بۇ سۈرە 33-ئايىتىگە ئاساسەن ئىمران ئائىلىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئال ئىمران ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
بۇ ئايەت بىلەن باشلانغان بۆلەك ھەزرىتى ئەيسا، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى مەريەمنىڭ دادىسى ئىمران، ئانىسى ھاننە ( ئانناھ )، ھاممىسى ئېلزابىت، ھاممىسىنىڭ ئېرى ھەزرىتى زەكەرىيا ۋە ئۇلارنىڭ ئوغلى ھەزرىتى يەھيادىن تەركىپ تاپقان ئىمران ئائىلىسى، ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن قىسسىنى بايان قىلىدۇ. ھەزرىتى مەريەمنىڭ دادىسى « ئىمران » ئىسمىنى بوۋىسىنىڭ بوۋىسى بولغان ھەزرىتى مۇسانىڭ دادىسىدىن ئالغانىدى. سۈرىگە بېرىلگەن « ئىمران ئائىلىسى » ئىسمىدىكى ئائىلە ئارقىلىق ھەزرىتى مۇسانىڭ دادىسىنىڭ ئائىلىسى نەزەردە تۇتۇلغان ئەمەس. چۈنكى قىسسە « ئىمراننىڭ ئايالى » دەپ باشلانغان بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسى ھاننە بولىدۇ.
سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىككى ۋەقە
سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىغا ئىككى ۋەقە سەۋەب بولغان. بۇلاردىن بىرسى ئۇھۇد ئۇرۇشى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 3 - يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 10 - كۈنى يۈز بەرگەن. بۇ ئېنىق. ئىككىنچى ۋەقە، خىرىستىيان نەجران ھەيئىتىنىڭ كېلىشى ئىدى.
نەجران، ئەرەپ يېرىم ئارىلى خىرىستىيانلىرىنىڭ كەبىسىگە ئىگە ئىدى. 60 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەدىنىگە كەلگەن بولۇپ، يېنىدا پوپلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەزرىتى ئىسانىڭ تەڭرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان.
ئۇلاردىن دەلىل تەلەپ قىلىنغاندا كۇپرىلىرىدا چىڭ تۇرغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى مۇباھەلە ( قەسەم ئىچىشكە ) دەۋەت قىلغان.
ھەيئەت باشتا قەسەم قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، كېيىن بېشىغا بىرەر بالا كېلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ۋاز كەچكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ جىزىيە بېرىش شەرتى بىلەن « ئامانلىقى »غا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.
سۈرە، دەماللىققا پەرقلىق تېمىلار ھەققىدە توختالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئانا تېما ئەقىدە، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بەقەرە سۈرىسىدىكى « يەھۇدىيلەشمەڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى، بۇ سۈرىدە « خىرىستىيانلاشماڭلار! » شەكلىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ئىككى ئازغۇنلۇق تۈرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك شەكىلدە بايان قىلغان نۇقتىسى « رەسۇل » چۈشەنچىسىدۇر. يەھۇدىيلىشىپ يولدىن چىقىپ كېتىشتە، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر خارلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. خىرىستىيانلىشىپ يولدىن چىقىپ كېتىشتە، ئەلچىلەر ئىنسانلىقتىن ھالقىغان بىر ئورۇنغا ئىگە قىلىنىپ تەڭرىلەشتۈرۈلگەن.
قۇرئاننى مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ دەپ ئىككى خىل كاتىگورىيىگە ئايرىغان بىردىنبىر ئايەت بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان:
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آَيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آَمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئى مۇھەممەت!) ئۇ ئاللاھ ساڭا كىتاب (يەنى قۇرئان)نى چۈشۈردى. ئۇنىڭدا مۇھكەم ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ ئايەتلەر باردۇر. كۆڭلىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە تەۋىل– ئىزاھلاش غەرىزىدە، بۇ ئايەتلەرگە يېپىشىۋالىدۇ. بۇنداق ئايەتلەرنىڭ تەئۋىلىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر: «قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن (چۈشكەن، بىلگىنىمىزگە ئەمەل قىلىمىز، بىلمىگىنىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز)» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ
ئالى ئىمران سۈرىسى: « خىرىستىيانلاشماڭلار! » دېمەكتە
بۇ مەزمۇندىكى بىر ئايەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانا تېمىسى « خىرىستىيانلاشماڭلار! » بولغان بىر سۈرىدە ئورۇن ئالغانلىقى كىشنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇنىڭ قايىل قىلارلىق جاۋابى، خىرىستىيانلىشىش مايىللىقىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ۋاستە « تەۋىل » ۋە « مەجاز » بولۇپ، بۇ خەتەرلىك مايىللىققا قاراپ تەۋىل ۋە مەجازغا دۈشمەن بولۇش، ساختىپەز پەيغەمبەرلەرگە قاراپ نۇبۇۋۋەتكە دۈشمەن بولغاندەك ھاماقەتلىكتۇر. تەۋىل ۋە مەجاز ئاساسەن مۇتەشابىھ بىلەن ئوخشاش بىر دائىرىگە كىرىدۇ.
مۇتەشابىھلىق، مەنانىڭ دەماللىققا بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يېپىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ خۇددى ئاخىرەتنى بايان قىلغان ئايەتلەردىكىگە ئوخشاش، تېما ئىنسان ئىدراكىدىن ھالقىغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتابنىڭ مۇتەشابىھ بىر تىل بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇقەررەردۇر.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ كىرىش بۆلىكىدە ئىمان، ئىنكار ۋە نىفاق ئۈستىدە توختالغان. بۇ سۈرىنىڭ كىرىش قىسمىدا پۇختا بىر ئېتىقادنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغان. بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ۋەھىينىڭ ئەسلى ئوچۇق ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تارماق مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كەلمەكتە. مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ ھەققىدە توختالغان 7 - ئايەت بۇ ھەقىقەتكە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ.
خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇشى مانا مۇشۇنداق بىر باسقۇچنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۈنكى ئىساۋىلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇش باسقۇچى « دادا - ئوغۇل » مەجازىنى ھەقىقەت دەپ چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاش بىلەن باشلانغان. مەجاز-مېتافور مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ۋە سۈيئىستىمالچىلارنىڭ قولىدا ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇلماقچى بولغاندا، « ئىنسان بالىسى » ئىسانى « تەڭرى ئوغلى » ئىساغا ئايلاندۇرۇش يولى ئېچىلىدۇ. قۇرئاندىكى مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئايەتنىڭ بۇ سۈرىدە ئورۇن ئېلىشىنىڭ سەۋەبى بۇ بولسا كېرەك.
جىھاد ئاللاھ داۋاسى يولىدا ئىنساننىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق توساقلارنى يىقىپ تاشلاشتۇر. « ئاللاھ داۋاسى » نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئاللاھ داۋاسى بەندىنىڭ بەخت - سائادىتىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئەبەدىي سائادىتىنى ئاللاھ ئۆزىگە داۋا قىلغان. شۇڭا ئاسمان - زېمىن، قۇياش ۋە ئاينى بەندىلەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. شۇڭا ئىنسانغا ئەقىل، ئىرادە ۋە ۋىجدان بەرگەن، ئەلچىلەر ۋە كىتابلار ئەۋەتكەن. شۇڭا پەرىشتىلىرىنى ئىنسانغا تازىم قىلدۇرغان. مانا بۇ سەۋەبتىن بەندىنىڭ داۋاسىمۇ « ئاللاھ نىڭ رازىلىقى » بولۇشى كېرەك. ئىنسان ئاللاھ داۋاسى يولىدا جىھاد قىلغاندا، ئاداققى نىشان ئاخىرەت يۇرتىدىكى ئەبەدىي سائادەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلمىسا، ئۆتكۈنچى دۇنيا زىننەتلىرى ئۇنى مەھلىيا قىلىپ، ئۇنىڭ ئاداققى نىشانغا يېتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ.
قۇرئاننىڭ ئەڭ تىپىك ئايەتلىرىدىن ئىككىسى بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان. بۇ ئىككى ئايەت ئاللاھ ۋە ئىنسان، ئامانەت ۋە مۈلكىيەت، ئۆزگەرمەسلەر ۋە ئۆزگۈرۈشچانلار دېگەندەك تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئايەتلەردۇر.
ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆزىنى ئاللاھ قا بېغىشلاش جەريانى: ھاننە - مەريەم - ئىسا
سۈرىنىڭ 33 - 58 - ئايەتلىرى ئارىسىدا، « يېتەكچىلىك ۋە رەھبەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش تەدبىرى نېمە؟ » ياكى « ئادەم ( غوللۇق خادىم ) ئازلىق مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى يەر ئالىدۇ. بۇ بۆلەكتە ھاننە - مەريەم - ئىسادىن ئىبارەت ئۈچ نەسىلنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ بۆلەك رەھبەرلىك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۆرنەكتۇر. بۇ ئۆرنەكتە ھاننە - مەريەم - ئىسادىن ئىبارەت ئۈچ نەسىل يەر ئالماقتا. بۇ ئۈچ نەسىل ئەتراپىدا ئاتا - ئوغۇل رەسۇللاردىن ھەزرىتى زەكەرىيا ۋە يەھيا يەر ئالىدۇ. سۈرىدە ھەزرىتى مەريەم ۋە ھەزرىتى ئىسانىڭ تۇغۇلۇشى بايان قىلىنىدۇ. ھەزرىتى ئىسانىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى بايانلار بۇ سۈرىدىن خېلىلا بۇرۇن نازىل بولغان مەريەم سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغانىدى. بۇ يەردە تۇغۇلۇشنىڭ تەكىتلىنىشى مەريەم ئوغلى ئىسا ۋە باشقا بارلىق رەسۇللارنىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆلىدىغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلماقتا.
سۈرىدە ھەزرىتى ئىسانىڭ ئانىسى « مەريەم » بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئىسا « مەريەم »نىڭ ئوغلى، « ئاللاھ »نىڭ ئوغلى ئەمەس دېيىلمەكتە. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى بىلەن ئۈچ نەرسە رەت قىلىنىدۇ:
1. خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى ئىسانى ئىلاھلاشتۇرۇشى. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى ئارقىلىق رەسۇلنى ئىلاھلاشتۇرغان خىرىستىيانلارغا « ئۇ ئاللاھ نىڭ ئوغلى ئەمەس، مەريەمنىڭ ئوغلى » دېيىلمەكتە.
2. يەھۇدىيلارنىڭ ھەزرىتى مەريەمگە قىلغان تۆھمەتلىرى. مەريەم ئۇلار تۆھمەت قىلغاندەك بۇزۇق بىر ئايال ئەمەس، ئەكسىچە ئىپپەت ئابىدىسى بولغان بىر ئەلچىنىڭ ئانىسى. « مەريەم ئوغلى ئىسا » ئىپادىسى تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا « رەسۇل ئانىسى مەريەم »دۇر.
3. رىمنىڭ ئەر كىشى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان چۈشەنچىسى. بۇ رىمغا ئۇرۇلغان بىر تەستەك بولۇپ، دادىسىز تۇغۇلغان ئىسا ئارقىلىق: ئى ئەر كىشىنى ئۇلۇغلاپ، ئايال كىشىنى كەمسىتىدىغان، كۈچكە چوقۇنىدىغان ھاكاۋۇر رىم! سېنىڭ بۇ ساختا ھاكاۋۇرلىقىنىڭ ئارقىسىدا « كۈچ »كە چوقۇنۇش چۈشەنچىسى ياتىدۇ. ئەر كىشىنى كۈچنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئەر كىشىنى ئۇلۇغلايسەن. مەريەم ئوغلى ئىسا بولسا ئاللاھ ساڭا بەرگەن ئېنىق بىر جاۋاب دېمەكتە. ئاللاھ ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان رەسۇللىرىدىن بىرسىنى دادىسىز ياراتتى. ئاللاھ ئىسانى ئانىسىغا نىسبەت بەرگەن ھالدا تىلغا ئالغان. بۇ ئىككى خۇسۇس، رىمنىڭ ئىككى كاچىتىغا ئۇرۇلغان ئىلاھىي تەستەكتۇر.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « خىرىستىيانلاشماڭلار! » ئاگاھلاندۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن تارىخىي ئېغىپ كېتىش ئىبرەت سۈپىتىدە بايان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ئىسەۋى مۆمىنلەرنىڭ ئورنىنى ئىسانى تەڭرىلەشتۈرگەن خىرىستىيانلارغا تەرك ئېتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئاقىۋەتنىڭ ئارقا پەردىسىدە ياتقان چۈشەنچىنى بۇ سۈرىدە كۆرۈپ يېتىمىز. سۈرىدە سۆز مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ ئىلاھلاشتۇرۇلىشىغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، نەجرانلىقلارنىڭ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەھىي رەسۇل چۈشەنچىسىدىكى ئېغىپ كېتىشنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنى بايان قىلغان. ئەسلىدە بۇ ئارقىلىق مۆمىنلەرگە « سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلماڭلار! » دېمەكتە.
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئىبراھىمغا نىسبەت قىلىشنى ياقتۇراتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىدى. ئۇنىڭ مۇبارەك يادىكارى بولغان كەبىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بەسلىشەتتى. بۇ سەۋەبتىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئاياق باسقان تاش دەپ قوبۇل قىلىنغان تاشنىمۇ مۇقەددەس بىر ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەنىدى. بىراق مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھۆرمىتى ساختا بىر ھۆرمەت بولۇپ، ئەسلىدە ھۆرمەتتەك كۆرۈنگەن ھۆرمەتسىزلىك ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئىبراھىمدىن يادىكار دەپ بىلگەن تاشنى ھۆرمەت قىلىشتا بەسلەشكەن، لېكىن ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئەسلى ئېتىقادىنى تونۇغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشقانىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئىبراھىمغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن « سۆز » مۇسابىقىسىگە چۈشكەنىدى.
سۈرىدە يەنە پۈتۈن كىتاب ئەھلىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان زېھنىيەتكە جاۋاب بېرىلگەن. قۇرئان يەھۇدىيلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بەقەرە سۈرىسىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ياكى بىراقلا قارا قويۇق قوبۇل قىلىدىغان ياكى قارا قويۇق رەت قىلىدىغان زېھنىيەتنىڭ ئورنىغا توغرا - خاتاسىنى تاللاپ ئايرىيدىغان بىر ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغاندەك، خىرىستىيانلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئالىئىمران سۈرىسىدىمۇ ئوقۇرمەنلىرىگە توغرا - خاتانى ئايرىيدىغان ساپ ئەقىل بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەيلى يەھۇدىيلىشىش بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىشىش بولسۇن، بۇلارغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا ئىنفاق قىلىشتۇر. بۇنى خۇددى بەقەرە سۈرىسىدە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالىئىمران سۈرىسىدىمۇ كۆرۈپ ئۆتىمىز:
خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىدىن بىرسى، دىندارلىق نامايەندىسى سۈپىتىدە ھالالنى ھارام قىلىشتۇر. بۇ ئېنىق ئازغۇنلۇقتۇر. قۇرئان ھاراملارنى ھالال قىلىش ھەققىدە بىر قېتىم توختالسا، بۇنىڭ ئەكسى بولغان ھالالنى ھارام قىلىش ھەققىدە ئون قېتىم توختىلىدۇ. بۇ بىر خىرىستىيانلىشىش ئالامىتىدۇر. چۈنكى خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك نايامەندىلىرىدىن بىرسى رىياخور دىندارلىقتۇر. روھبانلىق ( دىندارلار سىنىپى )نىڭ بۇ ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئېلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس. تۆۋەندىكى ئايەت ھەم يەھۇدىيلىشىشنىڭ ھەم خىرىستىيانلىشىشنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلماقتا:
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَى نَفْسِهِ مِنْ قَبْلِ أَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
تەۋرات چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە پەرھىز قىلغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئوغۇللىرىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەت! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار (قېنى؟)»(93).