ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە ئىككىنجى ئايەتكە ئاساسەن « مۇھەممەد » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. قۇرئاندا ئالئىمران ( 144 )، ئەھزاپ ( 40 )، فەتىھ ( 25 ) ۋە بۇ سۈرىدىن ئىبارەت تۆت سۈرىدە مۇھەممەد ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. مۇھەممەد ئىسمى ئەڭ باشتا بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. قۇرئاندا يۇنۇس، ھۇد، يۈسۈپ، ئىبراھىم، مەريەم، لوقمان، نۇھ ۋە مۇھەممەدتىن ئىبارەت پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان سەككىز سۈرە ئورۇن ئالماقتا.
سۈرە، ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغان تۇنجى سۈرە بولغانلىقى ئۈچۈن ( 4 ۋە 20 ) « قىتال سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغان.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، بەلكىم ھىجرەتتىن كېيىنلا نازىل بولغان تۇنجى سۈرە بولۇشى مۇمكىن. 13 - ئايەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ مەككىدىن مەجبۇرى چىقىرىپ تاشلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. سۈرىنىڭ بۇ مەزگىلدىن بۇرۇن ياكى كېيىن نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار توغرا ئەمەس. ئەنفال 67 - 69 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىرادە قىلغان »دىكى مەقسەت بۇ سۈرىنىڭ ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان ئايەتلىرى بولسا كېرەك.
سۈرە ئىلاھىي تەربىيە لاھىيىسى بولغان ۋەھىيگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ:
« ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكەتتە بولغان، مۇھەممەتكە رەببى تەرپىدىن چۈشۈرۈلگەن (قۇرئاندىن ئىبارەت) ھەقىقەتكە چىن پۈتكەنلەرنىڭ قۇسۇرلىرىنى ياپىدۇ، ھالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ » ( 2 ).
سۈرىدە ئاللاھ - ئىنسان مۇناسىۋىتى، ئىنساننىڭ ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدە بايان قىلىنغان. ھەقىقەتكە قارىتىلغان ھەر خىل قوراللىق - قورالسىز جىسمانىي ھۇجۇم ۋە ئەزىيەتلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىش مانا بۇ مەجبۇرىيەتلەردىن بىرى. لېكىن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغاندا، ئىنساننىڭ ئادىمىيلىك ئىززىتىگە لايىق بولمىغان مۇئامىلە، قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. سۈرىنىڭ تۆتىنجى ئايىتى ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغانلارنى قۇل ياكى دېدەك قىلىۋېلىشنى يېپىق ھالدا مەنئى قىلىدۇ:
حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا
« تاكى جەڭ ئاخىرلاشقانغا قەدەر (شۇنداق قىلىڭلار، مېنىڭ بۇيرۇقۇم) مانا شۇنداقتۇر. ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا (سىلەرنى ئۇرۇشقا بۇيرۇماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئۇ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش يۈزىسىدىن (ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ). ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھەرگىز زايا قىلىۋەتمەيدۇ» ( 4 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئىبارە، ئۇرۇشنىڭمۇ بىر ئېمتىھان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
« ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا (سىلەرنى ئۇرۇشقا بۇيرۇماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئۇ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش يۈزىسىدىن (ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ » ( 4 ).
داۋاسى بولمىغان كىشى ئادەم ئەمەستۇر. قۇرئاننىڭ ئومۇمىي بايانىغا ئاساسەن بۇ يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ. داۋاسى بولغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى داۋانىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللايدۇ. داۋالارنىڭ ئەڭ خەيرلىك بولغىنى ئاللاھ نىڭ داۋاسىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى ۋە ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. سۈرىدە ئاللاھ نىڭ داۋاسىنى ئۆزىگە داۋا قىلغۇچىلارغا مۇنداق خۇشخەۋەر بېرىلگەن:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنْ تَنْصُرُوا اللَّهَ يَنْصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
« ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھ (نىڭ داۋاسىغا) ھەمدەمدە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەمدەمدە بولىدۇ ۋە قەدىمىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ » ( 7 ).
يەر يۈزىدە ئايلىنىپ تۇرغۇچىلارغا نېمىلەرگە نەزەر تاشلاش كېرەكلىكىگە دائىر قۇرئان يول كۆرسەتمەكتە:
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ دَمَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلِلْكَافِرِينَ أَمْثَالُهَا
« ئۇلار زېمىندا كېزىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى (گۇناھكار) لارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى، بۇ كاپىرلارمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ » ( 10 ).
ھاياتىنى مەنا ۋە مەقسەتتىن ئايرىپ تاشلىغانلار، يەنى ئىلاھىي بىر غايە ۋە داۋاسى بولمىغانلار ھايۋانغا ئوخشايدۇ ( 12 ). ئادەم بولغۇچىنىڭ بىر داۋاسى بولىدۇ، داۋاسى بار كىشى بۇ داۋا يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرەش قىلىدۇ ( 20 ). ۋەھىيگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن دوئىلغا چۈشمەيدۇ، ئۇلارنى ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ:
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآَنَ أَمْ عَلَى قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
« ئۇلار(ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئان ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ يا بولمىسا دىللىرىغا قۇلۇپ سېلىنغانمۇ؟ » ( 24 ).
ئاللاھ تەئالا بەندىدىن تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسە ناھايىتى ئېنىق ۋە روشەن:
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ (33) إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ (34)
ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلغا ئىتائەت قىلىڭلار، (كۇفرى ۋە نىفاق بىلەن) ئەمگەكلىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار (33). شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ (34).
ۋەھىيگە ئەگەشكەن ۋە ئۇ كۆرسەتكەن يولدا ماڭغانلارنىڭ ھامىنى غالىپ كېلىدىغانلىقى خۇشخەۋىرىنى بەرگەن ئايەتلەردىن كېيىن، سۈرە تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ
« ئاللاھ (ھەرنەرسىدىن)بىھاجەتتۇر، سىلەر يوقسۇل-مۇھتاجسىلەر. ئەگەر (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قوۋمنى كەلتۈرىدۇ-دە، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ » ( 38 ).
يەنى ھەر قانداق بىر مەخلۇق ئاللاھ ئۈچۈن ۋاز كېچەلمەس نەرسە ئەمەس، بىراق ھەممە ئاللاھ قا مۇھتاج، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.