ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە، 38 - ئايەتكە ئاساسەن « مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىش، كېڭىشىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « شۇرا » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. مەزكۇر سۈرە تەۋە بولغان يەتتە سۈرىلىك « ھا، مىم » ئائىلىسىدىكى باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. مەدىنىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئەقەبە بەيئىتىنى ئىما قىلغان 38 - ئايەت بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە.
سۈرىنىڭ تېمىسى ۋەھىي ۋە ۋەھىينىڭ رەسۇلۇللاھ ۋە ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، سۈرە ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرلىشىدۇ. سۈرىدە ھەيۋە قىلىش ئۇسلۇبى گەۋدىلىك ھالدا نامايەن قىلىنغان.
سۈرە ۋەھىينىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان بولۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ :
لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
« ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەرنەرسە ئاللاھنىڭدۇر، ئۇ ئاللاھ ئولۇغدۇر، كاتتىدۇر » ( 4 ).
سۈرىدە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق ھالدا ياراتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بۇ پەرقلەر ئېتىقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئېتىقادتىكى ئوخشاشماسلىق، ئىنسانغا بېرىلگەن ھۆر ئىرادىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن پەرقلىق يوللارنى تاللىشىنى ئىرادە قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ئۈممەت،بىرلا دىندا قىلاتتى. ئۇنداقتا ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلغان:
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِنْ يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ وَالظَّالِمُونَ مَا لَهُمْ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
« ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بارچە ئىنسانلارنى (ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان) بىرلا ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى مېھىر-شەپقىتى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. دەرۋەقە (ھېساب كۈنى) زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ » ( 8 ).
قۇرئان كائىناتنىڭ سىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئاننىڭ سىرى ئەسمائى - ھۇسنادا. ئەسمائى - ھۇسنانىڭ سىرى ئاللاھ ئىسمىغا يوشۇرۇنغان. قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ مۆتىۋىرى ئاللاھ تەئالا ھەققىدىكى ئايەتلەردۇر. ئاللاھ تەئالانى قۇرئاندىن تونۇش ئاللاھ تەئالانى ئاللاھ تەئالانىڭ تىلىدىن تونۇشتۇر. بىرىسىنى تونۇشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن تونۇشتۇر. ئاللاھ تەئالانى تونۇشتۇرغان ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئوخشىشى يوق ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ:
لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ
« ھېچنەرسە ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر » ( 11 ).
سۈرە، قايسى زامان ۋە ماكاندا ياشىغان بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەرنى بىر ئۈممەت دەپ بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ( 13 - 15 ). ئاللاھ ۋە قىيامەت ھەققىدە ئۇنى-بۇنى دەپ تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئازدۇرغۇچى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ( 16 - 18 ). قىيامەت ھەققىدىكى بۇ جۈرئەتلىك پۇزىتسىيەنىڭ تېگىدە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ۋە يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىسى ياتماقتا ( 19 - 23 ). يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىسىدىكى بۇ گۇرۇھقا قارشى رەسۇلۇللاھنىڭ شەخسىيىتى مۇنداق كۈچلەندۈرۈلمەكتە:
«مەن (پەيغەمبەرلىكنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست بىلىشىڭلارنى سورايمەن» ( 23 ).
قىسقىسى، كىم نېمىنىڭ كەينىدىن ماڭسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقىقەت بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ،ئۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئەڭ يارقىن شەكىلدە بايان قىلماقتا:
مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآَخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآَخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ
« كىمكى (ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش- ھەرىكىتى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز، كىمكى (ياخشى ئىش-ھەرىكىتى بىلەن) دۇنيا مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ كۆزلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بىرقىسمىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (مۇكاپاتتىن) ھېچ نېسىۋە يوق » ( 20 ).
بۇ سەۋەبتىن، دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ ھەتتا بارمىقىنىمۇ ئويناتمايدىغان قوۋملەر ئۆزلىرىدىن ھېچقانداق بىر ھەق تەلەپ قىلماستىن ھاياتىنى ئاتىغان نەبىلەرنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن ئىدى. ئۇلارنى « ساراڭ » دەپ ئەيىپلەشلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى دەل مۇشۇ. ئۇلارنىڭچە ھېچكىم مەنپەئەتنى كۆزلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر ئىش قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا مەنپەئەت پەقەت بۇ دۇنيادىكى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەت. نەبىلەر ئۇلارنىڭ بۇ يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىلىرىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقتىن، ئۇلارغا نىسبەتەن پەيغەمبەرلەر ساراڭدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ھەق ئالمايلا قالماستىن، ئىلكىدىكى بارلىق ئىمكانلارنى بۇ داۋاغا سەرپ قىلىدۇ. مانا بۇ يەككە دۇنيالىق بىرسى ئۈچۈن ئاڭقىرىپ يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىش:
ذَلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَى وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
« ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان بەندىلىرىگە بەرگەن خۇش ـ خەۋىرىدۇر. «مەن (رىسالەتنى) يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست بىلىشىڭلارنى سورايمەن« دېگىن. كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز مۇكاپاتنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مىننەتدارلىقنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر » ( 23 ).
قۇرئان قەدىمكى ئىنكارچى قوۋملارنىڭ ئاللاھ تەئالاغا چاپلىغان تۆھمىتىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن « تەقدىر - پىشانە » ئېتىقادىنى پات - پات تىلغا ئالىدۇ. بۇلاردىن بىرىسى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان. ئۆزى ئىنكارچى ( كاپىر )، ئەمما قىلمىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ يا « تەقدىر - پىشانە » ياكى « تەلەيسىزلىك » ۋەياكى « بەدبەخت »لىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرئان بۇ خىل ئازغۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ:
« بېشىڭلارغا ھەرقانداق بىر مۇسىبەت كەلسە، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، (شۇنداقتىمۇ) ئاللاھ (گۇناھىڭلارنىڭ) تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ » ( 30 ).
ئىنسانغا بېرىلگەن دۇنيالىق نېمەتلەر قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۆتكۈنچى نەرسىلەر بولۇپ ( 36 )، بۇ تۈردىكى ئايەتلەر دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشكە قارشى ئوتتۇراھال بىر چۈشەنچىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
مۆمىنلەرگە ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان ئايەت ( 38 )، ئۇلارغا كوللىكتىپ ئەقىلنىڭ رەسمىي ئاپپارات خاراكتېرگە ئىگە قىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان « شۇرا »نى نىشان قىلىپ كۆرسەتمەكتە. شۇرا كەلىمىسىنىڭ يىلتىزى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېڭەش قىلىش بولسا ئەقىللەر مەھسۇلىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئورتاق ئەقىل ھەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەمەسمۇ؟
سۈرىدە ئاللاھ تەئالانىڭ مۆمىنلەرگە بەخش ئەتكەن نېمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىنسانغا قىلغان ئىلتىپاتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ۋەھىينىڭ كېلىش شەكىللىرى ھەققىدىكى ئەڭ تەپسىلى مەلۇمات بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان:
وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ
« ئاللاھ ھېچبىر ئىنسانغا بىۋاسىتە سۆز قىلمىغان،پەقەت ئىلھام ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن،ياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ۋەھىي قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر » ( 51 ).
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام، ئابدۇللاھ ئوغلى مۇھەممەت سۈپىتىدە دۇنياغا كەلگەندىلا ئالەملەرگە رەھمەت بولغانمىدى ياكى ئىلگىرى كىتاب نېمە، ئىمان نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان ھالىتىدە ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن تاللىنىپ پەيغەمبەرلىك بېرىلگەنمۇ؟ مانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولغان ئىككى ئايەتتىن بىرىسى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
« سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) كىتاب نېمە؟ ئىمان نېمە؟ ئۇقمايتتىڭ » ( 52 ).
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بولغان ئىككىنجى ئايەت:
« (ئى مۇھەممەت!) بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت مېھىر - شەپقەت سۈپىتىدە ئەۋەتتۇق » ( ئەنبىيا، 107 ) ئايىتىدىن ئىبارەت.
سۈرە تۆۋەندىكى ئەبەدىي ھەقىقەت بىلەن ئاخىرلاشقان:
« بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ » ( 53 ).
يەنى، ئىنسان قىلغان ئىشلار ئۇنى قىلغۇچى ھەققىدە بىرەر شاھىت سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا سۇنۇلىدۇ. مەيلى ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن يېزىلمايدىغان ھېچقانداق قىلمىش يوق.
قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەر قىلمىشلىرىنىڭ يېزىلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئىشلار ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولمايدۇ.