بۇ سۈرە سۈرىنىڭ بېشىدا ئورۇن ئالغان خانىم - قىزلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بايان قىلغان ئايەتلەرگە ئاساسەن « ئاياللار » مەنىسىدىكى « نىسا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. ئاياللارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر جەمىئىيەتتە، خانىم - قىزلارنىڭ ھەق - ھوقوقى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختالغان بىر سۈرىنىڭ بولۇشى قۇرئان ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلاردىن بىرسىدۇر.
ئاللاھ خانىم – قىزلارغا ئالاھىدە بىر سۈرە ئايرىغان،بۇ ئارقىلىق قۇرئان ئاساس قىلغان پرىنسىپنىڭ ئەركەكلىك ياكى ئاياللىق ئەمەس، بەلكى « ئادىمىيلىك » ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق مەنپەئەتنىڭ ھەر دائىم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، ھاياتنىڭ بۇ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈستىدە بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، جىنسىيەت پەرقىنىڭ ئايرىمچىلىققا سەۋەب بولماسلىقىنى، ئۇنىڭ فىترى بىر ۋەزىپە تەقسىماتى ئىكەنلىكىنى دارىتىپ ئۆتمەكتە.
سۈرە بىر پۈتۈن گەۋدە ھالىتىدە تۆۋەندىكىدەك بەش ئاساسلىق ئامانەتنى قوغداشقا تەشەببۇس قىلىدۇ:
1. جان
2. ئەقىل
3. دىن
4. نەسىل -ئەۋلاد
5. مال - مۈلۈك
يىغىنچاقلىغاندا، نىسا سۈرىسى ھەر پۇرسەتتە ئەخلاق ۋە ئەقىدە ئارىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتكە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ. بىراۋنىڭ ھەققىنى يېيىشنىڭ رەزىل قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇھەببەتنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سۈرە مىراسقا مۇناسىۋەتلىك ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
سوئال: قۇرئاننىڭ مىراس ھەققىدە بۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن توختىلىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟
ئەلجاۋاب: ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىنسانغا تاپشۇرۇلغان ئىلاھىي ئامانەت بولغان مالنى ئامانەتچىسىز قويماسلىق. چۈنكى ئىگىسى بولمىغان بىر ئامانەت، خىيانەتكە يول ئاچىدۇ.