ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن( باشلايمەن).
سۈرىنىڭ نامى بولغان « چۈمۈلە »مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان نەمل كەلىمىسى ، سۈرىنىڭ 18 - 19 - ئايىتىدە بايان قىلىنغان قىسسەدىن ئېلىنغان.
بۇخارى ۋە تىرمىزىدا بۇ سۈرە قىسسە تېمىسىغا نىسبەت بېرىلگەن ھالدا « سۇلايمان سۈرىسى » دەپ ئاتالغان.
قۇرەيش بايقۇتى مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسىىدە پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى، بولۇپمۇ بەنى ئىسرائىل ئۆرنىكى ئارقىلىق ساۋاقلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەزكۇر دەۋردە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. سۈرە دەۋەتنىڭ 8- يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىسسەلەر ۋە ۋەقەلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ۋە بارلىق مۆمىنلەرنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مەقسەت سۈرىدە ناھايىتى روشەن ھالدا ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، قىسسەلەر ئاخىرلاشقاندا ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش، پەيغەمبەرلەرگە سالام يوللاشقا بۇيرۇلغان ( 59 ).
ناماز ۋە زاكات قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش باسقۇچىنىڭ ھەممىسىدە بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىككى ئىبادەتتۇر. نەچچە ئون ئايەتتە بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان. بىرىنچىسى- ناماز بەندىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى؛ ئىككىنجىسى - زاكات بەندىنىڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ناماز ھېس- تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. زاكات، مال ۋە بايلىق ھەققىدە توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ناماز بەندىنى يامانلىقلاردىن توسىدۇ، زاكات دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. ناماز ۋە زاكات بىر قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىنسان ھايات سەپىرىدە بۇ ئىككى قانات بىلەن ئۇچالايدۇ.
ئايەتتىكى « زاكات بېرىدۇ » ئىپادىسىدىن، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن قائىدىسى ۋە نىسبىتى ئېنىق ھالدا بەلگىلەنگەن بىر ئىبادەت نەزەردە تۇتۇلغان دەپ قارالماسلىق كېرەك. بۇ مەزگىلدە زاكات ئىقتىسادىي مەجبۇرىيەتتىن باشقا « پاكلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر خىل پىداكارلىقنى » ئۆز ئىچىگە ئالغان. كەلىمىنىڭ سۆز يىلتىزىدىن مەلۇم بولغاندەك زاكات بېرىش، ياۋا شاخلارنى پۇتاشقا ئوخشايدۇ. ياۋا شاخلار پۇتالغاندا، كۆرۈنۈشتە شاخ ئازايغاندەك قىلسىمۇ، ساپاقتىكى ئۈزۈم كۆپىيىدۇ. زاكات دەل بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. راتسېئونال ماتېماتكىدا 40 تىن بىرنى ئېلىۋەتكەندە 39 قالىدۇ. لېكىن، ئىمان ماتېماتىكىسىدا 400 قالىدۇ.
سۈرىدە قىسسەلەر بۆلىكى باشلانغاندا، داۋۇت ۋە سۇلايمان ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىككى شەخس پەقەت پەيغەمبەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولۇپ، سۈرە بۇ پەيغەمبەرلەر ھەققىدە توختالغاندا، بۇلارغا « مۈلۈك » بېرىلگەنلىكىنى ئەمەس، ئەكسىچە « ئىلىم » بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ:
وَلَقَدْ آَتَيْنَا دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ عِلْمًا وَقَالَا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي فَضَّلَنَا عَلَى كَثِيرٍ مِنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِينَ
بىز داۋۇتقا ۋە سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلغانىدۇق، ئۇلار (مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ): «پۈتكۈل مەدھىيە بىزنى كۆپلىگەن مۆمىن بەندىلىرىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا مەنسۇپ» دېگەنىدى (15). ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىمنىڭ شۈكۈر-مىننەتتارلىقىنى ئادا قىلغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىم بىلەن ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقانىدى. ئۇنداقتا، ئىگىسىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشنى ئۆگەتمىگەن ئىلىم، ئىلىم بولامدۇ؟ دادىسى داۋۇدقا ۋارىس بولغان سۇلايمانغا « قۇشلارنىڭ مەنتىقىسى (مَنْطِقَ الطَّيْرِ )» ئۆگىتىلگەنىدى ( 16 ). ئايەتتە قۇشلارغا مەنتىق نىسبەت قىلىنغان بولۇپ، سۇلايمان ئۇلارنىڭ مەنتىقىسىنى بىلەتتى. بىرىسى بىر نەرسىدىن مەنا چىقارغان بولسا، ئۇ كىشىدە شۇ نەرسىنىڭ تىلى بار بولغان بولىدۇ. بىرسى بىر نەرسىدىن ھېچقانداق بىر مەنا چىقىرالمىغان بولسا، ئۇ شۇ نەرسىنىڭ تىلىنى ۋە سۆزىنى بىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۇ نەرسىگە قارىتا تىلسىزدۇر. ئايەتتە قۇشلارغا سۇلايماننىڭ تىلىنى ئەمەس، سۇلايمانغا قۇشلارنىڭ مەنتىقىسى ئۆگىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. كارامەت قۇشنىڭ زاۋانغا كېلىشىدە ئەمەس، سۇلايماننىڭ پاراسەت ۋە ئەقىللىق بولغانلىقىدا ئىدى.
سۈرىدە سۇلايمان ۋە بىلقىس ھەققىدىكى قىسسەگە كەڭ دائىرىدە ئورۇن بېرىلگەن ( 16 - 44 ) بولۇپ، بۇ ئارقىلىق « بىر چۈمۈلىگىمۇ زۇلۇم قىلماسلىق » نەسىھەت قىلىنىپ، ھوقۇق ۋە كۈچ ئەخلاقى ياكى كۈچ ۋە ھېكمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق شەكىللەندۈرۈش ئۆگىتىلگەن. سۇلتان سۇلايمان بولۇپ دۇنياغا ھۆكۈمران بولالىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىزنى قۇدرەتلىك قىلغان نەرسە سەلتەنەتىڭىز ئەمەس، ئەكسىچە كۈچ ۋە ھوقوق قولىڭىزدا بولۇشىغا قارىماي، بىر چۈمۈلىگىمۇ ئۇۋال قىلماسلىقتەك ئادالەتنى بەرپا قىلالىشىڭىزدۇر. سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن « چۈمۈلە » مانا بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان چۈمۈلىدۇر.
سۈرىدە ھەر رەسۇلنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق ۋە قابىلىيەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ئىما قىلىنغان. ھەزرىتى سۇلايمانغىمۇ بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان ئارتۇقچىلىقلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەنىدى. بۇ قىسسەنىڭ ئالدىدا بايان قىلىنغان مۇسا ( 7 - 14 ) ، ئۇنىڭدىن كېيىن بايان قىلىنغان سالىھ ( 45 - 53 ) ۋە لۇت قوۋمى ( 54 - 58 ) قىسسەلىرى ئارقىلىق ئىنكارچى روھىيەت ئاگاھلاندۇرۇلغان.
سۈرىدە تەۋھىد ئەقىدىسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن بولۇپ، ئاللاھ تەئالادىن غەيرىگە ئىلاھلىق نىسبەت بېرىشنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئەڭ چوڭ تۇزكورلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەندىن كېيىن، بۇ خىل تۇزكور كىشىلەرگە مۇنداق خىتاب قىلىنغان:
قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ
ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ» (65).
سۈرىدە خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن مەدەنىيەتلەردىن قالغان ئىزنالارغا ئىبرەت نەزىرىدە قاراپ ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشقا بۇيرۇلغان:
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
«زېمىننى كېزىپ، گۇناھقا پاتقانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا نەزەر تاشلاپ بېقىڭلار» دېگىن (69). ئاندىن سۈرە باشلىنىشتىكىگە ئوخشاش سۆزنى ۋەھىيگە- قۇرئانغا كەلتۈرۈپ، ۋەھىينىڭ خىتاب قىلىنغۇچىدا شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ئاخىرەت چۈشەنچىسىنى تەكىتلىگەن:
وَيَقُولُونَ مَتَى هَذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (71) قُلْ عَسَى أَنْ يَكُونَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِي تَسْتَعْجِلُونَ (72)
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، سىلەر بىزنى قورقۇتقان ئازاب-ئوقۇبەت قاچان يۈز بېرىدۇ؟» دېيىشىدۇ (71). «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازاب- ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن (72).
ئاندىن بىردىنلا بەنى ئىسرائىل ھەققىدە بايانلار باشلىنىدۇ. قۇرئان بەنى ئىسرائىل ئىختىلاپ قىلىشقان بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئەگەر يەھۇدىيلار قۇرئانغا مۇراجەت قىلسا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان بىر مۇنچە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىدىن خەۋەردار بولاتتى ( 76 ).
قۇرئان بىز بىلىدىغان ئۇقۇملارنى يېڭىۋاشتىن ئىزاھلاپ، توغرا بولغان مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ مەنىلەر بىرلا دۇنيالىق ئەمەس، ئىككى دۇنيالىق مەنىلەر بولۇپ، بۇ مەنىلەر ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەقىل ئاللاھ تەئالا « نەزەر تاشلا » دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ ۋەقە - ھادىسىلەرگە نەزەر تاشلايدۇ ۋە ئاللاھ تەئالا كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىنى كۆرىدۇ. ھايات ۋە ئۆلۈم قۇرئان يېڭىۋاشتىن ئىزاھلىغان ئۇقۇملاردىن پەقەت بىر ئۆرنەك، خالاس. قۇرئان بىز « ئۆلۈك » دېگەنلەرگە « ئۆلۈك » دېمەيدۇ، ئەكسىچە بىز « تىرىك » دېگەنلەرگە « ئۆلۈك » دەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز « كۆزى ئوچۇق » دەپ بىلگەنلىرىمىزنى « كور » دەيدۇ. بۇ ھەقىقەت تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَى وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ (80) وَمَا أَنْتَ بِهَادِي الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآَيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ (81)
سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان گاسلارغىمۇ دەۋىتىڭنى يەتكۈزەلمەيسەن (80). سەن كورلارنى ئازغۇنلۇقىدىن (قايتۇرۇپ) توغرا يولغا ئېلىپ كېلەلمەيسەن، سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە چىن ئىشىنىپ بويۇن ئەگكەنلەرگىلا (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىتالايسەن (81).
ۋەھىي، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەسلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ غاپىل ئەمەسلىكى، ھاكىمى پەقەت ئاللاھ لا بولغان مەھشەر كۈنىدىكى مەھكىمىدە ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ:
وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
« رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىش - ھەرىكىتىڭلاردىن بىخۇد ئەمەس » ( 93 ).