ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە قۇرئاندا سىمۋول ئورنىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن « نۇر » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ 35 - ئايىتىگە ئاساسەن قويۇلغان.
سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان بولۇپ، بىر قېتىمدىلا نازىل بولماي، پارچە- پارچە ھالدا نازىل بولغان. سۈرىدىكى تېمىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى بۇنىڭ دەلىلى.
سۈرىنىڭ 11 - 26 - ئايەتلىرى ئارىسىدىكى بۆلەك رەسۇلۇللاھنىڭ رەپىقىسى بۈۋى ئائىشىگە چاپلانغان تۆھمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئايەتلەر ھىجرەتنىڭ 5- يىلىدا نازىل بولغان. چۈنكى خۇزائەنىڭ بىر ئايمىقى بولغان مۇستەلىق ئوغۇللىرىغا قارىتىلغان ھەربىي يۈرۈش خەندەك ئۇرۇشىدىن كېيىنلا بولغانىدى. بۇ يۈرۈش بىر رىۋايەتكە كۆرە خەندەكتىن بۇرۇن شابان ئېيىدا بولغان.
سۈرىنىڭ قاچان تاماملانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىشمۇ قىيىن. سۈرىنىڭ تاماملىنىشى ھىجرەتنىڭ 9-يىلىدىكى تەبۇك غازىتىغىچە سوزۇلغان دېيىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن سۈرىنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋاقتىنى ھىجرەتنىڭ 3-يىلى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ سۈرە ئۈچۈن « پالان تارىختا نازىل بولدى » دېگەنلىك ئۇ سۈرىنىڭ ھەممىسى نازىل بولغان تارىخىنى ئەمەس، باشلىنىش تارىخىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ نۇقتىدا مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن: بۇ سۈرە بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە نازىل بولۇشقا باشلىغان نىسا سۈرىسىدىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ سۈرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن؟ نېمىشقا بۇ سۈرىدىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بۇ سۈرە ئىچىگە تىزىلغان؟ بۇ سوئالغا بەرگىلى بولىدىغان جاۋاب مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: بۇ يەردىكى زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۆمىنلەر بىلەن ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېقىنلىرىغا چاپلانغان تۆھمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نىسا سۈرىسىدىكى زىنا ھەققىدىكى ئايەتلەر جەمئىيەتنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
نۇر سۈرىسى ئىسمىدىن مەلۇم بولغاندەك ئىنسان تەبىئىتىنى ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن سۈرىدۇر. بۇ سۈرە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ، ئىنسان كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى بولغان جىنسىيەت سۈيئىستىمال قىلىنماستىن، قايسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە بەزى ئەخلاقى پرىنسىپلارنى بەلگىلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق يات جىنىسلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پۇختا بىر ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. سۈرىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا بەلگىلىك دائىرىلەرنى بەلگىلەيدۇ ۋە بۇ چېگرادىن ھالقىغانلارغا قارىتا مۇئەييەن جازا بېكىتىدۇ. ئەر- ئايال مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بولۇشى ۋە ئايالنىڭ يات جىنس تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ كىشىلىكى جىنسىيىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان. سۈرىدە ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى ئاۋامغا ئېچىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆرمەت ۋە شەخسىيىتىنى ھىمايە قىلىش مەقسەت قىلىنغان. سۈرە بۇ ئارقىلىق ساغلام ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سۈرە ۋەھىينىڭ ئىنسان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم قويغۇچى ۋە ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلىگۈچى ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە زىنا قىلغۇچى ئايالغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەم ئىنساننىڭ شەخسى ھۆرمىتىنى ھەم ئىجتىمائىي جەمىئىيەتنىڭ ئەخلاقىي تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدىغان زىنا جىنايىتىگە قۇرئان بەلگىلىگەن جازانىڭ ئەسلى مەقسىتى كىشىلەرنى بۇ يامان قىلمىشتىن ۋازكەچتۈرۈش بولۇپ، بۇ جازانىڭ بىر پارچىسى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئاۋامنى بۇنىڭغا شاھىت قىلىشتۇر:
الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا مِئَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُمْ بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآَخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى (تەسىرى تېرە بىلەنلا چەكلىنىدىغان رەۋىشتە) يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككىسىگە ئىچىڭلارنىڭ ئاغرىشى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن. مۆمىنلەردىن بىر بۆلۈك كىشى ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا شاھىت بولسۇن» (2).
زىنا ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى ئىچىدىن چىرىتىپ تاشلايدىغان بىر ئىجتىمائىي ۋابادۇر. بۇ ئىللەت ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر-ئايال مۇناسىۋەتلىرىدىكى خاتالىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ساقلانغان ئىللەت ئىجتىمائىي ۋاباغا، ئىجتىمائىي ۋابا ئۇ مىللەتكە ئائىت مەدەنىيەتنىڭ بىتاپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. زىنا بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇل تاشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىپ تاشلايدىغان سەلبىي تەسىرگە ئىگە. بىر كىشىنىڭ زىنا قىلىشى ئېغىر گۇناھ بولغاندەك، زىنا قىلمىغان بىرىسىگە زىنا تۆھمىتى چاپلاشمۇ شۇنىڭدەك يامان ۋە قەبىھ ئىشتۇر. ئىپپەتكە قارىتىلغان تۆھمەتمۇ خۇددى زىناغا ئوخشاش ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدىغان پارازىتتۇر. سۈرىنىڭ 4-ئايىتى ئىپپەتكە قارىتىلغان تۆھمەتنى 80 قامچا-دەررە بىلەن جازالاندۇرىدۇ. بۇنداق بىر ئەيىبلەشنى كۆتۈرۈپ چىققۇچى تۆت شاھىت كەلتۈرۈشى كېرەك. 6 - 9 -ئايەتلەر بىراۋنىڭ جۆرىسىنى زىنا بىلەن ئەيىپلىگەندە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتنى بايان قىلىدۇ. بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتلەر توۋا قىلىشنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئاللاھ مېھىر-شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر. مەرھىمىتى چەكسىز بولغان ئاللاھنىڭ توۋا ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق بولۇپ، گۇناھكار بەندىلىرىنى بۇ ئىشىكتىن كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مانا بۇ ئايەت ئىلاھىي دەۋەتنىڭ ئىپادىسى:
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ
« ناۋادا سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزل-ئىلتىپاتى ۋە رەھىم-شەپقىتى بولمىغان بولسا ئىدى(قانداق قىلاتتىڭلاركىن). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ توۋىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر » ( 10 ).
بۈۋى ئائىشە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رەپىقىسى ئىدى. مۇۋاپىق بىر پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان مۇناپىقلار ئىنسانى بىر بىخەستەلىك سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن نورمال بىر ئەھۋالنى بانا قىلىپ، بىر غازاتتىن قايتىشتا مۆمىنلەرنىڭ بۇ ئانىسىغا تۆھمەت چاپلايدۇ. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ، بۈۋى ئائىشەگە چاپلانغان بۇ تۆھمەت ئۈستىدىن بارلىق مۆمىنلەرگە دەۋر ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن خالىي بولغان ئەخلاقىي پرىنسىپلارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. پارچە ھالدا يامانلىقتەك كۆرۈنگەن بىر ئىش بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىگە قويۇپ قارىغان ۋاقىتتا ياخشىلىققا ۋەسىلە بولغان ئىدى. تۆھمەت قۇربانى بولغۇچىلارنىڭ « بۈگۈنى ۋە بۇ ماكانى » نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، « كاشكى بولمىغان بولسا ئىدى » دېگەن بۇ رەزىل قىلمىش، نەتىجىسى ۋە بۇ سەۋەبتىن نازىل بولغان ئايەتلەر نەزەرگە ئېلىنغاندا، ھېكمەتلىك بىر ئىش بولۇپ چىقماقتا. مانا بۇ سۈرىنىڭ 11 - 20 - ئايەتلىرى بۇ رەزىل تۆھمەت ئۈستىدىن قىيامەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەرنى ئالدىمىزغا قويىدۇ. بۇ بۆلەكتە شۇنداق بىر ئايەت باركى، بۇنىڭغا ئوخشاش تۆھمەت ۋەقەلىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى بايان قىلىدۇ:
لَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنْفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَذَا إِفْكٌ مُبِينٌ
بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزئارا ياخشى گۇماندا بولۇپ، « بۇ ئېنىق بوھتان » دېمىدى؟ ( 12 ).
وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُمْ مَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَتَكَلَّمَ بِهَذَا سُبْحَانَكَ هَذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ
ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، «بۇنداق سۆزلەرنى ئېغىزىمىزغا ئېلىش بىزگە ياراشمايدۇ. سۇبھانەللاھ، بۇ نېمىدېگەن چوڭ بەتنام!» دېسەڭلار بولمامتى؟ ( 16 ).
بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە يېقىن بىر نۇقتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى جاپاسىز، ئەجىرسىز قولغا كەلگەننى تاللايدۇ. تەپەككۇر سېزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئەجىر تەلەپ قىلمايدۇ. ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدىكى بىلىش نەپسى- خاھىشنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يۈزلەندۈرۈشى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. نەپسى- خاھىش ھاكىم بولغان ئورۇن شەيتان ھاكىم بولغان ئورۇن دېگەنلىكتۇر. بۇ ساھەدە تارقالغان ھەر خىل خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغان قۇلاق ھۇسنى زەن ( ياخشى گۇمان )غا ئەمەس، سۇئى زەن ( يامان گۇمان )غا توغرىلانغان بولىدۇ. ھالبۇكى ياخشى گۇماندىن ھېساپ ئېلىنمايدۇ، ئەمما يامان گۇماندىن ھېساپ ئېلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ « مۆمىننىڭ قېنى، مېلى، ئار - نۇمۇسى ۋە يامان گۇماندا بولۇشى مۆمىنگە ھارام » دېيىشىمۇ مانا مۇشۇنداق بىر چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
خۇددى زىنا ھەققىدە توختالغان بۆلەكلەردىكىگە ئوخشاش زىنا تۆھمىتى ھەققىدە توختالغان بۆلەكنىڭ ئاخىرىدىمۇ سۆز ئاللاھ تەئالانىڭ ئەپۇ - مەغپىرىتىگە كېلىدۇ. توۋا ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇقتۇر، يېتەركى كىشى ئۇ ئىشىكتىن كىرىشنى ئارزۇ قىلسۇن:
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
« ناۋادا سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزل - ئىلتىپاتى ۋە رەھىم - شەپقىتى بولمىغان بولسا ئىدى(قانداق قىلاتتىڭلاركىن). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ توۋىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى زات » ( 20 ).
سۈرىنىڭ 21 - 26 - ئايەتلىرى، بۈۋى ئائىشەگە چاپلانغان بۆھتاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئۈستىدىن ئومۇميۈزلۈك نەسىھەت بېرىدۇ. بۇ نەسىھەتلەر ئىچىدە، نۇزۇل سەۋەبى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بولغان نەسىھەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قىزى ئائىشەگە قىلىنغان بۆھتانلارنى تارقاتقۇچىلاردىن بىرىسى يوقسۇل بولغانلىقتىن يىللاردىن بۇيان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان يېقىن تۇققىنى مىستاھ بىن ئۇساسە ئىدى. مىستاھنىڭ قىزى ئائىشەگە قىلىنغان بۆھتاننى تارقىتىشى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگە بەكمۇ ئېغىر كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن مىستاھقا ياردەم قىلمايدىغانلىقىغا دائىر قەسەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان:
وَلَا يَأْتَلِ أُولُو الْفَضْلِ مِنْكُمْ وَالسَّعَةِ أَنْ يُؤْتُوا أُولِي الْقُرْبَى وَالْمَسَاكِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا أَلَا تُحِبُّونَ أَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
« ئاراڭلاردىكى دۆلەتمەن ۋە باي كىشلەر (ناھەق بەتنامغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ) تۇغقانلارغا- يېقىنىدىكىلەرگە ، يوقسۇللارغا ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلارغا ياردەم قىلماسلىق ھەققىدە قەسەم قىلمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساق بولسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەپۇ - مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ - مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە بەكمۇ رەھىمدىل » ( 22 ).
ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئايەتتىكى « ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەپۇ- مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ » جۈملىسىنى ئوقۇپ، كۆز ياشلىرى ئىچىدە « ئەلۋەتتە ئاللاھىم، ئەلۋەتتە ياقتۇرىمەن » دېگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مىستاھقا بۇرۇنقىدىن ئىككى مىسلى ياردەم قىلىش ھەققىدە قەسەم قىلغان.
مەھرەمىيەت ( كىشىنىڭ شەخسىي ھاياتى )كە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىپپەتكە قارىتىلغان جىنايەتلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەبتىن كىشىنىڭ ئۆزىگە ئائىت بولمىغان ئۆيلەرگە كىرىشىنى بەلگىلىك قائىدىگە ئىگە قىلغان بۆلەك بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان ( 27 - 29 ). بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ بەدەۋىيلىك ( چۆل ھاياتى )تىن شەھەر ھاياتىغا يېڭىدىن كۆچۈۋاتقانلىقىنى ۋە مەدەنىي مۇئامىلىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
ئەر - ئايال مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنسان فىترىتىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئىپپەتكە قارىتىلغان جىنايەتلەرنى جازالاش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. قۇرئان بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
« مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. جىنسىي ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن. بۇنداق قىلىش ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان - ئەتكەن ھەربىر ئىشىدىن تولۇق خەۋەردار » ( 30 ).
بۇ نۇقتىدا ئەنئەنىۋى قاراشتا نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر مەسىلە بار. كىشىنىڭ شەھۋىتىنى كۈشكۈرتىدىغان شەھۋەتلىك قاراشنى ئەر ۋە ئايالدىن توسىدىغان ئىككى ئايەتنىڭ تۇنجىسى ئەر كىشىگە خىتاب قىلماقتا. چۈنكى بۇ نۇقتىدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئاجىز كېلىدۇ. بۇ ئەمىرگە بويسۇنۇپ كۆزىنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىشى پەرز بولغان مۆمىن ئەر كىشىنىڭ ئەنئەنىۋى پوزىتسىيىسى بولسا پىتنىنى ئۆزىنىڭ كۆزىدىن ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ئايال كىشىنىڭ چىرايىغا ئارتىپ قويۇش بولماقتا. بۇ نۇقتىدا توختاپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پىتنىنى ئايالنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا ئارتىپ قويماقتا. كۈنىمىزدە مۇسۇلمان ئەر- ئايال مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە بىپەرۋالىقنىڭ مەنبەسىنى مانا بۇ ئادالەتسىزلىكتىن ئىزدەش لازىم.
قۇرئانى تەسەتتۇر ( ھىجاپ ) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا شەكللىنىدۇ. تەسەتتۇرنىڭ بىرىنچى خىتاپ قىلىنغۇچىسى شۈبھىسىز ئايال كىشىدۇر. جانابى ئاللاھ گۈزەللىك ۋە جەلىپكارلىقنىڭ كۆپرەكىنى ئايالغا بەرگەن. ئايال كىشى جەلىپ قىلغۇچى ۋە ئۆزىگە تارتقۇچىدۇر. ئەر كىشى جەلىپ قىلىنغۇچى ۋە رام قىلىنغۇچىدۇر. ئايال كىشىنىڭ جەلىپ قىلغۇچى تەرىپى كىشىنى ئۇنىڭغا رام قىلىدۇ. مانا بۇ مايىللىقنىڭ تەكتىدە كىشىنى ئازدۇرغۇچى خاھىش ۋە ھاۋايى- ھەۋەس ياتىدۇ. 31 - ئايەتتە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بار. يەنى ئەر كىشىگە ئايالنى يوشۇرۇش ئەمەس، ئايال كىشىگە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇد گۈزەللىكىنى ئاۋامغا ئاچماسلىققا بۇيرۇيدۇ. تەسەتتۇرنىڭ سەۋەبى مۇنداق، ئى مۆمىن ئايال! يات جىنىس بىلەن جىنسىيەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىنسانلىق نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ مۇناسىۋەت قۇر. يات جىنىسنىڭ جىنسىيىتىڭنى سۈيئىستىمال قىلىشىغا يول قويما. بۇ ئارقىلىق ئەگەر مەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولساڭ، جىنسىيىتىم ئۈستىدىن ئەمەس، كىشىلىكىم، شەخسىيىتىم ئۈستىدىن مۇناسىۋەت قۇر، دېمەكتە.
سۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەشكىل قىلغان ئايىتى شۈبھىسىز سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن نۇر ئايىتىدۇر.
اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ عَلَى نُورٍ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
« ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر،چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر،شىشە گۇيا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇ، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس ، (سۈزۈك ۋە پارقىراقلىقىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ .(يۇرۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ كىشلەرگە مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ (ھەممە نەرسىنى) بىلگۈچىدۇر » ( 35 ).
ۋەھىي ئۇ ئالەملەرنىڭ نۇرىدىن كەلگەن بىر نۇردۇر. ئەقىل ئۇنىڭ كۆزىدۇر. ۋەھىي نۇرى تەگمىگەن ئەقىلنىڭ كۆزى كوردۇر. ئەقىل كۆزىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ۋەھىي نۇرى تېگىشى شەرت. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىدىكى ھەرىكەت بۇ نۇردىن كەلمەكتە. ئاتومدىن پىلانتلارغىچە، تامچىدىن دېڭىزغىچە ھەر نەرسە بۇ نۇرنىڭ سايىسىدە مەۋجۇدلىقىنى داۋام قىلدۇرماقتا، ھەرىكەت قىلماقتا. ھەتتا قۇشلارمۇ بۇ نۇر سايىسىدە تەسبىھ ئېيتماقتا ( 41 - 42 ). بۇلۇتلار بۇ نۇر سايىسىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماقتا ( 43 ).
تاكامۇل ئاللاھ تەئالانىڭ جانلىقلاردىن تارتىپ بارلىق مەخلۇقاتلارغا بەلگىلىگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ھەر مەخلۇقنى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان بىر فىترەت-خاراكتېر بىلەن ياراتقان. ئاللاھ تەئالا ياراتقانلىرىغا يارىتىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن بەزىلىرىنى بەلگىلىك قانۇنلارغا تەۋە قىلغان، بەزىلىرىگە ئىشلەش پرىنسىپىنى بەلگىلەپ بەرگەن، ئەقىل ۋە ئىرادە بېرىپ ئۇلارنىڭ تاكامۇللىشىشىنى خالىغان. « ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى » ( 45 ) ئايىتى ئىما قىلغان بۇ ھەقىقەت مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان تاكامۇللىشىش قانۇنىدۇر.
ئاللاھ تەئالانىڭ شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىگە قانۇنلار يەرلەشتۈرگەنلىكى ۋە ياراتقان ئىرادىسىز مەخلۇقلارنى بۇ قانۇنلارغا تەۋە قىلغانلىقى ھەقىقىتىنى « ھەر جانلىقنى سۇدىن يارىتىشى » ئۈستىدىن بايان قىلغان ئايەت يەنە باشقا شەكىلدە بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تەئالانىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى، يەنى « ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر » دەپ ئىپادىلەيدۇ. بۇ بىر مۆجىزە بولغان قۇرئاننىڭ مەسانى - قوشماق - ئىككى قۇتۇپلۇق ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنىڭ ئەھمىيىتى تۆۋەندىكى تەرەپتە گەۋدىلىنىدۇ: « بىر قىسم ئۆلىمالارغا كۆرە، ئاللاھ تەئالانىڭ شەيئىلەر ئۈچۈن قانۇنىيەت بەلگىلىگەنلىكىنى ئېيتىش، ئاللاھ تەئالانىڭ قۇدرىتىنى چەكلەپ قويغانلىق بولۇپ، بۇ زىنھار جائىز ئەمەس. بۇ ئاشقۇنلۇقنىڭ قارشى تەرىپىدە دېتېرمىنىزم يەر ئالىدۇ ۋە ھەر نەرسىنى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىگە مەھكۇم قىلىپ قويىدۇ. قۇرئان بىر ئايەتنىڭ ئۆزىدىلا ھەم ئاللاھ تەئالانىڭ شەيئىلەر ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنىنى ھەم ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىككى مۇۋازىنەتسىزلىكنى رەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ شەيئىلەر ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنىيەتلەر بار، لېكىن ئاللاھ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا مەھكۇم ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ ھاكىمىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنىيەتلەرنى ئۆزى رەت قىلغانلىقى ۋە يوق قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى قۇرئانغا ئائىت:
- ئۇرۇق تېرىمىغان ھوسۇل ئالالمايدۇ.
- تىرىشىپ ئەجىر قىلغۇچى غەلىبە قىلىدۇ، ئوڭدا ياتقان مەغلۇپ بولىدۇ.
- ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگەن قوۋمنىڭ ھالىنى ئاللاھ ئۆزگەرتمەيدۇ.
- ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلغان.
- ئاللاھ پاسىق-يولدىن چىققۇچىلاردىن باشقىسىنى زالالالەتتە تاشلاپ قويمايدۇ.
- ئاللاھ ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنىڭ قەلبىنى بۇرىۋېتىدۇ.
قۇرئان « ئورتاق ياخشىلىققا » چاقىرىدۇ ( 53 ). ئورتاق ياخشىلىق، پەقەت بەلگىلىك تائىپىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان، پەقەت ئۇلار ئارىسىدىلا تىلسىمغا ئوخشاش ئايلىنىپ يۈرگەن ئالاھىدە بىر ئىلىم ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇ نېمە؟
« ئىنسانىيەت ياخشىلىق دەپ بىلىدىغان » نەرسىلەردۇر. مانا بۇ مەئرۇپنىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. ئىنساننىڭ ياخشى ئىشنى قىلماسلىقى، ئۇنى بىلمىگەنلىكىدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ۋىجدانىغا ياخشىلىق كەشتىلەنگەن. ئىنساننىڭ ياخشى ئىشنى قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنمەسلىكى ۋىجدانىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويغانلىقى ( كۇپۇر )، ئۇنىڭ قۇلىقىنى گاس قىلىپ قويغانلىقى ( سۇممۇن )، ئۇنىڭ چۇقانىنى باستۇرۇپ قويغانلىقى ( بۇكمۇن )، ئۇنىڭ كۆزىنى كور قىلغانلىقى ( ئۇميۇن )دىن كېلىپ چىقماقتا. ۋىجداننىڭ تىرىكلىكىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىسى « تەقۋا ( مەسئۇلىيەتچان بولۇش ) » ۋە « ئەيمىنىش ( ئاللاھ تەئالانىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش ) »تۇر ( 52 ).
سۈرە 58 - ئايەتتىن باشلانغان بۆلىكىدە، باشلىنىشتىكى مەھرەمىيەت تېمىسىغا قايتىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى مەھرەمىيەت نامەھرەملەر ئارىسىدىكى مەھرەمىيەت ئەمەس. مەھرەم بولغانلار ئارىسىدىكى ئەدەب تېمىسى بولغان مەھرەمىيەت ھەققىدە توختىلىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ-قائىدە تىلغا ئېلىنىدۇ ( 58 - 59 ). شەھۋەتنى قوزغايدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتكەن مويسىپىت ئاياللار ئۈچۈن 31 - ئايەتتە بەلگىلەنگەن تەسەتتۇر ئەمرى يەڭگىللىتىلگەن بولۇپ، 60 - ئايەت بۇنى تىلغا ئالىدۇ. لېكىن بۇ رۇخسەتتىن پايدىلانغاندا، بەك ئېچىلىپ كەتمەسلىكنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. 61 - ئايەت مەھرەمىيەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن چېگرالارنىڭ ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قويۇلمىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن دەلىلىدۇر. نادانلار دىننى كېمەيتىۋېتىدۇ، قىرقىيدۇ، نادان ( تەقۋالىق نامىدىن ) دىندارلار دىنغا بىر نەرسىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ. بۇ ئايەتلەر بۇ ئىككى سىنىپ ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا 61 - ئايەت ئائىلە دوستلىرىنىڭ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە يوقلىقىنى بايان قىلىدۇ.
بىر ئىسلام جامائىتىدە « ئۆكتىچىلىك » قانداق شەكىللەندۈرۈلىدۇ؟ بىر ئىسلام جامائىتىدە يېتەكچىنىڭ كۆز قارىشىدىن باشقىچە قاراش قانداق ئۇسلۇب ۋە ئەدەپ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟ 62 - ئايەت بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىدۇ:
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَى أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّى يَسْتَأْذِنُوهُ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
« (ھەقىقى)مۆمىنلەر پەقەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن كىشلەر بولۇپ، ئۇلار كوللېكتىپنىڭ بىرەر ئىشى ئۈستىدە(مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) رەسۇلۇللاھ بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، رەسۇلۇللاھتىن ئىجازەت سورىماستىن كېتىپ قالمايدۇ (ئى مۇھەممەت!) سەندىن ( باشقىچە قارىشىنى، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، چارە تېپىش ئۈچۈن ) ئىجازەت سورايدىغانلارمۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ھەقىقەتەن چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر،بۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بەزىبىر ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن ئەپۇ - مەغپىرەت تىلىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ - مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ئىنتايىن رەھىمدىل ».
سۈرە ئاللاھ تەئالانىڭ چەكسىز ئىلمى تەكىتلەنگەن ھالدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى بۇ سۈرىدە ئاللاھ تەئالانىڭ ھاياتقا ئاكتىپ قول تىقىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىلاھىي ھۆكۈملەر ئۇنىڭ چەكسىز ئىلمىگە نىسبەت قىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى ھۆكۈم ھەممىنى بىلگۈچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر. ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى ھۆكۈم ئاللاھ تەئالا بەرگەن ھۆكۈمدۇر.