ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە ئاللاھ تەئالانىڭ ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشى بايان قىلىنغان بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « فاتىر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. فاتىر ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان سۈپەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇ « بىر ئۇرۇقنى بىخ ئۇرغۇزۇپ، شاكىلىنى يېرىپ چىقارغۇزۇچى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈپەت ئاللاھ تەئالا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە « بىر ئۇرۇقنى شاكىلىنى يېرىپ بىخ تارتقۇزۇپ چىقارغاندەك، مەۋجۇدىيەت ئۇرۇقىدىن يوقلۇق شاكىلىنى يېرىپ ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىدە ئاللاھ تەئالانىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىسى-فاتىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ « ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، يەنى پۈتۈن بىر كائىناتنى يوقلۇقتىن مەۋجۇت بولۇشقا، خۇددى بىر ئۇرۇقنىڭ ئىچىدىن بىخ تارتقۇزۇپ چىقارغاندەك ياراتقان ئۇلۇغ زات » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
سۈرە بۇخارى، تىرمىزى ۋە بەزى تەپسىرلەردە « مەلائىكە سۈرىسى » دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى، پەرىشتىلەر قۇرئاندا مۇشۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بېرىلگەن تەسۋىر بىلەن ياد قىلىنىدۇ:
« ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر» ( 1 ). قانات ماددىي دۇنيارىمىزدا قۇشلارغا خاس ئورگان بولۇپ، ۋەزىپىسى ئۆزى ئورۇنلاشقان گەۋدىنى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئەڭ تېز شەكىلدە بارىدىغان مەنزىلىگە يەتكۈزۈشتۇر. بۇنى « ئۇچۇش » دەپ ئاتايمىز. پەرىشتىلەرمۇ مەنىۋىي دۇنيانىڭ ماھىيىتىدە پەقەت ئاللاھ تەئالا بىلىدىغان مەنىۋىي قۇشلارغا ئوخشاش بىر مەخلۇقتۇر. كۆپ قاناتلىق بولىشى تېز ئۇچىدىغانلىقىنى ئىما قىلسا كېرەك. رەسۇلۇللاھ بىر ھەدىسىدە ئىسرا ۋەقەسىدە ئۆزى مۇلاقات بولغان جىبرىئىلنى 600 مىڭ قانىتى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. تۇنجى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىدە فۇرقان - مەريەم سۈرىسى ئارىسىغا تىزىلغان. بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا، سۈرە قۇرەيش ئېمبارگوسى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى دەۋەتنىڭ 6 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ مەككىدىكى تەرەپلەر ئۆز سېپىنى ئېنىق نامايەن قىلغان، سەپلەر ئايرىلغان، ۋەھىي ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارشى قىلىچلار بىلەيلىنىشكە باشلىغان بىر مەزگىل ئىدى. بۇ مەزگىلدە مەككىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بولغانىدى. ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارغا قارىتا رەھىمسىزلىك بىلەن قاتتىق زۇلۇم قىلىنماقتا، ھەر خىل قىيىن - قىستاق، ئەزىيەت راۋا كۆرۈلمەكتە ئىدى. سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان فاتىر بەلكىم مۇسۇلمانلارغا : « يوقلۇق قاراڭغۇلۇقىغا نۇرى بىلەن تەجەللى قىلىپ، مەۋجۇدىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاللاھ، مەككىدىكى كۇپرى قاراڭغۇلۇقىغا نۇرى بىلەن تەجەللى قىلىپ، ئىمان قۇياشىنى چىقارماسمۇ؟ » دەپ مۆمىنلەرگە ئۈمىد بېغىشلاپ تەسەللىي بەرگەن بولسا كېرەك.
فاتىر سۈرىسى قۇرئاندا « ئەلھەمد-مەدھىيە » بىلەن باشلانغان فاتىھە، ئەنئام، كەھف ۋە سەبە قاتارلىق بەش سۈرىنىڭ بىرىسى.
سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ كۆرۈنۈشتىكى رەڭگا - رەڭلىكى، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولماسلىقىغا قارىماي، ئۇلار ئارىسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زىچ مۇناسىۋەت ۋە ماسلىشىشنى ئاساسىي تېما قىلغان.
سۈرە كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرى بىلەن يارىتىلىش تىلغا ئېلىنغان ھالدا باشلانغان:
« ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن! » ( 1 ).
سۈرە بۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونىماستىن ئۆز مەيلىچە ياشاۋاتقان ئىنسانغا مەسئۇلىيىتىنى ئەسلىتىدۇ ( 2 - 7 ). بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بىر ئايەت ھەممىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بىر ياكى بىر قانچە قېتىم شاھىت بولغان بىر سۈننەتۇللاھنى بايان قىلىدۇ:
مَا يَفْتَحِ اللَّهُ لِلنَّاسِ مِنْ رَحْمَةٍ فَلَا مُمْسِكَ لَهَا وَمَا يُمْسِكْ فَلَا مُرْسِلَ لَهُ مِنْ بَعْدِهِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
« ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاچىدىغان مېھىر - شەپقەت(ئىشىكى)نى ھېچكىم تاقىيالمايدۇ، ئۇنىڭ تاقىۋەتكىنىنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ. ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈن ۋە (ھەممىنىڭ) ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى زات» ( 2 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىنلا « ئاللاھتىن باشقا، سىلەرنى ئاسماندىن ۋە زېمىندىن ئۇدا رىزىقلاندۇرۇپ - ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بىرەر ياراتقۇچى بارمۇ؟» ( 3 ) دەپ سورايدۇ. بۇ سۇئال دەماللىققا ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، ئىنسان ئىستىمال قىلىۋاتقان غىزالارنىڭ مۆجىزىۋى يارىتىلىشى ھەققىدە بىر ئاز تەپەككۇر قىلغان ۋاقىتتا، بۇ سۇئال ئالدىدا كىشى تىترەشكە باشلايدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتلەرنىڭ مەقسىتى، ئىنسانغا مۇشۇنداق سېخىيلىق قىلىۋاتقان رەببىگە قانداق قىلىپ تۇزكورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئىنساننى ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ۋاقتىدا مەككىدە زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان رەسۇلۇللاھنىڭ قەلب دۇنياسىدا بىر كۆزنەك ئېچىلىپ، خۇددى « بۇنچە نېمەت بەرگەن ئاللاھ تەئالانى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ھەيران قالمىغىن، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغىمۇ بۇلار كەلگەن » دەپ تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى:
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
« (ئى مۇھەممەت!) ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا، سەندىن ئىلگىرىكى رەسۇللارمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى. (ئاخىرىدا) ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ » ( 4 ).
قۇرئاننىڭ ئۆزگىچە ئىپادە شەكىللىرىدىن بىرىسى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان. يەنى، « ئاللاھنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ ئالداش! » ( 5 ). ئالداشنىڭ مىڭ تۈرلۈك يولى، ئۇسۇلى بار. لېكىن، ئاللاھ نامىدىن ئالداش ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ رەزىل شەكلى بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ساختىپەزلىكىگە ئاللاھ تەئالانى ۋاسىتە قىلماقچى بولغان ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسمىنى سۈيئىستىمال قىلىشتىنمۇ قورقمايدىغان بىرىدۇر.
رىياخور دىندارلىقتىن تارتىپ ساختا ئىمانغا، ئىبادەتلەردىكى رىيادىن تارتىپ شەكىلۋاز دىندارلىققىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى ئالداش شەكلىنى رەببىمىز مۇنداق پاش قىلغان: « ئالدامچىمۇ سىلەرنى ئاللاھ(نىڭ نامىنى سۇيىئىستىمال قىلىش) بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن » ( 5 ).
سۈرىدىكى قىيامەت ۋە ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپىنچىمىزنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ: « (ئى ئىنسان! ھەقىقەتنى) ھېچكىم ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھقا ئوخشاش ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ » ( 14 ). شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قىيامەت ۋە ئاخىرەت ھەققىدە ئاللاھ تەئالادىن باشقا مەلۇمات بەرگۈچى بارمۇ؟
مەۋجۇدىيەت ئىچىدە ئۆزىگە ئۆزى يېتەرلىك،ھەممىدىن بىھاجەت بولغان يىگانە زات ئاللاھتۇر. ئىنساندىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقات ئاللاھ تەئالاغا مۇھتاج. بۇ ئەزەلى ۋە ئەبەدى ھەقىقەتنى قۇرئان تىلىدىن ئاڭلاش كىشىگە باشقىچە بىر تۇيغۇ بېرىدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
« ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت ۋە مەدھىيىگە سازاۋەردۇر » ( 15 ).
يۇقىرىدىكى بۇ ئايەتتىن بەلكىم كىشىنىڭ ئەقلىگە مۇنداق بىر سۇئال كېلىشى مۇمكىن: « بۇ ھەقىقەتكە قارىغاندا، ئاللاھ تەئالا ئۈچۈن ئىنسان ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر مەخلۇقمۇ؟ ». ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. « ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، ئورنىڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ » ( 16 ).
خالىسا...
خالامدۇ؟
ئۆتمۈشتە ئىنسانلار ئىچىدىكى بەزى قوۋملار ئۈچۈن خالىغان ۋە ھالاك قىلىۋەتكەن.بۇ دۇنيارىمىز ئەبەدىي بولۇشنى داۋا قىلغان سانسىزلىغان خاندانلىق، دۆلەت ۋە ئىمپېرىيەنى كۆردى. ھەممىسىنىڭ جايىدا بۈگۈن شاماللار ئەگىپ ئۆتمەكتە. ئىنسان ئاللاھ تەئالانىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسا، بەلكىم بىر كۈنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا باشقىلارنى دەسسىتىشى،يارىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت بۇ ھەقىقەتنى ئەسكەرتمەكتە.
سۈرە مەركىزى ئىدىيىسىگە ماس ھالدا ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى ئېڭىغا ھاياتنىڭ رەڭدار، ھەر تۈرلۈك ۋە قوشماق قۇتۇپلۇق قانۇنىيىتىنى كەشتە قىلىپ ئىشلىمەكتە. ئىمان ۋە كۇپرى دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆزەڭلارنى بۇنچە ئاۋارە قىلىشىڭلار ئاللاھ تەئالانىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ: « سەن ئۇلار(نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقكى) ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرىۋالمىغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ » ( 8 ). يەنى، كۇپرىنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇدلىقى ئاللاھ تەئالانىڭ ئىلمى دائىرىسىدە، لېكىن رازىلىقى دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تەئالانىڭ بىر مۇئامىلىگە رۇخسەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا رازى بولىشى ئوخشاش نەرسە ئەمەس. ئىنسانغا ئىرادە ۋە ئەقىل بەرگەنلىكى ياخشى ۋە ياماننى ئايرىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدۇر. ياخشى ۋە يامان، چىرايلىق ۋە سەت ئارىسىدىكى پەرق بۇ ئاساستا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇڭا ھەركىم نېمىنى خالىسا ئۇنىڭ كويىدا بولىشى كېرەك. شەرەپ ۋە ئېتىبارنىڭ ھەقىقى بولغىنىغا تالىپ بولغۇچى بۇلارنىڭ ئىلاھىي مەنبەسى بولغان ئاللاھ تەئالاغا يۈزلىنىشى كېرەك:
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْعِزَّةَ فَلِلَّهِ الْعِزَّةُ جَمِيعًا
« كىمكى شان-شەرەپ ئىزدەيدىكەن، (بىلسۇنكى) شان - شەرەپنىڭ ھەممىسى (پۈتۈنلەي) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدە (يەنى ئۇنى پەقەت ئاللاھتىن تىلىسۇن) » ( 10 ).
ئايەتنىڭ داۋامى « سۆز -ھەرىكەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا ئىلاھىي قانۇنىيەت نېمە؟ » دېگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
إِلَيْهِ يَصْعَدُ الْكَلِمُ الطَّيِّبُ وَالْعَمَلُ الصَّالِحُ يَرْفَعُهُ
« )، ئۇنىڭغا پەقەت چىرايلىق سۆزلا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئىش - ھەرىكەت ئۇ سۆزنى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) كۆتۈرىدۇ » ( 10 ).
سۈرە، يارىتىلىشتىكى رەڭدارلىق ئىچىدىكى ماسلىشىش قانۇنىغا دېڭىزنى ( 12 )، كېچە ۋە كۈندۈزنى ( 13 )، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مېتاللار ( مېنېرال ئېلېمېنىتلار )نى ( 27 )، ھايۋانلارنى ( 28 ) مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
سۈرىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ ئايەتلەر رەببىمىزنىڭ يارىتىشتىكى ۋە ئىنسانلاردىكى ئوخشىماسلىقلارغا قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ قارىشىمىز كېرەكلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۆگەتمەكتە:
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
« ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس: بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك ۋە ئىچىشلىك؛ ئۇنىڭ سۈيى بولسا ئاچچىق ۋە تۇزلۇق. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن (دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت) يېڭى - تازا گۆشلەرنى يەيسىلەر، تاقايدىغان (ئۈنچە - مارجان) مۇجەۋھەرلەرنى چىقىرىسىلەر. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىن نېسىۋەڭلارنى ئىزدىشىڭلار ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ باغرىدا كېمىلەرنىڭ دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن » ( 12 ).
بۇ قانۇنىيەتنىڭ تەقەززاسى سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭمۇ ھەقىقەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت، بىلىم ۋە چۈشەنچە نۇقتىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 18 -22؛ 28؛ 32 ).
بەندىلەر ئىچىدە بەزىلىرى ئاللاھ تەئالانىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بايقاپ،بىلىپ ئۇنىڭغا قارىتا ئەمەل قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى تۆۋەندىكى ئايەت بايان قىلماقتا:
« ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن ئەيمىدىغانلار پەقەت (ئۇنى) بىلىدىغانلاردۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇتلەق ئۈستۈن ۋە ناھايىتى كەچۈرۈمچان زات » ( 28 ).
پەرقلىق بولۇش قانۇنىيىتىنى بايقىيالمىغان ئىنساننىڭ پەرقلىق ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىسىنى « ياتلاشتۇرۇپ »، ئۇنى قارىغۇلارچە يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى رەسۇلۇللاھقا ئەزىيەت يەتكۈزگەن مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى ئاساسىدا بايان قىلىنغان ( 2، 10 ، 25، 42، 43 ). كىمكى تۇزكور-كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ تۇزكور-كۇپرىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ.( 39 ). ئاندىن بىر - بىرىنىڭ ئىنكارىنى كۈچەيتكۈچى ھاماقەت كىشىلەر ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى-زالىملار بىر - بىرىگە ئالداشتىن باشقىنى ۋەدە قىلىشمايدۇ » ( 40 ).
بۇ شەكىلدە، ئېتىقاتتىكى ئوخشىماسلىق ۋە ئىمان - كۇپرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭمۇ بۇ قانۇنىيەت دائىرىسىدە چۈشىنىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ:
« ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى تاپالمايسەن، ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئالمىشىشنىمۇ كۆرەلمەيسەن » ( 43 ). بۇ ھەقىقەت مەزكۇر سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بىر ئەسەرى بولغان ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلەنگەن يەنە بىر قانۇنىيەت بار. يەنى ئىنسانغا تىنىقى توختىغىچە بولغان ئارىلىقتا خاتادىن قايتىش پۇرسىتى بېرىلگەن ( 44 ).
سۈرىدە ۋەھىينىڭ ھەممىسىگە سىڭدۈرۋېتىلگەن ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى بىر جۈملىدە ئىپادىلىگەن نۇرغۇن ئىبارىلەر ئورۇن ئالماقتا. بۇ نۇقتىدىن سۈرە « ئايەتلەر سەردارى »دۇر. بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر كىتاب بولغۇدەك ھەقىقەتنى بىر جۈملە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتلەر قۇرئاندىكى ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلار خۇددى مۇبارەك قۇرئان قەلبىمىزگە ئاسقان بولاپكىغا ئوخشايدۇ.