ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
« ھۇجرىلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ھۇجۇرات ئىسمى 4 - ئايەتكە ئاساسەن قويۇلغان. سۈرە تۇنجى نەسىلدىن تارتىپ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
مەدىنە ئىسلام جامائىتىنى تەشكىل قىلغۇچى شەخس ياكى ئائىلىلەر بىر بەدەننىڭ ھۈجەيرىلىرىگە ئوخشاش ئىدى. بۇ ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى توقۇلما ماسلىشىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن پەقەت قانۇنلار ۋە بەلگىلىمىلەر كۇپايە قىلمايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەب قائىدىلىرىمۇ كېرەك. گەرچە سۈرىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىسمى ھۇجۇرات بولسىمۇ، كۆرۈنمىگەن ئىسمى ئەسلىدە ئىجتىمائىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەب قائىدىلەردۇر
4 - ئايەتتە تەمىم جەمەتى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتى ئىما قىلىنغان. بۇ ۋەقە « ئەلچىلەر يىلى » دەپ ئاتالغان ھىجرى 9 - يىلىدا بولغانىدى. 6 - ئايەتنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ۋەقەنىڭ باش قەھرىمانى فەتىھتىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىر كىشىدۇر. بۇ مەلۇماتلار سۈرىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا ھىجرى 8 - يىلىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سۈرە ئارقىدىن سانىغاندا 3 - قېتىمدا نازىل بولغان سۈرىدۇر.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىسلام جامائىتىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى ۋە بۇ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلاردۇر. « ئى ئىمان ئېيتقانلار! » خىتابى بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان بۇ سۈرە باشتىن ئاخىر ئادىمىگەرچىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەخلاقى ۋە ھىسسى قىممەت - قاراشلار ۋە ئەدەب - ئەخلاق ھەققىدە توختىلىدۇ.
ۋەھىي سۈرىدە ئەڭ باشتا ئاللاھ رەسۇلى بىلەن ساھابىلەر ئارىسىدىكى ئەدەب - ئەخلاق ھەققىدە توختالغان:
« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ (كۆرسەتمىلىرى) ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار!» ( 1 ).
ۋەھىي بۇ ئەدەبنى تەقۋانىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ. دېمەككى، ئەدەب - ئەخلاق قائىدىلىرىمۇ تەقۋانىڭ بىر پارچىسى. يەنى، تەقۋانىڭ ئەدەپ - ئەخلاقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرىپىمۇ بار. ئايەتتىكى « ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار » تەلىماتىنى پەقەت ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىگىلا خاسلاشتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەمىرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئايەت « ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار! » دېمەكتە.
ھەددىنى بىلگۈچىلەر ئۆزىنى بىلگەنلەردۇر. ئۇنداقتا بۇ ئەمىرنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەدىمكى يېزىق شەكلىدىكى ھېكمىتى بولغان « ئۆزەڭنى بىل! » شەكلىدە چۈشىنىش كېرەك.
سۈرە رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن ھاياتنىڭ پەرقلىق ساھەلىرىدە ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغانلارغا قارىتا ھۆرمەت كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ( 1 - 5 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام جامائىتىنى شەكىللەندۈرگۈچى شەخسلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. يالغان خەۋەر پەيدا قىلغان ۋە يەتكۈزگەنلەرنى ئىسلام جامائىتىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسىغا زىيان يەتكۈزگۈچى ئۇنسۇر سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدا مەلۇمات-خەۋەر ھەققىدە ئەڭ ياخشى پرىنسىپنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَأٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَى مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ
« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەرنى ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى ئۇقماستىن) نادانلىق قىلىپ بىرەر كىشىلەر توپىنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) تەكشۈرپ بېقىڭلار » ( 6 ).
بۇ خىل مەسىلىلەرگە قارىتا ئېلىنىدىغان ئەڭ ياخشى تەدبىر ئىمان قېرىنداشلىقىدۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپى بىر ياقتا تۇرسۇن، توقۇنۇشۇپ قېلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ( 9 ). بۇ ۋەھىينىڭ ھاياتنىڭ رېئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقى ۋە پرىنسىپلارنى بۇ رېئاللىق ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈگەنلىكىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە يوليورۇق بېرىدۇ. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم بولغان بىر نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ:
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ
« مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر » ( 10 ).
ئايەت بۇ ئاددى پرىنسىپنى شۇنداق كۈچلۈك خىتاب بىلەن ئېيتىدۇكى، كىشىگە خۇددى قېرىنداش بولغان ۋاقتىڭلاردا ئاندىن مۆمىن بولغان بولىسىلەر دېگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
مۇسۇلمان قېرىنداش بولالىغىنىچىلىك مۆمىن بولىدۇ...
مۆمىنلەرنىڭ ئىمانلىرى قېرىنداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى خالاپ - خالىماي قېرىنداش بولۇشقا مەجبۇردۇر...
ئىماننىڭ ئىمان بىلەن قېرىنداش بولۇشى مۆمىنلەرنى قېرىنداش قىلىدۇ...
ئۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشنىڭ قېرىنداش ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتى تىلغا ئېلىنىدۇ: قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇش بۇ مەسئۇلىيەتتىن بىرىسى. مۆمىننىڭ مۆمىننى مەسخىرە قىلىپ، خور كۆرمەسلىكى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر ( 11 ). مۆمىننىڭ مۆمىن ھەققىدە يامان گۇماندىن يىراق تۇرۇشى، ئەيىبلىرىنى ئىزدىمەسلىكى ۋە غەيۋىتىنى قىلماسلىقى قېرىنداشلىق بۇرچىنىڭ بىر پارچىسىدۇر ( 12 ). بۇ ئايەت غەيۋەتنى مەنىۋىي ياۋايىلىق ( يىرتقۇچى ) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يەردە ھەقىقي مەنىدە، غەيۋەت قىلغۇچىدىن غەيۋىتىنى قىلغۇچىنىڭ بىر پارچە گۆشىنى يېيىشى نەزەردە تۇتۇلمىغان. ئەسلىدە غەيۋەتتە ھەقىقىي زىيان تارتقۇچى غەيۋەت قىلىنغۇچى ئەمەس، بەلكى غەيۋەت قىلغۇچىدۇر. غەيۋەت قىلىنغاندا، گەرچە غەيۋىتى قىلىنغۇچى نەخ مەيداندا بولمىسىمۇ، ئۇ سورۇندا ئاللاھ تەئالا باردۇر. لېكىن غەيۋەت قىلغۇچى ئاللاھ تەئالانىڭ ھازىر ۋە نازىر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىش گۇناھىنى سادىر قىلىپ، غەيۋەتتىنمۇ چوڭ بولغان گۇناھنى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
« ئىمان قېرىنداشلىقى » پرىنسىپى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، سۆز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى « ئىنسان قېرىنداشلىقى »غا كېلىپ توختايدۇ. مانا بۇ پرىنسىپ تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان:
« ئەڭ تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەتىۋار ھېساپلىنىسىلەر. ( يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بولىدۇ ) » ( 13 ).
تەقۋا بىردىنبىر ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمىدۇر. تەقۋا - مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن باشقا ھېچقانداق ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى يوقتۇر. تەقۋادىن باشقا ھەر قانداق بىر ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى قويۇش ئەسەبىيەتتۇر. رەسۇلۇللاھ « كىمكى ئەسەبىيەتكە تەرغىپ قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس » دېگەن. تەقۋانىڭ ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى بولۇشى تەقۋادار كىشىنىڭ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارىشىنى بىلدۈرمەيدۇ. دېمىسىمۇ تەقۋا ئۆزىگە باشقىلاردىن ئۈستۈنلۈك بەرمەسلىكتۇر. كەمتەرلىك تەقۋانىڭ يەنە بىر تەرىپىدۇر. كىچىك پېئىل بولۇش تەقۋانىڭ بىر ئامىلىدۇر. كىبىر ۋە ھاكاۋۇرلۇق تەقۋانىڭ ئۆلۈمىدۇر.
سۈرىدە ئېغىزدىكى ئىمان بىلەن ئىسپاتلانغان ئىمان ئارىسىدىكى پەرق تارىخىي بىر ئۆرنەك بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. يەنى، ئىمانى بوغىزىدىن تۆۋەنگە ئۆتمىگەن بەدەۋىيلەر مىسال قىلىنغان ( 14 ). بۇنىڭدىن ئىماننىڭ ئىچكى دۇنيادىكى ئىسلام، ئىسلامنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىمان ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئىمان قەلبنىڭ ئەمەلىدۇر، ئەمەل ئورگانلارنىڭ ئىمانىدۇر. بۇ نۇقتىدا ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
« شۈبھىسىزكى، (ھەقىقي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) قىلچە ئىككىلەنمىگەن، پۇل-ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا كۆرەش قىلغانلاردۇر. ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر» » ( 15 ).
ئاللاھ تەئالاغا دىن ئۈگەتمەكچى بولۇش ھەر جەھەتتىن بىر بەندە سادىر قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تەربىيەسىزلىكتىن بىرسىدۇر:
« ئېيتقىنكى:
سىلەر ئاللاھقا دىنىڭلارنى ئۈگەتمەكچىمۇ؟» ( 16 ).
قۇرئانغا ئاساسلانغاندا، ئىمان ۋە تەسلىمىيەت كىشىنىڭ ئاللاھ تەئالاغا ئەمەس، ئۆزىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقىدۇر. مۇسۇلمان بولۇشىمىزنى خۇددى ئاللاھ تەئالاغا قىلىنغان ئىلتىپاتتەك قاراش مۇسۇلمان بولمىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمان بولۇش ئاللاھ تەئالاغا شەرتسىز تەسلىم بولۇشتۇر. مۇسۇلمان بولۇشنى ئاللاھ تەئالاغا قىلىنغان بىر ئىلتىپاتتەك كۆرگۈچى ئۆزىنى ۋازكەچكىلى بولمايدىغان دەپ قارىغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تەئالا ئۈچۈن ۋازكەچكىلى بولمايدىغان نەرسە يوقتۇر، ئەمما بەندە ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەئالادىن ۋازكېچەلمەيدۇ. قۇرئان بۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئاغزى بىلەن بايان قىلسۇن:
يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىشىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، مىننەت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا يېتەكلىگەنلىكىنى مىننەت قىلسا بولىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار» دېگىن ( 17 ).