سۈرە ساففات
سۈرە ساففات 1-ئايەت
وَالصَّافَّاتِ صَفًّا
(ھەق يولىدا) سەپ-سەپ تىزىلغۇچىلار، (يامانلىقنى) توسىغۇچىلار، (قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1)-(3).
سۈرە ساففات 2-ئايەت
فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا
(ھەق يولىدا) سەپ-سەپ تىزىلغۇچىلار، (يامانلىقنى) توسىغۇچىلار، (قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1)-(3).
سۈرە ساففات 3-ئايەت
فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا
(ھەق يولىدا) سەپ-سەپ تىزىلغۇچىلار، (يامانلىقنى) توسىغۇچىلار، (قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (1)-(3).
سۈرە ساففات 4-ئايەت
إِنَّ إِلَهَكُمْ لَوَاحِدٌ
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ھەقىقەتەن يىگانە ئىلاھتۇر (4).
سۈرە ساففات 5-ئايەت
رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ
( ئۇ ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنىڭ رەببى ۋە قوياش چىقىدىغان جايلارنىڭ [1]رەببىدۇر (5).
سۈرە ساففات 6-ئايەت
إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ
بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلارنىڭ كۆركەملىكى بىلەن بېزىدۇق (6).
سۈرە ساففات 7-ئايەت
وَحِفْظًا مِّن كُلِّ شَيْطَانٍ مَّارِدٍ
ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق (7).
سۈرە ساففات 8-ئايەت
لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَأِ الْأَعْلَى وَيُقْذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٍ
ئۇلار(ھەرقانچە قىلىپمۇ) ئاسماندىكى (پەرىشتىلەرنىڭ) سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەرتەرەپتىن(ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن(ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازاپ-ئوقۇبەت بار (8)-(9).
سۈرە ساففات 9-ئايەت
دُحُورًا وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ
ئۇلار(ھەرقانچە قىلىپمۇ) ئاسماندىكى (پەرىشتىلەرنىڭ) سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار ھەرتەرەپتىن(ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن) ئېتىلىپ قوغلىنىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن(ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازاپ-ئوقۇبەت بار (8)-(9).
سۈرە ساففات 10-ئايەت
إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
لېكىن كىمكى ئاسماندىكى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىسا، ئۇنى كۆيدۈرگۈچ ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ (10).
سۈرە ساففات 11-ئايەت
فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَا إِنَّا خَلَقْنَاهُم مِّن طِينٍ لَّازِبٍ
(ئى مۇھەممەت! سەن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار) دىن: « سىلەرنى يارىتىش قىيىنمۇ ياكى باشقا مەخلۇقاتلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ » دەپ سورىغىن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ئاپىرىدە قىلدۇق (11).
سۈرە ساففات 12-ئايەت
بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ
بەلكىم سەن (ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ھەيران قالغانسەن. ئۇلار بولسا مەسخىرە قىلىشىدۇ (12).
سۈرە ساففات 13-ئايەت
وَإِذَا ذُكِّرُوا لَا يَذْكُرُونَ
ئۇلارغا خاتىرلىتىلسە، خاتىرلىگىلى ئۇنىمايدۇ (13).
سۈرە ساففات 14-ئايەت
وَإِذَا رَأَوْا آيَةً يَسْتَسْخِرُونَ
دەلىل-پاكىتنى كۆرسە مازاق قىلىشىدۇ (14).
سۈرە ساففات 15-ئايەت
وَقَالُوا إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
ئۇلار: « بۇ ئوپ - ئۇچۇق سېھىرلىك (گەپ - سۆز) دىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دېيىشتى (15)-(17).
سۈرە ساففات 16-ئايەت
أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَئِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
ئۇلار: « بۇ ئوپ - ئۇچۇق سېھىرلىك (گەپ - سۆز) دىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دېيىشتى (15)-(17).
سۈرە ساففات 17-ئايەت
أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
ئۇلار: « بۇ ئوپ - ئۇچۇق سېھىرلىك (گەپ - سۆز) دىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دېيىشتى (15)-(17).
سۈرە ساففات 18-ئايەت
قُلْ نَعَمْ وَأَنتُمْ دَاخِرُونَ
ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر» (18).
سۈرە ساففات 19-ئايەت
فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنظُرُونَ
(ئۇ تىرىلىش) بىرلا قاتتىق ئاۋاز (يەنى سۇر ئاۋازى) ئارقىلىق ئۇشتۇمتۇت بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلار قاراپلا قالىدۇ (19).
سۈرە ساففات 20-ئايەت
وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَذَا يَوْمُ الدِّينِ
ئۇلار: «ۋاي ئىسسىت بىزگە! بۇ ھېساب كۈنىغۇ!؟» دېيىشىدۇ (20).
سۈرە ساففات 21-ئايەت
هَذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنتُم بِهِ تُكَذِّبُونَ
(ئۇلارغا) «بۇ سىلەر يالغانغا چىقىرىپ كەلگەن (ھەق بىلەن ناھەق) ئايرىلىدىغان كۈندۇر» (دېيىلىدۇ) (21).
سۈرە ساففات 22-ئايەت
احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ
(ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ): «زۇلۇم -ئۇۋال قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (زۇلۇمدا بىرسەپتە ماڭغان) ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىنى مەھشەرگاھقا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ يولىغا باشلاڭلار (22)-(23).
سۈرە ساففات 23-ئايەت
مِن دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَى صِرَاطِ الْجَحِيمِ
(ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ): «زۇلۇم-ئۇۋال قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (زۇلۇمدا بىرسەپتە ماڭغان) ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىنى مەھشەرگاھقا توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ يولىغا باشلاڭلار (22)-(23).
سۈرە ساففات 24-ئايەت
وَقِفُوهُمْ إِنَّهُم مَّسْئُولُونَ
ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن سۇئال - سوراققا تارتىلىدۇ (24).
سۈرە ساففات 25-ئايەت
مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ
(ئاندىن ئۇلارغا) : سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەرغۇ؟» (دېيىلىدۇ) (25).
سۈرە ساففات 26-ئايەت
بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ
ياق، ئۇلار ئۇ كۈندە (ئاللاھقا) ناھايىتى ئىتائەتمەن بولۇپ كېتىدۇ (26).
سۈرە ساففات 27-ئايەت
وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ (27).
سۈرە ساففات 28-ئايەت
قَالُوا إِنَّكُمْ كُنتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ
(ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە) : «سىلەر بىزگە ھەققانىيەتچى قىياپەتتە يېقىنلىشاتتىڭلار (ۋە بىزنى ئىماندىن تۇساتتىڭلار)» دەيدۇ (28).
سۈرە ساففات 29-ئايەت
قَالُوا بَل لَّمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
ئەگەشتۈرگۈچىلەر (ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدىڭلار (29).
سۈرە ساففات 30-ئايەت
وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ
بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى. ياق، سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان كىشىلەر توپى ئىدىڭلار (30).
سۈرە ساففات 31-ئايەت
فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا إِنَّا لَذَائِقُونَ
رەببىمىزنىڭ (ئازاب - ئوقۇبەت ھەققىدىكى) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز (ھەممىمىز قىلمىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) چوقۇم تېتىغۇدەكمىز (31)
سۈرە ساففات 32-ئايەت
فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ
. سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» (32).
سۈرە ساففات 33-ئايەت
فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
ئۇلار (نىڭ ھەممىسى ) ئۇ كۈندە ئازاب - ئوقۇبەتتە ئورتاقتۇر (33).
سۈرە ساففات 34-ئايەت
إِنَّا كَذَلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
بىز گۇناھقا پاتقۇچىلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز (34).
سۈرە ساففات 35-ئايەت
إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى (35).
سۈرە ساففات 36-ئايەت
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوا آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍ
ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر شائىرنى دەپ (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋىتەمدۇق؟» دەيتتى (36).
سۈرە ساففات 37-ئايەت
بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ
ياق، (مۇھەممەت ساراڭمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس) ئەكسىچە، ئۇ ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە (ئىلگىرىكى) پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى (37).
سۈرە ساففات 38-ئايەت
إِنَّكُمْ لَذَائِقُوا الْعَذَابِ الْأَلِيمِ
(ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتنى تېتىغۇچىسىلەر (38).
سۈرە ساففات 39-ئايەت
وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر (39).
سۈرە ساففات 40-ئايەت
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەنە شۇلار ھۆرمەتلەنگەن ھالدا مەلۇم رىزىق - تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ (40)-(42).
سۈرە ساففات 41-ئايەت
أُولَئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَّعْلُومٌ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەنە شۇلار ھۆرمەتلەنگەن ھالدا مەلۇم رىزىق - تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ (40)-(42).
سۈرە ساففات 42-ئايەت
فَوَاكِهُ وَهُم مُّكْرَمُونَ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەنە شۇلار ھۆرمەتلەنگەن ھالدا مەلۇم رىزىق - تۈرلۈك مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ (40)-(42).
سۈرە ساففات 43-ئايەت
فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
ئۇلار نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەردە، تەخىتلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ (43)-(44).
سۈرە ساففات 44-ئايەت
عَلَى سُرُرٍ مُّتَقَابِلِينَ
ئۇلار نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەردە، تەخىتلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ (43)-(44).
سۈرە ساففات 45-ئايەت
يُطَافُ عَلَيْهِم بِكَأْسٍ مِّن مَّعِينٍ
ئۇلارغا بۇلاقتىن (تولدۇرۇلۇپ) ئاپپاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ (45)-(46).
سۈرە ساففات 46-ئايەت
بَيْضَاءَ لَذَّةٍ لِّلشَّارِبِينَ
ئۇلارغا بۇلاقتىن (تولدۇرۇلۇپ) ئاپپاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ (45)-(46).
سۈرە ساففات 47-ئايەت
لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنزَفُونَ
ئۇنىڭدا ئەقىلنى بۇزىدىغان نەرسە يوق. ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ (47).
سۈرە ساففات 48-ئايەت
وَعِندَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ
يانلىرىدا باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى (ئەتىۋارلاپ) ساقلانغان تۇخۇمدەك، (نۇقسانسىز، پاك) كۆزلىرى چىرايلىق جۈپلەر بولىدۇ (48)-(49).
سۈرە ساففات 49-ئايەت
كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌ مَّكْنُونٌ
يانلىرىدا باشقىلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، خۇددى (ئەتىۋارلاپ) ساقلانغان تۇخۇمدەك، (نۇقسانسىز، پاك) كۆزلىرى چىرايلىق جۈپلەر بولىدۇ (48)-(49).
سۈرە ساففات 50-ئايەت
فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
ئۇلار(يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭلىشىدۇ (50).
سۈرە ساففات 51-ئايەت
قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٌ
ئۇلاردىن بىرى: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بولۇپ (51)،
سۈرە ساففات 52-ئايەت
يَقُولُ أَئِنَّكَ لَمِنَ الْمُصَدِّقِينَ
ئۇ(ماڭا) <سەن بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ (قىلمىشىمىز سەۋەپلىك) مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟> دەيتتى» دەيدۇ (52)-(53).
سۈرە ساففات 53-ئايەت
أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَئِنَّا لَمَدِينُونَ
ئۇ(ماڭا) <سەن بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ (قىلمىشىمىز سەۋەپلىك) مۇكاپات ياكى جازا بېرىلەمدۇ؟> دەيتتى» دەيدۇ (52)-(53).
سۈرە ساففات 54-ئايەت
قَالَ هَلْ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ
ئۇ (يەنە يېنىدىكىلەرگە:) «سىلەر ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپ بولۇشنى خالامسىلەر؟» دەيدۇ(54).
سۈرە ساففات 55-ئايەت
فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ
ئاندىن قاراپلا ئۇ (كاپىر يېقىنى) نى جەھەننەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ (55).
سۈرە ساففات 56-ئايەت
قَالَ تَاللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرْدِينِ
ئۇ مۆمىن ئېيتىدۇ : « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنى ( ئازدۇرۇپ ) تۈگەشتۈرگىلى تاس قاپتىكەنسەن (56).
سۈرە ساففات 57-ئايەت
وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
ناۋادا رەببىمنىڭ(غەمخورلۇق) نېمىتى بولمىغان بولسا، مەنمۇ ئۇ (جەھەننەمگە) ئېلىپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بولغان بولاتتىمكەن (57).
سۈرە ساففات 58-ئايەت
أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ
(ئى جەننەتداشلىرىم!) بىز دەسلەپ ئۆلگىنىمىزدىن باشقا (ئەمدى) ئۆلمەيمىز ۋە ئازاب - ئوقۇبەتكىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ (58)-(59).
سۈرە ساففات 59-ئايەت
إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَى وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
(ئى جەننەتداشلىرىم!) بىز دەسلەپ ئۆلگىنىمىزدىن باشقا (ئەمدى) ئۆلمەيمىز ۋە ئازاب - ئوقۇبەتكىمۇ دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ (58)-(59).
سۈرە ساففات 60-ئايەت
إِنَّ هَذَا لَهُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
بىز ئېرىشكەن بۇ نېمەت ھەقىقەتەن زور ئۇتۇقتۇر (60).
سۈرە ساففات 61-ئايەت
لِمِثْلِ هَذَا فَلْيَعْمَلِ الْعَامِلُونَ
ئەمەل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق زور ئۇتۇققا (ئېرىشىش) ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن» (61).
سۈرە ساففات 62-ئايەت
أَذَلِكَ خَيْرٌ نُّزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ
بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىش) ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ (62).
سۈرە ساففات 63-ئايەت
إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِّلظَّالِمِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ زەققۇم دەرىخىنى زالىملار-ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغۇچىلار ئۈچۈن(ئاخىرەتتە) ئازاب - ئوقۇبەت دەرىخى قىلدۇق (63).
سۈرە ساففات 64-ئايەت
إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِي أَصْلِ الْجَحِيمِ
ئۇ دەرەخ جەھەننەمنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۆسىدىغان بىر دەرەختۇر (64).
سۈرە ساففات 65-ئايەت
طَلْعُهَا كَأَنَّهُ رُءُوسُ الشَّيَاطِينِ
ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىدۇر (65).
سۈرە ساففات 66-ئايەت
فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
ئۇلار چوقۇم شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ (66).
سۈرە ساففات 67-ئايەت
ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِّنْ حَمِيمٍ
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە يىرىڭ ئارىلاش قايناق سۇنى ئىچىدۇ (67).
سۈرە ساففات 68-ئايەت
ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى الْجَحِيمِ
ناھايەت ئۇلار قايتىدىغان جاي چوقۇم دوزاخ بولىدۇ (68).
سۈرە ساففات 69-ئايەت
إِنَّهُمْ أَلْفَوْا آبَاءَهُمْ ضَالِّينَ
چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن يۈگرەشتى[2] (69)-(70).
سۈرە ساففات 70-ئايەت
فَهُمْ عَلَى آثَارِهِمْ يُهْرَعُونَ
چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن يۈگرەشتى[3] (69)-(70).
سۈرە ساففات 71-ئايەت
وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ
(ئۇلاردىن) بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازغان ئىدى (71).
سۈرە ساففات 72-ئايەت
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ
بىز ئۇلارغا راستتىنلا ئاگاھلاندۇرغۇچى(يەنى ئەلچىلەر) نى ئەۋەتكەن ئىدۇق (72).
سۈرە ساففات 73-ئايەت
فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنذَرِينَ
ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن (73).
سۈرە ساففات 74-ئايەت
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇ (ئازاب-ئوقۇبەت) نىڭ سىرتىدا (74).
سۈرە ساففات 75-ئايەت
وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
نوھ ھەقىقەتەن بىزگە زارلىنىپ يالۋۇرغان ئىدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدۇق). بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچى! (75).
سۈرە ساففات 76-ئايەت
وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ (ئىمانلىق) تەۋەلىرىنى (تۇپاندىن ئىبارەت) چوڭ بالا-قازادىن قۇتقۇزۇپ (76)،
سۈرە ساففات 77-ئايەت
وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ
ئۇنىڭ ( ئىمانلىق ) نەسلىنىلا ساقلاپ قالدۇق (77).
سۈرە ساففات 78-ئايەت
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق (78).
سۈرە ساففات 79-ئايەت
سَلَامٌ عَلَى نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
پۈتۈن ئالەمدە نوھقا سالام بولسۇن! (79).
سۈرە ساففات 80-ئايەت
إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
ھەقىقەتەن بىز (ئىشىنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز (80).
سۈرە ساففات 81-ئايەت
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىمانلىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى (81).
سۈرە ساففات 82-ئايەت
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
ئاندىن بىز قالغانلار (يەنى كاپىر بولغانلار) نى غەرق قىلدۇق (82).
سۈرە ساففات 83-ئايەت
وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ
ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نوھنىڭ دىنىغا تەۋە بولغان كىشىلەردىن ئىدى (83).
سۈرە ساففات 84-ئايەت
إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
چۈنكى ئىبراھىم رەببىگە ساغلام قەلب بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى (84).
سۈرە ساففات 85-ئايەت
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ
ئەينى چاغدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە خەلقىگە: «سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ (85).
سۈرە ساففات 86-ئايەت
أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئويدۇرما ئىلاھلارنى خالامسىلەر؟ (86).
سۈرە ساففات 87-ئايەت
فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
ئالەملەرنىڭ رەببىنى نېمە ساناپ قالدىڭلار؟» دېگەن ئىدى (87).
سۈرە ساففات 88-ئايەت
فَنَظَرَ نَظْرَةً فِي النُّجُومِ
ئۇ يۇلتۇلارغا نەزەر سېلىپ: «مەن راستتىنلا كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى (88)-(89).
سۈرە ساففات 89-ئايەت
فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ
ئۇ يۇلتۇلارغا نەزەر سېلىپ: «مەن راستتىنلا كېسەل بولۇپ قالدىم» دېدى (88)-(89).
سۈرە ساففات 90-ئايەت
فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى (90).
سۈرە ساففات 91-ئايەت
فَرَاغَ إِلَى آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «سىلەر (بىر نەرسە) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى (91)-(92).
سۈرە ساففات 92-ئايەت
مَا لَكُمْ لَا تَنطِقُونَ
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «سىلەر (بىر نەرسە) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى (91)-(92).
سۈرە ساففات 93-ئايەت
فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ
ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇلارنى چېقىشقا باشلىدى (93).
سۈرە ساففات 94-ئايەت
فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
بىر ھازادىن كېيىن خەلق ئالدىراپ-تېنەپ ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىشتى (94).
سۈرە ساففات 95-ئايەت
قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
ئىبراھىم: سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، ئۆزۈڭلار تاراشلاپ ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ دېۋىدى (95)-(96)،
سۈرە ساففات 96-ئايەت
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ
ئىبراھىم: سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، ئۆزۈڭلار تاراشلاپ ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ دېۋىدى (95)-(96)،
سۈرە ساففات 97-ئايەت
قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ
ئۇلار: « ئىبراھىم ئۈچۈن بىر ئىمارەت ياساپ، ئۇنى شۇ ئىمارەت ئىچىدىكى ئوتقا تاشلاڭلار» دېيىشتى (97).
سۈرە ساففات 98-ئايەت
فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماقچى بولۇشتى. بىز (ئبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتۇلدۇرۇپ) ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇق (98).
سۈرە ساففات 99-ئايەت
وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَى رَبِّي سَيَهْدِينِ
(ئىبراھىم): «مەن ھەقىقەتەن رەببىمگە (بەندىچىلىك قىلالايدىغان بىر جايغا) كېتىمەن. ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ (99).
سۈرە ساففات 100-ئايەت
رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ
رەببىم! ماڭا سالىھ-دۇرۇس كىشلەردىن بولىدىغان بىر پەرزەنت بەخىش ئەتكەيسەن» دەپ (دۇئا قىلدى) (100).
سۈرە ساففات 101-ئايەت
فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئىبراھىمغا ئېغىر-بېسىق مىجەزلىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق (101).
سۈرە ساففات 102-ئايەت
فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَى فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانظُرْ مَاذَا تَرَى قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ سَتَجِدُنِي إِن شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش-كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «جېنىم ئوغلۇم! مەن سېنى (قۇربانلىق ئۈچۈن) بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن. ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېۋىدى، ئۇ: «ئىي ئاتا! سەن نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ چىدامچانلار قاتارىدىن ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن» دېدى (102).
سۈرە ساففات 103-ئايەت
فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
(ھەر) ئىككىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: « ئىبراھىم ! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. راستتىنلا بۇ ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق (103)-(106).
سۈرە ساففات 104-ئايەت
وَنَادَيْنَاهُ أَن يَا إِبْرَاهِيمُ
(ھەر) ئىككىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: « ئىبراھىم ! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. راستتىنلا بۇ ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق (103)-(106).
سۈرە ساففات 105-ئايەت
قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
(ھەر) ئىككىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: « ئىبراھىم ! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. راستتىنلا بۇ ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق (103)-(106).
سۈرە ساففات 106-ئايەت
إِنَّ هَذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ
(ھەر) ئىككىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزغان ۋاقىتتا، بىز ئۇنىڭغا: « ئىبراھىم ! سەن ھېلىقى چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، بىز ھەقىقەتەن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. راستتىنلا بۇ ئوچۇق بىر سىناقتۇر» دەپ نىدا قىلدۇق (103)-(106).
سۈرە ساففات 107-ئايەت
وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
بىز ئوغلىغا بەدەل قىلىپ بۈيۈك بىر قۇربانلىق (يەنى قوچقارنى) بەخىش ئەتتۇق (107).
سۈرە ساففات 108-ئايەت
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ شان- شەرەپلىك نامىنى قالدۇردۇق (108).
سۈرە ساففات 109-ئايەت
سَلَامٌ عَلَى إِبْرَاهِيمَ
ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! (109).
سۈرە ساففات 110-ئايەت
كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز (110).
سۈرە ساففات 111-ئايەت
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ئۇ بىزنىڭ ئىمانلىق بەندىلىرىمىزدىن بىرى ئىدى (111).
سۈرە ساففات 112-ئايەت
وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِّنَ الصَّالِحِينَ
بىز ئۇنىڭغا دۇرۇس-سالىھلار ئىچىدىن پەيغەمبەر بولۇپ چىقىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق (112).
سۈرە ساففات 113-ئايەت
وَبَارَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَى إِسْحَاقَ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ مُبِينٌ
ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى ئىچىدىن ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، ئۆزىگە ئ‍ۆزى ئېنىق ئۇۋال قىلغۇچىلارمۇ بار (113).
سۈرە ساففات 114-ئايەت
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَى مُوسَى وَهَارُونَ
بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقىنى زور پالاكەتتىن قۇتقۇزدۇق (114)-(115).
سۈرە ساففات 115-ئايەت
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقىنى زور پالاكەتتىن قۇتقۇزدۇق (114)-(115).
سۈرە ساففات 116-ئايەت
وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىپ كەلدى (116).
سۈرە ساففات 117-ئايەت
وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
ئۇ ئىككىيلەنگە ( ھەقىقەتنى باتىلدىن ) ئايرىيدىغان رۇشەن كىتاپ (يەنى تەۋرات) نى بەردۇق (117).
سۈرە ساففات 118-ئايەت
وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
ئۇ ئىككىيلەننى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق (118).
سۈرە ساففات 119-ئايەت
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىك نامىنى قالدۇردۇق(119).
سۈرە ساففات 120-ئايەت
سَلَامٌ عَلَى مُوسَى وَهَارُونَ
مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن! (120).
سۈرە ساففات 121-ئايەت
إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز (121).
سۈرە ساففات 122-ئايەت
إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ئۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىمانلىق بەندىلىرىمىز قاتارىدىن ئىدى (122).
سۈرە ساففات 123-ئايەت
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن ئەلچىلەردىن بىرى ئىدى (123).
سۈرە ساففات 124-ئايەت
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
ئەينى چاغدا ئۇ خەلقىگە: « (ئاللاھقا قارىتا) تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولمامسىلەر؟ (124).
سۈرە ساففات 125-ئايەت
أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
سىلەر ئەڭ پۇختا ياراتقۇچى (ئاللاھ) نى قويۇپ بەئلىگە[4]چوقۇنامسىلەر ؟ (125).
سۈرە ساففات 126-ئايەت
اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
ئاللاھ ھەم سىلەرنىڭ ھەمدە بورۇنقى ئەجداتلىرىڭلارنىڭ رەببىدۇر» دېگەن ئىدى (126).
سۈرە ساففات 127-ئايەت
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
ئۇلار ئۇنى يالغانغا چىقىرىشتى، شۇڭا ئۇلار ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ (127).
سۈرە ساففات 128-ئايەت
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (128).
سۈرە ساففات 129-ئايەت
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭ شان-شەرەپلىك نامىنى قالدۇردۇق (129).
سۈرە ساففات 130-ئايەت
سَلَامٌ عَلَى إِلْ يَاسِينَ
ئىلياسقا سالام بولسۇن! (130).
سۈرە ساففات 131-ئايەت
إِنَّا كَذَلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى-ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز (131).
سۈرە ساففات 132-ئايەت
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ ئىمانلىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى (132).
سۈرە ساففات 133-ئايەت
وَإِنَّ لُوطًا لَّمِنَ الْمُرْسَلِينَ
لۇتمۇ ئەلچىلەردىن بىرى ئىدى (133).
سۈرە ساففات 134-ئايەت
إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
ئەينى چاغدا بىز لۇتنى ۋە تەۋەلىرىدىن ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالغان قېرى خوتۇنىدىن باشقا ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق (134)-(135).
سۈرە ساففات 135-ئايەت
إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
ئەينى چاغدا بىز لۇتنى ۋە تەۋەلىرىدىن ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالغان قېرى خوتۇنىدىن باشقا ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق (134)-(135).
سۈرە ساففات 136-ئايەت
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
ئۇنىڭدىن كىيىن، قالغان (كاپىرلار) نى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق (136).
سۈرە ساففات 137-ئايەت
وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِم مُّصْبِحِينَ
سىلەر ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. تېخىچە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (137)-(138).
سۈرە ساففات 138-ئايەت
وَبِاللَّيْلِ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
سىلەر ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. تېخىچە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (137)-(138).
سۈرە ساففات 139-ئايەت
وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
يۇنۇسمۇ ئەلۋەتتە ئەلچىلەردىن ئىدى (139).
سۈرە ساففات 140-ئايەت
إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
ئەينى چاغدا ئۇ قېچىپ، ئادەم بىلەن لىق تولغان بىر كېمىگە چىقىۋالدى (140).
سۈرە ساففات 141-ئايەت
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
يۇنۇس كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشقان ئىدى[5]. نەتىجىدە ئۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغان بولۇپ چىقتى (-دە ئاندىن دېڭىزغا تاشلىۋېتىلدى) (141).
سۈرە ساففات 142-ئايەت
فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
ئۇ ئۆزىنى ئەيبلەپ تۇرغاندا، ئۇنى يۇنۇس بېلىقى يۇتۇۋەتتى(142).
سۈرە ساففات 143-ئايەت
فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
ئەگەر ئۇ (ئاللاھنى ئۇدا ئۇلۇغلاپ) تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغۇچىلاردىن بولمىغان بولسا، تاكى قىيامەتكىچە يۇنۇس بېلىقىنىڭ قارنىدا قالغان بۇلاتتى (143)-(144).
سۈرە ساففات 144-ئايەت
لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ
ئەگەر ئۇ (ئاللاھنى ئۇدا ئۇلۇغلاپ) تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغۇچىلاردىن بولمىغان بولسا، تاكى قىيامەتكىچە يۇنۇس بېلىقىنىڭ قارنىدا قالغان بۇلاتتى (143)-(144).
سۈرە ساففات 145-ئايەت
فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
ئاخىرى بىز ئۇنى بىتاپ ھالىتىدە ( يۇنۇس بېلىقىنىڭ قارنىدىن ) قاقاس بىر ساھىلغا ئاتتۇق (145).
سۈرە ساففات 146-ئايەت
وَأَنبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِّن يَقْطِينٍ
ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرسۇن ئۈچۈن) بىر تۈپ قاپاق دەرىخى ئۆستۈرۈپ بەردۇق (146).
سۈرە ساففات 147-ئايەت
وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَى مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
ئۇنى بىز يۈزمىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك كىشىگە (يېڭىدىن) ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق (147).
سۈرە ساففات 148-ئايەت
فَآمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَى حِينٍ
ئۇلار (بۇ قېتىم ئۇنىڭغا) ئىمان ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە باياشاتلىق ئىچىدە ياشاتتۇق (148).
سۈرە ساففات 149-ئايەت
فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلاردىن ساڭا جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۆزلىرىگە مەنسۇپمۇ؟ (149).
سۈرە ساففات 150-ئايەت
أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ
ياكى بىز پەرىشتىلەرنى قىز ياراتقانلىقىمىزغا ئۇلار شاھىت بوپتىكەنمۇ؟ (150).
سۈرە ساففات 151-ئايەت
أَلَا إِنَّهُم مِّنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر (151)-(152).
سۈرە ساففات 152-ئايەت
وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر (151)-(152).
سۈرە ساففات 153-ئايەت
أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ (153).
سۈرە ساففات 154-ئايەت
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ (154).
سۈرە ساففات 155-ئايەت
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ (155).
سۈرە ساففات 156-ئايەت
أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُّبِينٌ
ياكى ( بۇنىڭغا ) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ (156).
سۈرە ساففات 157-ئايەت
فَأْتُوا بِكِتَابِكُمْ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، كىتابىڭلارنى[6] ئەكىلىپ بېقىڭلار (157).
سۈرە ساففات 158-ئايەت
وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلار ئوتتۇرىسىدا نەسەب رىشتىسى بار» لىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتى. ھالبۇكى ئۇلار جىنلارنىڭ سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلەتتى[7] (158).
سۈرە ساففات 159-ئايەت
سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىدىن ھالقىغاندۇر ۋە پاكتۇر (159).
سۈرە ساففات 160-ئايەت
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى (ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ) (160).
سۈرە ساففات 161-ئايەت
فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ
(ئى كۇپپارلار!) سىلەرمۇ، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلارمۇ جەھەننەمگە كىرىدىغان ئادەمدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرالمايدۇ (161)-(163).
سۈرە ساففات 162-ئايەت
مَا أَنتُمْ عَلَيْهِ بِفَاتِنِينَ
(ئى كۇپپارلار!) سىلەرمۇ، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلارمۇ جەھەننەمگە كىرىدىغان ئادەمدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرالمايدۇ (161)-(163).
سۈرە ساففات 163-ئايەت
إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ الْجَحِيمِ
(ئى كۇپپارلار!) سىلەرمۇ، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھلىرىڭلارمۇ جەھەننەمگە كىرىدىغان ئادەمدىن باشقا ھېچكىمنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرالمايدۇ (161)-(163).
سۈرە ساففات 164-ئايەت
وَمَا مِنَّا إِلَّا لَهُ مَقَامٌ مَّعْلُومٌ
(پەرىشتىلەر): «بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار (164).
سۈرە ساففات 165-ئايەت
وَإِنَّا لَنَحْنُ الصَّافُّونَ
بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز (165).
سۈرە ساففات 166-ئايەت
وَإِنَّا لَنَحْنُ الْمُسَبِّحُونَ
بىز ھەقىقەتەن ئاللاھنى ئەيب- نوقساندىن پاك ۋە ئۇلۇغ دەپ تەسبىھ ئېيتىپ تۇرغۇچىلارمىز (دەيدۇ) (166).
سۈرە ساففات 167-ئايەت
وَإِن كَانُوا لَيَقُولُونَ
ئۇ (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ناۋائۇ (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ناۋادا ئۆتمۈشتىكى (ئاتا-بوۋىلىرىمىز) دىن (قېپقالغان) بىر (ئىلاھى) كىتاب بىزدىمۇ بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىدىن بولاتتۇق دېيىشىدۇ (167)-(169).
سۈرە ساففات 168-ئايەت
لَوْ أَنَّ عِندَنَا ذِكْرًا مِّنَ الْأَوَّلِينَ
ئۇ (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ناۋادا ئۆتمۈشتىكى (ئاتا-بوۋىلىرىمىز) دىن (قېپقالغان) بىر (ئىلاھى) كىتاب بىزدىمۇ بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىدىن بولاتتۇق دېيىشىدۇ (167)-(169).
سۈرە ساففات 169-ئايەت
لَكُنَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
ئۇ (مۇشرىكلار) ھەمىشە: «ناۋادا ئۆتمۈشتىكى (ئاتا-بوۋىلىرىمىز) دىن (قېپقالغان) بىر (ئىلاھى) كىتاب بىزدىمۇ بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىدىن بولاتتۇق دېيىشىدۇ (167)-(169).
سۈرە ساففات 170-ئايەت
فَكَفَرُوا بِهِ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
بىراق (ۋەھىي يېتىپ كەلگەندە) ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ(170).
سۈرە ساففات 171-ئايەت
وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەيغەمبەر-ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بەندىلىرىمىزگە ئاللىبۇرۇن ئېيتقان سۆزىمىز بار (171).
سۈرە ساففات 172-ئايەت
إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنصُورُونَ
ئۇلار چوقۇم ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەردۇر (172).
سۈرە ساففات 173-ئايەت
وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ
غەلىبىگە ئېرىشكۈچىلەر چوقۇم بىزنىڭ قوشۇنىمىزدۇر (173).
سۈرە ساففات 174-ئايەت
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّى حِينٍ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇ (كۇپىرلار) بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن (174).
سۈرە ساففات 175-ئايەت
وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
سەن ئۇلارغا قاراپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ (175).
سۈرە ساففات 176-ئايەت
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
ئۇلار بىزنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتىمىزگە ئالدىراپ كېتىۋاتامدۇ؟ (176).
سۈرە ساففات 177-ئايەت
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنذَرِينَ
ئازاب-ئوقۇبەت ئۇلارنىڭ دىيارىغا چۈشكەن چاغدا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدىگەن يامان بولىدۇ! (177).
سۈرە ساففات 178-ئايەت
وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّى حِينٍ
ئۇلار بىلەن بىر مەزگىل كارىڭ بولمىسۇن (178).
سۈرە ساففات 179-ئايەت
وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
سەن ئۇلارغا قاراپ تۇرغىن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ (179).
سۈرە ساففات 180-ئايەت
سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
كۈچ - قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان (دەرىجىدە) ئۇلۇغدۇر (180).
سۈرە ساففات 181-ئايەت
وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ
ئۇ ئەلچىلەرگە سالام بولسۇن! (181).
سۈرە ساففات 182-ئايەت
وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
پۈتكۈل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (182).
Flag Counter