ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە 71 - 73 - ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان توپ-توپ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «زۇمەر» كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدىكى بەزى رىۋايەتلەرنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىغۇدەك ئاساسى يوق.
« ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرىدۇر » ( 10 ) ئىپادىسى ھىجرەتنى ئىما قىلماقتا. سۈرىنىڭ ئۇزۇن ئايەتلەردىن تەشكىل قىلىنىش ئۇسلۇبى، ئۇنىڭ ھەبەش ھىجرىتىدىن بەكرەك مەدىنە ھىجرىتىنى كۆرسەتمەكتە. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە سەبەئ - مۇئمىن سۈرىلىرى ئارىسىغا تىزىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىنىڭ قۇرەيش بايقۇتىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۈرىنى نۇبۇۋۋەتنىڭ 11 - يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىغا تىزىشقا بولىدۇ.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسى تۈۋرىكى بولغان تەۋھىد بولۇپ، تەۋھىد ۋە شېرىك ھەققىدە توختالغان.
سۈرە ۋەھىينىڭ مەنبەسى تەكىتلەنگەن ھالدا باشلانغان. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمان بىلەن كۇپرى، تەۋھىد بىلەن شېرىكنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دېگەن سوئالغا بۇ سۈرە جاۋاب بەرمەكتە. بۇ جاۋابنى بەرگەندە، پەلسەپىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تېمىلىرىدىن بىرى بولغان « ياخشى ۋە ياماننىڭ تەبىئىتى »گە قارىتا « ھېكمەت » مەركەزلىك بىر مۇلاھىزە ئۇسلۇبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى بالاغەت بىلەن تولغان ئايەت بۇ ھەقتە كەڭ دائىرىلىك مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ (5) خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ (6)
« ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى مەلۇم مەقسەتتە ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ۋە كۈندۈزنى كېچىنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ. ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (ئۆزى ئۇرۇنلاشتۇرغان قانۇنىيەتلەرگە) بويسۇنىدىغان قىلدى، ھەربىرى بەلگۈلەنگەن ۋاقىتقىچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈندۇر، ناھايىتى ئەپۇچاندۇر (5). ئاللاھ سىلەرنى بىر جانلىقتىن ياراتتى، ئاندىن جۈپتى (ھاۋا) نى[1] ئۇ جانلىقتىن مەيدانغا كەلتۈردى ۋە ھايۋاناتلاردىن ئەركەك-چىشى بولۇپ سەككىز [2] جۈپنى سىلەرگە بەخش ئەتتى. ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالا ھەمراھى، بالىياتقۇ ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقى پەقەت ئاللاھقا تەۋەدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ-تەڭرى يوقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ باشقا تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ (6).»
بالاغەت شاھ ئەسەرى بولغان بۇ ئايەتتە، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئېلېمېنتلىق يارىتىلىش جەريانىنىڭ ئەڭ ئۇلىغا، ھەم بىئولوگىيىلىك يارىتىلىشىنىڭ باشلانغۇچىغا ھەم ئانا قورسىقىدىكى تۆرەلمىلىك يارىتىلىش باسقۇچلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بايان قىلىنغان ( 6 ).
بىلىمنىڭ بىلىم ئەخلاقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك گۈزەل بىر ئاگاھلاندۇرۇش بۇ سۈرىدە كەلگەن: « بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بۇلامدۇ؟ » ( 9 ). ئۇنداقتا، نېمىنى بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر؟ ئايەتنىڭ ئالدىدا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بېرىلگەن: رەببىنى! بۇ مەنىدە « بىلىم » دېگەن نېمە سوئالغا، قۇرئان « ئەيمىنىش » دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. يەنى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلىشتۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق شەرت بولغان نەرسە « ئىخلاس »تۇر ( 11 ). يەنى، ئەقىدىنى ئاللاھ تەئالاغا خاس قىلغان،ئاللاھ تەئالانىڭ دىنىغا ھېچقانداق نەرسىنى ئىلاۋە قىلمىغان ھالدا پەقەت ئاللاھ تەئالاغىلا بەندىچىلىك قىلىشتۇر. مانا بۇ ئىخلاسنىڭ قۇرئاندىكى ئىزاھاتى. يەنى، ئىخلاس، قۇرئانغا كۆرە تەۋھىدىكى ئىخلاسنى كۆرسىتىدۇ.
تەۋھىد، « ئېتىقادى ساپ، سەمىمىي ۋە خالىس ھالدا بەندىچىلىكنى ئاللاھ تەئالاغا خاس قىلىش » شەكلىدە قايتا - قايتا تەكرارلانغان ( 2،3،11،14 ). « خۇدىنى يوقىتىپ قويۇش » ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ يوقىتىشىدۇر ( 15 ). سۈرىدە تەۋھىد بىناسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان شېرىك چۈشەنچىسى ئايرىم بىر تېما سۈپىتىدە بايان قىلىنغان ( 33،38،43-46،62-67 ). ھەر تۈرلۈك شېرىك « ئاللاھ تەئالانى يېتەرلىك » دەپ بىلمىگەن چۈشەنچىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. « ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ » دېگەن 36 - ئايەت مانا بۇ ئازغۇن چۈشەنچىنى رەت قىلىدۇ.
ئىنسانلىق تارىخى بويىچە ھەقىقەتكە تالىپ بولغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ سۈپىتى بولغان بىر ئەۋزەللىك بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان. يەنى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاڭلاش ۋە ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىش ( 18 ).
زۇمەر سۈرىسى ۋەھىينىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق بايان ئۇسلۇبى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۈرىدۇر. شۇڭا قۇرئاننىڭ زىت قۇتۇپلۇق ئۇسلۇبىغا ئۆرنەك بولغان ئايەت بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ
« ئاللاھ (ئايەتلىرى بىر – بىرىگە) ئوخشىشىپ كېتىدىغان (مەزمۇنلىرى) تەكرارلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل سۆز (يەنى قۇرئان) نى چۈشۈردى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغان كىشلەرنىڭ ۋۇجۇدى (قۇرئاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ) تىترەيدۇ، ئاندىن (مېھىر-شەپقەت بىشارەتلىرى بىلەن) ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدلىرى ۋە دىللىرى ئاللاھنى ئەسلەپ يۇمشايدۇ» ( 23 ).
« ئىلاھىي ۋەھىي نېمە ئۈچۈن سۆزنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدۇ؟ » سوئالىنىڭ جاۋابىنى بۇ سۈرىدە يەر ئالغان بىر ئايەتتىن بىلەلەيمىز:
وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَذَا الْقُرْآَنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
« شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسانلار ساۋاق ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق » ( 27 ).
سۈرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات تاپىدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن « (ئى مۇھەممەت!) سەن چوقۇم ۋاپات تاپىسەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ۋاپات تاپىدۇ » ( 30 ) ئايىتى، « بىر كۈن كېلىدۇ پەيغەمبەرلەرنىمۇ ۋە ئىنكار قىلغانلارنىمۇ ھېسابقا تارتىمىز » ئىماسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
قۇرئاننىڭ ھەم خۇشخەۋەر بېرىدىغان ھەم ئاگاھلاندۇرىدىغان ئايەتلىرى بار. بۇ ھەر ئىككى ئايەت گۇرۇپپىسى ئىنسانغا بىر رەھمەتتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. قۇرئاندا يەر ئالغان خۇشخەۋەر بەرگۈچى ئايەتلەرنىڭ بەلكىم بىرىنچىسى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
« نەتىجىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىپ قويغان يامان ئىشلىرىنى ياپىدۇ ۋە قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا ئەڭ ئېسىل مۇكاپات بېرىدۇ » ( 35 ).
ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىشى ھەققىدىكى بۇ خۇشخەۋەر تېخىمۇ ياخشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشغا يېتەرلىك سەۋەبتۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسان ئەمەللىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئۈستىدىن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى پەقەت « سېخى بولۇشى » بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ.
ئىنسان يۈرىكىنى تىترىتىدىغان ئۇ سوئال بۇ سۈرىدە يەر ئالماقتا: « ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ » يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئېيتىپ بېقىڭە، ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك بولمىسا، كىم يېتەرلىك بولىدۇ؟ نېمە يېتەرلىك بولىدۇ؟
ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسىغا ئەدەبنى تەۋسىيە قىلغان ئۇسلۇبى ھەممىمىزنىڭ قۇلىقىدا جاراڭلاپ تۇرىشى كېرەك:
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَى مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
ئېيتقىنكى، «ئى (ئىنكارچى) خەلقىم! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يارىشىدىغاننى قىلىڭلار، مەنمۇ ئۆزەمگە يارىشىدىغاننى قىلىمەن. سىلەر رەسۋا قىلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتكە كىمنىڭ دۇچار بولىدىغانلىقىنى، داۋاملىق بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ كىملەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر» ( 39 ).
ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتىمىز ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى ئۆلۈم ماددىي دۇنيا ئاخىرلىشىپ مەنىۋى دۇنيا باشلانغان بىر بوسۇغىدۇر. ئۇ بوسۇغا ھەققىدە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىقلا بىر نەرسە بىلەلەيمىز. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقتە توختالماقتا:
اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
« ئىنسانلار ۋاپات بولىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. قەبزىروھ بولمىغانلارنىڭ جانلىرىنى بولسا ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۇلاردىن (ئۇخلاۋاتقاندا) ئەجىلى توشقانلارنىڭ جېنىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جېنىنى ئەجىلى توشقۇچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار » ( 42 ).
ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ئايەت ۋە بۇ يەرگىچە داۋام قىلغان ئايەتلەر مۇشرىكلارنىڭ شاپائەت چۈشەنچىسىنى يېمىرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. قۇرئاندىكى پۈتۈن شاپائەت ئايەتلىرى، زۇمەر سۈرىسى 44 - ئايەت ئاساسىدا چۈشىنىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھ تەئالاغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر بىراۋ ئۆزىدىكى شاپائەت چۈشەنچىسىنى بۇ ئايەت ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈشى لازىم:
قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
« ئېيتقىنكى، شاپائەت[3] پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر. ئاخىرى سىلەر (ھەممىڭلار) ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( 44 ).
سۈرىنىڭ 53 - ئايىتىمۇ قۇرئاننىڭ خۇشخەۋەر بەرگۈچى ئايەتلىرىدىن بىرى:
قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
« (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، (ئاللاھ مۇنداق دېدى): «(ئىي گۇناھلارنى قىلىۋېرىش ئارقىلىق ھاياتىنى) ئىسراپ قىلغان بەندىلىرىم! سىلەر ئاللاھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ئۈمىدىڭلارنى ئۈزمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن(خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى رەھىمدىلدۇر » ( 53 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى جەننەتكە لايىق بولغان مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشى ۋە جەننەتتە قىزغىن قارشى ئېلىنىشى تەسۋىرلەنگەن جەننەت پۇراقلىق ئايەتلەر ئىنسان روھىغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ:
وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا حَتَّى إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ (73) وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي صَدَقَنَا وَعْدَهُ وَأَوْرَثَنَا الْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ الْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَاءُ فَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ (74)
رەببىگە قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولغانلار جەننەتكە توپ-توپ ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ. ئاخىر ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە، جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەننەتنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇلارغا: «ئامان-ئېسەنلىك سىلەرگە يار بولسۇن! خۇش كەپسىلەر، جەننەتكە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئۈچۈن كىرىڭلار» دەيدۇ (73). ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ) ئېيتىدۇ: بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلىلەشتۈرگەن، بىزنى ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرالايدىغان بۇ جەننەت يۇرتىغا ۋارىس قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن! (ياخشى ئىش–ھەرىكەتتە) بولغانلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدىگەن ياخشى!» (74).
[1] . ھاۋا ئانا ئادەم ئاتا بىلەن ئوخشاش ھۈجەيرە بولغان جانلىقتىن يارىتىلغان بولسىمۇ ئوخشىمىغان زاماندا يارىتىلغان.شۇڭلاشقا ھەر ئىككىسى ئوخشىمىغان گېنتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، «قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن يارىتىلغان» دېگەن ئەپسانە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈنلۈك ئىچىدىكى مەزمۇنىغا خىلاپ.
[2] . تۆگە،كالا،قوي،ئۆچكىدىن ئىبارەت ئەركەك - چىشىدىن بولۇپ جەمئىي سەككىز خىل ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ھايۋاناتلار.
[3] . قۇرئان كەرىمدىكى شاپائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارچە ئايەتلەر بۇ ئايەتنىڭ روھى بويىچە مۇلاھىزە قىلىنغاندا ئاللاھ رۇخسەت قىلمىسا ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش كۈچىنىڭ يوقلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.