ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىگە 10 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ،تۈتۈن،تۇمان » مەنىسىدىكى « دۇخان » كەلىمىسى ئىسىم قىلىپ بېرىلگەن:
« (ئى مۇھەممەت!) سەن ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلايدىغان (بالايى-ئاپەت) كۈنىنى كۈتكىن » ( 10 ).
قۇرئان سۈرىلىرىنى ئىسىملىرى بىلەن كاتىگورىيەگە ئايرىلسا، ھەر ھالدا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەت سۈرە ئىسىملىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قۇرئاندا ئىلاھىي پەيدا بولۇش ۋە يوقۇلۇش ھەقىقىتىنىڭ ئۆزى ياكى سۈپىتى بىلەن ئاتالغان 14 سۈرە بار.
سۈرە « ھا، مىم » ئائىلىسىگە تەۋە سۈرىلەرنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، مەككىدە ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. مەزمۇن جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.
سۈرىدە دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ھەر پىرئەۋننى تۇنجۇقتۇرىدىغان بىر دېڭىز بار.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئىلاھىي تەربىيە لاھىيەسى بولغان ۋەھىيگە تەسلىم بولۇش بولۇپ، مەيلى شەخسى ياكى كوللىكتىپ ھالدا بولسۇن، بۇ لاھىيىگە تەسلىم بولمىغانلارنى كۈتۈۋاتقان بىردىنبىر نەرسە قىيامەتتۇر.
سۈرە ئۈزۈك ھەرپلەردىن كېيىن ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان. قەدىر سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان قەدىر كېچىسى بىلەن بۇ سۈرىنىڭ 3 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان كېچە ئوخشاش بىر كېچىنى كۆرسىتىدۇ.
حم (1) وَالْكِتَابِ الْمُبِينِ (2) إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ (3) فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ (4) أَمْرًا مِنْ عِنْدِنَا إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ (5) رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (6)
ھا، مىم (1). (دىن ھەققىدىكى ھەممىنى) روشەن بايان قىلىپ بەرگۈچى كىتاپ (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (2). بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىر مۇبارەك كېچە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسى) دە چۈشۈرۈشكە باشلىدۇق، بىز ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق (3). ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ (4). (ھۆكۈم قىلىنپ بېكىتىلگەن بۇ ئىشلار) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان بۇيرۇقتۇر، بىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مېھىر-شەپقىتى سۈپىتىدە (ئىنسانلارغا ئەلچىلەرنى) ئەۋەتىپ كەلدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (5)-(6).
قەدىر كېچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغان تۆتىنچى ئايەت كىشىگە قەدىر سۈرىسىدىكى مەلۇماتنى تاماملىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
« (ئى مۇھەممەت!) سەن ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلايدىغان (بالايى-ئاپەت) كۈنىنى كۈتكىن » ( 10 ) دېگەن تەھدىد بىلەن باشلىغان ئايەتكە ئاساسەن سۈرىگە مەزكۇر ئىسىم قويۇلغان. بەزى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تۇماننى ئۆز ۋاقتىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ ۋەقە، مەككىدە يۈز بەرگەن قەھەتچىلىك ۋە بۇ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ تۇمانغا غەرق بولغاندەك كۆرمەس بولۇپ قېلىش ۋەقەسىدۇر.
بۇ بۆلەكتىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ھاكاۋۇرلىقى ۋە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن دۇچار بولغان ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان ( 17 - 33 ). مانا بۇ نۇقتىدا قۇرئان ھەر تەكەببۇر ئىنكار قىلغۇچىغا خىتاب قىلغان بىر ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ. يەنى، ئۆزىنى ۋازكەچكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىنكارچىلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆز يېشى قىلىدىغان ھېچكىمى بولمايدۇ:
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ وَمَا كَانُوا مُنْظَرِينَ
« ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى » ( 29 ).
بۇنىڭغا تارىختىن نۇرغۇن مىسال كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئۇچرىغان پالاكەتتىن باشقا يەنە ئاخىرەتتىمۇ جازالاندۇرۇلىدۇ.
ئاندىن ۋەھىيگە تەسلىم بولغانلارغا ئاخىرەتتە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇكاپات بايان قىلىنىپ، ئەڭ زور ئۇتۇقنىڭ ئەبەدىي نىجاتلىققا ئېرىشىش ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ ( 57 ).
دۇخان، جەننەت ۋە جەھەننەمگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي تەسۋىرلەر بايان قىلىنغان سۈرىدۇر. دۇنيا ھاياتىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولغان ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، ئۇ ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەرنىڭ مەجازى شەكىلدە بايان قىلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. تۆۋەندىكى كۆپ ئۇچرىمايدىغان مەجازنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ۋە ھەقىقىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئىنساننىڭ تېنى قورقۇنچتىن شۈركىنىدىغان ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى:
إِنَّ شَجَرَةَ الزَّقُّومِ (43) طَعَامُ الْأَثِيمِ (44) كَالْمُهْلِ يَغْلِي فِي الْبُطُونِ (45) كَغَلْيِ الْحَمِيمِ (46) خُذُوهُ فَاعْتِلُوهُ إِلَى سَوَاءِ الْجَحِيمِ (47) ثُمَّ صُبُّوا فَوْقَ رَأْسِهِ مِنْ عَذَابِ الْحَمِيمِ (48) ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ (49) إِنَّ هَذَا مَا كُنْتُمْ بِهِ تَمْتَرُونَ (50)
زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر (43)-(44)، قىزىتىلغان ياغدەك قىزىقتۇر، قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ (45)-(46). (دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە) «ئۇ (گۇناھكار) نى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ تۆكۈڭلار» (دېيىلىدۇ) (47)-(48). «(بۇ ئازاب-ئوقۇبەتنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ (49). بۇ (ئازاب-ئوقۇبەت) ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا) سىلەر گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن نەرسىدۇر» (دېيىلىدۇ) (50).
ئەگەر قۇرئاندا ھەزىل ئامىلى ئىزدىسەك، 49 - ئايەتتىكى جەھەننەمگە تاشلانغانلار ھەققىدە كىنايىلىك ئېيتىلغان « (بۇ ئازاب-ئوقۇبەتنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ » ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. بۇ، قۇرئاندىكى « ھەزىل »گە تېما بولالىغۇدەك ساناقلىق ئايەتلەردىن بىرى. ئۇ كاپىرنىڭ دۇنيادا پەقەت كۇفرى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئىززەتلىك دەپ قارىغانلىقى، مۆمىنلەرنى پەقەت ئىمانى سەۋەبلىك خار كۆرگەنلىكى ئايەتتىن چىقىپ تۇرىدۇ. ئاخىرەت ئىنساننىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەر نەرسىگە ھەقىقى لايىقىدا بېرىلگەن « ھەق ۋە ھەقىقەت كۈنى »دۇر.
پۈتۈن بۇ ۋەدە ۋە تەھدىدلەر بىلەن ئۇلارغا لايىق بولغانلار ئارىسىدا پەقەت بىر پەرق بار. يەنى، زامان ( ۋاقىت ). ھەممە ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ:
« ئۇنداقتا، سەنمۇ كۈتكىن، شۈبھىسىزكى ئۇلار كۈتكۈچىدۇر » ( 59 ).
بۇ سۈرە قۇرئان ۋەھىينىڭ سۆزلۈك خىتاب خاراكتېرىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرىسى. بىر نۇتۇقتا خىتابنى جەلپ قىلارلىق ۋە تەسىرلىك قىلغان ئامىل خىتابنىڭ ۋە جۈملىلەرنىڭ ئېنىق بولۇشىدۇر. تەكرارلار ۋە تەكىتلەر خىتاب قىلغۇچىنىڭ زېھنىدە ئىز قالدۇرۇشنى ۋە ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ سۈرە مانا بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق، ھەقىقەتنىڭ ئەبەدىي قىممىتى بىلەن بالاغەتنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. بۇ سەۋەبتىن ئايەتلەردىكى مەنا لەبزىگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭقۇر. سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى بولالايدۇ. ئايەتنىڭ تېكىستىنى ۋە تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان بايانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىش تەس بولغان مەنىسى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
فَارْتَقِبْ إِنَّهُمْ مُرْتَقِبُون
« سەنمۇ كۈتكىن، ئۇلارمۇ كۈتكۈچىدۇر » ( 59 ).