ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە 224 - ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « شائىرلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « شۇئەرا » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان. ئايەتتە شامانلىقنى شائىرلىقنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزگەن، تىل سەنئىتىنى ئاللاھقا بولغان ئىشتىياقى يولىدا ئىشلەتمەي، ئۇنىڭغا قارشى چىققان شائىرلار ئەيىبلەنگەن.
وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ - (ئاللاھقا قارشى تۇرغان) شائىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا ئەگىشىدىغانلار ئازغۇن كىشلەردۇر ( 224 ).
سۈرە ئەئراف، ھۇد، ھىجر ۋە ئەنبىيا سۈرىلىرىگە ئوخشاش ئاللاھ تەئالانىڭ ئەلچىلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ. لېكىن، ھېچقايسىسىدا قىسسەلەردە تەكىتلەنگەن مەسىلىلەر ئوخشاش ئەمەس. بۇ سۈرىدىكى قىسسەلەرنىڭ مەركىزىدە نەبىلەر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۈرىدە بەنى ئىسرائىل بارلىق خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سۈرىدە بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىنغان. شۇڭا، سۈرىدە ئىككىنجى شەخس بىرلىك ئالمىشى (يەنى سەن ) ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىتاب بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھقا، ۋاستىلىق ھالدا بارچە كىشىلەرگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىنىڭ ئۈچىنچى ئايىتىدە ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولغان، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىنغان پەيغەمبەرگە تەسەللىي بېرىلگەن:
لَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
« (ئى مۇھەممەت!) سەن ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى دەپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدىغاندەك قىلىسەن » ( 3 ).
باشقىلارنىڭ ئىمانى ئۈچۈن ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋېتىشكە تاس قېلىش، ئالەملەرگە رەھمەت بەلكىم مانا مۇشۇنداق بىر ئىش بولسا كېرەك. ئىسلامنىڭ بىر شەپقەت ھەرىكىتى ئىكەنلىكىگە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئۆرنەك بارمۇ؟ لېكىن، ئاللاھ تەئالا بېكىتكەن بىر قانۇنىيەت بار. بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسلانغاندا، سىرتتىن كەلگەن بىر تەلەپ بىراۋنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم كىشى ئۆزى تەلەپ قىلىشى، توغرا يولغا يۈزلىنىشى، ئاللاھ تەئالادىن توغرا يولغا بيېتەكلىشىنى تىلىشى لازىم. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تەئالانىڭ يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمانغا مەجبۇرلىشى ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس. ئىنسانلار ئىمانغا مەجبۇر ۋە مەھكۇم قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىمان ئېيتقۇچىغا مۇكاپات بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى بولاتتىمۇ؟ مۇكاپات ياكى جازا، ئەركىن ئىرادە بىلەن تاللاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتتە بۇ ھەقىقەت بايان قىلىنغان:
إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آَيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ
« ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇلارغا (ئۆزلىرى تەلەپ قىلغاندەك) ئاسماندىن شۇنداق بىر پاكىت(يەنى مۆجىزە)نى چۈشۈرەتتۇق - دە، ئۇلار ئۇنىڭغا (ئىختىيارسىز) باش ئەگكەن بولاتتى » ( 4 )
بۇ نۇقتىدا 3 - ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىنىڭ ئەقلىگە « رەسۇلۇللاھنىڭ قوۋمىنىڭ بېشىغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە كەلگەندەك بىرەر بالا كېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولغىيمىدى؟ » دېگەن سۇئال كېلىشى مۇمكىن.
رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ھەزرىتى مۇسا ۋە ئىبراھىم پەيغەمبەرلەر ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇھ، ئاد، سەمۇد، لۇت ۋە ئەيكە قەۋمىنىڭ ئاقىۋىتى ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سۈرىدە ئىبرەت قىلىپ كۆرسىتىلگەن قوۋملار ئاساسەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ئازغۇنلۇق تۈرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
سۈرىدە بىر قانچە رەسۇلنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھ تەئالا تەرەپكە چاقىرىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قوۋمىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ بۇ قوۋملارنىڭ مۆجىزىلىك ئىشارەتلەر ئالدىدىمۇ ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى بايان قىلىنىپ، 4-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەقىقەتنى ئىما قىلىپ ئۆتكەن. بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق قوۋمىنىڭ مۆمىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ تۈگىشىپ كېتەي دەپ قالغان رەسۇلۇللاھقا تەسەللىي بېرىلگەن. بۇ ئۆرنەكلەر ئارقىلىق ئىنكارچىلىقتا چىڭ تۇرغان قوۋملارنىڭ ھېچبىرىدە ئۈمىد يوق ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇ قىسسەلەرنىڭ مەقسىتى ھەر بىر قىسسەدىن كېيىن تىلغا ئېلىنغان ۋە سۈرىدە سەككىز قېتىم تەكرارلانغان بۇ ئايەتكە مۇجەسسەملەنگەن:
إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ (67) وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ (68)
« بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئېلىنىدىغان) ساۋاق بار. بىراق ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتماي كەلدى (67). سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن مۇتلەق ئۈستۈن ۋە ئىنتايىن رەھىمدىل (68).»
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش:
1. ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ پەرۋاسىز مۇئامىلىسىنى ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ. سەن ئىبرەت ۋە ساۋاق ئال!
2. ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ قىل، ئۇنىڭ مەرھەمىتى چەكسىز بىر رەب ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما. ئاندىن سۆز يەنە بارلىق دەۋرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئانغا كېلىپ توختايدۇ. « قۇرئان نېمە؟ قانداق كەلگەن؟ كىمگە كەلگەن؟ قەيەردىن كەلگەن؟ نېمە ئۈچۈن نازىل بولغان؟ قانداق خىتاب؟ » دېگەندەك بىر قاتار سوئالغا تۆۋەندىكى تۆت ئايەت بىلەن جاۋاب بېرىلگەن:
وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ (192) نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ (193) عَلَى قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ (194) بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُبِينٍ (195)
شۈبھىسىزكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) جىمى ئالەمنىڭ رەببى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن (192). ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچىلىك روھ (يەنى جىبرىئىل) ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ كېلىپ سېنىڭ قەلبىڭگە چۈشۈردى (193 - 195).
سۈرىدە يەنە ئىنسانىيەت سەدىقىسى بولغان نەبىلەرنىڭ شۇ خىتابى بەش قېتىم تەكرارلانماقتا:
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى رَبِّ الْعَالَمِينَ
« مەن بۇنىڭ (يەنى دەۋەت - تەبلىغنىڭ) بەدىلىگە سىلەردىن (دۇنيالىق) ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ مۇكاپاتىمنى بېرىش پەقەت جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغىلا تەئەللۇق » ( 127 ).
نەبىلەر ھەق سەدىقىسى بولۇپ، ئۇلار ھاياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا ئاتىغان كىشىلەردۇر. ھەقلىرىنى ۋە مۇكاپاتىنى دەۋەت-تەبلىغ قىلغان ئىنسانلاردىن ئەمەس، ئاللاھ تەئالادىن ئالغانىدى. ئالغان دېدۇق، چۈنكى ياخشى بولۇش ۋە ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەق ئېلىش ۋە مۇكاپات ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ياخشى بولۇشنىڭ ئۆزىلا بىر مۇكاپات ئەسلىدە. نەبىلەرنىڭ ھاياتى بۇ ھەقىقەتنىڭ جانلىق شاھىتى.
سۈرىگە « شائىرلار » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمنىڭ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئايەتلەر سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئورۇن ئالغان. بۇ ئايەتلەردە ئەيىبلەنگەن شائىرلار ساختا رەسۇل قېلىپىغا كىرىۋالغان « شامان » شائىرلىرى بولۇپ، ئەيبلەنگەن شېئىرلارمۇ ۋەھىينىڭ تەختىگە كۆز تىككەن ۋە خىتاپ قىلىنغۇچىسىنىڭ ئەقلىنى ئەمەس، ھېسسىي تۇيغۇسىنى نىشان قىلغان سېھىر - ئەپسۇننىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدىغان تۈردىكى شېئىرلاردۇر.
ھەقىقەتنى ئىزدىگەن شېئىر ھېكمەت، ھەقىقەتنى ئىزدىگەن شائىر ھېكىمدۇر. ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا كۆز تىككەن شېئىر ھەددىنى ئاشقان سۆزدۇر. سۆزنىڭ ھەددىدىن ئاشقىنى ھەددىدىن ئاشقان ئىنساندىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەددىدىن ئاشقان شائىر شامانلىققا مايىل بولغان كىشىدۇر. قەدىمقى ھەر ئېزىشتا ۋە ھەر خىل باتىل ئېتىقادتا شامانلىقتىن بىر ئىز بار. ئىسلامدىن ئىبارەت ھەق دىن ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بولغاندەك، شامانلىقمۇ ئىنسانىيەت بىلەن تەڭتۇش بارلىق خۇراپاتلىقنىڭ ئىسمىدۇر. ئەلۋەتتە، قۇرئان ئۆزىنى بىلىدىغان شائىر ۋە سۆزگە بىر نەرسە دېمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى 227 - ئايەتتۇر.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى ئاللاھ تەئالاغا ، ئۆزىگە ۋە شەيئىلەرگە ياتلاشقان ھەر قوۋم ۋە مەدەنىيەتنى كۈتۈپ تۇرغان ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەتتىن خەۋەر بەرمەكتە:
وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ
« زۇلۇم قىلغانلار ئۇزاققا قالماي قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ » ( 227 ).
ئىمان ئېيتتۇق ۋە چىن پۈتتۈق دەيمىز يا رەببى! بىزنى ئۇ زالىملار قاتارىدىن قىلمىغايسەن، ئۇ زالىملارغا يۆلەنگەن زالىملاردىن قىلمىغايسەن!