سۈرە فەتىھ
سۈرە فەتىھ 1-ئايەت
إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُّبِينًا
(ئى مۇھەممەت!) شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا رۇشەن بىر زەپەرنىڭ ئىشىكىنى ئاچتۇق (1).
سۈرە فەتىھ 2-ئايەت
لِّيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِن ذَنبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُّسْتَقِيمًا
بۇ ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بولغان نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى ۋە ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈندۇر (2)-(3).
سۈرە فەتىھ 3-ئايەت
وَيَنصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
بۇ ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا بولغان نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى ۋە ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈندۇر (2)-(3).
سۈرە فەتىھ 4-ئايەت
هُوَ الَّذِي أَنزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَّعَ إِيمَانِهِمْ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىك-خاتىرجەملىكنى سالدى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋاناتلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) بارچە قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر (4).
سۈرە فەتىھ 5-ئايەت
لِّيُدْخِلَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَكَانَ ذَلِكَ عِندَ اللَّهِ فَوْزًا عَظِيمًا
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك-خاتىرجەملىكنى چۈشۈرۈشى) ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر (5).
سۈرە فەتىھ 6-ئايەت
وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ الظَّانِّينَ بِاللَّهِ ظَنَّ السَّوْءِ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
شۇنداقلا ئاللاھ ھەققىدە يامان ئويلاردا بولغان ئەر-ئايال مۇناپىق-ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى ۋە ئەر - ئايال مۇشرىكلارنى جازالاش ئۈچۈندۇر. ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپلەندى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇردى ۋە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدىگەن ناچار جاي! (6).
سۈرە فەتىھ 7-ئايەت
وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (7).
سۈرە فەتىھ 8-ئايەت
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
(ئى مۇھەممەت!) بىز ھەقىقەتەن سېنى (ھەقىقەتنىڭ) گۇۋاھچىسى-ئۈلگە، خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق (8).
سۈرە فەتىھ 9-ئايەت
لِّتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
(ئى خالايىق! ) بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىشىڭلار، (ئاللاھنىڭ داۋاسىنى) قوللاپ ھەمدەمدە بولۇشۇڭلار ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشىڭلار، ئەتىگەندە-ئاخشامدا شەنىنى ئۇلۇغلاپ-تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر (9).
سۈرە فەتىھ 10-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَى نَفْسِهِ وَمَنْ أَوْفَى بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەت!) ساڭا ساداقەتمەنلىك ۋەدىسى بەرگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا ساداقەتمەنلىك ۋەدىسى بەرگەنلەردۇر. ئاللاھنىڭ (ياردەم) قولى ئۇلارنىڭ (ساداقەتمەنلىك ئۈچۈن گىرەلەشكەن) قوللىرى ئۈستىدىدۇر[1]. كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئ‍اللاھ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ (10).
سۈرە فەتىھ 11-ئايەت
سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِم مَّا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ لَكُم مِّنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
ھۇدەيبىيەگە جەڭگە چىقماي) قېلىپ قالغان(مۇناپىق) سەھرالىق ئەرەبلەر ساڭا: «بىزنى مال - ئوقەتلىرىمىز ۋە بالا-چاقىلىرىمىز ھايال قىلىپ قويدى (بىز شۇڭا چىقالمىدۇق). سەن بىز ئۈچۈن ( ئاللاھتىن ) كۈچۈرۈم سورىغان بولساڭ » دېيىشىدۇ . ئۇلار دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويىدۇ. (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ ياق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر (11).
سۈرە فەتىھ 12-ئايەت
بَلْ ظَنَنتُمْ أَن لَّن يَنقَلِبَ الرَّسُولُ وَالْمُؤْمِنُونَ إِلَى أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَلِكَ فِي قُلُوبِكُمْ وَظَنَنتُمْ ظَنَّ السَّوْءِ وَكُنتُمْ قَوْمًا بُورًا
ئەسلىدە سىلەر، <رەسۇلۇللاھ ۋە مۆمىنلەر ئۆز ئۆيلىرىگە ھەرگىز قايتالمايدۇ>، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (ئويۇڭلار) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا بولدۇڭلار-دە تۈگەشكەن كىشىلەر توپىغا ئايلاندىڭلار» (12).
سۈرە فەتىھ 13-ئايەت
وَمَن لَّمْ يُؤْمِن بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَعِيرًا
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنمەيدىكەن (بىلىپ قالسۇنكى)، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق (13).
سۈرە فەتىھ 14-ئايەت
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئۇ خالىغىنىنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئازابلايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى كەچۈرۈمچان، بەكمۇ رەھىمدىلدۇر (14).
سۈرە فەتىھ 15-ئايەت
سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انطَلَقْتُمْ إِلَى مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِن قَبْلُ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
(ھۇدەيبىيەگە جەڭگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئالغىلى ماڭغان ۋاقتىڭلاردا: «رۇخسەت قىلىڭلار، بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ (بىللە چىقايلى!)» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇشماقتا. سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىپ (بىللە چىقىشىڭلارغا) ھەرگىز بولمايدۇ. ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن» دېسەڭ، ئۇلار: « ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن، سىلەر بىزگە ئىچى تارلىق قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ياق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) بەكمۇ ئاز چۈشىنىدۇ (15).
سۈرە فەتىھ 16-ئايەت
قُل لِّلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَى قَوْمٍ أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ فَإِن تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا وَإِن تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُم مِّن قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
سەھرالىق ئەرەبلەردىن (ھۇدەيبىيەگە جەڭگە چىقماي) قېلىپ قالغانلارغا: «يېقىندا سىلەر كۈچلۈك بىر قوۋم بىلەن جەڭ قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر. ئۇلار بىلەن (ئاخىرىغىچە) ئۇرۇشىسىلەر ياكى ئۇلار تەسلىم بولىدۇ. ئەگەر ( بۇ چاقىرىققا ) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئېسىل مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر سىلەر ئىلگىرىكىدەك (چاقىرىققا بويسۇنۇشتىن) باشتارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن ئازابلايدۇ» دېگىن (16).
سۈرە فەتىھ 17-ئايەت
لَّيْسَ عَلَى الْأَعْمَى حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَمَن يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَن يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
كۆزى كۆرمەيدىغانغا، پۇتى ناكارغا ۋە بىمارغا (جەڭگە چىقالمىغانلىقى سەۋەپلىك) گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغائىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق، ئاخىرەتتە دوزاختىن ئىبارەت) ئېچىنىشلىق ئازاب - ئوقۇبەت بىلەن ئازابلايدۇ (17).
سۈرە فەتىھ 18-ئايەت
لَّقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
(ھۇدەيبىيەدىكى ئۇ) دەرەخنىڭ ئاستىدا ساڭا ساداقەتمەنلىك ۋەدىسىنى[2] بەرگەن مۆمىنلەردىن ئاللاھ ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا خاتىرجەملىك بەخىش ئەتتى. ئۇلارنى پات ئارىدا (ئېرىشىدىغان) غەلىبە ۋە قولغا كەلتۈرىدىغان تالاي غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (18)-(19).
سۈرە فەتىھ 19-ئايەت
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
(ھۇدەيبىيەدىكى ئۇ) دەرەخنىڭ ئاستىدا ساڭا ساداقەتمەنلىك ۋەدىسىنى[3] بەرگەن مۆمىنلەردىن ئاللاھ ھەقىقەتەن خۇرسەن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىپ ئۇلارغا خاتىرجەملىك بەخىش ئەتتى. ئۇلارنى پات ئارىدا (ئېرىشىدىغان) غەلىبە ۋە قولغا كەلتۈرىدىغان تالاي غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (18)-(19).
سۈرە فەتىھ 20-ئايەت
وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُّسْتَقِيمًا
ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى (دۈشمەن) كىشىلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (مەككىنى پەتىھ قىلىشنىڭ ئالدىنئالا) بەلگىسى بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى) (20).
سۈرە فەتىھ 21-ئايەت
وَأُخْرَى لَمْ تَقْدِرُوا عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ اللَّهُ بِهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
يەنە سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان باشقا غەنىيمەتلەرمۇ باركى، ئاللاھ ئۇلارنى چەكسىز ئىلمى بىلەن بىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر (21).
سۈرە فەتىھ 22-ئايەت
وَلَوْ قَاتَلَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوَلَّوُا الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
ئەگەر كاپىر بولغانلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) جەڭ قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەم قىلغۇچى تاپالمايتتى (22).
سۈرە فەتىھ 23-ئايەت
سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلُ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇنىيىتىدۇر، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (23).
سۈرە فەتىھ 24-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُم بِبَطْنِ مَكَّةَ مِن بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن مەككە ۋادىسىدا ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن، سىلەرنىمۇ ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توسۇپ قالغان زات ئاللاھتۇر. ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ھەممە ئىش - ھەرىكىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ (24).
سۈرە فەتىھ 25-ئايەت
هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفًا أَن يَبْلُغَ مَحِلَّهُ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُّؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُّؤْمِنَاتٌ لَّمْ تَعْلَمُوهُمْ أَن تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُم مِّنْهُم مَّعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِّيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَن يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى ھەرەم مەسجىدى (گە كىرىشتىن) ۋە (قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن) توختىتىپ قويۇلغان قۇربانلىق (چارۋىلىرىڭلار) نىڭ ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشىدىن توسقان ئادەملەردۇر. ئۇلار ئىچىدىكى تونۇمايدىغان مۆمىن ئەر - ئاياللارنى بىلمەستىن يەنچىپ سېلىپ بۇ ۋەجىدىن قىيىن ئەھۋالدا قېلىش ئېھتىمالىڭلار بولمىغان بولسا (ئاللاھ سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن توسىمايتتى). ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مېھىر - شەپقەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن توسۇپ قالدى). ناۋادا ئۇ مۆمىنلەر ئايرىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن جازالاندۇراتتۇق (25).
سۈرە فەتىھ 26-ئايەت
إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَى رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَى وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
كاپىر بولغانلار قىزىققانلىق-جاھىلىيەت دەۋرى قىزىققانلىقىنى دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى بەخىش ئەتتى ھەمدە تەقۋادارلىق، لەۋزىگە سادىق قېلىشنى نېسىپ قىلدى، ئۇلار شۇنىڭغا لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (26).
سۈرە فەتىھ 27-ئايەت
لَّقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِن شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
ئاللاھ رەسۇلىنىڭ چۈشىنى ھەقىقى تۈردە[4] رىئاللىققا ئايلاندۇردى. (ئى مۇھەممەت! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) ئاللاھ خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چېچىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم ھەرەم مەسجىدىگە كىرىسىلەر. ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (مەنپەئەتنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى) مۇيەسسەر قىلدى (27).
سۈرە فەتىھ 28-ئايەت
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ شَهِيدًا
ئاللاھ بۇ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، رەسۇلىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. (بۇنىڭغا) گۇۋاھچى بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر (28).
سۈرە فەتىھ 29-ئايەت
مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِم مِّنْ أَثَرِ السُّجُودِ ذَلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار كاپىرلارغا دادىل، ئۆز - ئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەزل-ئىلتىپاتىنى ئىزدەپ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى [5] بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر[6]. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى[7] سۈپىتى شۇكى، ئۇلار بىخ سۈرۈپ چىقىپ غولى چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان ۋە دېھقانلارنى سۆيۈندۈرگەن بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئوخشىتىش مۆمىنلەر ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇ ( كاپىر) لاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا ئەپۇ-مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بېرىشنى ۋەدە قىلدى (29).
Flag Counter