ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن( باشلايمەن)
سۈرە، 21 - ئايىتىگە ئاساسەن « قۇم تۆپىلىكلىرى.قۇم بارخانلىرى،دۆڭلەر » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەھقاف ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەھقاف، جۇغراپىيىلىك ئورۇن نۇقتىسىدىن بۈگۈنكى يەمەن چېگرىسى ئىچىدىكى بىر رايوننى كۆرسىتىدۇ. سەنئا بىلەن ئۇممان ئارىسىغا جايلاشقان بۇ رايون، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ خەتەرلىك چۆلى بولغان رۇبئىلخالى ئاخىرلاشقان ئۇچىغا جايلاشقان. ھىندى ئوكيانۇس ساھىلى بىلەن پاراللېل سوزۇلغان بۇ رايون خەزرىمەۋت ( ئۆلۈك يېشىل ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەھقاف تۆپىلىكلىرى بىر زامانلاردا تىللارغا داستان ئېرەم باغلىرى جايلاشقان ئاد مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن رايون ئىدى. ھۇد پەيغەمبەر بۇ قوۋمغا ئەۋەتىلگەن، لېكىن قوۋمى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانىدى. ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بولغان ئىجتىمائىي زاۋاللىق ۋە ئەخلاقى بۆھران مەزكۇر قوۋمنى ھەر تەرەپتىن قورشىغان بولۇپ، ئاقىۋەت دەھشەتلىك بىر قۇم بورىنى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرلۈپ تاشلانغانىدى.
سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان ئەھقاف قۇم بورىنى پەيدا قىلغان قۇم بارخانلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. كۈنىمىزدە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى 12- 18 مېتىر قېلىنلىقتىكى قۇم بارخانلىرىنىڭ ئاستىدىن قېزىپ چىقىرىلدى.
سۈرىنىڭ بارلىق ھەدىس ۋە قۇرئان ئەدەبىياتىدا تىلغا ئېلىنغان بىردىنبىر ئىسمى ئەھقافتۇر.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. سۈرىنى دەۋەتنىڭ 12 - يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ. سۈرىنىڭ 29 - 32 - ئايەتلىرىدە جىنلار ھەققىدە توختالغان. بۇ ۋەقە تائىفتىن قايتىشتا يۈز بەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تائىفقا بارغان ۋاقتىنى مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن بولغان دەپ قەيت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىنىڭ 15- ئايىتىنى ئىسرا 23 – 24، لوقمان 14 - 15 تە تىلغا ئېلىنغان ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتىگە دائىر تېمىنىڭ داۋامى دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز. فەررا 9 - ئايەتنى قۇرەيشنىڭ سۈيقەست پىلانى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈرىنىڭ مەزكۇر ئائىلىگە تەۋە باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش رىسالەتنىڭ 12- يىلىدا نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ.
سۈرە باشقا قېرىنداش سۈرىلەرگە ئوخشاش مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرە ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىينىڭ مەنبەسى، قىممىتى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش تېمىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە ۋەھىينى ئىنكار قىلغان ئەقىلنىڭ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۆرنەكلەر بېرىدۇ.
سۈرە ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا سۆز باشلايدۇ. سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا يارىتىلىش ئىگە بولغان مەنا ۋە مەقسەت تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر يارىتىلىشنىڭ بىر مەقسەت ۋە مەنىسى بولمىسا ھەرقانداق بىر قانۇن، بەلگىلىمە، تەرتىپنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەخلاق، دىن، ئىمان ۋە قانۇن ( شەرىئەت )لارنىڭ مەۋجۇد بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىشىنىڭ تەقەززاسى بولغان مەنا ۋە مەقسەتتۇر:
مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ
« بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت مەلۇم مەقسەت ۋە مۇئەييەن مۇددەتكىچە(مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىر بولغانلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر » ( 3 ).
بۇ ئارقىلىق: « ئاسمانلار ۋە زېمىن ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بولىدۇ - يۇ، بۇلار بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولمامدۇ؟ »دىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت تەكىتلەنگەن. ئەگەر بۇ سوئالغان بېرىدىغان جاۋابىڭىز « ئەلۋەتتە، بار » ياكى « بولۇشى كېرەك » بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: « ئۇنداقتا، بۇ مەقسەتنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ ». بارلىق دەۋر ۋە ماكانلاردا ياشىغان، ياشاۋاتقان ۋە ياشايدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز. ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولساق، ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى مەنا ۋە مەقسىتىنى بەلگىلگۈچى، ئىنسانىيەت ئۈستىدە سۆز ھەققى بولغان بىر زات بولۇشى كېرەك. پەقەت سۆز ھەققى بولغۇچى بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنساندا ھەققى ۋە ئەجرى بولۇشى، بۇنىڭدىن بىر مەنپەئەتى بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر بىر مەنپەئەتى بولىدىغان بولسا، مەنا ۋە مەقسەتنى بەلگىلىگەندە ئۆز مەنپەئەتىگە مايىل بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاجىزلىقى بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، مەنا ۋە مەقسەتنى بەلگىلىگەندە ئاجىزلىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ئالاھىدىلىك ئاللاھ تەئالادىن باشقا بىرىسىدە بارمۇ؟ يوق. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسىتىنى ئاللاھ تەئالادىن غەيرىنىڭ بەلگىلەشكە ئىنتىلىشى ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسەتسىز بولۇپ قېلىشى ھېچنەرسە بولۇش ( نىھىلىزىم - مەقسەتسىزلىك، يارىتىلىش قىممىتىنى ئىنكار قىلىش ) قا باشلايدۇ، ياشاشنىڭ مەنىسى، ئەخلاقى مۇئامىلىنىڭ مەقسىتى قالمايدۇ.
ئۇنداقتا، ئىنساننىڭ مەنا ۋە مەقسىتىنى ئاللاھ بەلگىلىگەنمۇ؟ شۇنداق، بەلگىلىگەن. قەيەردە دەپ سورىسىڭىز، مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تەئالا ۋەھىي دەپ كۆرسەتمەكتە. ۋەھىينىڭ مەقسىتىنى ئىنساننىڭ ھىدايىتى قىلىپ بەلگىلىگەن. ۋەھىي، ئاللاھ تەئالانىڭ يېتەكچىلىكى ۋە رەھبەرلىكىدۇر. ئەگەر بۇ يول كۆرسەتكۈچ بولمىسا، ئىنسان ئىنسانغا قۇل بولىدۇ، ئىنسان ئىنساننى قۇل قىلىدۇ، شەيئىلەرگە قۇل بولىدۇ، ئېلىپ - سېتىلىدۇ، ئىنساننى بىر تاۋارغا ئوخشاش ئېلىپ - ساتىدۇ. ئىنسان ئىنسانغا، نەپسى خاھىشىغا، غەزەپكە، قورقۇنچغا چوقۇنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەھىي تەرىپىدىن شېرىك دەپ ئاتىلىدۇ. سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى مانا بۇ خەتەرگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ ( 4 - 7 ).
سۈرىدە ۋەھىيگە قارىتىلغان ئېتىرازلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ. ئالدى بىلەن « بۇ تەسىر كۈچى يۇقىرى سېھىردۇر » دېگەن ئېتىراز تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ( 7 )، بۇنداق دېگۈچىلەر ئەسلىدە ۋەھىينى ئېتىراپ قىلغانىدى. چۈنكى، ۋەھىي نازىل بولغان جەمئىيەت سۆزنىڭ كۈچىنى ياخشى بىلەتتى ۋە ئېتىراپ قىلاتتى. ئۇ دەۋردە سۆز سەنئىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، سۆز ماھىرلىرى باش تاجى قىلىنغان ۋە ئەڭ كۆپ نەپكە ئىگە بولىدىغانلار ئىدى. ۋەھىينى « سېھىر » دەپ تۆھمەت قىلغانلار يەنە بىر رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغانىدى، يەنى ۋەھىينىڭ ئۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنى جەلپ قىلغانلىق ھەقىقىتى ئىدى. لېكىن ئۇلار ۋەھىينىڭ تەسىر كۈچىنى ئىلاھىي مەنبەدىن كېلىۋاتىدۇ دەپ بىلىشنىڭ ئورنىغا ۋەھىينىڭ لەبزىدىن دەپ قارىغانىدى. ئۇلار ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنىڭ ئەبەدىيلىكىگە قاراشنىڭ ئورنىغا ۋەھىي لەبزىنىڭ بەدىئىيلىكىگە قارىغانىدى. قىڭغىر قارىغۇچى نەزەر تاشلىغان نەرسىنى توغرا رەۋىشتە كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارمۇ قىڭغىر قارىغانلىقتىن توغرا كۆرەلمىگەنىدى.
« ئۇنى مۇھەممەت توقۇپ چىقتى » ( 8 ) دەپ تۆھمەت قىلغۇچىلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن:
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَلَا تَمْلِكُونَ لِي مِنَ اللَّهِ شَيْئًا هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ كَفَى بِهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
ھەتتا ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (مۇھەممەت) ئۆزى توقۇغان دىېيىشىدۇ؟ (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەرنىڭ مېنى ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچقانداق (جازا) دىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر » ( 8 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېيىشكە بۇيرۇلىدۇ:
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، «مەن (ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن) تۇنجى ئەلچى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەگىشىمەن، مەن (ۋەھىينى ئۆز پېتى) بايان قىلغۇچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» ( 9 ).
بۇ مۇشرىكلار « ماڭا ۋە سىلەرگە ئەتە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن » دېگەن بىرىسىنى پەيغەمبەر دەپ ئېتىراپ قىلمىغانىدى. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلەچەكنى بىلىشى، غەيبتىن خەۋەر بېرىشى، يۈتۈپ كەتكەن تۆگىسىنىڭ يېرىنى دەپ بىرىشى، كارامەت كۆرسىتىشى، بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئېيتىپ بىرىشى كېرەك ئىدى. ئۇنتۇماڭكى، بۇلارنى تەلەپ قىلغانلار مۆمىنلەر ئەمەس، مۇشرىكلار ئىدى. قۇرئان ئۇلارنىڭ بۇ تەمەلىرىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويماستىن، دىققىتىنى ۋەھىيگە ئاغدۇرىدۇ ( 10 ). توغرا يول تۇتقانلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ ( 11 - 12 ).
شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان نازىل بولغان جەمئىيەتتە ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا ئېتىقاد سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى قۇرئان بىزگە خەۋەر قىلماقتا. ئۆزىگە ئىمان تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىسىغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان پەرزەنت بۇنىڭغا بىر مىسالىدۇر ( 15 - 20 ). بۇ بۆلەك كىشىگە، ئىنسانىيەتنى خۇددى بىر ئاتا مېھرى بىلەن ئىمانغا دەۋەت قىلىۋاتقان رەسۇلۇللاھنى رەت قىلىشنىڭ نېمىدېگەن چوڭ تۇزكورلۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئاقىل- بالىغ بولۇش يېشى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۇيغۇلىرىنىڭ بالىغ بولۇشىنىڭمۇ مۇئەييەن يېشى بولۇپ، 40 ياش ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن قىران مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان جۈملە بۇ سۈرىنىڭ 15 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ:
« نىھايەت ئۇ (بوۋاق) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، قىرىق ياشقا يەتكەندە ».
سۈرىدە ھەددىدىن ئېشىشنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرى، ھالاك قىلىنغان ئۆتمۈش قوۋملار مىسال كەلتۈرۈلۈش ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ. يىگانە ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقانلار نۇرغۇن ساختا ئىلاھلار ئىجاد قىلىدىغان خارلىققا قانداق قىلىپ مۇپتىلا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 21 - 28 ). بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان قىسسە بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنىدۇ.
سۈرىدە يەنە ۋەھىيگە قۇلاق سالغان ۋە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ ( 29 - 34 ). ۋەھىيگە قۇلاق سالماي، ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر ئۆز ئۆمرىنى ئۆز قولى بىلەن قانداق قىسقارتقانلىقىنى ئاخىرەتتە بىلىپ يىتىدۇ. ئۆز قولى بىلەن مەنىسىز قىلىۋەتكەن ھايات بەرىكەتسىز بىر ھاياتتۇر. بۇ شۇنداق بىر ئەھۋالكى، ئاخىرەتتە پۈتۈن بىر ئۆمرىنى « (دۇنيادا) كۈندۈزنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىدىلا تۇرغاندەك » قىسقا ھېس قىلىدۇ ( 35 ). بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرى سۈرىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى بولۇپ، سۈرە ھالاك قىلىنىشتا ئىلاھىي شەپقەتنىڭ بىر تەجەللىسى بولغان شۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
« مانا بۇ بىر (ھەقنى) يەتكۈزۈشتۇر، يولدىن چىققان-پاسىق كىشىلەر توپىدىن باشقىسى ھالاك قىلىنارمۇ؟ » ( 35 ).