(مەككىدە نازىل بولغان، 73 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە « ئىتتىپاقداش كۈچلەر-قوشۇن » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « ئەھزاب » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. سۈرىنىڭ 9 - 27 - ئايەتلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان بۆلەكتە بۇ كۈچلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان. بىزگە مەلۇم بولغان يىپ ئۇچلىرى سۈرىنىڭ ھىجرى 5 - 7 - يىللىرى ئارىسىدا نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
20 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان خەندەك ( ئەھزاب ) ئۇرۇشى ھىجرى 5 - يىلى شەۋۋال ئېيىدا، 4 - 5 ۋە 37 - 40 - ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر شۇ يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا يۈزبەرگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 28 - 29 - ئايەتلەر، بولۇپمۇ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولۇش مەسىلىسىدە نەبىگە چەك قويۇلغان 52 - ئايەت ھەزرىتى سەفىيە بىلەن توي قىلغان مەزگىلى بولغان خەيبەر فەتھىدىن كېيىن نازىل بولغان بولسا كېرەك.
قۇرئاندا ئىجتىمائىي مەسلىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەردىن بىرسى ئەھزاب سۈرىسىدۇر. تېمىلار شەخسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھۆكۈملەرنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئىسلام جامائىتىنىڭ سىياسىي پىشىپ يېتىلىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى مۇشرىك ئىتتىپاقداش قوشۇنىنىڭ خەندەك ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشى ئىسلام جامائىتى ئۈچۈن بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. بۇ رېئاللىقنى بىر كۈنى سەھەردە دۈشمەننىڭ قارارگاھنى تاشلاپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە « ئەمدى نۆۋەت سىلەردە! » دېگەن رەسۇلۇللاھمۇ توغرىلايدۇ.
سۈرە ئومۇمىي جەھەتتىن كىشلىك مۇناسىۋەتنى قانداق شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
قۇرئاندا « ئى نەبى! » خىتابى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن بۇ سۈرە بىۋاستە ھالدا نەبىگە خىتاب بىلەن باشلىنىدۇ. ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشى ئاللاھ تەئالاغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئالدى بىلەن رەسۇلۇللاھقا « مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش قىل! » ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلىدۇ. ئاندىن كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارنىڭ رايىغا بويسۇنماسلىققا بۇيرۇلغان ھالدا سۆز باشلىنىدۇ. بۇ « ئۇلارغا ئىتائەت قىلما! » ئەمرى « كۈنتەرتىپنى ئۇلارنىڭ بەلگىلىشىگە يول قويما! » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامى مۇنداق:
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا (2) وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا (3)
« ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنىۋاتقان(قۇرئان)غا ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار (2). ئاللاھقا تايانغىن، تايانچ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايە (3). »
قۇرئاننىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بايانىدىن بىرىسى بۇ سۈرىدە يەر ئالىدۇ: « ئاللاھ ھېچبىر ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب(يەنى ئىككى ۋىجدان) قىلغان ئەمەس » ( 4 ). بۇ ئارقىلىق « ھەقىقەتنىڭ بىر بولىدىغانلىقى » ئىما قىلىنغان. شۇنداق، ھەقىقەت بىردۇر. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئانىسى، ئىككى دادىسى بولمايدۇ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رېئاللىق. ئۆزى تۇغمىغان بىرىسىنى « قىزىم، ئوغلۇم » دېگۈچى ئۇنى تۇغۇپ دۇنياغا كەلتۈرگەن بىر ئانىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بىرىسىنىڭ ئايالىغا « سەن مەن ئۈچۈن ئانامغا ئوخشايسەن» دېيىشى ھەرگىزمۇ ئايالىنى ئۇنىڭ ئانىسىغا ئايلاندۇرمايدۇ ( 4 ). بېراۋنىڭ پۇشتىدىن بولمىغان بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى دېيىشى ئۇنىڭ بىر ئۆز ئاتىسىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يوق قىلالمايدۇ ( 5 ).
يەنى، يارىتىلىشتىن تارتىپ بار بولغان فىترى ھەقىقەتنى ئېغىزدا ئېيتىلغان سۆزلەر بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ. بىزنىڭ سۆزلىرىمىز ئۇ ھەقىقەت بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولسا توغرا، بىردەكلىككە ئىگە بولمىسا خاتادۇر. شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىزنىڭ سۆزلىرىمىز بەلگىلىمەيدۇ. خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ جەمئىيەتتە بىردەك قوبۇل قىلىنىشى ئۇنى خاتا بولۇشتىن خالىي قىلمايدۇ. ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسى مۇشۇنداق دەپ « ئايالى » ئانىسى بولۇپ قالمايدۇ. بېقىۋالغان بالىمۇ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالا بولۇپ قالمايدۇ.
ھەقىقەتكە ساداقەت ئەلچىلىك-رەسۇللۇق ئەنئەنىسىنىڭ شۇئارىدۇر ( 7 - 8 ). بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان مۆمىنلەرگە ھەر دەۋردە جەڭ ئېلان قىلىنغان. ھاياتى بەدىلىگە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش، كاپىر ۋە ئىككى يۈزلىمىچى-مۇناپىقلارغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىق ئۇ مۆمىنلەرنىڭ بۇرچىدۇر ( 9 - 20 ).
رەسۇل بۇ مەسىلىدە ئەڭ تىپىك ئۆرنەك بولۇپ، ھەقىقەتكە ساداقەت كۆرسىتىشتە مۆمىنلەرمۇ ئەلچىلەردەك بولۇشى كېرەك ( 21 - 27؛ 45 - 46 ). ئاللاھ رەسۇلىنىڭ بۇ ئۈلگىلىك رولىنى بايان قىلغان ئايەت بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا:
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
« سىلەرگە-ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى كۆزلىگەن ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگە » ( 21 ).
ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئۇ مىسلىسىز ئۆرنەكلىك رولى تارىخىي نۇقتىدىن خەندەك ئۇرۇشىدىن بۇرۇن نامايەن بولغان ئىدى. سۈرىدە نەبەۋى ئۆرنەكلىكنىڭ تارىخىي كارتىنلىرى ئىشارەت قىلىنىدۇ ( 22 ). ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆرنەكلىكىنى ھاياتىغا تەدبىق قىلغان، ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ۋە « ساھابە » ئۇنۋانىغا لايىق بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھلىرىنىڭ تىللارغا داستان مەيدانى ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن:
مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ فَمِنْهُمْ مَنْ قَضَى نَحْبَهُ وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْتَظِرُ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا
« مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھقا بەرگەن لەۋزىگە ساداقەت كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئەزىمەتلەر بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسمى (بۇ يولدا) جېنىنى قۇربان قىلدى، بىر قىسمى بولسا تەييار تۇرماقتا، ئۇلار (ئاللاھقا بەرگەن) ۋەدىسىنى زادىلا ئۆزگەرتمىدى » ( 23 ).
ئەلچىنىڭ ئاياللىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆرنەكلىك رولىنى ئۇنتۇماسلىقى، ئۆزىگە لايىق بولغاننى قىلىشى كېرەك. خۇددى ئەلچىلەر مۆمىنلەرگە ئۆرنەك بولغاندەك، ئەلچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئۆرنەك بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئۆرنەك بولۇشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئائىلىنىڭ ئۆرنەك بولۇشى شەرت. قۇرئان ئىبراھىم ئائىلىسى ۋە ئىمران ئائىلىسىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەنىكەن، بۇلارنى باشلامچى بولۇپ ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغۇچىلار يەنىلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسى بولۇشى، بۇ ئۈلگىلىك رولغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار رەسۇلنىڭ ئۆيىدە يۈزبەرگەن تەقدىردە جازاسى قالماسلىقى كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قارشى چىقىش جازاغا، ئىتائەت قىلىش مۇكاپاتقا لايىقتۇر ( 28 - 36 ).
رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ۋە ئۆيلىرى ئۈستىدىن ئىنسان ئەقلىگە كەلگەن « مۆمىننىڭ ئۆيى ۋە ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان مۆمىن بىر ئائىلە قانداق بولۇشى كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن:
وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآَتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنْكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا (33) وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَى فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آَيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا (34)
« ئۆيۈڭلار(دىمۇ) ئېغىر - بېسىق، تەمكىن بولۇڭلار. جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئېچىلىپ، ياسانچۇقلۇق قىلماڭلار. نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئى نەبىينىڭ ئائىلىسىكىلەر! ئاللاھ سىلەرنى پەقەت (ماددىي - مەنىۋى ھەرخىل) كىردىن خالاس قىلىشنى ۋە سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلىشنى خالايدۇ (33). ئۆيۈڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە (ئۇلاردىكى) ھېكمەتنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ (ھەر نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى) ئىنچىكىلىك بىلەن بىلگۈچى ۋە (ھەممىدىن) خەۋەردار زات (34). »
سۈرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بولغان شەخسى مۇناسىۋەتلىرىمۇ بەلگىلىك پرىنسىپقا باغلانغان بولۇپ، بۈۋى ئائىشەنىڭ « ئەگەر رەسۇلۇللاھ ۋەھىيدىن بىر قىسمىنى يوشۇرماقچى بولغان بولسا، ئۇ بۇلار بولاتتى » دېگەن 37 - 40 - ئايەتلەر ئارىسىدا بايان قىلىنغان شەخسىي ئۆرنەك ئارقىلىق، ئەنئەنىنىڭ قالدۇقلىرى سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ھەمدە ئازادگەردىلەر ( ئازاد قىلىنغان قۇللار )نىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋەقە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى بولغان زەينەپ بىنتى جەھشنىڭ بېقىۋالغان بالىسى زەيد بىن ھارىسە بىلەن نىكاھلىشى ئىدى. زەينەپ مەككىدىكى ئابرويلۇق بىر ئائىلىگە تەۋە ھۆر ئايال بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى قوشۇپ قويغان زەيد بىن ھارىسە ئازاد قىلىنغان بىر قۇل ئىدى. گەرچە زەينەپ رازى بولمىسىمۇ، ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولغان بۇ نىكاھ ئوڭۇشلۇق داۋاملاشمىغان. زەينەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نىكاھىغا ئالغانىدى. زەينەپ بىنتى جەھش ھەزرىتى نەبى بىلەن توي قىلغاندا 36 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پەرزەنتى يوق بىر تۇل ئايال ئىدى. ئۇ ئېرى زەيد بىن ھارىسە بىلەن سۆيۈملۈك رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى يىرالمىغانلىقى ئۈچۈن توي قىلغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھ بار ئىدى. ئۇ، رەسۇلۇللاھ بىلەن توي قىلىش تەمەسىدە 35 يېشىغىچە بارلىق تالىپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەزرىتى زەينەپ بىلەن توي قىلىشى ھەم بىر جاھىلىيەت ئەنئەنىسى بولغان بېقىۋالغان بالىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن توي قىلالماسلىقتەك ئادەتكە خاتىمە بېرىش ھەم تەبىقە ئايرىمچىلىقىنىڭ ئورنىغا ئىسلام قېرىنداشلىقىنى دەسسىتىش ھەمدە بۈۋى زەينەپنىڭ قالغان كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.
بۇ سەۋەبلەرگە قارىماستىن، بۇ ۋەقەنىڭ قۇرئان تەرىپىدىن ئەبەدىيلەشتۈرۈلىشى رەسۇلۇللاھ ھېچ خالىمايدىغان بىر ئىش ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ قۇرئاندا ئورۇن ئېلىشىنىڭ ۋەھىينىڭ ئىلاھىي مەنبەسىگە قارىتىلغان بارلىق ئېتىرازلارنى بىكار قىلىدىغان بىر تەرىپىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئەقلى دەلىل بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ئايەتلەر ۋەھىي مەنبەسىنىڭ ئىلاھىي ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇپ يېتىپ ئاشىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ « شېھىت » ۋە « خۇشخەۋەر بەرگۈچى » ئىكەنلىكى بۇ سۈرىدە بايان قىلىنىدۇ. شېھىت بولۇشنىڭ قۇرئاندىكى مەنىسى « ئۈلگە ۋە ئۆرنەك » بولۇشتۇر. يەنى، ھاياتىنى ئىمانىغا شاھىت قىلىش ۋە ياشىغان دەۋرىنىڭ شاھىدى- گۇۋاھچىسى بولۇشتۇر. بۇ ئىككى رولنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئاللاھقا چاقىرغان دەۋەتچى ۋە ئەتراپىنى يورۇتىدىغان بىر چىراق بولۇشتۇر... شېھىت بولۇش مانا بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەزىپىدۇر، رولدۇر:
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا (45) وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُنِيرًا (46)
« ئى نەبىي! سېنى بىز (ھەقىقەتنىڭ) شاھىتى-ئۈلگە، خۇش بىشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئاللاھقا چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق» (45 - 46).
سۈرىنىڭ داۋامىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىدىن بەرپا قىلىدىغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان. بەزى شەرئى ۋە ئەخلاقى بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن ( 37 - 59 ). ئىجتىمائى ئەدەپ ۋە تەربىيە قائىدىلىرىگە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرى ئاغدۇرۇلغان. بۇلار ئارىسىدا مۆمىنلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدىكى مېھماندارچىلىقتا رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتىلغان ئەدەپ - ئەخلاق پرىنسىپلىرى بايان قىلىنغان ( 53 ).
قۇرئاندا ئاللاھ تەئالانىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھقا « سالات -ياردەم قىلغانلىقى -قوللىغانلىقى ( يۇسەللۇنە ) » بايان قىلىنىدۇ. مۆمىنلەردىنمۇ ياردەملىرىنى بۇ ئىلاھىي ياردەم بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىلاھىي تەلەپ ئەسلىدە ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەخش ئېتىش ئۈچۈن قويۇلغان بىر تەلەپتۇر. ئاللاھ تەئالا بەندىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغاندا ئېلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئاتا قىلىش -بەخش ئېتىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردىمۇ سۆز مۇشۇ مەنىدە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سالاۋات ( رەھمەت ئوقۇش ) ئەدەبىياتى بۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان ياردەمنىڭ باشقا بىر شەكلى سۈپىتىدە يەنى نۇقۇل ئېغىزاكى دۇرۇت ئېيتىش تەرزىدە پەيدا بولغان. لېكىن بۇ ياردەم تەلىپى ھەرگىزمۇ ئېغىزدىكى سۆزگە چۈشۈرۈپ قويغىلى بولمايدىغان بىر « ئەمەلىي ھەرىكەت » تەلىپى بولۇپ، ئايەتتە مۆمىنلەردىن تەلەپ قىلىنغان ياردەم ئەسلىدە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ياردەم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئاغزاكى ياردەمنى كۆرسەتمەيدۇ. « يۇسەللۇنە » ۋە « سەللۇ » پېئىللىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇ ئايەت تۆۋەندىكىچە:
إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
« شەك شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى نەبىينى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! سىلەرمۇ ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەڭلار ۋە (ھەرخىل ئۆسەك سۆز، تۆھمەتلەردىن) يىراق تۇتۇڭلار-(ئۇنىڭغا) تولۇق بويسۇنۇڭلار » ( 56 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن « ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەر » بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت تەلەپ قىلىنغان بۇ ياردەمنى قىلىشنىڭ ئورنىغا چوماق بولغانلار ھەققىدە توختالغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىزاھاتىمىزنى تەستىقلىماقتا. بۈگۈننىڭ مۆمىنى ئاللاھ رەسۇلىغا بولغان ياردەم بۇرچىنى ئۇ ئامانەت قويۇپ كەتكەن « قۇرئان »غا ساداقەت كۆرسىتىش ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھايات شەكلى بولغان قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلاشتىن ئىبارەت سۈننەتنى تىرىلدۈرۈش بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.
قۇرئان نازىل بولۇۋاتقان شۇ جەمئىيەتتە ئاللاھ رەسۇلىنى رەنجىتكەن ئىككى يۈزلىمىچى ۋە قەلبى كىسەللىك بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلەرگە « يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشمەيدۇ » قانۇنىيىتىنى ئەسلىتىدۇ. ئەسلىدە كىم نېمە قىلغان بولسا شۇنىڭغا لايىق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقى ئاللاھ تەئالانىڭ سۈننىتىدۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر:
سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
« بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە يۈرگۈزگەن قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھنىڭ يۈرگۈزگەن قانۇنىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن » ( 62 ).
سۈرىدە ئىنكارچىلارنى كۈتۈۋاتقان چوڭ ئازاپ تىلغا ئېلىنىدۇ ( 63 - 68 ). سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە ئۈممىتى مۇسانىڭ ھەزرىتى مۇساغا قىلغانلىرىنى ئۈممىتى مۇھەممەتنىڭمۇ سادىر قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ: « ئى ئىمان ئېيتقانلار! (پەيغەمبىرىڭلارنى ھەرقانداق خۇنۇكلەشتۈرۈشتىن يىراق تۇتۇڭلار، يەنى) سىلەر مۇسانى رەنجىتكەن(ئىسرائىل ئوغۇللىرى)دەك بولماڭلار » ( 69 ).
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئوچۇق ۋە روشەن بولۇپ، « ئى مۇھەممەت ئۈممىتى يەھۇدىيلەشمەڭلار! » دېيىلمەكتە.
مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ھەر ئىنساننىڭ غايىسى « ئىلاھىي ئامانەت »نى خىيانەت قىلماي كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش بولۇشى كېرەك. ئىلاھىي ئامانەتكە خىيانەت قىلغۇچى خىيانىتىنىڭ بەدىلىنى ئېغىر شەكىلدە ئۆتەيدۇ. قۇرئاندا « ئامانەت ئايىتى » دەپ ئاتالغان ئۇ ئايەت بۇ سۈرىدە يەر ئالغان:
إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
« شۈبھىسىزكى، بىز (ئەقىل ۋە ھۆر ئىرادىدىن ئىبارەت) ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار (ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى) ئۈستىگە ئېلىشتىن داجىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئىنسان ئۇنى زىممىسىگە ئالدى، (ئەپسۇسكى) ئۇ ئۇۋال قىلغۇچى ۋە (ئۆزىنى بىلمەس) نادان چىقتى » ( 72 ).