ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « مۆمىنلەر » مەنىسىدىكى « مۇمىنۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
بىزگە يىتىپ كەلگەن رىۋايەتلەردىن، بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم بولماقتا ( ئەبۇ داۋۇد ).
سۈرە مەككە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە نازىل بولغان. ھەتتا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق بەزى كىشلەر بۇ سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان ئاخىرقى سۈرە دەپ قارىغان. لېكىن مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ سۈرە ئەقەبە بەيئىتىدىن كېيىن پەيغەمبەرلىكنىڭ 12-يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن باشتىن-ئاخىر بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. ھەقىقى ۋە كامىل مۆمىننىڭ سۈپىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن باشلىنىش ئايەتلىرى بىلەن مەئارىج سۈرىسى 22 - 35 - ئايەتلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇت. سۈرىدە مەقبۇل بىر ئىمان تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋەھىي، نۇبۇۋۋەت ۋە ئاخىرەت بايان قىلىنغان. ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپمۇ كىشىلىك ھاياتنى ( 1 - 9 ) ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر ئىماننىڭ ھېچقانداق بىر مەنا ئىپادىلىمەيدىغانلىقى ( 84 - 89 ) بايان قىلىنغان. سۈرە ئۆتمۈش پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن كۆرسىتىلگەن ئۆرنەكلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ كىشىلىكىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان ( 23 - 50 ).
سۈرە خىتاپ قىلىنغۇچىسىنىڭ « نىجادلىققا ئېرىشىش » چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھالدا باشلىنىدۇ. كلاسىسك كالام ئەدەبىياتىدىكى « فىرقەئى ناجىيە (نىجادلىققا ئېرىشكۈچى پىرقە ) كىم؟ » دېگەن سوئالغا گەرچە ھەر كىم ئۆز مەزھىبىگە، تەرىقىتىگە قارىتا بىرەر جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابى مەزكۇر سۈرىدە دەسلەپكى كۈنىدىكىدەك جانلىق ھالدا ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ جاۋاب « " كىملەر نىجادلىققا ئېرىشىدۇ؟ " دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بىرىش ھەققى نىجادلىققا ئېرىشىشكە مۇھتاج ئىنسانلارنىڭ ئەمەس، نىجادلىققا ئېرىشتۈرگۈچى ئاللاھ تەئالاغا خاستۇر. ئاللاھ تەئالا بەرگەن جاۋابقا قانائەت قىلماي ئۇنىڭغا قوشۇپ قويۇش ياكى كېمەيتىش، ئىلاھىي جاۋابنى ياراتماي ئۆز خاھىشى بويىچە " نىجادلىق رېتسىپى " يېزىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئالدى بىلەن بۇ خىل چۈشەنچىدىن قۇتۇلىشى ۋە ئاللاھ تەئالا بەرگەن جاۋابقا قايىل بولۇشى كېرەك » دەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر « كىملەر نىجادلىققا ئېرىشىدۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان ئىلاھى جاۋابىدۇر:
قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ (1) الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ (2) وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ (3) وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ (4) وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ (5) إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ (6) فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْعَادُونَ (7) وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ (8) وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ (9)
« (ھەقىقىي) ئىمان ئېيتقۇچىلار چوقۇم مۇراد- مەقسىتىگە يېتىدۇ (1). ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامىزىدا (ئاللاھتىن) ئەيمىنىپ خۇشۇ ئىچىدە تۇرغۇچىلاردۇر (2)، بىھۇدە –ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرغۇچىلاردۇر (3)، پاكلىنىش ئۈچۈن (ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى) ئورۇنلىغۇچىلار - زاكات بەرگۈچىلەردۇر (4) ۋە ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىغۇچىلاردۇر (5). ئۇلار پەقەت جۈپتىلىرى ياكى چۆرىلىرى بىلەنلا كۇپايىلەنسە، ھەرگىز مالامەت قىلىنمايدۇ (6). كىمكى بۇنىڭ سىرتىدا (جىنسىي تەلىۋىنى قاندۇرۇش يولىنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر (7). ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلار (8) ۋە نامازلىرىغا تولۇق ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر(9). » ( 1 - 9 ).
نىجادلىققا ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى 1 - ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك « ئىمان ئېيتقۇچىلار » قاتارىدىن بولۇشتۇر. يەنى، « تەلەپكە لايىق ئىمان ئېيتقانلار » قاتارىدىن بولۇش كېرەك. « ئىماننىڭ تەقەززاسى نېمە؟ » دېگەن سوئالغا، قۇرئان « قۇرئاننىڭ ئىككى جىلىتى ئارىسىدىكىلەر » دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ. بۇ توققۇز ئايەتتە كۆرسىتىلگەن شەرتلەرنى ئادا قىلغۇچىلار ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەدىسى بويىچە مۇرات-مەقسىتىگە يېتىدۇ، نىجادلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇنداقتا، نىجادلىققا ئېرىشكەنلەرگە نېمە بېرىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن:
أُولَئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ (10) الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ (11)
« ئەنە شۇ(ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە مۆمىن)لار ۋارىسلار بولۇپ، (10) ئۇلار فىردەۋس جەننىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ (11). »
بۇ باشلىنىشتىن كېيىن سۆز ئىنساننىڭ ئېلېمېنتلىق يارىتىلىش جەريارنىغا كېلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ چەكسە جىرىڭلايدىغان ساپالدىن يارىتىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ ( 12 - 14 ). بۇ ئۈچ ئايەت تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىگە دالالەت قىلىدۇ:
1. ئىنساننىڭ ئېلېمېنتلىق يارىتىلىش جەريارنىدىكى بىر باسقۇچنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى « ھەر جانلىق سۇدىن يارىتىلدى » دىن باشلانغان جەريان « بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە كىرىپ » ئىنسان بولۇشىغا قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بۇ دائىرىدە قۇرئاندا ئوخشاش بولمىغان يەرلەردە ئىشلىتىلگەن ئىنساننىڭ توپىدىن، قارا لايدىن، ساپالدىن، چەكسە جىرىڭلايدىغان ساپالدىن ... يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەرنىڭ ھەر بىرى، ئىنساننىڭ ئېلېمېنتلىق يارىتىلىش جەريارنىدىكى بىر باسقۇچقا توغرا كېلىدۇ.
2. ئىنساننىڭ توپىدىن، قارا لايدىن، مەنىيدىن، تۆرەلمىدىن يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلغان ھەر ئايەت ئاساسەن ئىنساننى ئاللاھ تەئالا ئالدىدا كىچىك پېئىل بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. رەببىگە قارىتا ھاكاۋۇرلۇق قىلغان ئىنسانغا ئەسلىنى ئەسلىتىدۇ ۋە « ئى ئىنسان! نېمەڭگە كۆرەڭلەپ ئاللاھ تەئالاغا ئاسىيلىق قىلىسەن؟ »، « ئەسلى كېلىپ چىقىشىڭغا قارا، توپىدىن، بىر تامچە سۇدىن ئاپىرىدە بولدۇڭ. ئاللاھ سېنى بىر ھۈجەيرىلىكتىن بۇ ھالغا كەلتۈردى. ئاللاھقا بولغان قەرزىڭنى مانا مۇشۇنداق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قايتۇرامسەن؟ » دېمەكتە.
3. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ئەجرىنى ئەسلىتىدۇ. سىڭدۈرۈلگەن ئەجىر قانچىلىك كۆپ بولسا، ئۇنىڭغا قىلىنغان تۇزكورلۇق جىنايىتىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسان ئۈستىدىكى ئەجرىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن ئىنسانغا ئېلېمېنتلىق ۋە بېئولوگىيىلىك كىلىپ چىقىشىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ تېما ئۈستىدە توختالغان ھەر ئايەت ئىنسانغا ئاللاھ تەئالاغا مىننەتتار بولۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ ئايەتلەردىن كېيىن خىتاپ قىلىنغۇچىنىڭ نەزىرىنى ئىنساندىن كائىناتقا ئاغدۇرىدۇ ۋە « بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق » ( 17 ) دەپ كائىناتتىكى يارىتىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر قۇرئان دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى. بۇ ئالەم سىرلىرىنىڭ يېشىلىشى ئۈچۈن كائىنات سىرلىرى يېشىلىشى كېرەك. بۇ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ۋەھىينىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا، ھەر نەسىل ۋە جانلىققا يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەت نەزىرىمىزنى ئاسماندىن يەرگە، يەنى ياغقان رەھمەت يامغۇرى بىلەن كۆلگە ئايلانغان چۆللەرگە، جان كىرگەن ئۆلۈك زېمىنغا، ئۇ يەردىكى خورمازارلىقلارغا، ئۈزۈم باغلىرىغا، زەيتۇنلۇقلارغا ئاغدۇرىدۇ ( 18 - 20 ). بۇ ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن يامغۇر، تۇپراق بىلەن قەلبىمىز ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇشىمىزنى ئىما قىلىدۇ.
سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ سۈتىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. سۈت بىر مۆجىزىدۇر. ھەر كالا بىر ئىلاھى سۈت زاۋۇتىدۇر. زامانىۋى تېخنىكا ھازىرغىچە مۇشۇنداق بىر زاۋۇت ياساشقا قادىر بولالمىدى. ساماننى مۇرەككەپ جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈپ سۈتكە ئايلاندۇرغان بۇ سېستېما، ئاللاھ تەئالانىڭ پەقەت شۇ ھايۋاننىڭ نەسلىگىلا ئەمەس، ئىنسانغىمۇ قىلغان بىر پەزل-ئىلتىپاتى. ھەسەل ھەرىسى ئىستىمال قىلغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھەسەل، كالا موزىيىنىڭ ئېھتىياجىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ سۈت، مېۋىلىك دەرەخلەر نەسلىنىڭ داۋامىنى ساقلاشتىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئۇرۇق بېرىدۇ. بۇ ئارتۇق مەھسۇلاتلار ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا قىلغان پەزل-ئېھسانىدۇر. شۈكۈر قىلىش-مىننەتتارلىق بىلدۈرۈش كالىنىڭ ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر. نىشانىنى يوقىتىپ قويغان كىشى يولىدىنمۇ ئېزىپ قالىدۇ ۋە كالىغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. تۇزكورلۇق ئازغۇنلۇقنى، ئازغۇنلۇق ياتلىشىشنى، ياتلىشىش ئەخلاقى زاۋاللىقنى، ئەخلاقى زاۋاللىق ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىگانە ئاللاھ تەئالاغا ئىبادەت-بەندىچىلىك قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلەر ئىبادەت-بەندىچىلىك قىلىشقا راۋا كۆرىدىغان مىڭلىغان يالغان ئىلاھلارنى ئىجاد قىلىدۇ.
يەنى، كىملەرگە ئوخشاش يالغان ئىلاھلارنى ئىجاد قىلىدۇ؟ نۇھ قوۋمىگە ئوخشاش ( 23 -30 ). ھەتتا بۇ سۈرىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ئەمما خاراكتېرى بايان قىلىنغان ئاد قوۋمى ( 31 - 41 ) ۋە سەمۇد قوۋمىگە ئوخشاش ( 42 - 44 )؛ مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملار پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن پىرئەۋن ۋە قوۋمىگە ئوخشاش ( 45 - 49 )؛ مەريەم ۋە ئوغلى ئەيسانىڭ « ئايەت » قىلىپ ئەۋەتىلگەن يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاش... يالغان ئىلاھلار ئىجاد قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا ھەر پەيغەمبەرنى ئوخشاش بىر ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ « بىر ئۈممەت » ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ( 52 ). شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسانلار قانداق قىلدى؟ مۇنداق قىلغانىدى:
فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرًا كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
« ئۇلار(يەنى ئۈممەتلەر) ئۆز ئىچىدىكى (ئېتىقاد) رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، نۇرغۇن گۇرۇھلارغا بۆلۈندى. ھەر گۇرۇھ ئۆز يېنىدىكى(ئەقىدىسى) بىلەن خۇشال» ( 53 ).
ئىنسانىيەتنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ ئۇلىدا، ئاللاھ بىر ئېمتىھان ۋاستىسى سۈپىتىدە بەخش ئەتكەن دۇنيالىق نېمەتلەرنى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھايات شەكلىگە قىلغان ياردىمى دەپ چۈشىنىپ قېلىشى ياتماقتا:
أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ (55) نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ بَل لَا يَشْعُرُونَ (56)
« ئۇلار بىزنىڭ مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلاد بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلاۋاتامدۇ؟ ياق، ئۇلار (خاتالاشقانلىقىنى) سەزمەيۋاتىدۇ » ( 55 ـ 56 ).
بۇ ئايەتلەر خاتا بولغان نىجادلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئاستىدا ناتوغرا ھايات شەكلىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئىنساندىن مۇستەقىل بولغان مۇتلەق مەنبەسىنى ئىما قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:
وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ
« ناۋادا ھەقىقەت ئۇلارنىڭ ئارزۇ –خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولۇپ كەتكەن بولاتتى. ھالبۇكى، بىز ئۇلارغا (بۇ قۇرئان ئارقىلىق) ئىززەت -ھۆرمەت ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ ئىززەت -ھۆرمىتىدىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ » ( 71 ).
بۇ سۈرىدە، كۈنىمىزدە ئۆزىنى ئېتىقادلىق دەپ قارىغان نۇرغۇن كىشىگە قارىغاندا، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھ تەئالاغا تېخىمۇ « سەمىمىي » ھالدا ئىشەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ئايەتلەر يەر ئالىدۇ:
قُلْ لِمَنِ الْأَرْضُ وَمَنْ فِيهَا إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (84) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ (85) قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ (86) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ (87) قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ (88) سَيَقُولُونَ لِلَّهِ قُلْ فَأَنَّى تُسْحَرُونَ (89)
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار(دەپ بېقىڭلارچۇ)، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟» (84). ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) ساۋاق-پەند-نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ (85) ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟» (86) ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. «ئۇنداقتا، ئاللاھقا قارىتا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان بولمامسىلەر؟» دېگىن (87) (ئۇلارغا) «ھەممە شەيئىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان، دائىم (باشقا مەخلۇقاتلارنى) ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ھىمايىگە موھتاج بولمىغان زات كىم؟ ئەگەر بىلىدىغان بولساڭلار (ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ ؟)» دېگىن (88). ئۇلار: « ئاللاھ » دەيدۇ. «ئېيتقىنكى، ئۇنداقتا قانداقلارچە سېھىرلەنگەندەك مۇئامىلە قىلىسىلەر؟» (89). »
بۇ خىل ئازغۇنلۇقلارغا قارشى كۆرەش قىلىشتا قايسى ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش كېرەك؟ كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا مۆمىنلىق سالاھىيەت بىلەن قانداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك؟
بۇ سوئاللارغا قۇرئان مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
« سەن يامانلىققا قارشى ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرغىن، بىز ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى ئوبدان بىلىمىز » ( 96 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي مەسىلە ئۈستىدە توختىلىدۇ. بارلىق ئازغۇنلۇقنىڭ ئۇلىدا ياتقان سەۋەب نېمە؟ ئاساسلىق مەسىلە بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، جاۋاب ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ھاياتنىڭ بىر مەنا ۋە مەقسەتتىن خالىي ئىكەنلىك سەپسەتىسىنىڭ بارلىق ئازغۇنلۇقنىڭ ئاستىدا ياتقان ئامىل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەپسەتە مۇنداق رەت قىلىنغان: « سىلەر بىزنى ئۆزۈڭلارنى بىكارغا، مەقسەتسىز ياراتتى ۋە (ھېسابقا تارتىلىش ئۈچۈن) دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز دەپ خام خىيال قىلغانمۇ؟» ( 115 ).
سۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسان - ئاللاھ مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە توغرا بولغان « ئاللاھ » چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئايەتلەر تىلغا ئېلىنىدۇ ( 116 - 118 ). سۈرە خىتاب قىلىىنغۇچىلىرىغا ئاللاھتىن تىلەشنى ئۆگىتىدىغان تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
« «رەببىم! (گۇناھىمنى) ئەپۇ - مەغپىرەت قىلغايسەن ۋە رەھىم - شەپقەت قىلغايسەن. سەن ئەڭ رەھىم -شەپقەتلىكسەن» دېگىن ( 118 ).