ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
زۇخرۇف، « بېزەك » مەنىسىنى بىلدۈرۈرىدۇ.سۈرىنىڭ 35 - ئايىتىگە ئاساسەن سۈرىگە زۇخرۇف ئىسمى بېرىلگەن. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئۈچ يەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بىرسى بۇ سۈرىدە ئۆتىدۇ.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، 79 - 80 - ئايەتلىرىنى ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى بىر ۋەقەگە ئىما قىلىنغان دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئالدىنقى سۈرىدىن كېيىنلا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ نۇبۇۋۋەتنىڭ 12 - يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
سۈرىنىڭ باشلىنىش بۆلىكىدە ۋەھىيگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەلۇمات ئالدىمىزغا چىقىدۇ:
« (ھەقىقەتنى) رۇشەن بايان قىلغۇچى بۇ كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ،بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق.ھەقىقەتەن ئۇ ئاناپۈتۈكتە مەۋجۇتتۇر، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يوقۇرى مەرتىۋىلىك، ھېكمەتلىك (كىتاب)دۇر » ( 2 - 4 ).
بۇ يەردە « كىتابنىڭ ئانىسى » ياكى « ئانا كىتاب ( ئۇممۇل كىتاب )» دەپ ئاتالغان ۋە بىر نۇقتىدا مەركىزى ساقلىغۇچى كارتىغا ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىغان ۋەھىينىڭ ئانا مەنبەسى « ئاناپۈتۈك ( مۇھاپىزەت قىلىنغان لەۋھە - كارت ) » دەپ ئاتالغان. ۋەھىينىڭ ئەۋەتىلگەن قوۋمىگە قارىتىلغان تىلى بار. ئەمما بۇ تىل ئاللاھ تەئالا نىڭ ياكى ۋەھىينىڭ تىلى ئەمەس. بۇ تىل ۋەھىي ئەۋەتىلگەن ئىنسانلارنىڭ تىلى بولۇپ، ئىنسانلار كۈندىلىك ھاياتتا ئىشلىتىدىغان بىر تىلدا ئەۋەتىلگەن. ۋەھىي ھەر پەيغەمبەرگە ئۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن قوۋمنىڭ تىلىدا نازىل بولغان. ئەرەبچە ۋەھىينىڭ سۈپىتىدۇر. بۇ ۋەھىي بارلىق سۈپەتلەردىن خالىي ھالدا ئانا كىتابتا ساقلانغان. ئانا كىتاب بارلىق كىتابلارنىڭ ئانىسى، ۋەھىينىڭ مەنبەسى بولۇش بىلەن بىرگە كائىناتنىڭ بارلىق ئىلاھىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇنداقتا كائىناتنىڭ كائىنات ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بىلەن سۆز شەكلىدىكى ۋەھىينىڭ سۆزلۈك قانۇنىيەتلىرى ئوخشاش مەنبەدىن كەلمەكتە.
سۈرە مۇشرىكلارنىڭ ئاسمانلار ۋە زېمىننى ياراتقۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسلىتىلىدۇ ( 9 ). ۋەھىينىڭ جان بەرگۈچى كۈچىنى ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرۈشى بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ ( 11 ).
مۇشرىك ئەقىلنىڭ قىز پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى نەخ مەيداندا ئەيبلەيدۇ:
وَجَعَلُوا لَهُ مِنْ عِبَادِهِ جُزْءًا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ مُبِينٌ (15) أَمِ اتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَاكُمْ بِالْبَنِينَ (16) وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمَنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ (17) أَوَمَنْ يُنَشَّأُ فِي الْحِلْيَةِ وَهُوَ فِي الْخِصَامِ غَيْرُ مُبِينٍ (18)
ئۇ (مۇشرىك) لار (پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر بۆلىكى-جۇزئى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر (15). ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) قىلىۋېلىپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە تاللاپ بەردىمۇ؟ (16). ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مېھىر-شەپقەتلىك ئاللاھقا لايىق كۆرگەن (قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمۈپ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ (17). ئۇلار زىبۇ-زىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، ئۇرۇش-ماجرادا ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ قويالمايدىغان (قىز پەرزەنتمۇ؟) دەيدۇ (18)
بۇ مۇشرىك ئەقىلنىڭ قىڭغىر بولغان تەقدىر ئېتىقادى ھەققىدە توختالغان ۋە ئاللاھ تەئالاغا قىلغان تۆھمىتى تىلغا ئېلىنغان:
ئۇلار: «ناۋادا شەپقەتلىك-رەھمان (ئاللاھ) خالىغان بولسا، بىز ئۇ (پەرىشتىلەر) گە چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ ئىلمىي (ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت گۇمان ۋە خۇراپاتقىلا ئاساسلىنىدۇ ( 20 ).
بۇ، ئازغۇن ئەقىلنىڭ ئاللاھ تەئالاغا قىلغان تۆھمىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەقدىر ئېتىقادىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىدى. بۇ ئەقىلنىڭ دۇنياغا قاتتىق بېرىلىپ كەتكەن ئەقىل ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز:
ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى كەنت (يەنى تائىپ ۋە مەدىنە) ئادەملىرىدىن بىرەر مۆتىۋەرگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى ( 31 ).
تەقلىد، بۇ ئەقىلگە زىيان سالىدىغان بىر ئازغۇنلۇقنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. شېرىكنى ياشاش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغان گۇرۇھلارنىڭ بۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە ئاتا - بوۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكى بايان قىلىنغان:
ياق، ئۇلار: «ھەقىقەتەن بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بايقىدۇق، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭساقلا توغرا يول تۇتقان بولىمىز» دېدى ( 22 ).
سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە، نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى مۇشرىكلار ئەجدادىمىز دەپ بىلىپ ھۆرمەت قىلغان ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قارشى تەۋھىدنى قانداق ھىمايە قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 26 ). ئۇنىڭدىن كېيىن نېمەت ئازغۇنلۇقىنىڭ قانداق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئەگەر دۇنيا نېمەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا چەكسىز شەكىلدە بېرىلگەن، ئىنسانلار ھەر ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئاسانلا ئېرىشەلىسە، بۇ ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ئەمەس، زېيىنىغا بولاتتى:
وَلَوْلَا أَنْ يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً لَجَعَلْنَا لِمَنْ يَكْفُرُ بِالرَّحْمَنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِنْ فَضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ (33) وَلِبُيُوتِهِمْ أَبْوَابًا وَسُرُرًا عَلَيْهَا يَتَّكِئُونَ (34) وَزُخْرُفًا وَإِنْ كُلُّ ذَلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَ (35)
ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا ھەۋەس قىلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ كېتىش خەتىرى بولمىغان بولسا، شەپقەتلىك ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق (33). ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، (ھەمدە ئۇلارنى) بېزەپ بېرەتتۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان مال-ماتادىن ئىبارەتتۇر. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرگە مەنسۇپتۇر (34)-(35).
نامازشام قارىغۇسى دەپ ئاتالغان رەڭ قارىغۇلىقىغا گىرىپتار بولغان ئىنسانلار ئەرەب تىلىدا <ئاشە > دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر كۆرۈش ئىقتىدارىدىكى ئاجىزلىق بولۇپ، ئىنسان كۆرگەن نەرسىلەرنى ھەقىقىي ھالىتى بىلەن بىلەلمەيدۇ. قۇرئاندا ئايەتلەرگىمۇ مۇشۇنداق بىر نەزەر بىلەن قاراش ئېھتىماللىقى بار. ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرىگە،مەجازى مەنادا نامازشام قارىغۇسى بىر كۆز بىلەن قارىغانلارنىڭ ئەھۋالى بۇ سۈرىدىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:
وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ
« كىمكى رەھماننىڭ زىكرى (قۇرئان) گە قىڭغىر نەزەر بىلەن قارىسا، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز-دە، شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ » ( 36 ).
أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
كۆرۈشنى خالىمىغانغا ھېچكىم كۆرسەتمەيدۇ. ئاڭلاشنى خالىمىغانلارغا ھېچكىم ئاڭلىتالمايدۇ.: « (ئى مۇھەممەت!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن ياكى كورلارنى ۋە ئوپئۇچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان كىشىنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ » ( 40 ).
ھەزرىتى مۇساغا پىرئەۋننىڭ، ھەزرىتى ئەيساغا بەنى ئىسرائىلنىڭ قارشى چىققانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ ( 46 - 60 ). بۇ ئارقىلىق مەككىلىك مۇشرىكلارغا: بىرىنچىدىن، « پىرئەۋنگە ئوخشاش ئۇۋال قىلماڭلار! »؛ ئىككىنجىدىن، « ئىچىڭلاردىن چىققان بىر ئاكتىپ ياخشىغا تۆھمەت چاپلىماڭلار، قارا چاپلاپ، ئەزىيەت يەتكۈزۈپ ئۇنى بوغماڭلار! » دېمەكتە. ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق دېيىلمەكچى بولغان ئىشارەتتىن بىرىسى، ئۇنىڭ پەرىشتە ياكى ئىلاھ ئەمەس، بىر ئىنسان ئىكەنلىكىدۇر ( 60 ). سۈرىدە بۇ ئىللەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ۋەھىيگە تۇتقان مۇئامىلىسى تىلغا ئېلىنىپ ( 46-56، 63 - 65 )، ئۇلارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ.
سۈرە ئىمان ۋە ئىنكارنىڭ، تەۋھىد ۋە شېرىكنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. سۈرىدە ئىنسان مەۋجۇدىيەتتىكى ئىلاھىي مۆتىدىللىقنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان سىراتى مۇستەقىم-يوغرا يولغا دەۋەت قىلىنىدۇ ( 61، 64 ).
تۆۋەندىكى ئايەت ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ:
« ئۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا » ( 67 ).
تۆۋەندىكى ئىلاھىي خىتاب ئالدىدا، ئىنسان ئۆز تۈرىنى يولدىن چىقارغانلارنىڭ خىجالەتچىلىكىنى تارتماقتا. تەپەككۇر بىلەن ئوقۇغان كىشىگە « ئاللاھ يەنە نېمە قىلىپ بەرسۇن؟ » دېگۈزىدىغان ئايەت مۇنداق بايان قىلىنغان:
لَقَدْ جِئْنَاكُمْ بِالْحَقِّ وَلَكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
« بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپىنچىڭلار ھەق (دىن) نى ياقتۇرمايۋاتىسىلەر » ( 78 ).
ئۇنداقتا، مۇشۇنداق بىر تۇزكورلۇق پاتقىقىغا پاتقانلارغا قارىتا رەببىمىز رەسۇلۇللاھتىن ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا؟ قېنى ئوقۇپ باقايلى، سىزنىڭمۇ ئاغزىڭىز مېنىڭكىگە ئوخشاش ھەيرانلىق ئىلكىدە ئېچىلىپ قالىدۇ:
فَاصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلَامٌ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
« سېنىڭ ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئۇلارغا ئامان بولۇڭلار دېگىن. ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ » ( 89 ).