سۈرە فۇرقان
سۈرە فۇرقان 1-ئايەت
تَبَارَكَ الَّذِي نَزَّلَ الْفُرْقَانَ عَلَى عَبْدِهِ لِيَكُونَ لِلْعَالَمِينَ نَذِيرًا
پۈتكۈل ئالەم(يەنى جىمى ئىنسانىيەت)گە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن بەندىسى(مۇھەممەت)گە فۇرقاننى[1] چۈشۈرگەن ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇر (1).
سۈرە فۇرقان 2-ئايەت
الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُن لَّهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. ئاللاھ بالا قىلىۋالغانمۇ ئەمەس، ئىگىدارچىلىقتا بىرەر شېرىكىمۇ يوق. ئۇ ھەممە نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا قانۇنىيەت - ئۆلچەم بېكىتتى (2).
سۈرە فۇرقان 3-ئايەت
وَاتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً لَّا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَاةً وَلَا نُشُورًا
ئۇلار ئاللاھنى تاشلاپ قويۇپ، ھېچنەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى توسۇپ قالالمايدىغان، ئۆزلىرىگە بىرەر مەنپەئەتمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدىغان، جان ئېلىشقا، ھاياتلىق بېغىشلاشقا ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يەتمەيدىغان (ساختا) ئىلاھلارغا چوقۇندى (3).
سۈرە فۇرقان 4-ئايەت
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَذَا إِلَّا إِفْكٌ افْتَرَاهُ وَأَعَانَهُ عَلَيْهِ قَوْمٌ آخَرُونَ فَقَدْ جَاءُوا ظُلْمًا وَزُورًا
كاپىر بولغان كىشىلەر: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت مۇھەممەت ئۆزى توقۇغان بىر يالغان، ئۇنى توقۇشقا باشقا كىشلەر ياردەم بەرگەن» دېيىشتى . ئۇلار (بۇ ئارقىلىق) ئۇۋال قىلىشتى ۋە يالغاننى توقۇشتى (4).
سۈرە فۇرقان 5-ئايەت
وَقَالُوا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ اكْتَتَبَهَا فَهِيَ تُمْلَى عَلَيْهِ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
ئۇلار: «بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ چۆچەك - ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى (مۇھەممەت) يازدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭغا ئەتىگەن -ئاخشام ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېيشتى (5) . ئېيتقىنكى، ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل سىرنى بىلىدىغان ئاللاھ چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى كەچۈرۈمچان ۋە تولىمۇ رەھىمدىل (6).
سۈرە فۇرقان 6-ئايەت
قُلْ أَنزَلَهُ الَّذِي يَعْلَمُ السِّرَّ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِنَّهُ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئۇلار: «تاماق يەيدىغان ۋە بازارلاردا مېڭىپ يۈرۈيدىغان بۇ زادى قانداق پەيغەمبەر؟ ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە نېمىشقا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟ (7)
سۈرە فۇرقان 7-ئايەت
وَقَالُوا مَالِ هَذَا الرَّسُولِ يَأْكُلُ الطَّعَامَ وَيَمْشِي فِي الْأَسْوَاقِ لَوْلَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مَلَكٌ فَيَكُونَ مَعَهُ نَذِيرًا
ياكى نېمىشقا ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) بىرەر خەزىنە تاشلاپ بېرىلمىدى؟ يا بولمىسا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىرەر بېغى يوق؟» دېيىشتى. شۇنىڭدەك ئۇ زالىملار
سۈرە فۇرقان 8-ئايەت
أَوْ يُلْقَى إِلَيْهِ كَنزٌ أَوْ تَكُونُ لَهُ جَنَّةٌ يَأْكُلُ مِنْهَا وَقَالَ الظَّالِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَّسْحُورًا
مۆمىنلەرگە: «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېيىشتى (8).
سۈرە فۇرقان 9-ئايەت
انظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا لَكَ الْأَمْثَالَ فَضَلُّوا فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق قانداق مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلار ئازدى، شۇڭا (ھىدايەتكە) يول تاپالمايدۇ (9).
سۈرە فۇرقان 10-ئايەت
تَبَارَكَ الَّذِي إِن شَاءَ جَعَلَ لَكَ خَيْرًا مِّن ذَلِكَ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَيَجْعَل لَّكَ قُصُورًا
ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىلىنى - ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە كاتتا سارايلارنى ئاتا قىلاتتى (10).
سۈرە فۇرقان 11-ئايەت
بَلْ كَذَّبُوا بِالسَّاعَةِ وَأَعْتَدْنَا لِمَن كَذَّبَ بِالسَّاعَةِ سَعِيرًا
ياق، ئۇلار (ئەسلىدە) قىيامەتنى يالغانغا چىقاردى. قىيامەتنى يالغانغا چىقارغانلارغا بىز لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دوزاخنى تەييارلىدۇق (11).
سۈرە فۇرقان 12-ئايەت
إِذَا رَأَتْهُم مِّن مَّكَانٍ بَعِيدٍ سَمِعُوا لَهَا تَغَيُّظًا وَزَفِيرًا
دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە شىددەت بىلەن گۈركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ (12).
سۈرە فۇرقان 13-ئايەت
وَإِذَا أُلْقُوا مِنْهَا مَكَانًا ضَيِّقًا مُّقَرَّنِينَ دَعَوْا هُنَالِكَ ثُبُورًا
ئۇلار زەنجىربەند قىلىنىپ دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، ئۇلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىشىدۇ (13).
سۈرە فۇرقان 14-ئايەت
لَّا تَدْعُوا الْيَوْمَ ثُبُورًا وَاحِدًا وَادْعُوا ثُبُورًا كَثِيرًا
(بىراق ئۇ چاغدا ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار» (دېيىلىدۇ) (14).
سۈرە فۇرقان 15-ئايەت
قُلْ أَذَلِكَ خَيْرٌ أَمْ جَنَّةُ الْخُلْدِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ كَانَتْ لَهُمْ جَزَاءً وَمَصِيرًا
ئېيتقىنكى، شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ ياكى تەقۋادار - مەسئۇلىيەتچانلارغا ۋەدە قىلىنغان، كىرگەنلەر مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟ جەننەت تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچانلارغا بېرىلگەن مۇكاپات ۋە ئۇلار ئاخىر بارىدىغان جاي (15).
سۈرە فۇرقان 16-ئايەت
لَّهُمْ فِيهَا مَا يَشَاءُونَ خَالِدِينَ كَانَ عَلَى رَبِّكَ وَعْدًا مَّسْئُولًا
ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ، رەببىڭنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىسى (16).
سۈرە فۇرقان 17-ئايەت
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ فَيَقُولُ أَأَنتُمْ أَضْلَلْتُمْ عِبَادِي هَؤُلَاءِ أَمْ هُمْ ضَلُّوا السَّبِيلَ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلار بىلەن قوشۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرىنىمۇ يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئاتالمىش ئىلاھلاردىن) «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەپ سورايدۇ (17).
سۈرە فۇرقان 18-ئايەت
قَالُوا سُبْحَانَكَ مَا كَانَ يَنبَغِي لَنَا أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنْ أَوْلِيَاءَ وَلَكِن مَّتَّعْتَهُمْ وَآبَاءَهُمْ حَتَّى نَسُوا الذِّكْرَ وَكَانُوا قَوْمًا بُورًا
ئۇ مەبۇدلار (زۇۋانغا كېلىپ) ئېيتىدۇ: «(ئى ئاللاھ!) بىز سېنى ھەرقانداق شېرىك، نۇقساندىن پاك دەپ بىلىمىز، سېنى قويۇپ باشقىلارنى جانجىگەر دوست قىلىۋېلىش بىزگە ياراشمايدۇ. لېكىن، سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شۇقەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار قۇرئاننى ئۇنۇتتى ۋە ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك خەلققە ئايلاندى» (18).
سۈرە فۇرقان 19-ئايەت
فَقَدْ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسْتَطِيعُونَ صَرْفًا وَلَا نَصْرًا وَمَن يَظْلِم مِّنكُمْ نُذِقْهُ عَذَابًا كَبِيرًا
(ئۇ چاغدا ئاللاھ شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرگە) مانا، (سىلەر ئىلاھلاشتۇرۇۋالغان مەۋجۇداتلار) سىلەر ئىلگىرى سۈرگەن سەپسەتىلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن (ئاللاھنىڭ) ئازاب - ئوقۇبىتىنى توسۇپ قالالمايسىلەر ۋە ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر. سىلەردىن كىمكى زۇلۇم - ناھەقچلىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز بۈيۈك ئازاب - ئوقۇبەتنى تېتىتىمىز (19).
سۈرە فۇرقان 20-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا إِنَّهُمْ لَيَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَيَمْشُونَ فِي الْأَسْوَاقِ وَجَعَلْنَا بَعْضَكُمْ لِبَعْضٍ فِتْنَةً أَتَصْبِرُونَ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرًا
(ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى. بەزىلىرىڭلارنى بەزىلىرىڭلار ئۈچۈن ئىمتىھان ئوبيېكتى قىلدۇقكى، قېنى بەرداشلىق بېرەلەمسىلەركىن؟ رەببىڭ ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ (20).
سۈرە فۇرقان 21-ئايەت
وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْنَا الْمَلَائِكَةُ أَوْ نَرَى رَبَّنَا لَقَدِ اسْتَكْبَرُوا فِي أَنفُسِهِمْ وَعَتَوْا عُتُوًّا كَبِيرًا
بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى كۆزلىمەيدىغانلار: «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى بىز نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى . شۈبھىسىزكى ، ئۇلار كۆڭلىدە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇشتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى (21).
سۈرە فۇرقان 22-ئايەت
يَوْمَ يَرَوْنَ الْمَلَائِكَةَ لَا بُشْرَى يَوْمَئِذٍ لِّلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَّحْجُورًا
ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان (قىيامەت) كۈنى گۇناھكارلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ خۇش خەۋەر بولمايدۇ ۋە ئۇ كۈنى (بۇنداق كىشلەر) «بىز (ئاللاھنىڭ شەپقىتىدىن) قوغلىنىپتۇق» دەيدۇ (22).
سۈرە فۇرقان 23-ئايەت
وَقَدِمْنَا إِلَى مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَّنثُورًا
بىز ئۇلارنىڭ (ئۆزلىرىچە ياخشى دەپ قارىغان) قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلاندۇرىۋېتىمىز (23).
سۈرە فۇرقان 24-ئايەت
أَصْحَابُ الْجَنَّةِ يَوْمَئِذٍ خَيْرٌ مُّسْتَقَرًّا وَأَحْسَنُ مَقِيلًا
ئۇ كۈندە جەننەتىيلەر ئەڭ ياخشى تۇرار جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ (24).
سۈرە فۇرقان 25-ئايەت
وَيَوْمَ تَشَقَّقُ السَّمَاءُ بِالْغَمَامِ وَنُزِّلَ الْمَلَائِكَةُ تَنزِيلًا
ئۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ ۋە پەرىشتىلەر ئارقىمۇ-ئارقا چۈشۈرۈلىدۇ (25).
سۈرە فۇرقان 26-ئايەت
الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ لِلرَّحْمَنِ وَكَانَ يَوْمًا عَلَى الْكَافِرِينَ عَسِيرًا
ئۇ كۈنى ھەقىقىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ پەقەتلا چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ، ئۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىن بولىدۇ (26).
سۈرە فۇرقان 27-ئايەت
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَى يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
ئۇ كۈنى (دۇنيادىكى ۋاقتىدا غەپلەتتە ياشاپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى (ھەسرەت - نادامەت بىلەن) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتقان بولسامچۇ؟ ئىسىت! مەن پالانىنى (ئۆزۈمگە يېتەكچى) جانجىگەردوست قىلىۋالمىغان بولسامچۇ؟! ئۇ مېنى ماڭا يېتىپ كەلگەن قۇرئان(غا ئەگىشىش)دىن ئازدۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ!» دەپ كېتىدۇ. شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇپ تاشلىۋېتىدۇ (27 - 29).
سۈرە فۇرقان 28-ئايەت
يَا وَيْلَتَى لَيْتَنِي لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا
ئۇ كۈنى (دۇنيادىكى ۋاقتىدا غەپلەتتە ياشاپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى (ھەسرەت - نادامەت بىلەن) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتقان بولسامچۇ؟ ئىسىت! مەن پالانىنى (ئۆزۈمگە يېتەكچى) جانجىگەردوست قىلىۋالمىغان بولسامچۇ؟! ئۇ مېنى ماڭا يېتىپ كەلگەن قۇرئان(غا ئەگىشىش)دىن ئازدۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ!» دەپ كېتىدۇ. شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇپ تاشلىۋېتىدۇ (27 - 29).
سۈرە فۇرقان 29-ئايەت
لَّقَدْ أَضَلَّنِي عَنِ الذِّكْرِ بَعْدَ إِذْ جَاءَنِي وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِلْإِنسَانِ خَذُولًا
ئۇ كۈنى (دۇنيادىكى ۋاقتىدا غەپلەتتە ياشاپ) ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى (ھەسرەت - نادامەت بىلەن) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يولىنى تۇتقان بولسامچۇ؟ ئىسىت! مەن پالانىنى (ئۆزۈمگە يېتەكچى) جانجىگەردوست قىلىۋالمىغان بولسامچۇ؟! ئۇ مېنى ماڭا يېتىپ كەلگەن قۇرئان(غا ئەگىشىش)دىن ئازدۇرۇپتىكەن ئەمەسمۇ!» دەپ كېتىدۇ. شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇپ تاشلىۋېتىدۇ (27 - 29).
سۈرە فۇرقان 30-ئايەت
وَقَالَ الرَّسُولُ يَا رَبِّ إِنَّ قَوْمِي اتَّخَذُوا هَذَا الْقُرْآنَ مَهْجُورًا
(ئۇ كۈنى) رەسۇلۇللاھ: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قوۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىشتى» دەيدۇ (30).
سۈرە فۇرقان 31-ئايەت
وَكَذَلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِّنَ الْمُجْرِمِينَ وَكَفَى بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
شۇنىڭدەك (يەنى سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولغاندەك) ھەربىر نەبىيگە گۇناھكارلار ئىچىدىن دۈشمەن بارلىققا كەلتۈردۇق. يېتەكچى ۋە مەدەتكار بولۇشقا رەببىڭ ساڭا كۇپايە (31).
سۈرە فۇرقان 32-ئايەت
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ الْقُرْآنُ جُمْلَةً وَاحِدَةً كَذَلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِ فُؤَادَكَ وَرَتَّلْنَاهُ تَرْتِيلًا
كاپىر بولغانلار «قۇرئان مۇھەممەتكە نېمىشقا پۈتۈنلەي بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈلمىدى؟» دېيىشتى. بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم ئورنىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق (پارچە - پارچە، تەدرىجىي چۈشۈردۇق) دانىمۇدانە ئوقۇپ بەردۇق (32).
سۈرە فۇرقان 33-ئايەت
وَلَا يَأْتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئْنَاكَ بِالْحَقِّ وَأَحْسَنَ تَفْسِيرًا
ئۇ(مۇشرىك)لار (ئېتىراز بىلدۈرۈپ) ساڭا قانداق مىساللارنى ئېلىپ كەلسە كەلسۇن، بىز چوقۇم ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈشنى كەلتۈردۇق (33).
سۈرە فۇرقان 34-ئايەت
الَّذِينَ يُحْشَرُونَ عَلَى وُجُوهِهِمْ إِلَى جَهَنَّمَ أُولَئِكَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضَلُّ سَبِيلًا
جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ يىغىلىدىغان ئادەملەرگە كەلسەك، جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇن كىشلەر دەل ئاشۇلار (34).
سۈرە فۇرقان 35-ئايەت
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا (ئىلاھىي) كىتاب(يەنى تەۋرات)نى ئاتا قىلدۇق ھەمدە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق (35).
سۈرە فۇرقان 36-ئايەت
فَقُلْنَا اذْهَبَا إِلَى الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَدَمَّرْنَاهُمْ تَدْمِيرًا
ئاندىن (ئۇ ئىككىسىگە): «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان خەلقنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دېدۇق. (ئۇ خەلق كۇپۇرلۇقتا، زۇلۇمدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاخىر) بىز ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق (36).
سۈرە فۇرقان 37-ئايەت
وَقَوْمَ نُوحٍ لَّمَّا كَذَّبُوا الرُّسُلَ أَغْرَقْنَاهُمْ وَجَعَلْنَاهُمْ لِلنَّاسِ آيَةً وَأَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
نۇھنىڭ خەلقىنىمۇ ئۇلار ئەلچىلەرنى يالغانغا چىقارغان چاغدا غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى ئىنسانىيەتكە ئىبرەت قىلدۇق. بىز زالىملارغا (ئاخىرەتتە) دەرد - ئەلەملىك ئازاب - ئوقۇبەت تەييارلىدۇق (37).
سۈرە فۇرقان 38-ئايەت
وَعَادًا وَثَمُودَ وَأَصْحَابَ الرَّسِّ وَقُرُونًا بَيْنَ ذَلِكَ كَثِيرًا
بىز ئاد(خەلقى)نى، سەمۇد(خەلقى)نى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ دەۋرلىرى ئارىلىقىدا ياشىغان تالاي خەلقلەرنى ھەم (گۇناھكارلىقى تۈپەيلى بىر پۈتۈن خەلق سۈپىتىدە ھالاك قىلدۇق) (38).
سۈرە فۇرقان 39-ئايەت
وَكُلًّا ضَرَبْنَا لَهُ الْأَمْثَالَ وَكُلًّا تَبَّرْنَا تَتْبِيرًا
بىز (ئۇلارنىڭ) ھەربىرىگە (ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىبرەتلىك) مىساللارنى كەلتۈرۈپ باقتۇق، ( پەرۋا قىلمىغانلىقتىن ئاخىر) يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق (39).
سۈرە فۇرقان 40-ئايەت
وَلَقَدْ أَتَوْا عَلَى الْقَرْيَةِ الَّتِي أُمْطِرَتْ مَطَرَ السَّوْءِ أَفَلَمْ يَكُونُوا يَرَوْنَهَا بَلْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ نُشُورًا
ئۇ(مۇشرىك)لار (شامغا بېرىپ كېلىشتە) بالايىئاپەت يامغۇرىغا دۇچار بولۇپ (يوق قىلىنغان) ئەلدىن[2] ئۆتۈپ تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ ياق، ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى كۆزلىمەيدۇ (40).
سۈرە فۇرقان 41-ئايەت
وَإِذَا رَأَوْكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَذَا الَّذِي بَعَثَ اللَّهُ رَسُولًا
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسى مۇشۇمۇ؟ ناۋادا (بۇتلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن تاندۇرىۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازاب - ئوقۇبەتنى كۆرگەن چاغدا، كىمنىڭ راستتىنلا ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ (41 - 42).
سۈرە فۇرقان 42-ئايەت
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنْ آلِهَتِنَا لَوْلَا أَن صَبَرْنَا عَلَيْهَا وَسَوْفَ يَعْلَمُونَ حِينَ يَرَوْنَ الْعَذَابَ مَنْ أَضَلُّ سَبِيلًا
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسى مۇشۇمۇ؟ ناۋادا (بۇتلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن تاندۇرىۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازاب - ئوقۇبەتنى كۆرگەن چاغدا، كىمنىڭ راستتىنلا ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ (41 - 42).
سۈرە فۇرقان 43-ئايەت
أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا
ئۆز ھاۋايى - ھەۋىسىنى ئىلاھلاشتۇرىۋالغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ (ھاۋايى - ھەۋىسىگە ئەگىشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلى، ئاخىرەتتە) سەن ئۇ ئادەمگە جاۋابكار-تايانچ[3] بولامسەن؟ (43).
سۈرە فۇرقان 44-ئايەت
أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا
سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى (چاقىرىقىڭغا) قۇلاق سالىدۇ ياكى ئەقلىنى ئىشلىتىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت چارۋىلارغىلا ئوخشايدۇ، ياق، ئۇلار گۇمراھلىقتا تېخىمۇ بەتتەر (44).
سۈرە فۇرقان 45-ئايەت
أَلَمْ تَرَ إِلَى رَبِّكَ كَيْفَ مَدَّ الظِّلَّ وَلَوْ شَاءَ لَجَعَلَهُ سَاكِنًا ثُمَّ جَعَلْنَا الشَّمْسَ عَلَيْهِ دَلِيلًا
(ئى ئىنسان!) رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ناۋادا خالىسا، ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم - ھەرىكەتسىز قىلاتتى. ئاندىن بىز قۇياشنى سايىنىڭ پاكىتى[4] قىلدۇق (45).
سۈرە فۇرقان 46-ئايەت
ثُمَّ قَبَضْنَاهُ إِلَيْنَا قَبْضًا يَسِيرًا
ئاندىن ئۇ(سايە)نى ئاستا - ئاستا ئۆزىمىز تەرەپكە تارتىمىز (46).
سۈرە فۇرقان 47-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِبَاسًا وَالنَّوْمَ سُبَاتًا وَجَعَلَ النَّهَارَ نُشُورًا
كېچىنى سىلەر ئۈچۈن كىيىم، ئۇيقۇنى ئارام ئېلىش، كۈندۈزنى تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىدىغان) ۋاقىت قىلغان زات (47)
سۈرە فۇرقان 48-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ وَأَنزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُورًا
ۋە (يامغۇردىن ئىبارەت) مېھىر - شەپقىتىنىڭ ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات ئاللاھتۇر. بىز قاقاس زېمىننى كۆكەرتىش ۋە بىز ياراتقان تالاي ھايۋاناتلارنى، ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاكىز سۇ چۈشۈرۈپ بەردۇق (48 - 49).
سۈرە فۇرقان 49-ئايەت
لِّنُحْيِيَ بِهِ بَلْدَةً مَّيْتًا وَنُسْقِيَهُ مِمَّا خَلَقْنَا أَنْعَامًا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرًا
ۋە (يامغۇردىن ئىبارەت) مېھىر - شەپقىتىنىڭ ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات ئاللاھتۇر. بىز قاقاس زېمىننى كۆكەرتىش ۋە بىز ياراتقان تالاي ھايۋاناتلارنى، ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاكىز سۇ چۈشۈرۈپ بەردۇق (48 - 49).
سۈرە فۇرقان 50-ئايەت
وَلَقَدْ صَرَّفْنَاهُ بَيْنَهُمْ لِيَذَّكَّرُوا فَأَبَى أَكْثَرُ النَّاسِ إِلَّا كُفُورًا
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسانلار ساۋاق ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (گاھ ئۇ يەرگە، گاھ بۇ يەرگە ياغدۇرۇپ) تەقسىم قىلدۇق. (ئەمما شۇنداق تۇرۇپمۇ) خالايىقنىڭ تولىسى كۇپۇر – تۇزكورلۇقتىن باشقىغا ئۇنىمىدى (50).
سۈرە فۇرقان 51-ئايەت
وَلَوْ شِئْنَا لَبَعَثْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ نَّذِيرًا
ناۋادا بىز خالىغان بولساق، ئەلۋەتتە، ھەر ئەلگە بىردىن ئاگاھلاندۇرغۇچى[5] ئەۋەتەتتۇق (51).
سۈرە فۇرقان 52-ئايەت
فَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَجَاهِدْهُم بِهِ جِهَادًا كَبِيرًا
شۇڭا سەن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. ئۇلارغا قارشى بۇ (ئىلاھىي ۋەھىي - قۇرئان) ئارقىلىق باركۈچۈڭ بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلغىن (52).
سۈرە فۇرقان 53-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ هَذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَّحْجُورًا
بىرىنىڭ سۈيى بەك تاتلىق، يەنە بىرىنىڭ سۈيى بەك تۇزلۇق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ ھالدا قويۇۋېتىپ، ئارىسىغا ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان (كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان) توسۇق ۋە پۇختا پاسىل بەرپا قىلغان زات (53)
سۈرە فۇرقان 54-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ مِنَ الْمَاءِ بَشَرًا فَجَعَلَهُ نَسَبًا وَصِهْرًا وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرًا
ۋە ئىنساننى(سپىرمىدىن ئىبارەت) سۇدىن يارىتىپ، ئۇنى نەسەب (قان ۋە جەمەت رىشتىسى) ۋە قۇدا - باجىلىق قىلغان زات ئاللاھتۇر. رەببىڭ (ئەزەلدىن) چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ئىدى (54).
سۈرە فۇرقان 55-ئايەت
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمْ وَلَا يَضُرُّهُمْ وَكَانَ الْكَافِرُ عَلَى رَبِّهِ ظَهِيرًا
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ . تۇزكور-كاپىر،رەببىگە قارشى تۇرۇشتا بىر -بىرىنىڭ ئارقا تېرىكى بولۇپ كەلدى (55).
سۈرە فۇرقان 56-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
(ئى مۇھەممەت!) بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق (56).
سۈرە فۇرقان 57-ئايەت
قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِلَّا مَن شَاءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَى رَبِّهِ سَبِيلًا
(سەن ئۇلارغا) «مەن تەبلىغ - دەۋەت قىلغانلىقىمنىڭ بەدىلىگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت خالىغان كىشىلەرنىڭ رەببى تەرىپىگە يول ئېلىشىنىلا تىلەيمەن» دېگىن (57).
سۈرە فۇرقان 58-ئايەت
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْحَيِّ الَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحْ بِحَمْدِهِ وَكَفَى بِهِ بِذُنُوبِ عِبَادِهِ خَبِيرًا
سەن ۋاپات تاپماي مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تايانغىن. ئۇنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق ئۇلۇغلىغىن-تەسبىھ ئېيتقىن. بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا ئاللاھ ئۆزى يېتەرلىك[6] (58).
سۈرە فۇرقان 59-ئايەت
الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ الرَّحْمَنُ فَاسْأَلْ بِهِ خَبِيرًا
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارچە شەيئىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشتە ئورۇن ئالغان چەكسىز مېھىر – شەپقەتلىك زات. سەن ئۇنى بىلىدىغاندىن سورىغىن (59).
سۈرە فۇرقان 60-ئايەت
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اسْجُدُوا لِلرَّحْمَنِ قَالُوا وَمَا الرَّحْمَنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا
ئۇلارغا: «رەھمان - چەكسىز مېھىر - شەپقەت ئىگىسىگە سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز سەن بىزنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دېيىشتى ۋە ئۇ (بۇيرۇق) ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى (60).
سۈرە فۇرقان 61-ئايەت
تَبَارَكَ الَّذِي جَعَلَ فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَاجًا وَقَمَرًا مُّنِيرًا
ئاسماندا بۈيۈك يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يورۇقلۇق مەنبەسى(يەنى قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ئورۇنلاشتۇرغان ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇر (61).
سۈرە فۇرقان 62-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ خِلْفَةً لِّمَنْ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوْ أَرَادَ شُكُورًا
ئاللاھ ساۋاق ئېلىشنى ياكى (ئاللاھقا) مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلغان زاتتۇر (62).
سۈرە فۇرقان 63-ئايەت
وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا
رەھمان – چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئالاھىدە بەندىلىرى شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار زېمىندا كەمتەرلىك-كىچىك پېئىللىق بىلەن ماڭىدۇ. نادانلار ئۇلارغا (قوپال) سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلار(تەڭ بولماي) سالام دەيدۇ (63).
سۈرە فۇرقان 64-ئايەت
وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا
ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە (تەھەججۇت ئوقۇپ) قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ (64).
سۈرە فۇرقان 65-ئايەت
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
ئۇلار (ئاللاھقا تىۋىنىپ): «ئى رەببىمىز! بىزگە جەھەننەمنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى يولاتمىغايسەن» دەيدۇ، (چۈنكى) جەھەننەمنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى مەڭگۈلۈك ئازاب (65).
سۈرە فۇرقان 66-ئايەت
إِنَّهَا سَاءَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھ ۋە يامان جايدۇر (66).
سۈرە فۇرقان 67-ئايەت
وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَلِكَ قَوَامًا
ئۇلار خەير - ساخاۋەت قىلغاندا بۇزۇپ چاچمايدۇ ۋە بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، (بەلكى) ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ (67).
سۈرە فۇرقان 68-ئايەت
وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَامًا
ئۇلار ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقىمۇ چوقۇنمايدۇ، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى يۇقىرىقى(گۇناھلار)نى قىلىدىكەن، گۇناھىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ (68).
سۈرە فۇرقان 69-ئايەت
يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئازاب - ئوقۇبەت ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە خارلىنىپ مەڭگۈ قالىدۇ (69).
سۈرە فۇرقان 70-ئايەت
إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
پەقەت (ئۇلاردىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا پۇشايمان قىلىپ) توۋا قىلغان، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداق كىشلەرنىڭ ناچار ئەھۋاللىرىنى ياخشى تەرەپكە ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ (ھەقىقەتەن) تولىمۇ ئەپۇچان ۋە ئىنتايىن رەھىمدىل (70).
سۈرە فۇرقان 71-ئايەت
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّهِ مَتَابًا
كىمكى (گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ) توۋا قىلىدىكەن ۋە (خاتاسىنى) تۈزىتىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (71).
سۈرە فۇرقان 72-ئايەت
وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەرگە يولۇققاندا، ئۆز ھۆرمىتىنى ساقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ (72).
سۈرە فۇرقان 73-ئايەت
وَالَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَمْ يَخِرُّوا عَلَيْهَا صُمًّا وَعُمْيَانًا
ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلگەندە، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (73).
سۈرە فۇرقان 74-ئايەت
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار (دۇئالىرىدا) «رەببىمىز! بىزگە جۈپتىلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىغايسەن، بىزنى تەقۋادار - مەسئۇلىيەتچان كىشلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغايسەن» دەيدۇ (74).
سۈرە فۇرقان 75-ئايەت
أُولَئِكَ يُجْزَوْنَ الْغُرْفَةَ بِمَا صَبَرُوا وَيُلَقَّوْنَ فِيهَا تَحِيَّةً وَسَلَامًا
ئەنە شۇنداقلار (ھەرخىل توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارغا) بەرداشلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن جەننەت سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئامان - ئېسەنلىك تىلەكلىرى بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ (75).
سۈرە فۇرقان 76-ئايەت
خَالِدِينَ فِيهَا حَسُنَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئۇ يەر نېمىدېگەن ئېسىل تۇرار جاي، نېمىدېگەن ئۈستۈن مەرتىۋە! (76).
سۈرە فۇرقان 77-ئايەت
قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ فَقَدْ كَذَّبْتُمْ فَسَوْفَ يَكُونُ لِزَامًا
(مۆمىنلەرگە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار بولمىسا، رەببىمنىڭ نەزىرىدە (يەنە) نېمە قىممىتىڭلار بولاتتى؟» (كاپىرلارغا ئېيتقىنكى) «سىلەر (ھەقنى) يالغانغا چىقاردىڭلار، شۇڭا سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولىسىلەر» (77).
Flag Counter