ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن( باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « ئى ئىنسان » ( ئىبن ئابباس ) مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ياسىن » بىلەن ئاتالغان.
بۇ سۈرە رىسالەتنىڭ 5 - ياكى 6 - يىلى نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن.
سۈرىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى- قايتىدىن تىرىلىش. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۈرىنى جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەۋسىيەسىنى بۇ مەركىزى ئىدىيە ئاساسىدا چۈشىنىش كېرەك ( ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبن ھىببان ).
سۈرە ئاساسى جەھەتتىن ئاخىرەت ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن « قۇرئاننىڭ يۈرىكى » دەپ ئاتالغان. چۈنكى ئاخىرەتكە ئىمان بولسا ئېتىقاد ئاساسلىرىنىڭ يۈرىكىدۇر. ھەر ئايەتكە بۇ يۈرەكتىن قان ماڭغانلىقى ئۈچۈن سۆز يەنە ئايلىنىپ ئاخىرەتكە كېلىپ توختايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرەتكە بولغان ئىمان توغرا بىر ئىماننىڭ ئاساسىي بولۇپلا قالماستىن، ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئىماننىڭ ئۇلىدۇر. « ئەگەر بىر ياراتقۇچى بولغان بولسا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان بۇنچە زۇلۇمغا يول قويمايتتى » دەيدىغان بىر ئەقىلدىكى ئەسلى خاتالىق، ئاللاھ تەئالاغا ئىشىنىشتە پەقەت ئىنسانىي ۋە دۇنياۋىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قاراش، ھېساپ كۈنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەرگە ئالماسلىقتىن كېلىپ چىقماقتا. مانا بۇ سۈرە يەككە دۇنيالىق چۈشەنچە بىلەن ھاياتقا نەزەر تاشلايدىغان ئەقىلگە بېرىلگەن ئىلاھىي جاۋابتۇر.
بىر مۇئامىلىنى ئەخلاقلىق قىلغان نەرسە ئۇنىڭ تېگىدە ياتقان مەسئۇلىيەت ئېڭىدۇر. مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ئارىسىدىكى پەرق ھەققانىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاخىرەتكە ئىمان ھەققانىيەتنىڭ تەجەللىسىگە ئىماندۇر. چۈنكى ئاخىرەت بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ھېسابى بېرىلىدىغان يەنە بىر ھاياتتۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھېساپ كۈنىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاستىدا ھاياتىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى ياتماقتا. مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھاياتنىڭ ھېسابىنى بەرگىلى بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىش ئارزۇسى « ئىنكار قىلىش » شەكلىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. لېكىن، « ئىنكار قىلىش » ھېساپ كۈنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ.
سۈرە رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان خىتاب بىلەن باشلانغان. خىتاب ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« ئى ئىنسان! » ( 1 ).
قۇرئاندا رەسۇلۇللاھقا « ئى نەبى! » ۋە « ئى رەسۇل »دىن باشقا بىۋاستە قىلىنغان بىردىنبىر خىتاب « ئى ئىنسان! » شەكلىدە بولۇپ، بۇ خىتاب « ئېيتقىنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن! » ئىلاھىي ئەمرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا « تاھا »مۇ بەزى ئەرەب شىۋىلىرىدە « ئى ئىنسان! » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. رەببىمىزنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت بولغان نەبىيگە « ئى ئىنسان! » دەپ خىتاب قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە « ئىنسان » بولۇشنىڭ ئۇلۇغلىقى، ناھايىتى بۈيۈك شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ۋەھىينىڭ بۇ خىتابى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىنسان بولۇشىنى يېتەرلىك كۆرمەيۋاتقانلارغا قارىتا ئىلاھىي ئازار ماھىيىتىگە ئىگە. بۇ خىل چۈشەنچىدىكى كىشىلەر قەدىر - قىممەتكە قانائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ئەتىۋارلىغان نەرسىگە، شەخسكە ھۆرمەت كۆزى بىلەن قارىمايدۇ. بۇ بىر بىنورماللىق بولۇپ، ئېزىش مانا بۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بىر ئىنسان بىر نەرسىنىڭ قىممىتىگە قانائەت قىلمىغان ۋاقىتتا كۆپتۈرۈش ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈش مەيدانغا كېلىدۇ. كۆپتۈرمىچىلىك ۋە مۇبالىغە ئاستا - ئاستا تۇمانغا ئايلىنىپ ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا باشلايدۇ ۋە ھەقىقەت كۆرۈنمەس ھالغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى ھېسسىيات ۋە كۆلەڭگۈ ئېلىشقا باشلايدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئىنكارچى ئەقىلنىڭ ئۇلىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن نەرسىگە رازى بولماسلىق ياتماقتا. ئاللاھ قويغان ئۆلچەمگە رازى بولمىغانلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ئۆلچەمنى ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە باشلايدۇ. ھەزرىتى ئەيساغا بولغان مۇھەببىتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ زەھەرلەپ قويغانلارنىڭ ئاقىۋىتى بۇنىڭ دەلىلى. ئۇلار پەقەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھەقىقىتىنى زەھەرلەپلا قالماستىن، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنىمۇ زەھەرلىدى ( ئۆزگەرتىۋەتتى ). ھالبۇكى، بىر نەبىگە ھەر قانداق دۈشمىنى بۇنچە چوڭ زىيان يەتكۈزەلمەيتتى.
تەببەت سۈرىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بىر سۈرە ئىدى. بۇ سۈرىنىڭ 7 - ئايىتى بۇنىڭغا ئوخشاش بىشارەتلەرنىڭ توغرا چىققانلىقىنى بىلدۈرىدىغان مەزمۇنغا ئىگە:
« ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ( گۇناھلىرى تۈپەيلى ئازاپ - ئوقۇبەت توغرىسىدىكى) سۆز تېگىشلىك بولدى، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ » (7 ).
تىرمىزىدا رەسۇلۇللاھقا نىسبەت قىلىنىپ نەقىل قىلىنغان ھەدىستىكى « جان ئۈزۈش ئالدىدىكى كىشىگە ياسىن سۈرىسىنى ئوقۇڭلار » سۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن باشلىنىدۇ:
إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَى وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآَثَارَهُمْ وَكُلَّ شَيْءٍ أحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ
« بىز چوقۇم ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن ( بارچە ياخشى - يامان ) ئىش - ئىزلىرىنى خاتىرلەپ قويىمىز. ھەر نەرسىنى ئېنىق بىر پۈتۈكتە تەپسىلىي ئارخىپلاپ قويدۇق » ( 12 ).
شەھەرنىڭ « كاتتىلىرىدىن » ياكى « يىراق جايىدىن » يۈگۈرگەن ھالدا كەلگەن كىشىلەر...
بۇ سۈرە مانا بۇ كىشىلەردىن بىرىسىنىڭ ئاللاھ تەئالانى قانداق قىلىپ رازى ۋە خۇرسەن قىلغانلىقى قىسسىسىنى بايان قىلىدۇ. بەزى ئالىملىرىمىز بۇ قىسسە قەھرىمانىنىڭ ئانتاكيالىق ( تۈركىيەدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى ) ياغاچچى ھەبىب بىننى ناججار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. سۈرىدە تونۇشتۇرۇلغان قەھرىمان « يىراقتىن كەلگەن دەۋەتچىلەر » بولۇپ، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەقىقەتنىڭ جاكارچىسى بولغان كىشىلەرنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئۆز قوۋمى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن قورقمىغان ۋە ھەقنى ھىمايە قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى بولۇپ ۋە بۇ سۈرىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۇ قەھرىمان ئۆز دەۋرىدىكى شۇ خىل كىشىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر ( يەنى، بۇ قەھرىماننى تارىخقا مەھكۇم قىلىپ قويغىلى بولمايدۇ ).
سۈرىدە ئازغۇن قوۋم بىلەن ئەلچىلەرنىڭ « قەدەر » چۈشەنچىسىدىكى زىتلىق تەكىتلەنگەن. ئازغۇن قوۋم ھەقىقەتكە چاقىرغان ھەق يولدىكى پىداكار كىشىلەرگە: « بىز سىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز»، دېيىشىدۇ ( 18 ). ھەق يولدىكى كىشىلەر « شۇملۇق ئەسلىدە سىلەردە » شەكلىدە جاۋاب بەرمەيدۇ. ئۇنداقتا، نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ « سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلارغا باغلىق » دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئايەتنى بىر پۈتۈن ھالدا ئوقۇيلى:
قَالُوا طَائِرُكُمْ مَعَكُمْ أَئِنْ ذُكِّرْتُمْ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
« ئەلچىلەر: « سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلارغا باغلىق، سىلەرگە ۋەز-نەسھەت قىلىنسا، ( ئۇنى قۇبۇل قىلماقتا يوق) ئەكسىچە ھەددىڭلاردىن ئېشىۋاتىسىلەر» دېدى ( 19 ).
شەھەرنىڭ « يىراق جايىدىن » ياكى « شەھەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن » يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشى: « ئى خەلقىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار » دېدى ( 20 ). شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن كەلگەن كىشىلەر ماڭغان ھالدا ئەمەس، « يۈگۈرگەن » ھالدا كېلىدۇ. چۈنكى، جەننەتكە ئالدىرىماي لاغايلاپ مېڭىپ كىرگىلى بولمايدۇ. ئىنسان جەننەتنى كۆرگەن ۋاقىتتا يۈگۈرۈشى كېرەك. كىشى جەننەتنى كۆرۈپ لاغايلاپ ماڭسا توغرا بولامدۇ؟ ئىنسان جەننەتنىڭ ھىدىنى ئالغان زامان يەنە ئالدىرىماي ماڭامدۇ؟ بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالغانلارغا، ئولتۇرغانلارغا، ياتقانلارغا نېمە دەيمىز؟ ئۇلارنىڭ بىر ئىزاھاتى بولىشى مۇمكىنمۇ؟ شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن جەسۇر كىشى يۈرىكىنى، ئەقلىنى ۋە ئاغزىنى ھەقىقەتنىڭ ماكانى ھالىغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرقى بېكىتىمۇ ھەقىقەتنىڭ ماكانى بولىدۇ، يەنى جەننەت:
قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ (26) بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ (27)
« (خەلقى ئۇنى نەخ مەيداندا ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:) «جەننەتكە كىرگىن!» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى، خەلقىم رەببىمنىڭ مېنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىپ،مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!؟ » دېدى ( 26 - 27 ).
ئەنفال سۈرىسىدە، بەدرى ئۇرۇشىنىڭ ئۇ ئېغىر ۋە قىيىن كۈنلىرىدە « سىلەرگە ئارقىمۇ - ئارقا ( چۈشىدىغان ) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن » ( 8:9 )دېگەن ئىلاھىي جاسارەتلەندۈرۈشى قانداق چۈشىنىلىشى كېرەك؟ مۇشۇنداق ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللار ئاللاھ تەئالانىڭ قانۇنىيەتلىرى دائىرىسى ئىچىدە ئىزاھلىنىشى كېرەك. ئۇ قانۇنىيەتلەرنى يەنە قۇرئاندىن تاپىمىز. بۇ دائىرىدە « ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان قەوۋمنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن بىر قوشۇن ئەۋەتىپ ھالاك قىلامدۇ؟ » سوئالىنىڭ جاۋابى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا:
وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَى قَوْمِهِ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ جُنْدٍ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنْزِلِينَ (28) إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ (29)
« ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ خەلقىنى (جازالاشقا) ئاسماندىن قوشۇن(يەنى پەرىشتە) چۈشۈرمىدۇق، (بۇرۇنمۇ باشقا خەلقلەر ئۈچۈن قۇشۇن[1] ) چۈشۈرمىگەن ئىدۇق (28). پەقەت قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئۇلار قېتىپ قالدى (29). »
ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر. يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ( 33 - 34 ). ئىنسانلار بەزى نەرسىلەر ھەققىدە تېخى ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ( 36 ). كېچە ۋە كۈندۈزنى بەلگىلىك بىر مەقسەت بىلەن ياراتقان ئاللاھتۇر. قۇياش ۋە ئاينى بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلدۇرغان ئاللاھ تۇر ( 37 - 40 ). ئىنسانلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالغۇچى ئۇ ( ئاللاھ )دۇر ( 41 ) ۋە ئىنسانلار يولدىن چىقىپ ئېزىپ كەتمىسۇن دەپ ئەلچىلەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇ ( ئاللاھ )دۇر (46 ). بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسى بولسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا مال - مۈلۈكىنى يوقسۇللار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشقا بۇيرىغان ( 47 ).
ئىنسان ھېساپ كۈنى ئامانەت بېرىلگەن ھەر نەرسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلماقتا.
سۈرىنىڭ نېمە ئۈچۈن سەكراتتا ياتقانلارغا ئوقۇپ بېرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنماقتا:
وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَى رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ (51) قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا هَذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ (52) إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ (53) فَالْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ (54) إِنَّ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ الْيَوْمَ فِي شُغُلٍ فَاكِهُونَ (55) هُمْ وَأَزْوَاجُهُمْ فِي ظِلَالٍ عَلَى الْأَرَائِكِ مُتَّكِئُونَ (56) لَهُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ وَلَهُمْ مَا يَدَّعُونَ (57) سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ (58) وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ (59) أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آَدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ (60) وَأَنِ اعْبُدُونِي هَذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ (61) وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنْكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ (62) هَذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ (63) اصْلَوْهَا الْيَوْمَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ (64) الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَى أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ (65)
سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ (51). ئۇلار: « ۋاي ئىست بىزگە ! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىز (يەنى قەبىر) دىن كىم تىرىلدۈرۈپ تۇرغۇزدى؟ رەھمان(ئاللاھ) ئاگاھلاندۇرغان (قىيامەت) مۇشۇ شۇ ئىكەن، (دېمەككى)پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان ئىكەن» دەيدۇ (52). پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ (53). ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، پەقەت قىلغان ئىش - ھەرىكىتىڭلارنىڭ جازا- ۋە مۇكاپاتىنى كۆرىسىلەر (54). شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەتتىكىلەر نېمەت ئىچىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ (55). ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى سايىلەردە تەخىتلەرگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ (56). ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە تۈرلۈك مېۋە - چىۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بار (57). مېھىر- شەپقەتلىك رەب تەرىپىدىن ئۇلارغا سالام دىيىلىدۇ (58). ( گۇناھكارلارغا ): « ئى گۇناھكارلار! سىلەر بۈگۈن بىر تەرەپكە ئايرىلىڭلار » ( دېيىلىدۇ ) (59). سىلەرگە : « ئى ئادەم بالىلىرى ! شەيتانغا بەندىچىلىك قىلمىغايسىلەر. ئۇ ھەقىقەت سىلەرگە ئوپ - ئۇچۇق دۈشمەندۇر. ماڭىلا بەندىچىلىك قىلىڭلار، توغرا يول بۇدۇر » دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ ؟(60)-(61). شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن تالاي نەسىللەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ ؟ (62). مانا بۇ سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كېلىنگەن جەھەننەمدۇر (63). سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ) تۇزكورلۇق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلى بۇنىڭغا كىرىڭلار (64). ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پىچەتلىۋېتىمىز. قوللىرى زۇۋانغا كېلىپ، پۇتلىرى ( دۇنيادىكى چېغىدا ) قىلغان - ئەتكەنلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ (65).
تاكامۇللىشىش مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان قانۇندۇر. بۇ قانۇن پەقەت مەۋجۇدىيەتنىڭ ماددىي تەرىپى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەنىۋىي تەرىپى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ئېلېمېنىتلار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇن، روھى بىلەن ئۇلاردىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندىكى ئالەمگە تەۋە بولغان ئىنساندا بىر مەنىۋىي ماھىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئاخىرەت مانا بۇ مەنىۋىي تەرەپنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىدۇ. جەننەت ئەسلىدە ئىنساننىڭ تاكامۇللىشىشىنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدۇر. ۋەھىي ھايات يولۇچىسىنى ھەر خىل ئېزىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلارغا، يەنى « قەلب جەھەتتىن ) تىرىك بولغانلارغا » ( 70 ) پايدا قىلىدۇ.
سۈرە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەزىمىتى ۋە قۇدرىتىنى بايان قىلغان بىر ئابزاس بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئىبن ئابباستىن بۇ سۈرىنىڭ پەزىلىتى سورالغاندا، « بۇنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئاخىرقى ئايىتى ئۈچۈن بولسا كېرەك » دېگەن:
فَسُبْحَانَ الَّذِي بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
« ھەرشەيئىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان ئاللاھ ھەرقانداق ئەيب - نوقساندىن پاكتۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ناھايەت سىلەر ( ھەممىڭلار ) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر » ( 83 ).