قارچۇغا، بۈركۈتكە ئوخشاش) يىرتقۇچ ئوۋ ھايۋانلىرىنىڭ ئوۋلىغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن (ئوۋلاپ) تۇتۇپ تۇرغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار. (يىرتقۇچ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئوۋغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ) ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىڭلار. ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»(4).
سۈرە مائىدە 5-ئايەت
الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَّهُمْ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ وَمَن يَكْفُرْ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ
بۈگۈن سىلەرگە پاكىز نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ يېمەكلىرى[1] سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ يېمەكلىرىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ تويلۇقىنى بەرگەن، ئىپپەتلىك بولغان، زىنادىن يىراق تۇرغان ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمىغان ھالىتىڭلاردا ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر. كىمكى ئىماننى رەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كېتىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ(5).
[1] . ئەھلى كىتاب بوغۇزلىغان ياكى ئوۋلىغان (ھالال) ھايۋانلارنىڭ گۆشى ۋە ئۇلارنىڭ پىشۇرغان تاماقلىرى مۇسۇلمانلارغا ھالال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە مائىدە 6-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِن كُنتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِن كُنتُم مَّرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِّنكُم مِّنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُم مِّنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍ وَلَكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) نامازغا تۇرغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ[2] قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار(يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن ۋەياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن (يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى سىلاش ئارقىلىق) تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى جاپادا قويۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ مىننەتدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاپ بېرىشنى خالايدۇ(6).
[2] . قولنى ھۆل قىلىپ باشقا سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە مائىدە 7-ئايەت
وَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَاقَهُ الَّذِي وَاثَقَكُم بِهِ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزۈڭلارنىڭ «چوقۇم (كالامىڭغا) قۇلاق سالىمىز ۋە (بۇيرۇقۇڭغا) ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا بەرگەن چىن ۋەدەڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر(7).
سۈرە مائىدە 8-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ئۈچۈن دادىل تۇرىدىغان، ئادالەتنى ياقىلاپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار، بىرەر قوۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئادالەتتىن چەتنەپ كېتىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن. (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىڭلاردىن خەۋەرداردۇر(8).
سۈرە مائىدە 9-ئايەت
وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات ۋەدە قىلدى(9).
سۈرە مائىدە 10-ئايەت
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
(ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ) كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ يارەنلىرىدۇر(10).
سۈرە مائىدە 11-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَن يَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەخش ئەتكەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى چاغدا بىر گۇرۇھ (سىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) سىلەرگە قول سالماقچى بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسۇپ قالدى. ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تايانسۇن(11).
سۈرە مائىدە 12-ئايەت
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنتُم بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَّأُكَفِّرَنَّ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ فَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَلِكَ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى (تەيىنلەپ كەنئانغا) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىشەنسەڭلار ۋە ئۇلارغا يار-يۆلەكتە بولساڭلار، (يوقسۇللارغا خەير-ساخاۋەت قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھقا چىرايلىق قەرز بەرسەڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ياپىمەن، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى(12).
سۈرە مائىدە 13-ئايەت
فَبِمَا نَقْضِهِم مِّيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ وَنَسُوا حَظًّا مِّمَّا ذُكِّرُوا بِهِ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَى خَائِنَةٍ مِّنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئۇلار چىن ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتۇرۇۋەتتۇق. ئۇلار سۆزلەرنى ئۆز جايلىرىدىن-كونتېكىستلىرىدىن بۇرۇۋېتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتتىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەت!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ ھەر دائىم خائىنلىق قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى ئاللاھ ئىشىنى ئەستايىدىل قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ(13).
سۈرە مائىدە 14-ئايەت
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَى أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِّمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
«بىز خرىستىيانمىز» دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتتىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك سالدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ(14).
سۈرە مائىدە 15-ئايەت
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِّمَّا كُنتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ قَدْ جَاءَكُم مِّنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُّبِينٌ
ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ رەسۇلىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئاشكارىلايدۇ ۋە تولىسىنى يۈزۈڭلارغا سالمايدۇ. سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى(15).
سۈرە مائىدە 16-ئايەت
يَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
ئاللاھ ئۇ (كىتاب) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشىنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ(16).
سۈرە مائىدە 17-ئايەت
لَّقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَن يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَن فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
«مەريەم ئوغلى مەسىھ ئاللاھتۇر» دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەتت!) ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى يوق قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلسا، كىممۇ ئاللاھقا توسالغۇ بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھقا تەۋەدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر(17).
سۈرە مائىدە 18-ئايەت
وَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُم بِذُنُوبِكُم بَلْ أَنتُم بَشَرٌ مِّمَّنْ خَلَقَ يَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
يەھۇدىيلار ۋە خرىستىيانلار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن جازالايدۇ؟ ياق، سىلەرمۇ ئاللاھ ياراتقان ئىنسانلارنىڭ قاتارىدىن سىلەر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئەڭ ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»(18).
سۈرە مائىدە 19-ئايەت
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَى فَتْرَةٍ مِّنَ الرُّسُلِ أَن تَقُولُوا مَا جَاءَنَا مِن بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ فَقَدْ جَاءَكُم بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ «بىزگە ھېچقانداق خۇشخەۋەر بەرگۈچىمۇ، ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ كەلمىدى» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (ھەقىقەتنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى. ھەقىقەتەن سىلەرگە بىر خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر(19).
سۈرە مائىدە 20-ئايەت
وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنبِيَاءَ وَجَعَلَكُم مُّلُوكًا وَآتَاكُم مَّا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِّنَ الْعَالَمِينَ
ئەينى چاغدا مۇسا ئۆز خەلقىگە ئېيتقان ئىدى: «ئى خەلقىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسكە ئېلىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاراڭلاردىن نەبىيلەرنى چىقارغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان، جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دېڭىزنى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلغان ئىدى(20).
سۈرە مائىدە 21-ئايەت
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَى أَدْبَارِكُمْ فَتَنقَلِبُوا خَاسِرِينَ
ئى خەلقىم! ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان مۇقەددەس (قۇددۇس) زېمىنىغا كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر»(21).
سۈرە مائىدە 22-ئايەت
قَالُوا يَا مُوسَى إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَن نَّدْخُلَهَا حَتَّى يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِن يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇ جايدا زوراۋان بىر خەلق بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە (ئاندىن) كىرىمىز» دېيىشتى(22).
سۈرە مائىدە 23-ئايەت
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ۋە قورقۇپ تۇرغان كىشىلەر ئىچىدىن ئىككى ئادەم (ئۇلارغا): «دەرۋازىدىن (مەردانىلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ) كىرىڭلار، دەرۋازىدىن كىرسەڭلار چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار ئاللاھقىلا تايىنىڭلار» دېدى(23).
سۈرە مائىدە 24-ئايەت
قَالُوا يَا مُوسَى إِنَّا لَن نَّدْخُلَهَا أَبَدًا مَّا دَامُوا فِيهَا فَاذْهَبْ أَنتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
(ئىسرائىل ئوغۇللىرى:) « ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە (ھۇجۇم قىلىپ) كىرمەيمىز، شۇڭا سەن رەببىڭ بىلەن بىللە بېرىپ (ئۇلارغا قارشى) ئۇرۇش قىلىڭلار، بىز مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېيىشتى(24).
سۈرە مائىدە 25-ئايەت
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە بولالايمەن، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق– ئىتائىتىڭدىن چىققان خەلققە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغايسەن» دېدى(25).
سۈرە مائىدە 26-ئايەت
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ أَرْبَعِينَ سَنَةً يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداقتا ئۇلار ئۇ جاي (قۇددۇس)دىن قىرىق يىل مەھرۇم ياشايدۇ، بۇ جەرياندا زېمىندا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. شۇڭا بۇ پاسىق- ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان خەلق ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(26).
سۈرە مائىدە 27-ئايەت
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (ھابىل بىلەن قابىل)نىڭ ھېكايىسىنى چىنلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن. ئەينى چاغدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى، بىرى (ھابىل)نىڭ قوبۇل قىلىنغان، يەنە بىرى (قابىل)نىڭ قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى. ئۇ (قابىل): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، ئۇ (ھابىل) مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ(27).
سۈرە مائىدە 28-ئايەت
لَئِن بَسَطتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ
سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قول سالساڭمۇ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قول سالمايمەن، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن(28).
سۈرە مائىدە 29-ئايەت
إِنِّي أُرِيدُ أَن تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ وَذَلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
(ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ،تىلىكىم شۇكى،) مېنىڭ ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھى بىلەن قايتىپ ئەھلى دوزاخ بولۇپ كەتكەيسەن ، زالىملارنىڭ جازاسى شۇدۇر»(29).
سۈرە مائىدە 30-ئايەت
فَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇ (قابىل)نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشى (ھابىل)نى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى(30).
سۈرە مائىدە 31-ئايەت
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ قَالَ يَا وَيْلَتَى أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا يەرنى كولىدى، (قابىل بۇنى كۆرۈپ:) «ۋاي ئىسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەن؟» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى(31).
سۈرە مائىدە 32-ئايەت
مِنْ أَجْلِ ذَلِكَ كَتَبْنَا عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَن قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم بَعْدَ ذَلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
شۇ سەۋەبتىن بىز (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىرەر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ خۇددى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ؛ كىمكى بىرەر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرسا، ئۇ خۇددى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرغاندەك بولىدۇ» دەپ يازغان ئىدۇق. پەيغەمبەرلىرىمىز ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا راستتىنلا ئوچۇق پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ تولىسى زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى(32).
سۈرە مائىدە 33-ئايەت
إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَن يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُم مِّنْ خِلَافٍ أَوْ يُنفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ذَلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن پۇت-قوللىرىنىڭ كېسىلىشى ۋەياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (جازالار) ئۇلارنى بۇ دۇنيادا خار-زەبۇن قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇلار زور ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ(33).
سۈرە مائىدە 34-ئايەت
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِن قَبْلِ أَن تَقْدِرُوا عَلَيْهِمْ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
بىراق سىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ قولغا چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن (خاتالىقىنى تونۇپ) توۋا قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر(34).
سۈرە مائىدە 35-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇرات-مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، (بەندىچىلىك قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش ئارقىلىق) ئاللاھقا رىشتە ئىزدەڭلار، ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىڭلار(35).
سۈرە مائىدە 36-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ أَنَّ لَهُم مَّا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لِيَفْتَدُوا بِهِ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
شۈبھىسىزكى، (ھەقتىن تېنىپ) كاپىر بولغانلار يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولۇپ، قىيامەت كۈنىنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ فىدىيەسى قوبۇل بولمايدۇ، ئۇلار ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ(36).
سۈرە مائىدە 37-ئايەت
يُرِيدُونَ أَن يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنْهَا وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّقِيمٌ
ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ئەمما ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئازاب-ئوقۇبەتكە قالىدۇ(37).
سۈرە مائىدە 38-ئايەت
وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِّنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن قوللىرىنى كېسىڭلار[3]. ئاللاھ كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېكمىتى چەكسىزدۇر(38).
[3] . ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش جازاسى ئىسلام تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان جازا ئەمەس، بەلكى قۇرەيىش قەبىلىسى تەدبىقلاپ كەلگەن جازا ئەنئەنىسى ئىدى. قۇرئان نازىل بولغان دەۋردىن ئىلگىرى داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ئەنئەنە ئوغرى-قاراقچىلارنى توسۇشتىكى ئۈنۈملۈك چارە ھېسابلىناتتى. بۇ جازا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا تۇنجى قېتىم كەبىنىڭ خەزىنىسىنى بۇلىغان بىر بۇلاڭچىغا يۈرگۈزۈلگەنىدى(ئىبنى كەسىر). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ جازانىڭ دائىرىسىنى ئىمكان قەدەر تارايتقان. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە بۇ جازانىڭ يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى(ئەبۇ داۋۇت ھۇدۇد 19). باشقا بىر مەنبەدە بولسا «سەپەر»نىڭ ئورنىغا «غازات» قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئوخشاش ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ(تىرمىزى ھۇدۇد 20). بۇ نەبەۋى تەلىماتقا ھەزرىتى ئۆمەر(ر. ئە)مۇ خىلاپىتى دەۋرىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىدىن ھۇزەيفە بىننى ئەليەمانىنىڭ بۇ تەلىماتقا ئىزچىل قۇلاق سېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغرىغا بېرىلىدىغان جازاغا كەلگەندە تولىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى شۇ ۋەقەدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئابباد بىننى شۇرەھبى ئېيتىدۇ: «بۇغداي ئېتىزلىقىغا كىردىم- دە، بىر باشاق ئۈزۈپ دېنىنى پوستىدىن ئايرىشقا باشلىدىم، بۇ ئەسنادا ئېتىزلىقنىڭ ئىگىسى كېلىپ قالدى ۋە مېنى ئۇرۇپ ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنى سالدۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەرز قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ ئاچچىقلانغان ھالدا: «ئۇ ئاچ ئىدى، ئۇنىڭ قورسىقىنى تويغۇزمىدىڭ؛ ئۇ نادان ئىدى، ئۇنىڭغا تەلىم بەرمىدىڭ» دېدى ۋە كىيىملىرىمنى قايتۇرغۇزۇپ بېرىپ، يەنە تېخى ماڭا بىر ئۆلچەك بۇغداي بەردى (ئەھمەد بىننى ھەنبەل).
سۈرە مائىدە 39-ئايەت
فَمَن تَابَ مِن بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) ئۇۋال قىلغاندىن كېيىن توۋا قىلسا ۋە (خاتالىقىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ توۋىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر(39).
سۈرە مائىدە 40-ئايەت
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ وَيَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَاللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھقا تەۋەدۇر، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ئازابلايدۇ، خالىغان[4] بەندىسىنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر(40).
[4] . بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «خالىدى» مەنىسىدىكى شاء پېئىلىنى چۈشىنىشتە، «إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ – شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يول ئۈستىدىدۇر» (سۈرە ھۈد، 56-ئايەت) ئايىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش كېرەك. ئاللاھنىڭ بەندىنى ئەپۇ -مەغپىرەت قىلىشى ياكى جازالىشى بەندىنىڭ ياخشى-يامان ئىش-ھەرىكىتىگە باغلىق بولۇپ، ئاللاھ تەئالا ھېچقانداق بەندىسىگە ئۇۋال قىلمايدۇ، ناھەق رەۋىشتە ئازابلىمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەندىلىرىنىڭ سىراتى مۇستەقىمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئاللاھنىڭ ئۆزىمۇ سىراتى مۇستەقىمدە بولىدۇ. يەنى، ئاللاھنىڭ پرىنسىپى بار بولۇپ، پرىنسىپسىز ئىش قىلمايدۇ.
سۈرە مائىدە 41-ئايەت
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِن بَعْدِ مَوَاضِعِهِ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا وَمَن يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَن تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا أُولَئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئى رەسۇل! ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ دىللىرىدا ئىشەنمەيدىغانلاردىن كۇپۇردا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلار سېنى قايغۇغا سالمىسۇن. يەھۇدىيلەشكەنلەردىن بىر تۈركۈمى باركى، يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا قوۋم (خەيبەر يەھۇدىيلىرى)نىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سۆزلەرنى جايلىرىدىن- كونتېكىسلىرىدىن بۇرمىلىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە يىراق تۇرۇڭلار» دەيدۇ (بۇمۇ سېنى قايغۇغا سالمىسۇن). ئاللاھ بىركىمنىڭ پىتنىگە گىرىپتار بولۇشىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پاكىزلاشنى خالىمىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار دۇنيادا خارۇ-زارلىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قالىدۇ(41).
سۈرە مائىدە 42-ئايەت
سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ فَإِن جَاءُوكَ فَاحْكُم بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ وَإِن تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيْئًا وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِالْقِسْطِ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
(ئۇلاردىن) يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلار، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەر بار. (ئى مۇھەممەت!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارساڭمۇ ياكى ئۇلارنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ. ئەگەر رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ(42).
سۈرە مائىدە 43-ئايەت
وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِن بَعْدِ ذَلِكَ وَمَا أُولَئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
ئۇلارنىڭ يېندا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار بولغان تەۋرات تۇرۇقلۇق، ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان تۇرسا، يەنە قانداقسىگە سېنى ھۆكۈم چىقارغۇزۇدۇ؟(43).
سۈرە مائىدە 44-ئايەت
إِنَّا أَنزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِن كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئىچىدە ھىدايەت– يول كۆرسەتكۈچ ۋە نۇر بار بولغان تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلار ئارىسدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم چىقىراتتى. (يەھۇدىيلار ئىچىدىن) بارلىقىنى رەبكە ئاتىغانلار بىلەن خاخاملار[5]مۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى، تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم چىقىراتتى، ئۇلار بۇنىڭغا گۇۋاھچى ئىدى. شۇڭا سىلەر كىشلەردىن قورقماي مەندىن قورقۇڭلار، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتمەڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كاپىرلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر((44).
[5]. خاخام- يەھۇدىي دىنىي ئۆلىماسى.
سۈرە مائىدە 45-ئايەت
وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالْأَنفَ بِالْأَنفِ وَالْأُذُنَ بِالْأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَّهُ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا تەۋراتتا شۇنداق يازدۇقكى، جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە بىراۋنى قانداق زەخىمىلەندۇرگەن بولسا ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى)غا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملارنىڭ دەل ئۆزىدۇر(45).
سۈرە مائىدە 46-ئايەت
وَقَفَّيْنَا عَلَى آثَارِهِم بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَآتَيْنَاهُ الْإِنجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِّلْمُتَّقِينَ
ئۇ (پەيغەمبەر)لارنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىن يېتىپ كەلگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇچى مەريەم ئوغلى ئەيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت-يول كۆرسەتكۈچ ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىن يېتىپ كەلگەنلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ئۈچۈن پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق(46).
سۈرە مائىدە 47-ئايەت
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنجِيلِ بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فِيهِ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا چۈشۈرگەن ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، كىمكى ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار پاسىقلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر(47).
سۈرە مائىدە 48-ئايەت
وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
(ئى مۇھەممەت!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە نازارەت قىلغۇچى[6] كىتابنى چىنلىق بىلەن چۈشۈردۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا چۈشۈرگىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن (چەتنەپ) ئۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) بىز سىلەردىن ھەربىر ئۈممەتكە بىر شەرىئەت-قانۇن-تۈزۈم ۋە (ئۇنى تەتبىقلايدىغان) مېتود بەلگىلىدۇق. ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىرلا ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغانلىرى ئارقىلىق سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت بولۇشقا يول قويدى). ئۇنداقتا سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ ماھىيىتى)نى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ(48).
[6] . المهيمن- ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى» دېگەن مەنىدە. بۇ ئايەتتكى المهيمن تەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ چىن مەزمۇنىنى قوغداپ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى توغرىنى خاتادىن ئايرىپ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
سۈرە مائىدە 49-ئايەت
وَأَنِ احْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَن يَفْتِنُوكَ عَن بَعْضِ مَا أَنزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ فَإِن تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَن يُصِيبَهُم بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا چۈشۈرگەن (قۇرئان)نىڭ بىر قىسمىدىن سېنى يىراقلاشتۇرۇپ پىتنىگە چۈشۈرۈشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى راستتىنلا ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر(49).
سۈرە مائىدە 50-ئايەت
أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ
يا بولمىسا ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى ئىزدەۋاتامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشىراق ھۆكۈم قىلىدىغان (باشقا بىرى) بارمۇ؟(50).
سۈرە مائىدە 51-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنى جانجىگەر دوست قىلىۋالماڭلار، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ جانجىگەر دوستىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى جانجىگەر دوست قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ئاللاھ ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغۇچى-زالىم كىشىلەر توپىنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ(51).
سۈرە مائىدە 52-ئايەت
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَى أَن تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ فَعَسَى اللَّهُ أَن يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِّنْ عِندِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَى مَا أَسَرُّوا فِي أَنفُسِهِمْ نَادِمِينَ
دىللىرىدا كېسەللىك بار (مۇناپىق-ئىككى يۈزلىمىچى)لارنىڭ بىزگە بىرەر پىشكەللىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، ئۇلار بىلەن جانجىگەر دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلغاندا ياكى دەرگاھىدىن بىرەر پەرمان كەلگەندە، دىللىرىدا كېسەللىك بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يوشۇرۇن (دوست) تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىشى مۇمكىن(52).
سۈرە مائىدە 53-ئايەت
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
(ئۇ چاغدا) مۆمىنلەر (بىر-بىرىگە): «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، بار كۈچى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكار بولۇپ كېتىپ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ(53).
سۈرە مائىدە 54-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ذَلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن كىمكى دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، (بىلسۇنكى،) ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر، كاپىرلارغا مەغرۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر كىشىلەر توپىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ (ئالاھىدىلىك)لار ئاللاھنىڭ پەزل-ئىلتىپاتى بولۇپ، (ئاللاھ) ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزل-ئىلتىپاتى) كەڭدۇر، بىلگۈچىدۇر(54).
سۈرە مائىدە 55-ئايەت
إِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ (ھەقىقىي) جانجىگەر دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويۇن ئېگىپ نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان مۆمىنلەردۇر(55).
سۈرە مائىدە 56-ئايەت
وَمَن يَتَوَلَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا فَإِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْغَالِبُونَ
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە مۆمىنلەرنى جانجىگەر دوست تۇتسا، (بىلسۇنكى،) ئاللاھنىڭ تەرەپدارلىرى چوقۇم غالىبلاردۇر(56).
سۈرە مائىدە 57-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِّنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى كەمسىتىپ ئويۇن-تاماشا ئوبيېكتى قىلغانلارنى ۋە كاپىرلارنى جانجىگەر دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار(57).
سۈرە مائىدە 58-ئايەت
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَعْقِلُونَ
ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان ئادەملەر توپى بولغاچقا، سىلەر نامازغا ئەزان توۋلىغان چېغىڭلاردا نامازنى مەسخىرە قىلىپ، ئويۇن-تاماشا ئوبيېكتى قىلىۋېلىشتى(58).
سۈرە مائىدە 59-ئايەت
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ هَلْ تَنقِمُونَ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلُ وَأَنَّ أَكْثَرَكُمْ فَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز پەقەت ئاللاھقا، بىزگە چۈشۈرۈلگەن (كىتاب)گە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن (كىتاب)لەرگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەر كۆپىنچىڭلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزدىن نەپرەتلىنەمسىلەر؟»(59).
سۈرە مائىدە 60-ئايەت
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُم بِشَرٍّ مِّن ذَلِكَ مَثُوبَةً عِندَ اللَّهِ مَن لَّعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ أُولَئِكَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضَلُّ عَن سَوَاءِ السَّبِيلِ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازاغا تېگىشلىك بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان ۋە غەزەپلەنگەن، شەيتانىي كۈچلەرگە چوقۇنغانلىقى سەۋەبلىك بىرقىسمىنى مايمۇنغا ۋە چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئادەملەردۇر. ئەنە شۇلار دەرىجە جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن، توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقانلاردۇر»(60).
سۈرە مائىدە 61-ئايەت
وَإِذَا جَاءُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَقَد دَّخَلُوا بِالْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا بِهِ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا يَكْتُمُونَ
ئۇلار يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى. ۋەھالەنكى، ئۇلار كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسى (يەنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكى)نى ئوبدان بىلىدۇ(61).
سۈرە مائىدە 62-ئايەت
وَتَرَى كَثِيرًا مِّنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ گۇناھ-مەسىيەتتە، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!(62).
سۈرە مائىدە 63-ئايەت
لَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَن قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
كاشكى، ئۇلارنىڭ رەببانىيلىرى[7] ۋە خاخاملىرى ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسقان بولسىچۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى نېمىدېگەن يامان!(63).
[7] . «رەبكە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن» دېگەن ئۇقۇمدا بولۇپ، يەھۇدىي دىنىي ئەرباپلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار «رىببىيلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۈرە مائىدە 64-ئايەت
وَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم مَّا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِّلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق( يەنى پىخسىق)تۇر» دېدى، ئەسلىدە قولى باغلاقلىق بولغانلار ئۆزلىرىدۇر! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك لەنەتلەندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى[8] ئوچۇق بولۇپ، (ئىلتىپاتىنى) قانداق خالىسا شۇنداق تارقىتىدۇ. رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا چۈشۈرۈلگەن (قۇرئان) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئازغۇنلۇقى ۋە ئىنكارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار قاچانىكى ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ(64).
[8] . بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «يدالله– ئاللاھنىڭ قولى» ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە سىمۋول قىلىنغان.
سۈرە مائىدە 65-ئايەت
وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْكِتَابِ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَكَفَّرْنَا عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأَدْخَلْنَاهُمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
ناۋادا ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياپاتتۇق ۋە ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە كىرگۈزەتتۇق(65).
سۈرە مائىدە 66-ئايەت
وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْهِم مِّن رَّبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِن فَوْقِهِمْ وَمِن تَحْتِ أَرْجُلِهِم مِّنْهُمْ أُمَّةٌ مُّقْتَصِدَةٌ وَكَثِيرٌ مِّنْهُمْ سَاءَ مَا يَعْمَلُونَ
ناۋادا ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەنگە تولۇق ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىكى ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىكى (نېمەت)لەردىن بەھرىمەن بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆتىدىل يول تۇتقان بىر تۈركۈمى بار، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!(66).
سۈرە مائىدە 67-ئايەت
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
ئى رەسۇل! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا چۈشۈرۈلگەن (قۇرئان)نى يەتكۈزگىن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى خالايىقنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ[9]. ئاللاھ ھەقىقەتەن تۇزكور كىشىلەر توپىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ(67).
[9]. بۇ ئايەت چۈشكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش، مۇھاپىزەت قىلىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان (مۇستەدرەك).
سۈرە مائىدە 68-ئايەت
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَى شَيْءٍ حَتَّى تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم مَّا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چۈشۈرۈلگەن(قۇرئان)گە تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر (ھەق دىندىن) ھېچنەرسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولمايسىلەر». رەببىڭ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن (ۋەھىي) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە ئاشقۇنلۇق ۋە كۇفرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، شۇڭا كاپىر قوۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن(68).
سۈرە مائىدە 69-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئُونَ وَالنَّصَارَى مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
(قۇرئانغا) ئىمان ئېيتقانلارغا، يەھۇدىيلار، سابىئۇنلار ۋە خىرىستىيانلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا قورقۇش بولمايدۇ، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ(69).
سۈرە مائىدە 70-ئايەت
لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَى أَنفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُونَ
بىز ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالغان ۋە ئۇلارغا رەسۇللارنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. قاچانىكى بىر رەسۇل ئۇلارنىڭ نەپسگە ياقمايدىغان بىرەر ھۆكۈمنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار رەسۇللارنىڭ) بىر قىسمىنى يالغانغا چىقاردى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى(70).
سۈرە مائىدە 71-ئايەت
وَحَسِبُوا أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌ فَعَمُوا وَصَمُّوا ثُمَّ تَابَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا وَصَمُّوا كَثِيرٌ مِّنْهُمْ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
ئۇلار بالايى-ئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ھېسابلاپ كور ۋە گاس بولۇۋېلىشتى. ناھايەت، (ئۇلار خاتالىقىغا تەن بېرىپ توۋا قىلىۋىدى،) ئاللاھ ئۇلارنىڭ توۋىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى (ھەقكە) يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(71).
سۈرە مائىدە 72-ئايەت
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ
شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسادۇر» دېگۈچىلەر كاپىر بولدى. ھالبۇكى ئەيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئۇنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ» دېگەن ئىدى(72).
سۈرە مائىدە 73-ئايەت
لَّقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ وَمَا مِنْ إِلَهٍ إِلَّا إِلَهٌ وَاحِدٌ وَإِن لَّمْ يَنتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
«ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەر شەكسىز كاپىر بولدى، بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزلىرىدىن توختىمىسا، بۇنداق كاپىرلار ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە قالىدۇ(73).
سۈرە مائىدە 74-ئايەت
أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئۇلار ئاللاھقا توۋاقىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ-مەغپىرەت تىلىمەمدۇ؟ ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ رەھىمدىلدۇر(74).
سۈرە مائىدە 75-ئايەت
مَّا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ انظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انظُرْ أَنَّى يُؤْفَكُونَ
مەريەم ئوغلى ئەيسا پەقەتلا بىر رەسۇلدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى (ئاللاھقا) بەكمۇ سادىق ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغىمۇ قارىغىن(75).
سۈرە مائىدە 76-ئايەت
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(76).
سۈرە مائىدە 77-ئايەت
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْ ضَلُّوا مِن قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَن سَوَاءِ السَّبِيلِ
ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قوۋمنىڭ نەپس-خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار»(77).
سۈرە مائىدە 78-ئايەت
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَى لِسَانِ دَاوُدَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ذَلِكَ بِمَا عَصَوا وَّكَانُوا يَعْتَدُونَ
ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىچىدىن كاپىر بولغانلار داۋۇتنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئەيسانىڭ تىلى ئارقىلىق لەنەتلەندى[10]. چۈنكى ئۇلار (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلدى ۋە ھەددىدىن ئاشتى(78).
[10]. «داۋۇتنىڭ لەنىتى» ئۈچۈن كونا ئەھدە مەزمۇرلار 28:21-22 ,31-33 كە، «ئەيسانىڭ لەنىتى» ئۈچۈن ماتتا ئىنجىلى 12:34ۋە 23:33-35 كە قاراڭ.
سۈرە مائىدە 79-ئايەت
كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
ئۇلار ئۆزلىرى قىلىپ كېلىۋاتقان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسمايتتى، ئۇلارنىڭ قىلىپ كەلگەن ئىشلىرى نېمىدېگەن يامان!(79).
سۈرە مائىدە 80-ئايەت
تَرَى كَثِيرًا مِّنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنفُسُهُمْ أَن سَخِطَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ
سەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كاپىر بولغانلارنى جانجىگەر دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن قىلغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ قىلمىشلىرى) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار مەڭگۈ ئازاب-ئوقۇبەتكە قالغۇچىلاردۇر(80).
سۈرە مائىدە 81-ئايەت
وَلَوْ كَانُوا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالنَّبِيِّ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مَا اتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَاءَ وَلَكِنَّ كَثِيرًا مِّنْهُمْ فَاسِقُونَ
ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، نەبىگە ۋە ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەنگە ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى، كاپىرلارنى جانجىگەر دوست تۇتمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىق– ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەردۇر(81).
سۈرە مائىدە 82-ئايەت
لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِّلَّذِينَ آمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُم مَّوَدَّةً لِّلَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَى ذَلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
(ئى مۇھەممەت!) سەن يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلارغا ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن؛ «بىز خىرىستىيان» دېگەن كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلارغا دوستلۇق جەھەتتە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇنداق بولۇشى ئۇ (خىرىستىيان)لارنىڭ ئىچىدە پوپلار، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر(82).
سۈرە مائىدە 83-ئايەت
وَإِذَا سَمِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَى الرَّسُولِ تَرَى أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا مِنَ الْحَقِّ يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
ئۇلار رەسۇلۇللاھقا چۈشۈرۈلگەن قۇرئاننى ئاڭلىغانلىرىدا، ھەقنى تونۇغانلىقتىن كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (ھەقكە)شاھىت بولغۇچىلار قاتارىغا يازغايسەن»(83).
سۈرە مائىدە 84-ئايەت
وَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا جَاءَنَا مِنَ الْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَن يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ الْقَوْمِ الصَّالِحِينَ
بىز نېمىشقا ئاللاھقا ۋە (ئاللاھتىن) بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى سالىھ-ياخشى كىشىلەر قاتارىغا داخىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان تۇرساق»(84).
سۈرە مائىدە 85-ئايەت
فَأَثَابَهُمُ اللَّهُ بِمَا قَالُوا جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَذَلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن-پۇختا قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇدۇر(85).
سۈرە مائىدە 86-ئايەت
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار كۆيدۈرگۈچى دوزاخنىڭ يارەنلىرىدۇر(86).
سۈرە مائىدە 87-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلىۋالماڭلار، چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[11](87).
[11]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ھەركۈنى روزا تۇتۇۋېلىش، ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىپ ئۆيلەنمەسلىك، گۆش يېمەسلىك ئارقىلىق تەركى دۇنيالىق نىيىتىگە كەلگەندە بۇ ئايەت نازىل بولغان ئىدى. ئاللاھ بۇ ئايەت ئارقىلىق روھبانلىق ۋە ئۆزىنى قىيناش بىلەن نەپسىنى پاكلاشقا ئۇرۇنۇش خاھىشىنى چەكلىگەن.
سۈرە مائىدە 88-ئايەت
وَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنتُم بِهِ مُؤْمِنُونَ
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال-پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار–مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار(88).
سۈرە مائىدە 89-ئايەت
لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الْأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى بىھۇدە قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. (بۇنداق قەسەمنى بۇزساڭلار،) ئۇنىڭ كەففارىتى ئون مىسكىننى ئائىلەڭلەرگە بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق ئۆلچىمى بىلەن بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇش ياكى ئۇلارغا بىر قۇردىن كىيىم بېرىش ۋەياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر.كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغىنىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرنىڭ مىننەتدار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ(89).
سۈرە مائىدە 90-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! مەست قىلغۇچى ماددا[12]، قىمار[13]، (چوقۇنۇش ئۈچۈن) تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى پەقەت شەيتاننىڭ ئىشى بولۇپ، پاسكىنا قىلىقلاردۇر. بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار(90).
[12] . بۇ ئايەتتىكى «الخمر- مەست قىلغۇچى ماددا»، ئىنساننىڭ ئەقلىي كۈچىنى نابۇت قىلىدىغان ھاراق، نەشە، خىروئېن قاتارلىق ئىچىلىدىغان، چېكىلىدىغان ۋە تومۇردىن ئۇرۇلىدىغان ھەرقانداق مەست قىلغۇچى زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[13] . بۇ ئايەتتىكى «الميسر -قىمار»، مېھنەت قىلماي ئاسان يولدىن پۇل ئۈندۇرۇۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. لاتارىيە ۋە زامانىۋى قىمار ماشىنىلىرىمۇ بۇ كاتېگورىيىگە كىرىدۇ.
سۈرە مائىدە 91-ئايەت
إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ فَهَلْ أَنتُم مُّنتَهُونَ
شەيتان مەست قىلغۇچى ماددا، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر تېخىچە قول ئۈزمەمسىلەر؟(91).
سۈرە مائىدە 92-ئايەت
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَى رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلغا ئىتائەت قىلىڭلار، (يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار. ئەگەر باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر(92).
سۈرە مائىدە 93-ئايەت
لَيْسَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جُنَاحٌ فِيمَا طَعِمُوا إِذَا مَا اتَّقَوا وَّآمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ثُمَّ اتَّقَوا وَّآمَنُوا ثُمَّ اتَّقَوا وَّأَحْسَنُوا وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئەگەر ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ياشاپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان ھەم ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) داۋاملىق ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان، ئاندىن (يەنە ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ئىزچىل تۈردە ساقلىنىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسا، (ئىلگىرى) يېگەن-ئىچكەنلىرىدە ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ئىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ(93).
سۈرە مائىدە 94-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمُ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِّنَ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَن يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ فَمَنِ اعْتَدَى بَعْدَ ذَلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغانلارنى ئىلغاش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەنلا ئوۋلىغىلى بولىدىغان ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ. كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاش ئارقىلىق) ھەددىدىن ئاشسا، ئۇ ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ(94).
سۈرە مائىدە 95-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌ وَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِّثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِّنكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَلِكَ صِيَامًا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ وَمَنْ عَادَ فَيَنتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انتِقَامٍ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئېھرامدا[14] تۇرۇپ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭداش كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنگە ئاش بېرىش ۋەياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ ئورنىغا بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ سالغان) بۇرۇنقى گۇناھنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ. كىمكى (بۇ گۇناھنى) قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئەنتىنى ئالىدۇ. ئاللاھ كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، (گۇناھكارلاردىن) ئەنت ئالغۇچىدۇر(95).
[14] . ئېھرام– ھەج ۋە ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ، ئەتىر سېپىش، چاچ-ساقاللىرىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلاردىن مەلۇم ۋاقىت ۋاز كېچىش ۋە مەككىنىڭ ھەرەم دائىرىسى چېگرىلىرىغا يەتكەندىن كېيىن تىكىلمىگەن ئاق رەختلەرگە ئورىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە مائىدە 96-ئايەت
أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَّكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
سىلەر (ئېھرامدىكىلەر)گە دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش ۋە ئۇلارنى يېيىش ھالال قىلىندى، بۇ سىلەر ۋە يولۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار(96).
سۈرە مائىدە 97-ئايەت
جَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِّلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ذَلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ ئۇلۇغ ئۆي بولغان كەبىنى، ئۇلۇغ ئاي (ھەج ئېيى)نى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى ۋە (قۇربانلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنچۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئۈچۈن) دەس تۇرۇش[15] (ۋاسىتىسى) قىلدى. بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر(97).
[15] . قياما-دەس تۇرۇش– ھەج مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىريەرگە جەم بولۇپ، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى ھېس قىلىدىغان دەس تۇرۇش تۈگۈنى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ. كەبە ۋە ھەج ئېيى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەپلەردىمۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ ھېسابلىناتتى، ھەتتا كەبىگە قېچىپ كىرىۋالغان قاتىلمۇ ئۆزى سىرتقا چىقمىغۇچە تۇتۇلمايتتى.
سۈرە مائىدە 98-ئايەت
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ وَأَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر، (شۇنداقلا) ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن رەھىمدىلدۇر(98).
سۈرە مائىدە 99-ئايەت
مَّا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
رەسۇلنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(99).
سۈرە مائىدە 100-ئايەت
قُل لَّا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئېيتقىنكى، گەرچە ناچار (ئىنسانلار ۋە قىلمىشلار)نىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەيران قالدۇرسىمۇ، ناچار بىلەن ياخشى باراۋەر ئەمەس. ئى پاراسەت ئىگىلىرى! مۇراد-مەقسىتىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار(100).
سۈرە مائىدە 101-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَسْأَلُوا عَنْ أَشْيَاءَ إِن تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِن تَسْأَلُوا عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ الْقُرْآنُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا اللَّهُ عَنْهَا وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بايان قىلىنسا، سىلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سوئال سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان چۈشۈرۈلۈۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بايان قىلىنىدۇ، (بايان قىلىنمىغىنىغا قارىغاندا ئاللاھ ئۇلارنى) كەچۈردى[16]. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچى، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر(101).
[16] . قۇرئاندا بىر نەرسە چەكلەنمىگەن بولسا، ئۇ ھالالدۇر.
سۈرە مائىدە 102-ئايەت
قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌ مِّن قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا بِهَا كَافِرِينَ
سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قوۋم (پەيغەمبىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، (جاۋاب بېرىلگەندىن) كېيىن (بىجا كەلتۇرەلمەي) ئۇلار تۇزكۇرلاردىن بولۇپ كەتتى(102).
سۈرە مائىدە 103-ئايەت
مَا جَعَلَ اللَّهُ مِن بَحِيرَةٍ وَلَا سَائِبَةٍ وَلَا وَصِيلَةٍ وَلَا حَامٍ وَلَكِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَأَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
بەھىرە[17]، سائىبە[18]، ۋەسىلە[19] ۋە ھام[20] ناملىق تۆگىلەر (نىڭ خۇراپىي قاراشلار تۈرتكىسىدە يارىتىلىش مەقسىتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىلىشى)نى ئاللاھ بەلگىلىمىگەنىدى. لېكىن كاپىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىل ئىشلەتمەيدۇ(103).
[17] . بەھىرە– بەشنى بوتىلاپ ، بەشىنچى بوتىلىقى ئەركەك بولغان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى تىلىپ ئەن سېلىپ، مىنىشكە ۋە يۈك ئارتىشقا ئىشلەتمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.
[18] . سائىبە– چىشىدىن ئوننى بوتىلىغان تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى.
[19] . ۋەسىلە– بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بوتىلىقى چىشى بولغان، بۇتلار ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن تۆگە.
[20] . ھام– ئون بوتىلاقنىڭ ئاتىسى بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، يېمەك-ئىچمەكتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.
سۈرە مائىدە 104-ئايەت
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَى مَا أَنزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ چۈشۈرگىنى (قۇرئان)گە ۋە رەسۇلغا كېلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز (نىڭ ئەنئەنىسى) بىزگە كۇپايە» دېيىشىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھېچنەرسە بىلمەيدىغان ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولمىغان بولسىچۇ؟(104).
سۈرە مائىدە 105-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لَا يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كَنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا مەسئۇل بولۇڭلار. ئەگەر سىلەر توغرا يولدا ماڭساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ(105).
سۈرە مائىدە 106-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا شَهَادَةُ بَيْنِكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ حِينَ الْوَصِيَّةِ اثْنَانِ ذَوَا عَدْلٍ مِّنكُمْ أَوْ آخَرَانِ مِنْ غَيْرِكُمْ إِنْ أَنتُمْ ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَأَصَابَتْكُم مُّصِيبَةُ الْمَوْتِ تَحْبِسُونَهُمَا مِن بَعْدِ الصَّلَاةِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ إِنِ ارْتَبْتُمْ لَا نَشْتَرِي بِهِ ثَمَنًا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى وَلَا نَكْتُمُ شَهَادَةَ اللَّهِ إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الْآثِمِينَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاراڭلاردىن بىركىمگە ئۆلۈم يېقىنلاشسا، ۋەسىيەت قىلىش ئەسناسىدا ئۆزۈڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھچى بولسۇن ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە (ئۆزۈڭلاردىن گۇۋاھچى تېپىلمىسا)، ئۆزۈڭلاردىن بولمىغان ئىككى كىشى گۇۋاھچى بولسۇن. ئەگەر سىلەر (گۇۋاھچىلاردىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «(مىراسخور) بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، ئاللاھ ئۈچۈن بېرىلىدىغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز، (ئەگەر يوشۇرساق،) ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلادىن بولۇپ قالىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن(106).
سۈرە مائىدە 107-ئايەت
فَإِنْ عُثِرَ عَلَى أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِن شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز ھەددىدىن ئاشمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن(107).
سۈرە مائىدە 108-ئايەت
ذَلِكَ أَدْنَى أَن يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَى وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَن تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ كېيىنكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ قەسىمى بىلەن رەت قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادار– مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار، (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا) قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ پاسىق– يولدىن چىققۇچى كىشىلەر توپىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرمەيدۇ(108).
سۈرە مائىدە 109-ئايەت
يَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى يىغقان (قىيامەت) كۈنى: «(سىلەر قوۋمىڭلاردىن) قانداق جاۋابقا ئېرىشكەنتىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ خەۋىرىمىز يوق، غەيبلەرنى بىلگۈچى پەقەت ئۆزۈڭدۇرسەن» دەيدۇ(109).
سۈرە مائىدە 110-ئايەت
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَى وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَى بِإِذْنِي وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنكَ إِذْ جِئْتَهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مەريەم ئوغلى ئەيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا سېنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈرگەنىدۇق: بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە قۇرامىڭغا يەتكەندە كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ ئۆز ۋاقتىدا مەن ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەنىدىم؛ ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئۇنى پۈۋلىسەڭ، رۇخسىتىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇشقا ئايلىناتتى؛ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس (ئاق) كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىسىدىن) چىقىراتتىڭ؛ ئۆز ۋاقتىدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسۇپ قالغانىدىم. سەن ئۇلارغا ئوپئوچۇق پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇزكورلار: <بۇ ئېنىق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس> دېيىشكەنىدى»(110).
سۈرە مائىدە 111-ئايەت
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
ئەينى چاغدا مەن ھاۋارىلار[21]غا: «ماڭا ۋە مېنىڭ رەسۇلۇمغا ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ئىلھام قىلغاندا، ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمان بولغۇچىلاردىندۇرمىز» دېگەنىدى(111).
[21] . ھاۋارىلار– ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ شاگىرت بولغان ئەڭ سادىق يارەنلىرى بولۇپ، ئۇلار 12 كىشى ئىدى.
سۈرە مائىدە 112-ئايەت
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِّنَ السَّمَاءِ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئەينى چاغدا ھاۋارىلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئەيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئەيسا: «ئەگەر (چىن دىلىڭلاردىن) ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، (مۇنداق تەلەپلەرنى قويۇشتا) ئاللاھتىن ئەيمىنىڭلار» دېگەندە(112)،
سۈرە مائىدە 113-ئايەت
قَالُوا نُرِيدُ أَن نَّأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَن قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە شاھىت بولغۇچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەنىدى(113).
سۈرە مائىدە 114-ئايەت
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِّنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِّأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِّنكَ وَارْزُقْنَا وَأَنتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مەريەم ئوغلى ئەيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە ھېيت-بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە ( پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر پاكىت بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگەيسەن، چۈنكى سەن ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇرسەن» دېگەنىدى(114).
سۈرە مائىدە 115-ئايەت
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ فَمَن يَكْفُرْ بَعْدُ مِنكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَّا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِّنَ الْعَالَمِينَ
ئاللاھ: «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىمكى تۇزكورلۇق قىلسا، (بىلىپ قالسۇنكى،) ئۇنى جاھاندا ھېچكىمنى دۇچار قىلمىغان ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن جازالايمەن» دېدى(115).
سۈرە مائىدە 116-ئايەت
وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَهَيْنِ مِن دُونِ اللَّهِ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِن كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئۇ چاغدا (يەنى قىيامەت كۈنى) ئاللاھ: «ئى مەريەم ئوغلى ئەيسا! سەن خالايىققا ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى خۇدا قىلىۋېلىڭلار دېگەنمىدىڭ؟» دېگەندە، ئەيسا ئېيتىدۇ: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ بىلىمەن، ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى ئېيتىش ماڭا ياراشمايدۇ، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ساڭا ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن جىمى غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن(116).
سۈرە مائىدە 117-ئايەت
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىڭلار> دېگەندىن باشقىنى ئېيتقىنىم يوق. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ (ئىش-ھەرىكەتلىرىگە) شاھىت بولغانىدىم، مېنى ۋاپات تاپقۇزغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەقەت ئۆزۈڭ ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىنىڭ شاھىدىدۇرسەن(117).
سۈرە مائىدە 118-ئايەت
إِن تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِن تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى كەچۈرسەڭ، ئۆزۈڭ كۈچ-قۇدرەتلىك، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇرسەن»(118).
سۈرە مائىدە 119-ئايەت
قَالَ اللَّهُ هَذَا يَوْمُ يَنفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا رَّضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ ساداقىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر» (119).
سۈرە مائىدە 120-ئايەت
لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر(120).
Flag Counter