ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە، 3- ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان گۇناھنى كەچۈرگۈچى مەنىسىدىكى «غافىر»غا ئاساسەن « غافىر » ئىسمى بىلەن مەشھۇر.
«مۇئمىنۇن» نامىمۇ بار،تىرمىزى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈرىنى « ھا، مىم، ئەلمۇئمىن » دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدىكى بىر ھەدىسنى نەقىل قىلغان،
سۈرە مەككىدە ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇقبە بىن ئەبى مۇئەيت رەسۇلۇللاھقا قول تەككۈزمەكچى بولغاندا ئالدىنى توسۇپ، « سىلەر رەببىم ئاللاھ دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ » ( 28 ) دېگەن بۇ ئىپادىنى قوللانغان ( بۇخارى ). سۆيۈملۈك رەسۇلىمىزنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئەبۇ تالىپنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھىجرەتتىن بۇرۇن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى. يەنى، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە نازىل بولغان. سۈرە دەۋەتنىڭ 11 - يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 12 - يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىنسان. سۈرىدە ئىنسان ياراتقۇچى ئالدىدا ھەددىنى بىلىشكە، يارىتىلغانلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىشكە دەۋەت قىلىنغان.
سۈرە « ھا ،مىم » ئۈزۈك ھەرىپلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. مۇشۇنداق باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي تەكىتلەنگەن. سۈرىنىڭ 3 - ئايىتىدە ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپىنىڭ ئىككى رەھمەت ئىسكوپكىسىنىڭ ئىچىگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز:
غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ
« گۇناھنى كەچۈرگۈچى، توۋىنى قوبۇل قىلغۇچى، جازاسى قاتتىق، ئىلتىپاتى چەكسىز - ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەندۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت- قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ ھۇزۇرىدۇر » ( 3 ).
سۈرىدە كىشىنىڭ دىققەت- نەزىرى ۋەھىينى ئىنكار قىلغان قوۋملارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە ئاغدۇرۇلغان بولۇپ( 4 - 5 )، ئاندىن مۆمىنلەرگە خوشخەۋەر بېرىلگەن ( 7 - 8 ).
سۈرىدە كائىنات دەلىللىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، نەزىرىمىزنى بىر دەم ئاسمانغا، بىردەم يەرگە ئاغدۇرىدۇ. رىزقىمىزنىڭ خۇددى ئايەتلەرگە ئوخشاش سامادىن نازىل بولغانلىقىنى بۇ سۈرىدىن ئۆگىنىمىز ( 13 ).
ئېكىنزارلىققا ئۇرۇق تېرىغۇچى ئاسمانغا قارايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە رىزىق-رەھمەت ئاسماندىن چۈشكەنلىكى ئۈچۈن. رىزىقىمىزغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلگەن ۋاقتىمىزدا، رىزىقىمىزمۇ ئالدىمىزغا كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن ۋە بىزگە پۈتۈلگەن رىزىق كېلىپ بىزنى تاپىدىكەن. لېكىن بىزمۇ ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىسمىمىزنى يازدۇرىشىمىز كېرەك ئىكەن. بىز ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇمۇ بىزنى ئىزدەپ تاپىدىكەن. بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئۇنى تارتىشقا باشلىغاندا، ئۇمۇ بىزگە ئىنتىلىدىكەن. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە ئىنتىلگەندە، بۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن قانۇن تەقەززاسى بىلەن ئۇلار بىر - بىرىنى تاپىدىكەن.
سۈرىدە ھېساب كۈنىدىكى بىر دىئالوگ نەقىل قىلىنغان. بۇ، ئىنساننى قورقۇنچتىن تىترىتىدىغان بىر دىئالوگ. دىئالوگ دېيىلگەندە كۈندىلىك ھاياتتىكى بىر دىئالوگ كۆز ئالدىڭىزغا كەلمىسۇن. ئۇ كۈندە ئاللاھ تەئەلانىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈدەك نە بىر ئىنسان نە بىر پەرىشتە بولىدۇ. سوئالنى سورىغۇچىمۇ ۋە جاۋابىنىمۇ بەرگۈچى ئاللاھ تەئالادۇر.
لمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
« ئۇ كۈندە ئىگىلىك ھوقۇق كىمگە مەنسۇپ؟ يەككە-يېگانە، قەھىرلىك ئاللاھقا مەنسۇپتۇر » ( 16).
قورقۇنچلۇق بولغان ھېساب كۈنىمۇ ياكى ھېساپ بىرىشمۇ؟ ئەلۋەتتە ھېساپ بىرىشتۇر. چۈنكى ئۇ كۈننىڭ ئېغىر كۈن بولۇشى، ھېساپ بىرىشنىڭ قىيىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآَزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
« (ئى مۇھەممەت!) ئۇلارنى يېقىنلاشقان (قىيامەت) كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا (قۇرقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) يۈرەكلەر بوغۇزلارغا قاپلىشىپ قالىدۇ. ئۇلار قايغۇ-ھەسرەتكە تولىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغۇچىلارغا سەمىمىي دوستمۇ، سۆزى ئېتبارغا ئېلىنىدىغان شاپائەتچىمۇ بولمايدۇ » ( 18 ).
سۈرىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ، زالىم ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ سىمۋولى بولغان پىرئەۋن - ھامان - قارۇندىن ئىبارەت ئۈچ كۈچكە قارشى ئېلىپ بارغان كۆرىشى بايان قىلىنىدۇ ( 23 - 24 ). پىرئەۋننىڭ، خەلقىنىڭ سەرخىللىرىنى نېمە بىلەن قورقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ھەزرىتى مۇسانىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئارىلىشىشى،تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن قورقىتاتتى ( 26 ).
پىرئەۋننىڭ مەجلىسىدە ھەزرىتى مۇسادىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى چارە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆزدىن يوقىتىش ئىدى. پىرئەۋن: « مۇسانى ماڭا قويۇپ بىرىڭلار، ئۇنى مەن ئۆلتۈرەي » دەيدۇ. مۇسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش ئەمەس بولۇپ، مۇسا پىرئەۋن سارىيىدا چوڭ بولغان بىرى ئىدى. ئۇ غەلبىلىك تاماملىغان ھەبەشىستان يۈرۈشىدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە پىرئەۋن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچ نامزاتتىن بىرى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى.
دەل بۇ ۋاقىتتا، ئۇ مەجلىسكە قاتناشقان ۋە ئۇ كۈنگىچە ھەقىقىي كىملىكىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر زات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ مەجلىسكە قاتنىشىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، خۇددى ئۇ كۈنىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىدى. ئايەتتە ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدۇ، پەقەت « بىر مۆمىن » دېيىلىدۇ. مۆمىن كەلىمىسىنىڭ نەكىرە(نامەلۇم ئىسىم) بولۇشى پىرئەۋن مەجلىسىدىكى ئۇ مەجھۇل مۆمىننىڭ نامەلۇم ھالدا قېلىشىنى ئىما قىلىدۇ. ئۇ مۆمىننىڭ بەنى ئىسرائىل قوۋمىدىن ئەمەس، مىسىرنىڭ يەرلىك ئاھالىسىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى 29 - ئايەتتىن بىلەلەيمىز. بۇمۇ تارىخنىڭ ئاجايىپ جىلۋىلىرىدىن بىرى. يەنى، بىر تەرەپتە ھەزرىتى مۇسانىڭ يېقىن تۇققىنى بولغان تۇرۇپمۇ پەقەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پىرئەۋن سېپىدە يەر ئالغان قارۇن، يەنە بىر تەرەپتە پىرئەۋننىڭ مەجلىس ئەھلى قاتارىدا بولغان، لېكىن ھەزرىتى مۇسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر مەجلىستە ئۆزىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىغا قارىماي مۇسانى ھىمايە قىلغان بىر مۆمىن. بۇ ئايەت، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن مانا بۇ نامەلۇم مۆمىن ھەققىدە توختالغان. مانا بۇ مۆمىننىڭ پىرئەۋن مەجلىسىدە قىلغان ۋە ئاللاھ تەئالامۇ رازى بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەھىي قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن(28-44).
ئاللاھ تەئالانىڭ، ئۇ مەجھۇل مۆمىننى پىرئەۋن ۋە قوۋمىنىڭ رەزىل توزاقلىرىدىن ساقلاپ قالغانلىقىنى، ھالاك بولغۇچىلارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى ئايەتلەر بىزگە بىلدۈرمەكتە ( 45 ).
ئىلاھىي ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىلىرىنى ئاللاھ تەئالانىڭ قانداق ھىمايە قىلغانلىقىنى بۇ ئۆرنەكلەردىن بىلەلەيمىز. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ھەقاچان مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مەجلىس مەركىزى بولغان دارۇن نەدۋەدىمۇ، خۇددى پىرئەۋن مەجلىسىگە ئوخشاش رەسۇلۇللاھ ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانىدى. بەلكىم، قۇرئان بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئۇ مەجلىستىكى ئىنساپ ئەھلى ئىنسانلارغا جاسارەت بېغىشلاۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ ئايەتلەردىن ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە چىن دىلىدىن قارشى چىققان دارۇن نەدۋە ئەزالىرى بولغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بۆلەكنى رەسۇلۇللاھقا بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش ھەققىدە بېرىلگەن بىشارەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
ئاندىن ۋەھىينىڭ ھىمايە قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلەك بايان قىلىنغان. بۇ بۆلەكتە ئاللاھ تەئالانىڭ رەسۇلۇللاھقا ياردەم بېرىدىغانلىقى قايتا تەكىتلىنىدۇ:
« شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە، ئىمان ئېيتقانلارغا ھەم دۇنيا ھاياتىدا ھەمدە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان ( قىيامەت ) كۈنىدە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز » ( 51 ).
سۈرىدە، توقۇپ چىقىلغان يالغان قەدرىيەتلەرگە چىڭ ئېسلىۋالغان ئىنساننىڭ ھەقىقەتكە ۋە ئۆزىگە قانداق ياتلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. سۈرىدە، مال - مۈلۈك، كۈچ، ماقام-مەنسەپ، كۆز - كۆز قىلىش، ھوقوق ۋە ئەڭ چوڭ بولۇش ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئىنساننىڭ خۇدىنى قانداق يوقىتىپ قويىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ۋەھىي، ئۆزىنى ئىنكار قىلىشنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. « مۇشۇنداق بىر ئىنكار قىلىشنىڭ تەكتىدە قانداق ئامىللار ياتىدۇ؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: « شۈبھىسىزكى، ھېچقانداق دەلىل–پاكىتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ( قالايمىقان ) مۇنازىرە قىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشلا بار » ( 56 ). ھەددىنى بىلمەسلىكنىڭ، كىشىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە جاڭجاللىشىدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 4، 35، 69 ). ئاللاھ تەئالاغا بەندىچىلىك قىلىشتىن كىشىنى يىراق تۇتقان ئامىلنىڭ ھاكاۋۇرلۇق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، بەندىلەرنى دۇئاغا دەۋەت قىلماقتا:
وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
« رەببىڭلار ئېيتتى: «ماڭا (تىۋىنىپ) دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ماڭا بەندىچىلىك قىلىشتىن كىبىرلىنىپ باش تارتىدىغانلار خارلانغان ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» ( 60 ).
ئاللاھ تەئالانىڭ سۆز شەكلىدە ئەۋەتكەن ئايەتلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇ ياراتقان بۇ مېھمانخانىنى خالىغىنىچە ئىشلىتىپ يۈزسىزلىك قىلىۋاتقانلارغا ئاسمانلارنى ۋە يەرنى، كېچە ۋە كۈندۈزنى ئاللاھ تەئالانىڭ ياراتقانلىقى ئەسلىتىلىدۇ ( 57، 61 ). بۇ ئارقىلىق خۇددى: « ئەگەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىساڭلار، ئۇ ياراتقان جايدا تۇرماڭلار، قولۇڭلاردىن كەلسە ئۆزەڭلارغا بىر جاي يارىتىپ ئۇ يەرگە كېتىڭلار » دېيىلمەكتە. بۇ نۇقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە تىلغا ئېلىنىدۇ : « (ئىنسانى تەپەككۇر بويىچە ئېيتقاندا) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاپىرىدە قىلىش ئەلۋەتتە ئىنسان (جىنسى) نى ئاپىرىدە قىلىشتىن كۆپ قىيىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ » ( 57 ).
سۈرىدە، ئىلاھىي ۋەھىينى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلغۇچىلارنىڭ زېھىن جەھەتتىن قانداق ۋەيرانچىلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 63 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرى، ئازابنى كۆرگەندىن كېيىن ئىمان ئېيتىشنىڭ كىشىگە ھېچقانداق بىر پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئىماننىڭ ھەر خىل بېسىمدىن خالىي ھالدا ھۆر ئىرادە بىلەن قوبۇل قىلىنغان تاللاش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ:
فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آَمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ (84) فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ (85)
ئۇلار بىزنىڭ جازايىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز يەككە-يىگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرۈپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى (84). بىزنىڭ جازايىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئاندىن ئېيتقان ئىمانىنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزبەندىلىرى ئارىسىدا بۇرۇندىن تۇتۇپ كەلگەن يولى-سۈننىتىدۇر. بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقان بولىدۇ (85).
مانا بۇ سۈننەتۇللاھ-ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر، پىرئەۋنلەشكەن ھەر ئەقىل ئاقىۋەتتە ئىگىسىنى زىيانغا باشلاپ بارىدۇ.