ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
رىم- پارس ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان نوپۇز دائىرىسى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۆجىزىۋى بىر خەۋەر بايان قىلىنغان بىرىنچى ئايىتىكە ئاساسەن سۈرىگە « رۇم » ئىسمى بېرىلگەن.
سۈرە غەيبتىن، كېلەچەكتىن خەۋەر بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ خەۋەر ئۆز دەۋرىدىكى ئىككى دۇنياۋى چوڭ كۈچنىڭ كۈچ سىنىشىش كۆرىشىنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
بۇ كۈچلەر ھىراقلىس ھۆكۈمدارلىقىدىكى رىم ۋە 1- خۇسرەۋ ھۆكۈمدارلىقىدىكى پارس دۆلىتى ئىدى. بىر ئەسىردىن بۇيان بىر- بىرىنىڭ نوپۇز دائىرىسىگە كۆز تىكىپ كەلگەن بۇ ئىككى كۈچ كەسكىن بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدى. دەل بۇ مەزگىلدە پارسلار رىملىقلار ئىچىدىكى ئىچكى نىزالاردىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ ۋە ئالدىغا چىققان ھەممە نەرسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ. پارس قوشۇنى مىلادىيەنىڭ 613 - يىلى سۈرىيە ( شام )نى رىملىقلاردىن تارتىۋالىدۇ. 614 - يىلى پەلەستىن ( قۇددۇس )نى، 615 - 616 - يىلىدا رىمغا قاراشلىق بولغان مىسىر دۆلىتىنى رىم ئىمپېرىيىسىدىن تارتىۋالىدۇ. بۇ پارس ئېقىنىدا ئاناتولىيەمۇ باشتىن ئاياغ پارسلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ھەتتا رىمنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولىس ( ئىستانبۇل ) پارسلار تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ، پارسلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىگىچە قىستاپ كەلگەنىدى.
رىم ئىمپېرىيىسى يىقىلىپ قالغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان بولۇپ، ئىمپېراتور ھىراقلىس كونستانتىنپولىستىن قارتاجاغا قاچماقچى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا قالغان رىم، پارسلار بىلەن خورلۇققا تولغان بىر قاتار سۈلھىلەرنى تۈزىدۇ. بۇ سۈلىھ شەرتلىرى ئىچىدە خورلىغۇچى شەرتلەر قەستەن قوشۇلغان بولۇپ، پارس ھۆكۈمدارى 1- خۇسرەۋ، رىم ھۆكۈمدارىنى خورلاش ئۈچۈن ئۇنى ئوتقا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ.
بۇ خەۋەرلەر مەككىگە يېتىپ كەلگەندە مۇشرىكلار خۇشال بولغان، مۆمىنلەرنىڭ كۆڭلى غەش بولغان ئىدى. چۈنكى مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى مەجۇسى كىسراغا يېقىن دەپ بىلەتتى. مۆمىنلەر بىر كىتاب ئەھلى بولغان خىرىستىيان ئېتىقادىغا ئىگە ھىراقلىسنىڭ تەرىپىنى تۇتقانىدى.
مەككىلىك مۇشرىكلارنىڭ پارسلار تەرىپىدە تۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، مەككىدىكى سىياسىي نوپۇز تالىشىش كۆرىشى ياتماقتا ئىدى. مەككىدىكى قەبىلىلەر مۇتەييىبىن ۋە ھەلىف دەپ بىر-بىرىگە رەقىپ ئىككى تەرەپكە ئايرىلغانىدى. ئۇمەييە ئوغۇللىرى ۋە مەھزۇم ئوغۇللىرىدىن ئىبارەت جەبەرۇت ( قەبىھ، ۋەھشى ) قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇتەييىبىن گۇرۇپپىسى پارسلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ، بەنى ھاشىم ۋە بەنى ئادىي قاتارلىق نىسبەتەن ئاجىز قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن ھەلىف گۇرۇپپىسى رىم ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان ھەبەش خانلىقى تەرەپتە تۇرغانىدى.
سۈرىنىڭ باشلىنىشىدا ئىما قىلىنغان تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەندەك ئىدى.
رۇم سۈرىسى، مەدەنىيەتلەرنىڭ قىيامىتىگە ئىما قىلغان ھالدا باشلىنىدۇ ۋە كائىنات قىيامىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
مۇقەتتە(ئۈزۈك) ھەرپلىرىدىن كېيىن كەلگەن ئايەت كېلەچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خەۋەرنى بايان قىلىدۇ:
غُلِبَتِ الرُّومُ (2) فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ (3) فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ (4) بِنَصْرِ اللَّهِ يَنْصُرُ مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ (5)
« ئەلىف، لام، مىم (1). رۇملۇقلار (ئەرەب يېرىم ئارىلىغا) يېقىن بىر جايدا مەغلۇپ بولدى، ئۇلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە غەلىبە قىلىدۇ، ئىلگىرى - كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھقا تەئەللۇق. ئەنە شۇ (غەلىبە) كۈنىدە مۆمىنلەر خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ مۇتلەق ئۈستۈن ۋە ناھايىتى رەھىمدىل» ( 2ـ5 ).
بۇ ئايەت نازىل بولغان ۋاقىتتا، پارس قوشۇنى پۈتۈن رىم دۆلىتىنى باشتىن ئاياغ تالان - تاراج قىلغان ۋە ئۇنىڭ پايتەختىگە يېقىنلاپ كەلگەنىدى. بۇنداق بىر ئەھۋالدا رىملىقلارنىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھېچقانداق مەنتىقىلىق بىر ئىزاھاتى يوق بولۇپ، بەشەرى چۈشەنچە ۋە رېئاللىق رىملىقلارنىڭ ئورنىدىن قايتا تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. لېكىن ۋەھىي بۇ چوڭ خەۋەرنى بەرگەن ۋە سۈرىدە فى بىزئى سىنىيين ( بىرنەچچە يىل ئىچىدە ) دېيىلگەن ئىدى. دەرۋەقە، قۇرئاننىڭ بىشارىتى ئىنسان تەخمىنلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستىن قىلغان ھالدا رېئاللىققا ئايلاندى. رىم قوشۇنى مىلادى 624 - يىلى پارس دىنى -ئاتەشپەرەسلىك پەيدا بولغان شەھەردە (جەنۇنى ئەزەربەيجاندا ) پارس قوشۇنىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى ۋە مەجۇسى ئىبادەتخانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رىم ئارقىمۇ - ئارقا غەلىبە قىلىشقا باشلىدى. بەدىر غازىتى بىلەن ئوخشاش بىر تارىخقا توغرا كەلگەن ( 627 ) نىنوۋا ( باغدات ئەتراپى ) ئۇرۇشىدا رىم قوشۇنى پارسلارغا ئەجەللىك بىر زەربە بەردى. 628 - يىلى پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قولدىن كەتتى. 1 - خۇسرەۋ تەخت تالىشىش كۆرىشى نەتىجىسىدە تەختتىن چۈشۈرۈلدى ۋە 18 ئوغلى قەتلى قىلىنىپ، ئۆزى زىنداندا ئۆلدى. قۇرئان كېلەچەكتىن ئالدىن بەرگەن خەۋەر مانا مۇشۇنداق رېئاللىققا ئايلاندى. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەدىسى ئىدى:
وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ (6) يَعْلَمُونَ ظَاهِرًا مِنَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ عَنِ الْآَخِرَةِ هُمْ غَافِلُونَ (7)
« ئاللاھ ئۇلارغا (غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. بىراق، ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ (6). ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئاخىرەتتىن بولسا پۈتۈنلەي بىخۇد (7) »
سۈرە بۇ نۇقتىدىن باشلاپ خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ ئەڭ خار قىلغۇچى ۋە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىنىڭ كىشىنى ئالدايدىغان تاشقى كۆرۈنۈشىگە مەركەزلىشىپ قالغان دىققىتىنى ئەبەدىي بولغان تەرەپكە ئاغدۇرىدۇ ( 8 ).
سۈرىدە خىتاب قىلىنغۇچىنى تارىختىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىدۇ:
« ئۇلار زېمىندا كېزىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن(ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان)لەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا نەزەر تاشلىمىدىمۇ؟ » ( 9 ).
ئاخىرەت دۇنيا ھاياتىنىڭ روھىدۇر. شۇڭا سۆز قايسى زامان ياكى قايسى ماكاندىن باشلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئايلىنىپ كېلىپ ئاخىرەتتە توختايدۇ. چۈنكى ئاخىرەت ئاداققى نىشاندۇر، دۇنيا ئۆتەڭدۇر. بۇ سۈرىدىمۇ بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمەيدۇ، ئاخىرقى سائەت تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر ئىنسانغا دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ ( 11 - 16 ).
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، يارىتىلغانلار ئالەمى مەنسۇپ بولغان « بارلىققا كېلىش ۋە يوقۇلۇش » قانۇنىدۇر:
يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَكَذَلِكَ تُخْرَجُونَ
« ئاللاھ جانسىزدىن جانلىقنى چىقىرىدۇ، جانلىقتىن جانسىزنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرمۇ (قەبرىدىن تىرىلدۈرۈلۈپ) ئاشۇنداق چىقىرىلىسىلەر » ( 19 ).
يەككە-يىگانىلىق ياراتقۇچى ئاللاھ تەئالاغا، جۈپ بولۇش يارىتىلغان مەخلۇققا خاستۇر. ئىنسان يارىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بىر جۈپ بولۇشى تەبئىيتىنىڭ تەقەززاسىدۇر. ئەر ۋە ئايال بىر- بىرى ئۈچۈن پالاكەت ئەمەس ئەكسىچە ئۇنسى-ئۇلپەتتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىپادىسى بويىچە « ئائىلە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى جەننىتىدۇر ». ئەر- ئايال بىرلىكىنىڭ بەخىتلىك ياشىيالىشى ئۈچۈن ئىككى نەرسە شەرت، يەنى سۆيگۈ ۋە مېھرى- مۇھەببەت. ئەگەر بۇ ئىككىسى مەۋجۇد بولسا، ئۇ ئائىلىدە ھوزۇر ۋە بەخىت بار دېگەنلىكتۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا:
وَمِنْ آَيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
« جۈپتىلىرىڭلاردىن ئۈلپەت-ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ ئاراڭلاردا مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى، ئاللاھنىڭ(مۆجىزىۋى) دەلىللىرىدىندۇر . شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشلەر توپى ئۈچۈن نۇرغۇن (مۆجىزىۋى) دەلىللەر بار » ( 21 ).
ئىنسانلارنىڭ نەسەبى، قەبىلىسى، رەڭگى، تىلى قاتارلىق ئوخشاشماسلىقلار بىر « تەپرىقە » مەسىلىسى سۈپىتىدە قارالماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ پەرقلەرنى يارىتىشى ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئىنسانلارنىڭ بۇ پەرقلەر بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشقا ئورۇنىشى ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئوخشاشماسلىقلارنى بالايى - ئاپەت ئەمەس، بىر نېمەت سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان تۆۋەندىكى ئايەتكە قاراپ باقايلى:
وَمِنْ آَيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ
« ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، تىلىڭلارنىڭ ۋە رەڭگىڭلارنىڭ خىلمۇخىللىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن (مۆجىزىۋى) دەلىللەر بار » ( 22 ).
پەقەت رەڭلەر ۋە تىللارنىڭ پەرقلىق بولۇشىلا ئايەت بولۇپ قالماستىن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭمۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇن بىلەن مەۋجۇت بولۇشى ئاللاھ تەئالانىڭ ئايىتىدۇر ( 25 ).
جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئايەت بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان:
وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ وَمَا آَتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ
« باشقىلارنىڭ پۇل-مېلى ئىچىدە ئۆسۈپ قالسۇن (يەنى ئۆسۈمى چىقسۇن،كۆپەيسۇن) دەپ بەرگەن نەرسەڭلار (يەنى جازانە)، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ خۇرسەنلىكىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكات - سەدىقىگە كەلسەك، ئەنە شۇ مۇكاپاتنى قاتمۇ-قات ئاشۇرغۇچىنىڭ دەل ئۆزى شۇ » ( 39 ).
ئىنسانلار بەرپا قىلغان مەدەنىيەتلەرمۇ خۇددى تەبىئەتكە ئوخشاش بۇ قانۇن دائىرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ ۋە يوقىلىدۇ ( 40 - 50 ).
بۇ پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ئالىمىدە، ئىنساننىڭ ئۆزگىچە بىر ئورنى بار. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنساننىڭ ئۆزلىكىگە كەشتىلەنگەن « فىترەت » سايىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ بۇزۇلماي ساقلىنىپ قېلىشى ۋەھىي بىلەن بەرپا قىلىنىدىغان بىر ئۈستقۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قۇرئاندا پەقەت بۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان ۋە فىترەت ئايىتى دەپ بىلىنىدىغان ئايەت تۆۋەندىكىچە:
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
« پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بىرخۇدالىق دىنىغا-ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتىلا كىملىكىگە نەقىش قىلىپ قۇيۇۋەتكەن فىترەتكە يۈزلەنگىنكى، ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ،توپتوغرا دىن دەل مۇشۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ » ( 30 ).
سۈرە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ كۈشكۈرتىشلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى بايان قىلىدۇ ( 58 ) ۋە تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسىنىڭ بۇ قىلتاققا چۈشۈپ، ھەر قانداق شەكىلدە كۈچ ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن توسىدۇ. بۇ ئىلاھى تەۋسىيە بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغانىدى. چۈنكى ئۇزۇن داۋام قىلغان ئۆكتىچىلىك يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەن، ھاكىمىيەت ئۇپۇقتا كۆرۈنگەنىدى. مەدىنە يولدا، مەدىنىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر شەخسى مەدىنە يولىغا راۋان بولۇش ئالدىدا ئىدى. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىق، تەمكىنلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەك ئىدى. چۈنكى كۈچكە ئىگە بولغاندا ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، مۇخالىپەت بولۇپ سەبىر قىلىشتىن تېخىمۇ قىيىن. كۈچ- ھاكىمىيەت بىلەن ئېمتىھان، كۈچ ۋە مال - مۈلۈك بىلەن ئېمتىھاندۇر. كۈچ ۋە بىساتقا سەبىر قىلىش ھەر قانداق كىشى قىلالايدىغان ئىش ئەمەس:
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَا يَسْتَخِفَّنَّكَ الَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ
« شۇڭا چىداملىق بولغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بەرھەق(يەنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ). (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن » ( 60 ).