ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
« قەسەس »، « قىسسە » كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، مەزكۇر سۈرىنىڭ 25 - ئايىتىگە ئاساسەن بۇ سۈرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن سۈرە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. سۈرىنىڭ ئىچىدىكى بايانلاردا نازىل بولۇش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بار. سۈرىنىڭ 20 - ئايىتىدە رەسۇلۇللاھقا قارشى پىلانلانغان سۈيقەستتىن ۋاستىلىق ھالدا خەۋەر بېرىلگەن. 24 - ئايەت رەسۇلۇللاھنىڭ تائىپ سەپىرىنى ئەسلىتىدۇ.
بۇ ئىشارەتلەر ئاساسىدا سۈرىنى دەۋەتنىڭ 10- يىلىدا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرىدە بايان قىلىنغان قارۇن قىسسەسى ( 76 - 82 ) ئارقىلىق مال- مۈلۈك ئەخلاقى تېما قىلىنغان. سۈرىدە ئاساسەن تەپسىلى بايان قىلىنغان پىرئەۋن- ھامان- قارۇن ئوبرازى، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى سىياسەت- ھوقۇق- ئىقتىساد ئۈچبۇلۇڭىغا ۋەكىللىك قىلماقتا. ئەگەر بۇ ئۈچ كۈچ زالىم بولسا، زۇلۇم ئۈستىگە بىنا قىلىنغان بىر پىرامىت شەكلىدىكى سىياسەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ئۈچ كۈچنىڭ بىرلەشمىسى كۈچنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر بۆلەكنىڭ ئانا تېمىسى.
سۈرىدە مۇسا قىسسەسى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ ( 3 - 46 ). بۇ قىسسە ئارقىلىق « ئىمانلىق بىر جامائەت شەكىللەندۈرۈش » مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، قىسسە باشلىنىشتىلا تەكىتلىنىدۇ ( 3 ).
قۇرئاننىڭ بىر قانچە سۈرىسىدە ھەزرىتى مۇسانىڭ قىسسەسى بايان قىلىنغان. لېكىن، ھەر قىسسەدە تەكىتلەنگەن مەقسەت ئوخشاشمايدۇ. قۇرئاندا بىر قىسسەنىڭ مەنا نۇقتىسىدىن بىرمۇ - بىر تەكرارلانغان شەكلى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ قىسسەدىكى ھەزرىتى مۇسا قىسسەسى ۋەقەلەرنى ئەڭ باشتىن، يەنى پىرئەۋننىڭ مىسىردا دۆلەت تېرورى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان تارىخىدىن باشلايدۇ:
إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
« شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىك قىلىپ) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى تەبىقىلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىرتەبىقە(يەنى ئىسرائىل ئوغۇللىرى)نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، خوتۇن- قىزلىرىنى ئاياق ئاستى قىلاتتى. پىرئەۋن راستتىنلا بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى » ( 4 ).
قىسسەنىڭ كۆرۈنگەن باش قەھرىمانلىرى مۇسا ۋە پىرئەۋن بولۇپ، كۆرۈنمىگەن ۋە زامانلار ئۈستى قەھرىمانلىرى مەزلۇملار بىلەن زالىملاردۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ ھەر چاغدىكى مۇرادى ناھايىتى ئېنىق: « مەزلۇملارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ».
وَنُرِيدُ أَنْ نَمُنَّ عَلَى الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا فِي الْأَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ أَئِمَّةً وَنَجْعَلَهُمُ الْوَارِثِينَ
« بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىشنى، ئۇلارنى يېتەكچى ۋە (پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭ قوۋمىنىڭ مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلاتتۇق » ( 5 ).
قۇرئان قىسسەلىرى، « ۋەقەنامە » ياكى « تارىخ ئەينىكى » ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان قىسسەلىرىدىن بەلگىلىك بىر تارىخى ۋەقەنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى خىيال قىلىش ھاماقەتلىك بولىدۇ. قۇرئاننىڭ كۆزى دائىما خىتاب قىلىنغۇچىغا بېرىدىغان نەسىھەت، كۆرسىتىدىغان يول، يۈزلەندۈرىدىغان يۆنىلىشتە بولۇپ، قۇرئان بۇ نۇقتىلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ ۋە خىتاب قىلىنغۇچىغا دېمەكچى بولغان ھەقىقەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ. قۇرئاننىڭ پەقەت بىرلا دەردى بار، يەنى ئىنسان ئۆز - ئۆزىگە زۇلۇم-ئۇۋال قىلمىسۇن، ئەبەدىي سائادىتىنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلمىسۇن، يارىتىلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسۇن. بۇ سۈرىدىمۇ بۇ پرىنسىپ ئۆزگەرمەيدۇ.
سۈرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋاقلىق دەۋرىدىن قىسقىچە بايانلار بېرىلىدۇ ( 7 - 13 ). بۇ بايانلار ئارقىلىق ئاللاھ تەئالا خالىسا مۇسانى پىرئەۋننىڭ قۇچىقىدا چوڭ قىلىدۇ، دېيىلمەكتە. دەرۋەقە شۇنداق بولغانىدى. مۇسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تۇغۇلغان بارلىق يېڭى بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگىدەك دەرىجىدە كۆزى قان بىلەن تولغان پىرئەۋننىڭ قۇچىقىدا چوڭ بولغانىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ « ئاللاھ خالىسا دىننى بىر گۇناھكارنىڭ قولى بىلەنمۇ كۈچلەندۈرىدۇ » دېگەن سۆزى تارىخنىڭ بۇ تىلىمىدا پەرقلىق شەكىلدە ئۆز ئىپادسىنى تاپقان ئىدى.
قىسسە مۇسانىڭ بوۋاقلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىردىنلا يىگىتلىك دەۋرىگە ئۆتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا مۇسا سارايدا شاھزادە سۈپىتىدە چوڭ بولغان، ناھايىتى ياخشى ئىلىم تەھسىل قىلغان، ياخشى تەربىيچىلەر قولىدا چوڭ بولغان بولۇپ، سەرخىل ئۇستازلاردىن دەرس ئالغان ئىدى. نەتىجىدە پىرئەۋن قوشۇنىدا ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ھەبەشىستان يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ زەپەر قازانغان. قۇرئان بۇ تارىخى مەلۇماتلار ئۈستىدە توختالمايدۇ. سۆزنى ئۇدۇل مۇسا سەۋەبچى بولغان بىر ۋەقەگە ئېلىپ كېلىدۇ:
مۇسا شەھەر ئاھالىسى بىخەۋەر ئەسنادا شەھەرگە كىرگەندە، شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى: ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز مىللىتىدىن، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنىدىن ئىدى. مىللەتداش ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىۋېدى، مۇسا ئۇنى(يەنى دۈشمىنىنى) بىر مۇشت بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا (ئۆزىگە كېلىپ): «بۇ شەيتانغا خاس قىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ۋە ئوچۇق دۈشمەن» دېدى (15).
ھەزرىتى مۇسا ئىلاھىي نازارەت ئاستىدا بولۇپ، مەلۇم بولغان نەرسە شۇكى، ئۇ ۋەقە ئۆزى خالىماستىن بولغانىدى. چۈنكى، ئايەت مۇساغا : « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » دېگۈزگەنىدى.
بۇ نۇقتىدا بىر ئاز توختىلايلى. نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشى؟ ھالبۇكى، مۇشتنى شەيتان ئاتمىغانىدى. مىسىرلىق كىشىنى شەيتان ئۆلتۈرمىگەنىدى. ئايەتنىڭ داۋامىدا مۇسا « رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە ئۆزۈم ئۇۋال قىلدىم! » دەپ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە « مېنى مەغپىرەت قىلغايسەن » دەپ توۋا قىلغانىدى. ئەگەر بۇنى شەيتان قىلغان بولسا، مۇسا نېمە ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ؟ توۋا قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
قۇرئان ۋەھيى ئىنساندا بەرپا قىلماقچى بولغان مىسلىسىز چۈشەنچە مانا بۇ نۇقتىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ بايانلار ئارقىلىق گۇناھكارنىڭ ئۆزىنى سادىر قىلغان گۇناھنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۋالماسلىقى، گۇناھنى ئۆزىگە ئېلىۋالماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر گۇناھكار سادىر قىلغان گۇناھنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، گۇناھنى ئۆزىنىڭ پارچىسى دەپ قارىۋالسا، قانداق قىلىپ توۋا قىلىدۇ؟ ئۇ گۇناھتىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟ بۇ ئەھۋالدا گۇناھنى تاشلاش ئىنسانغا خۇددى ئۆزىنىڭ جىسمىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، توۋا قىلىپ گۇناھتىن پاكلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلايدۇ ۋە پاتقاققا تېخىمۇ پاتىدۇ. مانا بۇ، « بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر » ئىپادىسى بىلەن ۋەھىي بەرپا قىلماقچى بولغان ئاڭدۇر. ۋەھىي گۇناھنى قۇتۇلۇش كېرەك بولغان بىر يۈك، يۇيۇپ تاشلىنىشى زۆرۈر بولغان بىر كىر دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق گۇناھكارلارغا ئەڭ چوڭ ھەدىيەنى بەرمەكتە.
« رەببىم! مەن سېنىڭ ماڭا بەخش ئەتكەن نېمىتىڭگە ئېرىشىپ تۇرۇپ (بۇندىن كېيىن) ھەرگىزمۇ گۇناھكارلارغا يار- يۆلەك بولمايمەن » ( 17 ).
دېمەك، مۇسانىڭ ئەسلى گۇناھى گۇناھكار ۋە ھەقسىزلىق قىلغان بىرىسىگە ياردەم قىلىمەن دەپ بىگۇناھ بىرىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش ئىدى. تاسادبىي سادىر بولغان بۇ جىنايەت نەتىجە بولۇپ، سەۋەب گۇناھكارغا ياردەم قىلىش ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى « بىزدىن ( بىزنىڭ قوۋمدىن ) »، يەنى ئەسەبىيەت ( تەرەپبازلىق ) ئىدى.
بۇ ۋەقە ئارقىلىق بارلىق ئەسەبىيەت - تەرەپبازلىق ( خاتا بولغان تەقدىردىمۇ مىللىتى، يېقىنى تەرەپتە تۇرۇش )نىڭ جىنايەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئىما قىلىنغان. تەبىئىيكى، بۇ ئارقىلىق تارىخىي يەھۇدىي ئىرقچىلىقىمۇ قامچىلانغان. بەلكىم بۇ ئارقىلىق مەككىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشى ھەققىدە تەلىمات بېرىلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلۈمدە پىرئەۋننىڭ قامچىسى مۇسانىڭ ھاسىسىغا يېڭىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، تارىخ يەنە بىر قېتىم ھەر پىرئەۋننىڭ بىر مۇساسى بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى.
قىسسە بويىچە ئىچكى دۇنيادىكى توقۇنۇشلار، ئەندىشە ۋە غەم - قايغۇلار، شەيدالىق تۇيغۇسى ۋە خاتالىقلىرى بىلەن ھەزرىتى مۇسانىڭ « بەشەرى » تەرىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، بۇ قىسسەدىن كېيىن كەلگەن ۋە رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىنغان « شۈبھىسىزكى، سەن ئۆزۈڭ ياقتۇرغان كىشىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرەلمەيسەن. لېكىن، ئاللاھ (ئۆز ئىرادىسى بىلەن) توغرا يولغا ئېرىشىشنى خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ. كىمنىڭ توغرا يولغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ » ( 56 ) ئايىتىمۇ بۇ قىسسە ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى تاماملىغۇچى خاراكېتىرگە ئىگە. بۇ ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن بىر بۆلەك ( 47 - 75 ) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئادىمىي تەبىئىيتى ۋە ۋەھىينىڭ ئىلاھى مەنبەسىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە، ئىنكارچى قوۋملارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئەسلىتىلىپ، بىر قوۋمنى نېمىنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېنىق بىر ئىپادە بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
وَمَا كُنَّا مُهْلِكِي الْقُرَى إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَالِمُونَ
« ھېچبىر ئەل ئاھالىسى (گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق) ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلمىغۇچە، بىز ئۇ ئەللەر(نىڭ ئاھالىسى)نى ھالاك قىلىپ باقمىدۇق » ( 59 ).
ئاندىن سۆز ھېساپ كۈنىدىكى مەھكىمىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئاخىرەت ۋە ئاقىۋىتىنى، بۇ ھاياتتا قىلغان قىلمىشلىرى بىلەن شەكىللەندۈرىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدىكى مۇسا - پىرئەۋن قىسسەسىدە باشقا سۈرىلەردىكى مۇسا - پىرئەۋن قىسسەسىدىن پەرقلىق ھالدا قارۇن ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، قارۇن ئىقتىسادىي كۈچكە، پىرئەۋن سىياسىي كۈچكە ۋە ھامان بيۇروكراتىك كۈچكە ۋەكىللىك قىلغان. پىرئەۋن تۈزۈمىنىڭ بىر پارچىسى بولغان قارۇن قۇرئاننىڭ شاھىتلىقى بىلەن مەلۇم بولغىنىدەك پىرئەۋن قوۋمىدىن ئەمەس، مۇسا قوۋمىدىن ئىدى ( 76 ). ھەتتا بەنى ئىسرائىل مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ھەزرىتى مۇسانىڭ تۇققىنى ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر باي بولۇپ، ئۇنىڭ غەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى كۆتۈرۈش بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى ( 76 ). ئۇنى قارۇن قىلغان مال - مۈلكى ئەمەس، مال - مۈلۈككە بولغان چۈشەنچىسى ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئېمتىھان قىلىپ بېرىلگەن مال - مۈلۈكنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە تەئەللۇق مۈلكىيەت دەپ قارىغانىدى. قارۇن تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ۋەكىللىك ئوبرازى ئىدى:
قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَى عِلْمٍ عِنْدِي أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِنْ قَبْلِهِ مِنَ الْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا وَلَا يُسْأَلُ عَنْ ذُنُوبِهِمُ الْمُجْرِمُونَ
قارۇن (ئۇلارغا): «مەن ئالاھىدە بىلىمىم تۈرتكىسىدە بۇ (بايلىققا) ئېرىشتىم» دېدى. قارۇن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نەسىللەر ئىچىدىن ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان مال - مۈلكى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشلەرنى ئاللاھنىڭ يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھى ئۆزلىرىدىن سورالمايدۇ ( 78 ).
مەن... مەن ... مەن ...
بۇ « مەن » چۈشەنچىسىدە « مەن » ئىدراكى يوق. ئۇنىڭدا « شەخسىيەتچىلىك » بار. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئوتتۇرىدا ئاللاھ تەئالانى ئۇنتۇغان بىر « مەن » بار. ئاللاھ تەئەلانى ئۇنتۇشنىڭ جازاسى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن تەرك ئېتىلىش بولۇپ، ئاللاھ تەئالا بىرىسىنى تەرك ئەتسە، ئۇنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىشتىن ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ:
فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِنْ فِئَةٍ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنْتَصِرِينَ
« قارۇننى ئۇنىڭ ئۆي-جايى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. ئاللاھتىن باشقا، ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدىغان تەرەپدارلار چىقمىدى، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنى قوغدىيالمىدى » ( 81 ).
رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە ۋەھىي بېرىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولۇشنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ باققان ياكى ئۈمىد قىلىپ باققان بولغىيمىدى؟
بۇ سۇوئالغا قۇرئان مۇنداق جاۋاب بەرمەكتە:
وَمَا كُنْتَ تَرْجُو أَنْ يُلْقَى إِلَيْكَ الْكِتَابُ إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرًا لِلْكَافِرِينَ
« سەن ئىلگىرى بۇ كىتابنىڭ ساڭا چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت رەببىڭنىڭ مېھىر -شەپقىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن ساڭا چۈشۈرۈلدى. شۇڭا، تۇزكور -كاپىرلارغا ھەرگىزمۇ ئارقاتېرەك بولما! » ( 86 ).
سۈرە بارلىق ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەقىقىتى بولغان تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىما قىلغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:
لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ
« ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق شەيئىلەر يوقىلىدۇ. » ( 88 ).
قوشۇمچە:
ھەزرىتى مۇسانىڭ سەھۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان قولى، ئاللاھ تەئالانىڭ نۇبۇۋۋەت ئالامىتى سۈپىتىدە بەخش ئەتكەن ئىككى مۆجىزىدىن بىرى بولغان يەدى بەيزا ( يەنى نۇرلۇق قول ) نىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇ ئارقىلىق قولىڭىز گۇناھ سەۋەبلىك كىرلىنىشى مۇمكىن، لېكىن چىن دىلىڭىزدىن توۋا قىلسىڭىز، كىرلەنگەن قولىڭىزنى يۇغان بولىسىز. سىز قولىڭىزنى پاكلىسىڭىز، ئاللاھ تەئالابەخش ئەتكەن پاكلىق بىلەن نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ قولىڭىز « نۇرلۇق قول- يەدى بەيزا » بولىدۇ، دېمەكتە.
ھەزرىتى مۇسانىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتى، ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا يامانلىق بولغان بولسا، بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىدە تۇرۇپ قارىغان ۋاقىتتا خەير ئىدى. يەنى:
1. شاھزادە مۇسانىڭ ئاللاھ تەئالا نىڭ ئەلچىسى مۇسا بولىشى ئۈچۈن پىرئەۋن سارىيىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك ئىدى. خۇددى بىرىسىنى زىنداندىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق زۆرۈر بولغاندەك، سارايدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ بىر تىرىشچانلىق، سەۋەب قىلىش لازىم. مانا بۇ ۋەقە مۇشۇنداق بىر خەيرلىك ئىشقا ۋەسىلە بولدى.
2. مۇسا ئاللاھ تەئالانىڭ ئېمىتىھانىدا ئۆزىنى دەڭسەپ باقتى. قولىنى بۇ ۋەقە بىلەن كىرلەتتى، لېكىن بۇ خاتالىق ئۇنى رەببىگە يۈزلەندۈردى. خاتاسى ئۈچۈن ئىستىغفار ئېيتىپ، رەببىگە يۈزلەندى، بويۇن ئېگىپ ئاللاھ تەئالاغا يېلىندى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ساراينىڭ ئىشىكى ئاللىقاچان ئېتىلگەنىدى.
3. مىسىر ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇ بىر قاچقۇن جىنايەتچى ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالغان بولۇپ، مىسىردا تۇرالمايتتى. بۇ دىيارنى تەرك ئېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بارىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى. ئۇ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەستىن ئىلاھىي قۇدرەت ئۇنى مۇئەللىمىگە قاراپ ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ھەزرىتى شۇئەيبنىڭ قول ئاستىدا ئون يىل تەلىم ئېلىشىغا ۋەسىلە بولدى.
بۇ ھەزرىتى مۇسانىڭ « قۇربىتىم يەتمىدى-كۈچۈم قالمىدى » دېگەن ۋاقتى ئىدى. ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » دېگەن بىر ۋاقتى بار ئىدى. ھەر پەيغەمبەرگە ئۇلارنى تاللىغان رەببى « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » دېگۈزگەنىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ « كۈچۈم قالمىدى » نۇقتىسى تائىپتىن قايتقان ۋاقتى ئىدى. ھەزرىتى مۇسانىڭ « كۈچۈم قالمىدى! قۇربىتىم يەتمىدى! » نۇقتىسى مەديەن رايونى دائىرىسىگە كىرگەن كۈنى ئىدى. مانا ئۇ كۈن ئۇنىڭ ھېرىپ - ئېچىپ ماجالى قالمىغانىدى. بارىدىغان يېرى يوق، بېشىنى تىققۇدەك كەپىسى يوق ئىدى. قىزلار ئۇلاغلىرىنى سۇغىرىدىغان بىر قۇدۇق بېشىدا ئۈمىدسىز، پەرىشان ھالدا سايىداپ غەمگە پېتىپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «رەببىم! ماڭا مەيلى نېمە رىزىق بەرگىن، مەن ھەقىقەتەن شۇنىڭغا موھتاج »( 24 ).