ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان سەبەئ، مەزكۇر سۈرىنىڭ 15 - 20 - ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سەبەئ دۆلىتى ۋەقەلىكىدىن ئېلىنغان. سەبەئ، ئوكيانۇس - ئاق دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى خام دورا-دەرمەك يولىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان جەنۇبى ئەرەبىستان(يەنى يەمەن)دىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىدۇر. ھەدىس ۋە تەپسىرلەردە بۇ سۈرە « سەبەئ » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىغا كەلسەك، بۇ ھەقتە « ئەگەر خالىساق، ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچىلاپ چۈشۈرىمىز» ( 9 ) مەنىسىدىكى ئايەت بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئايەت، ئىسرا 92 - ئايەتتىكى مۇشرىكلارنىڭ « سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن » سۆزىگە بىر جاۋاب ماھىيىتىگە ئىگە.
بۇ، سەبەئ سۈرىسىنىڭ ئىسرا سۈرىسىدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنىڭ دەلىلى. سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مەزكۇر سۈرىنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ بايقۇتىدىن كېيىن، دەۋەتنىڭ 11 - يىلىدا نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىغا تىزىشقا بولىدۇ.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان فاتىھە، ئەنئام، كەھف ۋە فاتىر سۈرىسىگە ئوخشاش ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇسانا-مەدھىيە ئېيتىش بىلەن باشلىنىدۇ.بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ ھەمدۇسانا-مەدھىيە پەقەت ئاللاھ تەئالاغا مەنسۇپ، ئاللاھ نىڭ ھەققىدۇر، ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر:
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآَخِرَةِ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
« بارچە مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مۈلكى. ئاخىرەتتىمۇ بارچە مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپ بولىدۇ، ئۇ (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى ۋە (ھەممىدىن) تولۇق خەۋەردار زات » ( 1 ).
سۈرىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئىمان - كۇفرى تېمىسى ئۈستىدە توختالغان. ئىنساننى بەندىگە ياكى ماددىغا قۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان شېرىك رەت قىلىنغان. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالەمنىڭ كۆرۈنمەيدىغان تەرىپى بىلەن، پارچىنىڭ پۈتۈن بىلەن، شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن ۋە شەيئىلەرنىڭ ئاللاھ تەئالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغان. بۇ ئارقىلىق دىققىتىمىزنى مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنا ۋە مەقسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاغدۇرىدۇ ( 1 - 5 ).
ئاسمان ۋە زېمىن ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ پەقەت كۆرۈنگەندىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، مەلۇم بولغاننىڭ نامەلۇم بولغان قىسمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز نىسبەتتە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 9 - ئايەت خىتاپ قىلىنغۇچىلارنى كۆرۈنمىگەنلەرنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ:
أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَى مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
« ئۇلار ئاسمان ۋە زېمىندىن ئىبارەت ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغان نەرسىلەرگە قاراپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق، ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچىلاپ چۈشۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئاللاھقا يۈزلەنگۈچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار» ( 9 ).
بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىشىدىغان كۈچ ۋە ئىمكاننى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. سۈرىدە بۇ ئىككى ئەھۋالنىڭ تارىختىكى ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن:
1. كۈچ - قۇدرەتنى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ماس ھالدا ئىشلىتىشتە داۋۇد ۋە سۇلايمان ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن. بۇ ئىككى ھۆكۈمدار - پەيغەمبەرنىڭ سەلتەنەتى كۈچ ۋە سەلتەنەت ئەخلاقىغا قۇرئان ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەن ئۆرنەكتۇر ( 10 - 14 ). بۇنىڭ ئۈچۈن شەرت بولغان بىر نەرسە بار. يەنى كۈچ ئەخلاقى. كۈچ، كۈچ ئەخلاقى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلسە، تاغلار ۋە تاشلار، بۆرىلەر ۋە قۇشلارنىڭ ھەر بىرى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەمرى ئاستىدا يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بىرەر ئايەتكە ئايلىنىدۇ. « «ئى تاغلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ داۋۇت بىلەن بىللە لەرزىگە كېلىڭلار» ( 10 ) ئەمرى نېمىدىگەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە! ھەزرىتى داۋۇدنىڭ ئاۋازىغا ئاۋاز قوشۇش-لەرزىگە كېلىش ئۈچۈن تاغلارنىڭ رەببى تاغلارغا ئەمىر قىلىۋاتىدۇ. ھەزرىتى سۇلايماننىڭ ئەمرىگە شامال بويسۇندۇرۇپ بېرىلگەن. ساراينىڭ باغچىسىدا ئىبادەتخانىلار-مەسچىتلەر، ھەيكەللەر، كۆلچەكلەر ۋە كۆللەر بار ئىدى. لېكىن مەزكۇر ئائىلە بۇ مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى تۇزكورلۇق ئۈچۈن ئەمەس، شۈكۈر-مىننەتدارلىق ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە ئىدى ( 12 ).
2. كۈچ - قۇدرەتنى مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە زىت ھالدا ئىشلىتىشتە سەبەئ دۆلىتى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىنى نەزەردە تۇتمىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىلكىدىكى كۈچ - قۇدرەت ۋە ھاكىمىيەت بىر بالاغا ئايلىنىدۇ، زاۋاللىققا يول ئاچىدۇ ( 15 - 21 ).
بىراق بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ ئوخشاش بىر نۇقتىسى بار. يەنى، دۇنيالىق ھەر ھاكىمىيەت ئۆتكۈنچىدۇر، ئەبەدىي بولغان ئاللاھ تەئالانىڭ مۇتلەق ھاكىمىيىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەبەدىي سائادىتىدۇر. بۇ سائادەت پەقەت تىرىك بولغان بىر ئاللاھ ئېتىقادى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
ھاكىمىيەتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىك قانۇنىيىتى. بۇ قانۇنىيەت سۇلتان سۇلايماننىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە. تىللارغا داستان بولغان بىر دۆلەتنىڭ بەھەيۋەت ۋە پاراسەتلىك ھۆكۈمدارى بولغان سۇلايمان پەيغەمبەرنىمۇ ناھايەت ئۆلۈم كېلىپ تاپقانىدى. ئۇنىڭ جىسمىنى يەرگە يىقىتقان نەرسە ھاسىسىنى يەپ تۈگەتكەن قۇرت ئىدى ( 14 ). بۇ نۇقتىدا ئايەت خىتاپ قىلىنغۇچىىسىغا مۇنداق دېمەكتە: ئى ئىنسان! جاھانغا سۇلتان بولغان سۇلايمان بولساڭمۇ ئۆلۈم سېنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن قاچالمايسەن. ۋاقتى كەلگەندە سېنى بىر قۇرۇت يىقىتالايدۇ.
سەبەئ دۆلىتىنى ھەزرىتى داۋۇد ۋە سۇلايمان دۆلىتىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرغان نەرسە كۈچ ۋە ھاكىمىيەت ئەخلاقى ئىدى ( 15 - 21 ). كۈچ ئەخلاقىدىن مەھرۇم بولغان ھەر ھاكىمىيەت سەبەئ دۆلىتىگە ئوخشاش پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەنىدى. رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ: « (ئاخىر) ئۇلارنى تارىخقا كۆمۈپ تىتما - تىتما قىلىۋەتتۇق» ( 19 ).
بۇ تارىخى ئۆرنەكلەردىن كېيىن تەۋھىد چاقىرىقى تەكرارلىنىدۇ ( 22 - 27 ) ۋە شېرىكنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىنسانىيەت ۋىرۇسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئاندىن خىتاب بىۋاستە رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە ئەۋەتىلىش غايىسىنى ئەسكەرتىدۇ: خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ( 28 ).
سۈرىدە بوزەك قىلىنغانلار بىلەن چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھېساب كۈنى رەببىنىڭ ھوزۇرىدىكى تەمسىلى دىئالوگلىرى نەقىل قىلىنىش بىلەن بىرگە ( 31 - 36 )، شۇ ئەبەدىي ھەقىقەت بۇ نۇقتىدا بايان قىلىنىدۇ:
وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِنْدَنَا زُلْفَى إِلَّا مَنْ آَمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَئِكَ لَهُمْ جَزَاءُ الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آَمِنُونَ
« سىلەرنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يېقىنلىققا ئېرىشتۈرىدىغىنى مال - مۈلكۈڭلارمۇ ئەمەس، بالا - چاقىلىرىڭلارمۇ ئەمەس. پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە (ئىمانىغا يارىشا) ياخشى ئىش قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا قىلغان ئىش - ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلار (جەننەتتىكى) قەسىرلەردە خاتىرجەم تۇرىدۇ » ( 37 ).
بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن، ئىنسانغا ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەندىكىدەك نەسىھەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا ھەر دائىم ئاللاھ تەئالانىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ:
قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَى وَفُرَادَى
«(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، « مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر مەيلى باشقىلار بىلەن ياكى يالغۇز تۇرۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلار» ( 46 ).
ھەقنىڭ ئەبەدىي، باتىل ( ساختا )نىڭ ئۆتكۈنچى تەبىئىتى ئەسلىتىلگەندىن كېيىن ( 49 ) كەلگەن بۇ ئايەت، ھىدايەتنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ:
« ئەگەر مەن (سىلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك) ئېزىپ كەتكەن بولسام، ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگە؛ ئەگەر مەن توغرا يولنى تۇتقان بولسام، بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغانلىقىدىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە (بەندىسىگە) ئىنتايىن يېقىن زات» ( 50 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى ھېساپ كۈنىنىڭ دەھشىتىنى قۇرئاندا ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەپ بەرگەن تۆۋەندىكى ئايەتلەر تەشكىل قىلىدۇ:
وَلَوْ تَرَى إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ (51) وَقَالُوا آَمَنَّا بِهِ وَأَنَّى لَهُمُ التَّنَاوُشُ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ (52) وَقَدْ كَفَرُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ وَيَقْذِفُونَ بِالْغَيْبِ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ (53)
« سەن (دۇنيادىكى چاغدا ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلغانلارنىڭ قىيامەت) كۈنى قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ، قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ (دوزاخقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، «ئەمدى ئىمان ئېيتتۇق!» دەپ كەتكەنلىكىنى بىر كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ ... ئۇلار (دوزاخنى كۆرگەندە): «ئىمان ئېيتتۇق — ئىشەندۇق» دېيىشىدۇ، (ئاخىرەتتىن ئىبارەت) يىراق جايدا تۇرۇپ (پانىي دۇنيادىكى نېمەت ۋە سىناق بولغان) ئىمانغا قانداقمۇ مۇيەسسەر بولالىسۇن؟ ئۇلار ئىلگىرى ئۇ(پەيغەمبەر)نى ئىنكار قىلغانىدى. ئۇلار غەيب (ئىشلىرى) ئۈستىدە يىراق جايدىن قارىسىغا سۆزلەيدۇ » ( 51 - 53 ).