ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىگە بۇ ئىسىم، ھەزرىتى لوقماننىڭ ئوغلىغا، يەنى ھەممىمىزگە بەرگەن نەسىھىتى يەر ئالغان ئايەتلەر ( 12 - 19 ) گە ئاساسەن بېرىلگەن.
بۇ زات قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، قۇرئاندا بۇنىڭدىن باشقا سۈرىلەردە لوقمان ئىسمى ئۇچرىمايدۇ.
سۈرە مۇقەتتە ھەرپلىرى بىلەن باشلانغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش ۋەھىي شىپى كەلتۈرۈلگەن ھالدا باشلانغان : « بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرى » ( 2 ).
بۇ ئايەتتە قۇرئاننىڭ سۈپىتى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن « ھەكىم » كەلىمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تەئالا نىڭ سۈپىتى بولۇپ بىر قانچە ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان. ھەكىم كەلىمىسى، بىر ئىسمى فائىل ( ئىگە ) شەكلى بولۇپ، مۇبالىغىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئىگە بولغاندا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىنى ۋە ئۈستۈنلىكنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ، قۇرئاننىڭ جانلىق بىر خىتاب ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن قۇرئانى دەلىلى. قۇرئاندا، قۇرئان ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مۇبالىغە بىلەن ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىسىم- سۈپەت ھەكىم بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرئان ئۈچۈن مەجىد، كەرىم ۋە ئەزىز قاتارلىق ئۈچ سۈپەتمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇبالىغە بىلەن ئىسمى فائىل شەكلىدە كەلگەن. قۇرئاندا، قۇرئان ئۈچۈن مۇبالىغە بىلەن ئىگە شەكلىدە كەلگەن تۆت خىل سۈپەتنىڭ ئىشلىتىلىشى ئارقىلىق: بۇ كىتاب خىتاب قىلىنغۇچىنى تىرىلدۈرۈش-ئويغىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. قۇرئاننى ئۆزىنىڭ ھېساب-كىتابىغا،ھاۋايى-ھەۋىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلار بار بولسا ئەقلى- ھۇشىنى تېپىۋالسۇن. «قۇرئاننى ھېساب-كىتابىغا ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قۇرئانغا ماسلاشتۇرسۇن» دېمەكتە.
سۈرە دەسلەپكى بۆلەكتە كائىنات ۋە ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ( 3 - 11 ). بۇلاردىن كېيىن، مەخلۇققا قاراپ خالىقنى كۆرەلمىگەن، ئەسەرگە قاراپ تۇرۇپ ئۇستىنى ئۇنتۇپ قالغان، ھادىسىنى كۆرۈپ ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىسىنى كۆرەلمىگەن پاراسەتسىزلەردىن مۇنداق سورايدۇ:
هَذَا خَلْقُ اللَّهِ فَأَرُونِي مَاذَا خَلَقَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ بَلِ الظَّالِمُونَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
« مانا بۇ، ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدۇر. ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلاركى، ئاللاھتىن باشقىسى زادى نېمىلەرنى ياراتتى؟ ياق، زالىملار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا! » ( 11 ).
سۈرىدە، ئومۇمىي جەھەتتىن سۆز-كالامنىڭ كۈچى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. سۈرە ئىلاھىي كالام شىپى كەلتۈرۈلگەن ھالدا باشلانغان بولۇپ، 6 - ئايەتتە كۈچىنى بىلىم ( ھەقىقەت )تىن ئالمىغان سۆزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇ ساختا سۆزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. 12 - 19 - ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان لوقماننىڭ ھېكىمەتلىرى « ياخشى سۆز »نىڭ بىر مىسالى. سۈرىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكى، سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ھەزرىتى لوقماننىڭ نەسىھەتلىرىگە ئايرىلغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس قىممەت- قاراشلىرىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان ئىسلامنىڭ بارلىق زامان ۋە ماكانلار چەكلىمىسىدىن خالىي بولغان پرىنسىپلىرى بۇ نەسىھەتتە بايان قىلىنماقتا(12-19)
گەرچە ئۈستىدىن مىڭلارچە يىل ئۆتسىمۇ، ئىنسانىيەت ئالىمىدە ياڭرىغان بۇ ياڭراق سادانىڭ يوق بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى بولغان مەزكۇر ھېكمەتلەر، سۆزنىڭ تەربىيە مەقسىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىدىن بىرى. « ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن » ( 19 ) دېگەنلىك، ئەسلىدە « سۆزنىڭ قىممىتى »نى يۇقىرى كۆتۈر دېگەنلىكتۇر. بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، سۆز، سۆزلەرنىڭ سۇلتانى بولغان ئاللاھ تەئالانىڭ سۆزلىرىگە كەلتۈرۈلگەن:
وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
« ناۋادا يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولۇپ، دېڭىز سىياھ بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلۇپ سىياھ بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى (يېزىلسا - يېزىلسا يەنىلا) تۈگىمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈن ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات» ( 27 ).
ئىلاھىي كالامنىڭ مەنىسىنى ھەرگىزمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.
سۈرىدە قارىغۇلارچە ئەجدادلار ئىزىنى تەقلىد قىلىپ مېڭىش تەنقىدلەنگەن(21)
بۇ يەردە قارىغۇلارچە تەقلىد تەنقىدلەنگەن. چۈنكى تەقلىد، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىرادە ۋە ئەقىلنى يوق قاتارىدا كۆرىدۇ. ئىرادە ۋە ئەقىلنى يوق قاتارىدا كۆرگەنلىك ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىق، بۇ ئىككى نېمەتكە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئايەت بۇ نۇقتىدا: « ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ئاتا- بوۋا ئەمەس » دېمەكتە. بىراق، لوقماننىڭ نەسىھىتىگە ئوخشاش لوقماندەك ياخشى بولغان ئاتا - بوۋىلارنىڭ ياخشى بولغان نەسىھەتلىرى قوبۇل قىلىنىشى كېرەك ( 12 - 19 ).
سۈرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى ئاخىرىدىكى ئايەتلەردىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئايەتتە، ئى ئاتا-ئانىلار! ئەگەر پەرزەنتىڭلارغا شاپائەت ( ياردەم ) قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنى ئاخىرەتتە ئەمەس، بۇ دۇنيادا تەربىيىلەڭلار. ئۆرنەك بولۇشۇڭلار، ياخشى نەسىھەتلىرىڭلار، توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈش بىلەن شاپائەت قىلىڭلار! دېمەكتە. بۇ تەۋسىيەنى پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان شاپائىتى تەرىپىگە ئۆرۈپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ھېساب كۈنى ھېچقانداق بىر ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتىگە، پەرزەنتنىڭ ئاتا - ئانىسىغا پايدىسى بولمايدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
« ئى خالايىق! رەببىڭلارغا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار. ئاتا بالىسىغا ، بالا ئاتىسىغا ئەسقاتمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى راست-ھەق (ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭلار). دۇنيا تىرىكچىلىكى سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن، ئالدامچى(مۇ) سىلەرنى ئاللاھ(نىڭ نامىنى سۇيىئىستىمال قىلىپ) ئالداپ كەتمىسۇن»( 33 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، كالام ئەدەبىياتىمىزدا خاتا ھالدا شەكىللەنگەن « بەش غەيب مەسىلە ( مۇغاييەباتى خەمسە ) » ھەققىدىكى 34 - ئايەتتۇر. ئەسلىدە بۇ ئايەتنىڭ لەبزىنىڭ شاھىدلىقى بىلەن شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى، ھېچقانداق بىر ئىنسان بىلەلمەيدىغان ۋە پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەسىلە بەش ئەمەس ئۈچ:
ئاخىرقى سائەت ( يەنى قىيامەت ) ھەققىدىكى مەلۇمات.
كېلەچەكتىكى ئىشلار
قەيەردە ئۆلىدىغانلىقى
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان قالغان ئىككى ماددا مۇنداق شەكىلدە كەلگەن: « ئاللاھ يامغۇرنى ياغدۇرىدۇ ، بالىياتقۇلاردا نېمە بارلىقىنى بىلىدۇ ». مەلۇم بولغاندەك، بۇ ئىككى جۈملىدە بىلىشنىڭ ئاللاھقىلا خاس قىلىنغانلىقى ۋە ئىنساندىن خالىي قىلىنغانلىقى بايان قىلىنمىغان. ئەسلىدە بۇ ئايەت « ئىنساننىڭ بىلىشىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى » ئىما قىلىدۇ. دېمىسىمۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى سۈرىنىڭمۇ ئاخىرقى سۆزىدۇر:
« ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچى ۋە خەۋەردار زات » ( 34 ).