ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سەجدە، تەسلىمىيەتنىڭ ئاستىغا ۋۇجۇت تىلى بىلەن قويۇلغان ئىمزا بولۇپ، بۇ كەلىمە 15 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ۋە سۈرە بۇ كەلىمە بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ ۋەھىيگە قارىتا ئېتىراز ۋە تۆھمەتلىرى ھەققىدە توختالغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا ( 3 )، سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ئېنىق. 13 - ئايەتتە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 - يىلىدا نازىل بولغان ساد سۈرىسىنىڭ 84 - 85 - ئايەتلىرىگە قارىتىلغان ئىمالار بار. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇ سۈرىنىڭ قۇرەيش بايقۇتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن نازىل بولغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەزكۇر سۈرە پەيغەمبەرلىكنىڭ 9 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ بېشىدا ئىنكارچىلارنىڭ ۋەھىينى ھەزرىتى مۇھەممەد توقۇپ چىقتى دېگەن تۆھمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان.
بۇ خىل ئۇسلۇب بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەردە كۆرۈلگەندەك، مەۋجۇدىيەتنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدىن كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاخىرەت ھاياتىغا بۇرايدۇ ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ ئاسمانلارنى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ ( 4 ). بەلكىم بۇ ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىغا ئىجتىمائىي ئۆزگۈرۈشنىڭ بىردەمدىلا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ۋە باسقۇچتا قەدەممۇ - قەدەم ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقى ئىما قىلىنغان بولسا كېرەك. ئاسمان زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى بايانلار ئافاق ئايەتلىرى بولۇپ، ئىنساننىڭ ئېلېمېنىت نۇقتىسىدىن لايدىن، بىئولوگىيلىق نۇقتىدىن مەنىيدىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 7 - 8 ). بۇ ئارقىلىق ئىنساننى ياراتقۇچىسى ئالدىدا كەمتەر بولۇشقا دەۋەت قىلماقتا. ھەم ياراتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئەمگىكىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇش ھەم يارىتىلىش سۈننىتى ( قانۇنىيىتى ) ئۈستىدىن ئۆزگۈرۈشنىڭ بىر جەريان تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەن. چۈنكى، 7 - ئايەتتىكى « ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنى لايدىن باشلىدى » ئىبارىسىدىكى « باشلىدى » پېئىلى ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ بەلگىلىك بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى مۇنازىرىسىز شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئاندىن ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان ( 10 - 14 ).
نېمە ئۈچۈن كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ماددىي يارىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاكامۇللىشىش قانۇنى ئاساسىدا بىر جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلاردىن كېيىنلا ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ؟
جاۋاب: چۈنكى، ئاخىرەت ھاياتى دۇنيا ھاياتىنىڭ تەقەززاسى ۋە تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. ئىلاھىي ئەجىر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغان ئىنسان تۈرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بۇ دۇنيادىكى ھايات بىلەن چەكلىك بولمايدۇ. ئىنسان دېيىلگەن بۇ شاھ ئەسەر ساھىبىنىڭ ئۇنى ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان بىلەن زىننەتلىشى ئەسلىدە ئۇنىڭغا ماددى مەۋجۇدىيەتتىن ھالقىغان بىر ھاياتنى تەقدىر قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئاخىرەت ھاياتى ئىنساننىڭ تاكامۇللىشىش سەپىرىنىڭ « باشقا بىر » ئۆتىڭى بولۇپ، جەننەت ئىنسان تاكامۇللىشىش سەپىرىدە يېتىپ بارىدىغان ئاخىرقى مەنزىلدۇر. ئىنسان تاكامۇللىشىش سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارغاندا جەننەتتىن ئىبارەت مەنزىلگە يېتىپ بارغان بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ئېلېمېنېتلىق ۋە بېئولوگىيىلىك يارىتىلىشى بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن، باشقا بىر مەنبەدىن بىلگىلى بولمايدىغان ئالاھىدە بىر مەلۇمات بېرىلگەن. يەنى، ئاللاھ يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئىنسانغا ئۆزىدىن روھ پۈۋلىگەن:
ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
« ئاندىن ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئۆزروھىدىن پۈۋلىدى. سىلەرگە ئاڭلاش، كۆرۈش (قابىلىيىتى) ۋە ھېس - تۇيغۇ بەخش ئەتتى. سىلەر (ئاللاھقا) بەكمۇ ئاز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈسىلەر » ( 9 ).
بۇ ھەقىقەت ناھايىتى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە مەلۇمات بولۇپ، بۇنى پەقەت ئاللاھ لا بىزگە بېرەلەيدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرى بېشىدىكىگە ئوخشاش كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ: « سىلەرگە ئاڭلاش، كۆرۈش (قابىلىيىتى) ۋە ھېس - تۇيغۇ بەخش ئەتتى» .
ئاللاھ تەئالا ئىنسانغا روھ پۈۋلەشتىن بۇرۇن ئىزچىل « ئۇ » دەپ خىتاب قىلغان. ئىنسان روھ پۈۋلىنىشتىن بۇرۇن نەزەرگە ئالغۇدەك نەرسە ئەمەس ئىدى. پەقەت ئۈچىنچى شەخس بىرلىك ئالمىشى بىلەن خىتاب قىلىنغان بىر شەيئى ئىدى. قاچان روھ پۈۋلەنگەن بولسا شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاب شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغان. روھ پۋۈلەنگەن بەشەر ئەقىل ۋە ئىرادىگە ئىگە بولۇپ « ئىنسان » بولغانىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ ئۇنىڭغا بىۋاستە ۋە « سىلەر ، سەن» دەپ خىتاب قىلىشقا باشلىغان، بۇ ئارقىلىق ئىنساننى شەرەپلەندۈرگەنىدى. بۇنى بىلگۈچى ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزى ناھايىتى چوڭ شەرەپتۇر. بۇنى بىلگۈچى شۈكۈر قىلىدۇ-مىننەتتارلىق بىلدۈرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر تۇزكورلۇق قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئايەت « سىلەر ھەقىقەتەن ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر » دەپ ئاخىرلاشقان.
ئۇنداقتا، نېمە قىلىش كېرەك؟ ئىنساننىڭ ئەقىل ۋە ئىرادىسىنى ئىشلىتىشكە تەرغىپ قىلىش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يول بار. يەنى، ئىنساننى مەجبۇرى بۇ يولغا كىرگۈزۈش. ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ تەئالا مۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىغانىدى:
وَلَوْ شِئْنَا لَآَتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَاهَا وَلَكِنْ حَقَّ الْقَوْلُ مِنِّي لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
ناۋادا بىز خالىغان بولساق، ھەممىنى (مەجبۇرىي ھالدا) توغرا يولغا يېتەكلىگەن بولاتتۇق، لېكىن (بۇنى خالىمىدۇق)، مېنىڭ «مەن چوقۇم ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن جەھەننەمنى تامامەن تولدۇرىمەن» دېگەن قارارىم بېكىتىلىپ بولدى ( 13 ).
ئۆز ئىرادە ۋە ئەقلى بىلەن توغرا يولنى تاپالمىغانلار جازاغا لايىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قىلىنغان ئىرادە ۋە ئەقىل نېمىتىگە خىيانەت قىلغان ( 12 ). ئەمما، بۇ ئامانەتكە ساداقەت كۆرسەتكەنلەرگە جەننەت مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدا قۇرئاندىكى جەننەت ھەققىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدىغان ئايەتلەردىن بىرىسى بايان قىلىنىدۇ:
فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
« ئۇلارنىڭ قىلىپ كەلگەن (ياخشى ئىشلىرىغا) مۇكاپات سۈپىتىدە، (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا) ساقلانغان ۋە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان خۇشاللىقنىڭ قانداقلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ » ( 17 ).
ئاندىن ئۆتمۈشتە ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۆرنەك ۋە ئىبرەت مىساللىرى تىلغا ئېلىنغان ( 23 - 26 ).
سۈرە ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلارنى ئاگاھلاندۇرغان بىر ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ
« سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلماي (ئۆز ئىشىڭ بىلەن بولۇپ، ھەقىقەتنىڭ نامايەن بولۇشىنى) كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن كۈتۈپ تۇرغۇچىلار » ( 30 ).