ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
3 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « تەپسىلى بايان قىلىندى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فۇسسىلەت » پېئىلى بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان.
رەسۇلۇللاھ، قۇرەيشكە ۋەكالىتەن ئۆزىگە ئەخلاقسىزلارچە تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئۇتبە بىننى رەبىئەنىڭ سۆزىنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: « ئەمدى سەن مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سال» دەپ بۇ سۈرىنى ئوقۇغان. سۈرىنىڭ 13 - ئايىتىنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇتبە « ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قوۋمىڭگە مەرھەمەت قىلغىن! » دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى توختاتماقچى بولغان ۋە ئاخىرىدا چىرايىدا قان قالمىغان ھالدا قوۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى « سىلەرمۇ بىلىسىلەر، ئۇنىڭ دېگەن ھەر سۆزى رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ » دەپ ئىزاھلىغان ( ئىبنى كەسىر ).
سۈرىدە ئىمان ۋە ئىنكارنىڭ تەبىئىتى ئانا تېما قىلىنغان.
سۈرە « ھا، مىم » ئۈزۈك ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋەھىي تەكىتلەنگەن ھالدا سۆز باشلانغان.
سۈرە نازىل بولغان ئۇ ھالقىلىق ۋە ئېغىر مەزگىلنىڭ كۈنتەرتىپىگە ماس ھالدا ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن قورقىتىدۇ. بىر تەرەپلىمە قاراش تېگى يوق قۇدۇققا ئوخشايدۇ. كۆرىدىغان كۆز كۆرمەيدۇ، ئاڭلايدىغان قۇلاق ئاڭلىمايدۇ ( 4 - 5 ).
خىتاب رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ۋاپات تاپىدىغان پانىي بىر ئىنسان، يەنى بەشەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇزىدۇ:«ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن...» ( 6 ). ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقى پەقەت ئۆزىگە ۋەھىي كېلىدىغانلىقى بولۇپ، باشقا ئارتۇقچىلىقى يوق. بۇ ئارتۇقچىلىق رەسۇلۇللاھنى « ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى » دەپ سۈپەتلىشىمىزنى تەقەززا قىلغان ئالاھىدىلىكتۇر. رەسۇلۇللاھقا بۇنى ئېيتقۇزۇشنىڭ سەۋەبى، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھ تەئالادىن ۋە ياكى پەرىشتىلەردىن كۈتكەنلىرىنى ئۇنىڭدىن كۈتۈشكە مايىل بولغانلىقى بولۇپ، بۇ چۈشەنچە بارلىق ئىنكارچى قوۋملارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ نۇقتىدا قۇرئان كۈنىمىزدىكى خىتاپ قىلىنغۇچىلىرىغا « ھەقىقەت بىلەن ياشاشنى خالىمىغانلار بىنورمال ھاياتقا ئەگىشىدۇ » دېمەكتە. ھەقىقەت، نورمال بولغاندۇر. ئىنساندىن ئالەمشۇمۇل ئىلاھىي ئۆمەككە ئۆز ئىرادىسى بىلەن قاتنىشىش تەلەپ قىلىنماقتا. ئاسمانلار ۋە زېمىن بۇ ئىلاھىي ئۆمەككە قاتناشقانلىقىنى ئۆزىنىڭ ھال تىلى بىلەن ئىپادىلىمەكتە: « ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىخىتىيارى ياكى مەجبۇرى ھالدا (مەۋجۇدىيەت ساھەسىگە) كېلىڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى: «بىز ئىختىيارى ھالدا (باش ئېگىپ) كەلدۇق» دېدى » ( 11 ). ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ھەر بىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ( 12 ). لېكىن ئىرادىدىن ئىبارەت بىر نېمەت بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان ئىنسان بەئەينى ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش بۇنىڭغا قارشى چىقتى ( 13 ).
ئىنسان بۇ جاھانغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ تەئالا ئىنساننى، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇدلىقىغا گۇۋاھچى قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ زاتىغا شاھىت قىلغان. ئىنسان ئەگەر بۇ شاھىتلىقنى لايىقىدا ئادا قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئورگانلىرى، كۆز، قۇلاقلىرى ۋە تېرىسى ئىنساننىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ ( 19 - 22 ). دوزاخ ئۇلارنىڭ ماكانى بولىدۇ ( 24 ).
ئىنساندىن ئىبارەت بىر شاھ ئەسەرنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، شەيتانى خاھىشلارنىڭ ئىدراكىنى ئەسىر ئېلىپ، ئىنساننىڭ ئىككىنجى كىشىلىكى ھالىغا كىلىشىدىن بولغان.
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
« بىز ئۇلارغا ئۆتمۈشىنى ۋە كەلگۈسىنى پەردازلاپ كۆرسىتىدىغان (ئىنسان ۋە جىندىن بولغان شەيتانى) يېقىنلارنى ھەمراھ قىلىپ قويدۇق، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلار ۋە جىنلار توپىغا تېگىشلىك بولغان جازا ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى ئۇلار زىياندا ئىدى » ( 25 ).
بۇلار ھەقىقەتنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى شاۋقۇن - سۈرەن بىلەن باستۇرماقچى بولىدۇ ( 26 ). ئۇلار « قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا ئاساسەن » جازالاندۇرۇلىدۇ ( 27 ).
ھەر كىمنىڭ بىر « ياخشى كىشى » ئۆلچىمى بولىدۇ. قۇرئاننىڭ « ياخشى كىشى » ئۆلچىمىدىن بىرىسى بۇ يەردە بايان قىلىنغان:
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
(كىشىلەرنى) ئاللاھ تەرەپكە چاقىرغان، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەردە بولغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ ( 33 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن مۆمىن خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا، كۇپرىغا ئايلانغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ئىبارەت چوڭ توسالغۇنى ياخشى مۇئامىلە بىلەن يېقىتىش ھەققىدە تەلىمات بېرىلىدۇ:
وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
« ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش ئورۇندا تۇرمايدۇ. سەن (يامانلىققا) ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرغىن، ئۇ چاغدا سەن بىلەن ئاداۋىتى بار ئادەممۇ بەئەينى قىزغىن دوستتەك بولۇپ كېتىدۇ » ( 34 ).
لېكىن بۇ ئىككى ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كەسبى ۋە ۋەھبىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە لازىم. كەسبى - ئىنساننىڭ تىرىشچانلىق ۋە غەيرىتى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ياخشىلىق قىلىشتىكى سەۋر ۋە چىدامچانلىقتۇر. ۋەھبى - ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غەيرىتىنىڭ بىر مۇكاپاتى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن بەخش ئېتىلگەن « چوڭ نېسىۋە »دۇر:
وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
« بۇ (خىسلەت) كە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ (خىسلەت) كە پەقەت ئۇلۇغ نېسۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ » ( 35 ).
لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بولغان تەقدىردىمۇ شەيتان يەنىلا ئىنساننى بوش قويىۋەتمەيدۇ. شەيتان زەردۇشتلىق دىنىدا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان باتىل ئەقىدىلەردە تەسۋىرلەنگەندەك ئاللاھ تەئالانىڭ رەقىبى ۋە دۈشمىنى ئەمەس. شەيتان پەقەت خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان بىر تۇزكوردۇر. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يا ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش قىلىش ياكى ئىگىسىگە يالۋۇرۇش كېرەك. ئىستىئازە-شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پانا تىلەش ئىگىسىگە شەيتاننى باغلاتقۇزۇشتۇر:
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
« ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسىگە (يەنى يامان ئوي-خىياللارغا) سالسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( 36 ).
ئىنكار قىلغۇچى ئىنساننىڭ تۇترۇقسىز روھى ھالىتى بۇ سۈرىدە جانلىق شەكىلدە تەسۋىرلەنگەندىن كېيىن سۆز شۇ ئايەتكە كېلىدۇ:
سَنُرِيهِمْ آَيَاتِنَا فِي الْآَفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ
« ئۇلارغا قۇرئاننىڭ بەرھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر،بىز ئۇلارغا سىرتقى ئالەمدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (بارلىق ۋە بىرلىكىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، رەببىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرۇشى ئۇلارغا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ » ( 53 ).