ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ( باشلايمەن).
سۈرىگە 28 - ئايەتكە ئاساسەن « جاسىيە » دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، بۇ كەلىمە ئىنساننىڭ ئىلاھىي مەھكىمىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىش جەريانىدىكى پەرىشان ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرە قۇرئاندىكى ئىلاھىي يارىتىلىش ۋە يوقىلىش ھەقىقىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم ياكى سۈپەت بىلەن ئاتالغان 14 سۈرىدىن بىرى.
سۈرە 18 - ئايىتىگە ئاساسەن شەرىئەت سۈرىسى دەپمۇ ئاتالغان:
« (ئى مۇھەممەت!) سېنىمۇ دىنى جەھەتتە بىر يول (يەنى شەرىئەت) تە قىلدۇق » ( 18 ).
بەزىلەر بۇ سۈرىنىڭ « دەھر سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى ئېيتقان.
سۈرە « ھا، مىم » ئائىلىسىنىڭ 6 - سۈرىسى بولۇپ، مەككىدە نازىل بولغان. زامان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دۇخان سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
سۈرە ئىلاھىي مەھكىمىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىققا ئىماننى، يەنى كىشىدە قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشتىن ئىبارەت بىر ئاڭنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سۈرە، ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىينى، ئۇنىڭ مەنبەسىنى ۋە دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى تەكىتلەش بىلەن باشلىنىدۇ ( 1 - 11 ). بۇ بۆلەكتە سورالغان تۆۋەندىكى سوئال كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ (يەنە) قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ » ( 6 ).
مۇشۇنداق بىر ئىلاھى كايىشىتىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر ئازارنىڭ كېلىشى شۈبھىسىز:
« ھەر بىر يالغاننى توقۇغۇچى گۇناھكارنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 7 ).
بۇ خىل كىشىلەر ئاللاھ تەئالانىڭ سۆزىنى پەقەت ئاڭلىغاندەك قىلىپ، قۇلاق سالماسلىق بىلەنلا قالماستىن، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ ( 8 - 9 ). بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنى ئوقۇش شەرت. قېنى بىر ئوقۇپ باقايلى:
هَذَا هُدًى وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآَيَاتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
« بۇ (قۇرئان) يېتەكچىدۇر، رەببىڭنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ » ( 11 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ئۆتەپ بولالمايدىغان ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئەسكەرتىلىدۇ. «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، پەزل-ئىلتىپاتىدىن نەسىۋە ئىزدىگەيسىلەر ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەيسىلەر دەپ ئۆزى (بېكىتكەن) قانۇنىيىتى بويىچە دېڭىزدا ماڭىدىغان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى» ( 12 ). ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پەزل-ئىلتىپاتىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ( 13 ). بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تۇزكورلۇق قىلىۋاتقانلارغا قارىتا، مۆمىنلەردىن ئۇلارغا مېھىر - شەپقەت ۋە ئەپۇنى ئاساس قىلغان بىر ئۇسلۇب بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تەلەپ قىلىنىشىنى، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ تەئالانىڭ چەكسىز شەپقەت ۋە مەرھەمىتى بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ ( 14 ). نېمە ئۈچۈن ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ چۈنكى:
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ثُمَّ إِلَى رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
« كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگىدۇر. ئەڭ ئاخىرىدا (ھەممىڭلار) رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( 15 ).
بۇ بۆلەكتىن كېيىن سۈرىدە بەنى ئىسرائىل قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ ( 16 - 17 ) ۋە يەھۇدىيلىشىش جەريانى بىلەن ئاخىرەتكە ئىمان ئارىسىدىكى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. ئاندىن قۇرئاندىن ئىبارەت ۋەھىينىڭ مەقسىتى بايان قىلىنىدۇ: « بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن نۇردۇر، يېتەكچىدۇر، جەزمەن ئىشىنىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەتتۇر » ( 20 ). بۇ مەنبەدىن يىراق تۇرغۇچىنى كۈتۈپ تۇرغان خەتەرلىك ئاقىۋەت مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
« (ئى مۇھەممەت!) نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، بىلىملىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھتىن قالسا، ئۇنى كىم توغرا يولغا ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر (تېخىچە) ساۋاق ئالمامسىلەر؟ » ( 23 ).
مۇشۇنداق بىر گۇمراھلىقنىڭ ئۇلىدا قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىق ۋە ھېساب بەرمەسلىكتىن ئىبارەت گۇمان ياتماقتا. يەنى « ئاخىرەت بولمىسا ھەر نەرسە مۇباھ » چۈشەنچىسى ھاكىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بىر كىشى، ئەگەر شەرىئەتكە ئاساسەن ياشىماسلىقنى ئۆزىگە مىزان قىلغان بولسا، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىمۇ زېھنىگە يەرلەشتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر زېھنىدىكى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. قۇرئان مانا بۇ ئىپتىدائى ئاتىئېزم ۋە ماتېرىيالىزم بولغان « دەھرى دۇنيا قارىشى » نىڭ بۇ پەلسەپىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
ئۇ ( قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچى) لار: «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ) ( 24 ).
بۇنداق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بىر كىشى قولىغا كەلگەن ھەر قانداق بىر پۇرسەتتە قىلمايدىغان گۇناھ، ناھەقچىلىك، يېمەيدىغان ھەق قالامدۇ؟ سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەت، مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ:
وَتَرَى كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَى إِلَى كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (28) هَذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (29)
(قىيامەت كۈنى) ھەر توپلۇمنى (قورققىنىدىن ھۇدۇقۇپ) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن. ھەر توپلۇم ئۆزىنىڭ (ئىش-ھەرىكەت ئارخىپ) پۈتۈكى بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر» (دېيىلىدۇ) (28). بۇ پۈتۈكىمىز سىلەرگە چىنلىق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (دېيىلىدۇ) (29).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە ئىلاھىي مەھكىمە، ئىلاھىي ئادالەتنىڭ تەقەززاسى بولغان مۇكاپات ۋە جازا ھەقىقىتى بايان قىلىنغان ( 30 - 35 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدە ئىنساننىڭ بارلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەنلىكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ تەئالاغا قەرزدار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئەستىن چىقارماسلىقى ئىما قىلىنغان:
فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ (36) وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (37)
پۈتكۈل مەدھىيە ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە جىمى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! (36) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈن، (ھەممىنىڭ) ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى زاتتۇر (37).