سۈرە ھەج
سۈرە ھەج 1-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ
ئى خالايىق! رەببىڭلارغا قارىتا تەقۋادار-ئاڭلىق بولۇڭلار. (ئاخىرقى) ۋاقىت(يەنى قىيامەت)نىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر ئىش (1).
سۈرە ھەج 2-ئايەت
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَى وَمَا هُم بِسُكَارَى وَلَكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
ئۇ كۈننى كۆرگىنىڭلاردا، بالا ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا (قاتتىق ئالاقزادىلىكتىن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ. ھەربىر ھامىلىدار (مۇددەتتىن بۇرۇن) بوۋىقىنى تۇغۇۋېتىدۇ،ئىنسانلارنى مەست ھالەتتە كۆرىسەن، ھالبۇكى ئۇلار مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىق (بولغاچقا ئۇلار شۇنداق بولۇپ قالىدۇ) (2).
سۈرە ھەج 3-ئايەت
وَمِنَ النَّاسِ مَن يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَانٍ مَّرِيدٍ
ئىنسانلار ئىچىدە شۇنداقلارمۇ باركى، ئاللاھ توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتى يوق تۇرۇقلۇق مۇنازىرىلىشىدۇ ۋە (بۇ ھەقتە) ھەددىنى بىلمەيدىغان شەيتانلارنىڭ ھەممىسىگە ئەگىشىدۇ (3).
سۈرە ھەج 4-ئايەت
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَى عَذَابِ السَّعِيرِ
شەيتان ھەققىدە مۇنداق (ھۆكۈم) يېزىلغان: «كىمكى شەيتاننى جانجىگەر دوست تۇتىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە كۆيدۈرگۈچى جەھەننەم ئازابىغا ئېلىپ بارىدۇ (4).
سۈرە ھەج 5-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِن كُنتُمْ فِي رَيْبٍ مِّنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِن مُّضْغَةٍ مُّخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِّنُبَيِّنَ لَكُمْ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّى وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَى أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِن بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنبَتَتْ مِن كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
ئى خالايىق! ئەگەر سىلەر (ئۆلۈمدىن كېيىنكى) قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، (ئەسلەپ بېقىڭلاركى) بىز سىلەرنى (دەسلەپتە) تۇپراقتىن، ئاندىن بىر تامچە سۇ(يەنى ئىسپىرما)دىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن (غوللۇق ئەزالىرى) شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (نازۇك ئەزالىرى تېخى) شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق . بۇ سىلەرگە (كېلىپ چىقىش جەريانىڭلارنى) بايان قىلىش ئۈچۈن (بىر ئەسكەرتىشتۇر). بىز (تۇغۇلۇشىنى) خالىغان ئادەمنى (ئانىلىرىنىڭ) بالىياتقۇلىرىدا مۇئەييەن مۇددەتكىچە تۇرغۇزىمىز. ئاندىن سىلەرنى بوۋاق ھالىتىڭلاردا دۇنياغا كەلتۈرىمىز. ناھايەت قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن (سىلەرنى ئاستا - ئاستا كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز). بەزىڭلار ياش تۇرۇپلا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار ئىلگىرى بىلگەن نەرسىدىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. (ئى ئىنسان! ئۆلۈمدىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە گۇمانىڭ بولسا، ئويلاپ باققىنكى ) دەسلەپتە زېمىننىڭ قاقاس ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپىدۇ، كۆز قاماشتۇرىدىغان خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ (5).
سۈرە ھەج 6-ئايەت
ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّهُ يُحْيِي الْمَوْتَى وَأَنَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
بۇلار ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى (6)،
سۈرە ھەج 7-ئايەت
وَأَنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ مَن فِي الْقُبُورِ
شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى (بىلدۈرۈش) ئۈچۈن، خالاس (7).
سۈرە ھەج 8-ئايەت
وَمِنَ النَّاسِ مَن يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُّنِيرٍ
ئىنسانلار ئىچىدە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مەغرۇرانە مۇنازىرە قىلىدىغان كىشى بار. بۇنداق كىشىنىڭ دۇنيادا ئۇچرايدىغىنى خارلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازاب - ئوقۇبەتنى تېتىتىمىز (8 - 9).
سۈرە ھەج 9-ئايەت
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
ئىنسانلار ئىچىدە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مەغرۇرانە مۇنازىرە قىلىدىغان كىشى بار. بۇنداق كىشىنىڭ دۇنيادا ئۇچرايدىغىنى خارلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى كۆيدۈرگۈچى ئازاب - ئوقۇبەتنى تېتىتىمىز (8 - 9).
سۈرە ھەج 10-ئايەت
ذَلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ
( ئۇ كۈنى ئۇنىڭغا) «ئەنە شۇ (خارلىق بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەس» (دېيىلىدۇ) (10).
سۈرە ھەج 11-ئايەت
وَمِنَ النَّاسِ مَن يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَى حَرْفٍ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انقَلَبَ عَلَى وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
ئىنسانلار ئىچىدىن ئاللاھقا (ئىمان بىلەن كۇپۇرنىڭ) چېگراسىدا بەندىچىلىك قىلىدىغانلار بار. ئۇلار ئەگەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، دىندا چىڭ تۇرىدۇ. ناۋادا سىناق سۈپىتىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا (دەرھال ئاللاھتىن ئاغرىنىپ دىندىن) يۈز ئۆرۈيدۇ . ئۇ بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ زىيان تارتقان بولىدۇ . ئوپئوچۇق زىيان دېگەن مانا شۇ (11).
سۈرە ھەج 12-ئايەت
يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنفَعُهُ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدىغان شەيئىلەرگە چوقۇنۇپ يالۋۇرىدۇ، بۇ قاتتىق ئازغۇنلۇقتۇر (12).
سۈرە ھەج 13-ئايەت
يَدْعُو لَمَن ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِ لَبِئْسَ الْمَوْلَى وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ
ئۇ پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى كۆپرەك بولغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ يالۋۇرىدۇ. ئۇ(بۇت) نېمىدىگەن ناچار ئىگە، نېمىدىگەن ئەسكى ھەمراھ! (13).
سۈرە ھەج 14-ئايەت
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (14).
سۈرە ھەج 15-ئايەت
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ
كىمكى ئاللاھ ئ‍ۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دېگەن گۇماندا بولسا، ئۇ تۇرۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇۋالسۇن. قاراپ باقسۇنكى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى غەزىپىنى باسالامدىكىن؟ (15).
سۈرە ھەج 16-ئايەت
وَكَذَلِكَ أَنزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يُرِيدُ
بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق ئوپئوچۇق ئايەتلەر قىلىپ چۈشۈردۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (توغرا يولغا ئېرىشىشنى) خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ (16).
سۈرە ھەج 17-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَى وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
شۈبھىسىزكى، (بۇ ئىلاھىي ۋەھىيگە) ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلاشقانلار(يەنى جوھوتلار)، سابىئىيلار، خىرىستىيانلار، مەجۇسىلەر[1] ۋە ئاللاھتىن باشقا مەۋجۇداتلارغا ئىلاھلىق راۋا كۆرگەن(مۇشرىك)لەر ئارىسىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزى ئايرىيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە شاھىت (17).
سۈرە ھەج 18-ئايەت
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَمَن فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ النَّاسِ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ وَمَن يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِن مُّكْرِمٍ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
(ئى ئىنسان! ): ئاسمانلاردىكىلەرنىڭ ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ، قۇياشنىڭ ، ئاينىڭ ، يۇلتۇزلارنىڭ، تاغلارنىڭ، دەل - دەرەخلەرنىڭ ، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە تالاي ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ (قۇدرەت ۋە ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا) باش ئېگىپ تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ تالاي كىشىلەر (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىئۇ) ئازاب-ئوقۇبەتكە لايىق بولىدۇ . ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (18).
سۈرە ھەج 19-ئايەت
هَذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ
بىر-بىرىگە قارشى (مۆمىن ۋە كاپىردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى تەرەپ (ھەر ۋاقىت) رەببى توغرىسىدا بىر-بىرى بىلەن جېدەل-ماجرا قىلىپ كەلدى. كۇپۇردا چىڭ تۇرغانلارغا (ئاخىرەتتە) ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ (19).
سۈرە ھەج 20-ئايەت
يُصْهَرُ بِهِ مَا فِي بُطُونِهِمْ وَالْجُلُودُ
ئۇ سۇ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ - باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىپ كېتىدۇ (20).
سۈرە ھەج 21-ئايەت
وَلَهُم مَّقَامِعُ مِنْ حَدِيدٍ
ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ (21).
سۈرە ھەج 22-ئايەت
كُلَّمَا أَرَادُوا أَن يَخْرُجُوا مِنْهَا مِنْ غَمٍّ أُعِيدُوا فِيهَا وَذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
قاچانىكى ئۇلار ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقىشقا ئۇرۇنسا، دەرھال (يەنە) دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ) (22).
سۈرە ھەج 23-ئايەت
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە (ئىمانىغا يارىشا) ياخشى ئىش -ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكى يىپەكتىن بولىدۇ (23).
سۈرە ھەج 24-ئايەت
وَهُدُوا إِلَى الطَّيِّبِ مِنَ الْقَوْلِ وَهُدُوا إِلَى صِرَاطِ الْحَمِيدِ
(چۈنكى ) ئۇلار ئەڭ نەپىس سۆز(ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق)گە يېتەكلەنگەن، (يەنى دۇنيادىكى چېغىدا) مەدھىيە - ئالقىشقا سازاۋەر ئاللاھنىڭ يولىغا يېتەكلەنگەن ئىدى (24).
سۈرە ھەج 25-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ وَمَن يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُّذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
كاپىر بولغانلارغا، (كىشلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارغا مەيلى ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ، مەيلى سىرتتىن كەلگەنلەر بولسۇن، بىز ھەممىگە ئورتاق (تاۋاپگاھ ۋە قىبلە) قىلىپ تەيىنلىگەن ھەرەم مەسجىدىدىن توسقۇچىلارغا (قاتتىق ئازاب بار). كىمكى ھەرەم مەسجىدىدە (مۇشۇنداق) ناھەقچىلىك - زۇلۇم بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولسا، (قىيامەت كۈنى) ئۇنىڭغا دەرد - ئەلەملىك ئازابنى تېتىتىمىز (25).
سۈرە ھەج 26-ئايەت
وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَن لَّا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
ئەينى چاغدا، بىز ئىبراھىمغا (قوپۇرۇشى ئۈچۈن كەبىنىڭ) ئورنىنى بەلگىلەپ بەرگەندە (مۇنداق دېگەن ئىدۇق): «ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەيسەن. تاۋاپ قىلغۇچىلار، (ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ) قىيامدا تۇرغۇچىلار، رۇكۇ ۋە سەجدىگە باش قويغۇچىلار ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمنى (ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلاردىن) پاكىز تۇتقايسەن» (26).
سۈرە ھەج 27-ئايەت
وَأَذِّن فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَى كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ
كىشىلەرنى ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن. ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ (27).
سۈرە ھەج 28-ئايەت
لِّيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَّعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ
كىشىلەر (ھەج جەريانىدا) ئۆزلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان (ئىجتىمائي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي) مەنپەئەتلەرگە ھازىر بولسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە(يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا - ماللارنى (قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتسۇن. سىلەر ئۇ چارۋىلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، قىيىنچىلىقتىكى كەمبەغەللەرنى غىزالاندۇرۇڭلار (28).
سۈرە ھەج 29-ئايەت
ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا بِالْبَيْتِ الْعَتِيقِ
ئاندىن ئۇلار (چەكلىمىلەرگە خاتىمە بېرىپ) كىرلىرىنى تازىلىسۇن(يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن) نەزىرلىرىنى - ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي ئۆي – كەبىنى تاۋاپ قىلسۇن (29).
سۈرە ھەج 30-ئايەت
ذَلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ عِندَ رَبِّهِ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ الْأَنْعَامُ إِلَّا مَا يُتْلَى عَلَيْكُمْ فَاجْتَنِبُوا الرِّجْسَ مِنَ الْأَوْثَانِ وَاجْتَنِبُوا قَوْلَ الزُّورِ
ھەج ئىبادىتى ئەنە شۇدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلسا، بۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزى ئۈچۈن ياخشى. سىلەرگە چارۋا - ماللاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقا ھەممە ھايۋانلار (قۇربانلىق قىلىش ۋە گۆشىدىن يېيىش ئۈچۈن) ھالال قىلىندى . سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت نىجاسەتتىن نېرى تۇرۇڭلار. يالغان سۆزدىن - يالغان گۇۋاھلىقتىن ساقلىنىڭلار (30).
سۈرە ھەج 31-ئايەت
حُنَفَاءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن توغرا ئېتىقادتا تۇرۇپ بەندىچىلىك قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى ئۇنى بوران يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ (31).
سۈرە ھەج 32-ئايەت
ذَلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى الْقُلُوبِ
ھۆكۈم مانا شۇنداق. كىمكى ئاللاھنىڭ (ھەج ئىبادىتى قائىدىلىرىدىن ئىبارەت) سىمۋوللىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن ، بۇ ھەقىقەتەن دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر (32)
سۈرە ھەج 33-ئايەت
لَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ
سىلەر ھەرەمگە ئاتىغان ماللاردىن مەلۇم(يەنى بوغۇزلايدىغان) ۋاقىتقىچە پايدىلانساڭلار بولىدۇ، ئاندىن كېيىن (قۇربانلىقنىڭ) بارىدىغان جايى قەدىمىي ئۆي - كەبە(نىڭ يېنى)دۇر (33).
سۈرە ھەج 34-ئايەت
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا لِّيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَى مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَإِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَلَهُ أَسْلِمُوا وَبَشِّرِ الْمُخْبِتِينَ
ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالسۇن دەپ، ھەر ئۈممەت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىرلا ئىلاھ، شۇڭا ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. (ئى پەيغەمبەر!) ئىتائەتمەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن (34).
سۈرە ھەج 35-ئايەت
الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَالصَّابِرِينَ عَلَى مَا أَصَابَهُمْ وَالْمُقِيمِي الصَّلَاةِ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ
ئۇ(ئىتائەتمەن)لار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدۇ، دۇچ كەلگەن دىشۋارچىلىق ، ئازار- كۈلپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىدۇ. نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىدۇ. بىز بەرگەن رىزىقتىن خەير-ساخاۋەت قىلىدۇ (35).
سۈرە ھەج 36-ئايەت
وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُم مِّن شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذَلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
(كالا ۋە تۆگىگە ئوخشاش) ھايۋانلارنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) سىموۋۇللىرىدىن قىلدۇق. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار . (قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن) تىزىلىپ تۇرغاندا، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، (جېنى چىقىپ) يەرگە يىقىلغاندا، ئۇلارنىڭ (گۆشىدىن) سىلەرمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار. مىننەتدارلىق بىلدۈرگەيسىلەر دەپ، ئۇلارنى سىلەرگە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق (36).
سۈرە ھەج 37-ئايەت
لَن يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِن يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنكُمْ كَذَلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ
ئاللاھقا ئۇلىشىدىغىنى (قۇربانلىقىڭ)لارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ ئەمەس. لېكىن ئاللاھقا ئۇلىشىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادار – مەسئۇلىيەتچانلىقىڭلار، خالاس. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. (ئى پەيغەمبەر!) ياخشى ئىش قىلغۇچى-ئىشىنى پۇختا قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن (37).
سۈرە ھەج 38-ئايەت
إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى كاپىرلاردىن چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق خائىن، تۇزكورنى زىنھار ياقتۇرمايدۇ (38).
سۈرە ھەج 39-ئايەت
أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا وَإِنَّ اللَّهَ عَلَى نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ
(كاپىرلارنىڭ ئۇرۇش ئېچىشى سەۋەبلىك) ئۆلتۈرۈلۈشكە دۇچ كەلگەن(مۆمىن)لەرگە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (جەڭ قىلىشىغا) رۇخسەت قىلىندى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر (39).
سۈرە ھەج 40-ئايەت
الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِم بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَن يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا وَلَيَنصُرَنَّ اللَّهُ مَن يَنصُرُهُ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھ» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق توسۇپ تۇرمايدىغان بولسا ئىدى، ماناستىرلار، چېركاۋلار، سىناگوگلار[2] ۋە ئىچىدە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ ياد ئېتىلىپ تۇرىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ (داۋاسىغا) ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ . ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچۈلۈكتۇر،قۇدرەتلىكتۇر(40).
سۈرە ھەج 41-ئايەت
الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
(ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلار) شۇنداق كىشلەركى ، ئەگەر بىز ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئىمكانىيەت ۋە ئەمەل - مەنسەپكە ئېرىشتۈرسەك(مۇ يەنىلا) نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، كىشلەرنى ياخشى ۋە توغرا ئىشلارغا ئۈندەيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپ (41).
سۈرە ھەج 42-ئايەت
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ
(ئى مۇھەممەت!) ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نوھ خەلقى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى، ئىبراھىمنىڭ خەلقى، لۇتنىڭ خەلقى، مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. مەن كاپىرلارغا (ھەر قېتىمدا توۋا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) پۇرسەت بەردىم ، ئاخىر ئۇلارنى جازالىدىم. مېنىڭ جازايىم قانداق بولىدىكەن(كۆرسۇن) (42 ـ 44).
سۈرە ھەج 43-ئايەت
وَقَوْمُ إِبْرَاهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ
(ئى مۇھەممەت!) ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نوھ خەلقى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى، ئىبراھىمنىڭ خەلقى، لۇتنىڭ خەلقى، مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. مەن كاپىرلارغا (ھەر قېتىمدا توۋا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) پۇرسەت بەردىم ، ئاخىر ئۇلارنى جازالىدىم. مېنىڭ جازايىم قانداق بولىدىكەن(كۆرسۇن) (42 ـ 44).
سۈرە ھەج 44-ئايەت
وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ وَكُذِّبَ مُوسَى فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
(ئى مۇھەممەت!) ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نوھ خەلقى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى، ئىبراھىمنىڭ خەلقى، لۇتنىڭ خەلقى، مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. مەن كاپىرلارغا (ھەر قېتىمدا توۋا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) پۇرسەت بەردىم ، ئاخىر ئۇلارنى جازالىدىم. مېنىڭ جازايىم قانداق بولىدىكەن(كۆرسۇن) (42 ـ 44).
سۈرە ھەج 45-ئايەت
فَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَى عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُّعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَّشِيدٍ
نۇرغۇن ئەل خەلقىنى زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە چۆمگەنلىكى تۈپەيلى يوق قىلىۋەتتۇق. (نىھايەت ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇمران بولدى) ئۇلاردىن قېپقالغىنى ئۆگزىسى ئۆرۈلگەن ئۆيلەر، تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە (ئىنسۇجىن يوق) ھەيۋەتلىك ساراي – قەسىرلەر بولدى (45).
سۈرە ھەج 46-ئايەت
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِن تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
(ماڭا قارشى چىققانلار) يەر يۈزىدە ھېچ كېزىپ باقمىدىمۇ ؟ شۇنداق قىلغان بولسا ، ئۇلارنىڭ ئەقىل يۈرگۈزىدىغان دىللىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، كور بولىدىغىنى كۆزلەر ئەمەس، بەلكى كۆكرەكلەردىكى قەلبلەردۇر (46).
سۈرە ھەج 47-ئايەت
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
ئۇلار سەندىن ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. ئاللاھ (گۇناھكارلارنى جازالاش ھەققىدىكى) ۋەدىسىدىن يېنىۋالمايدۇ . رەببىڭنىڭ نەزىرىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر (47).
سۈرە ھەج 48-ئايەت
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ
نۇرغۇن ئەل خەلقى ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىم (48).
سۈرە ھەج 49-ئايەت
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا أَنَا لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى: «ئى خالايىق! مەن سىلەرگە پەقەت (ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى» (49).
سۈرە ھەج 50-ئايەت
فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
ئىمان ئېيتقانلار، (ئىمانىغا يارىشا) ياخشى ئىش - ھەرىكەتتە بولغانلار ئەپۇ - مەغپىرەت ۋە ئېسىل نېمەتكە ئېرىشىدۇ (50).
سۈرە ھەج 51-ئايەت
وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنغانلار، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۆزى شۇ (51).
سۈرە ھەج 52-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّى أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر نەبي بولسۇن، شەيتان ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە تاشلاشقا ئۇرۇناتتى. ئاللاھ شەيتان تاشلىغان ۋەسۋەسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلدى. ئاللاھ بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر (52).
سۈرە ھەج 53-ئايەت
لِّيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِّلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
(ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) قەلبلىرىدە كېسەللىك بولغانلار ۋە قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلەرنى (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن) سىناش ئۈچۈن. (چۈنكى) زالىملار ھەقتىن تولىمۇ يىراقتا (53).
سۈرە ھەج 54-ئايەت
وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤْمِنُوا بِهِ فَتُخْبِتَ لَهُ قُلُوبُهُمْ وَإِنَّ اللَّهَ لَهَادِ الَّذِينَ آمَنُوا إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
(بۇنىڭدىكى يەنە بىر سەۋەب) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ دەل رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى ۋە دىللىرىنىڭ تولۇق ئارام تېپىشى ئۈچۈن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ (54).
سۈرە ھەج 55-ئايەت
وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي مِرْيَةٍ مِّنْهُ حَتَّى تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ
كاپىر بولغانلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگىچە ياكى ھەرقانداق قۇتۇلۇش چارىسى نەتىجىسىز قالىدىغان كۈننىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى يېتىپ كەلگىچە قۇرئاندىن داۋاملىق شەكلىنىپ تۇرىدۇ (55).
سۈرە ھەج 56-ئايەت
الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
ئۇ(يەنى مەھشەر) كۈندە بارچە ئىگىلىك ھوقۇق پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (نەتىجىدە) ئىمان ئېيتقان ۋە (ئىمانىغا يارىشا) ياخشى ئىش - ھەرىكەتتە بولغانلار نازۇنېمەتلەر بىلەن تولغان جەننەتلەردە بولىدۇ (56).
سۈرە ھەج 57-ئايەت
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأُولَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار بولسا، خار قىلغۇچى ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ (57).
سۈرە ھەج 58-ئايەت
وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوا أَوْ مَاتُوا لَيَرْزُقَنَّهُمُ اللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغان - يۇرتىنى تەرك ئەتكەندىن كېيىن (بۇ يولدا) ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ۋاپات بولغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. ھەقىقەتەن، ئاللاھ ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچى (58).
سۈرە ھەج 59-ئايەت
لَيُدْخِلَنَّهُم مُّدْخَلًا يَرْضَوْنَهُ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ
ئاللاھ ئۇلارنى، ئەلۋەتتە، ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جاي (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ئىنتايىن ئېغىر -بېسىقتۇر (59).
سۈرە ھەج 60-ئايەت
ذَلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنصُرَنَّهُ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنتايىن كەچۈرۈمچان ۋە ئەپۇ - مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (60).
سۈرە ھەج 61-ئايەت
ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ (چەكسىز قۇدرىتى بىلەن) كۈندۈزنى قىسقارتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ، كېچىنى قىسقارتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ (ياردەم ئىلتىجالىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە (زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر (61).
سۈرە ھەج 62-ئايەت
ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
بۇنىڭ سەۋەبى، ئاللاھ ھەق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرى بولسا ئاساسسىز. ئاللاھنىڭ (ھەممىدىن) ئۈستۈن ۋە (ھەممىدىن) ئۇلۇغلۇقىدا ھېچ شۈبھە يوق (62).
سۈرە ھەج 63-ئايەت
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
(ئى ئىنسان!) ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنىچكە بىلگۈچى ۋە خەۋەردار (63).
سۈرە ھەج 64-ئايەت
لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھقا مەنسۇپ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەت، مەدھىيە ۋە ئالقىشقا لايىقتۇر (64).
سۈرە ھەج 65-ئايەت
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَن تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
(ئى ئىنسان!) ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان(تەبىئەت قانۇنىيىتى) بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز رۇخسىتىسىز زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ (ئۆز ئوربىتالىرىدا) تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە بەكمۇ رەھىم -شەپقەتلىكتۇر (65).
سۈرە ھەج 66-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ إِنَّ الْإِنسَانَ لَكَفُورٌ
سىلەرگە ھاياتلىق بەخش ئەتكەن، ئاندىن ئۆلۈمنى تېتىتىدىغان، ئەڭ ئاخىرىدا سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زات ئاللاھ بولسىمۇ، (ئەمما) ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر (66).
سۈرە ھەج 67-ئايەت
لِّكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ وَادْعُ إِلَى رَبِّكَ إِنَّكَ لَعَلَى هُدًى مُّسْتَقِيمٍ
بىز ھەر ئۈممەت ئۈچۈن (ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان) بىر يول-ئىبادەت ئۇسلۇبى بېكىتتۇق، ئۇلار شۇنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. (شۇڭا، ئى پەيغەمبەر!) ھېچكىم سەن بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق تاكاللاشمىسۇن. (كىشلەرنى) رەببىڭ تەرەپكە چاقىرغىن، سەن ھەقىقەتەن توپتوغرا يولداسەن (67).
سۈرە ھەج 68-ئايەت
وَإِن جَادَلُوكَ فَقُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (68)،
سۈرە ھەج 69-ئايەت
اللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگىن (69).
سۈرە ھەج 70-ئايەت
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّ ذَلِكَ فِي كِتَابٍ إِنَّ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
(ئى ئىنسان!) ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى (ئۇنىڭ دەرگاھىدىكى) پۈتۈكتە مەۋجۇت، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاساندۇر (70).
سۈرە ھەج 71-ئايەت
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِ عِلْمٌ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ مەلۇماتى يوق مەۋجۇداتلارغا چوقۇنىدۇ. بۇنداق زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق (71).
سۈرە ھەج 72-ئايەت
وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ تَعْرِفُ فِي وَجُوهِ الَّذِينَ كَفَرُوا الْمُنكَرَ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِالَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرٍّ مِّن ذَلِكُمُ النَّارُ وَعَدَهَا اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئۇ(كاپىرلار)غا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا ئىنكار قىلغانلىق ۋە نارازى بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى ئۆزلىرىگە ئوقۇپ بەرگەنلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالىدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە بۇنىڭدىنمۇ ناچارراقىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ، ئاللاھ كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرغان دوزاخ شۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان بارار جاي!» (72).
سۈرە ھەج 73-ئايەت
يَا أَيُّهَا النَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَاسْتَمِعُوا لَهُ إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ لَن يَخْلُقُوا ذُبَابًا وَلَوِ اجْتَمَعُوا لَهُ وَإِن يَسْلُبْهُمُ الذُّبَابُ شَيْئًا لَّا يَسْتَنقِذُوهُ مِنْهُ ضَعُفَ الطَّالِبُ وَالْمَطْلُوبُ
ئى خالايىق! كەلتۈرۈلگەن مىسالغا قۇلاق سېلىڭلار: شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ ، بىرەر چىۋىننىمۇ يارىتالمايدۇ. ناۋادا چىۋىن ئۇلاردىن بىرەر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىۋالالمايدۇ . (چۈنكى) چوقۇنغۇچىمۇ ۋە چوقۇنۇلغۇچى(بۇت)مۇ ئاجىز (73).
سۈرە ھەج 74-ئايەت
مَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
ئۇلار (ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى شەنىگە لايىق رەۋىشتە قەدىرلىمدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈك ۋە ئۈستۈندۇر (74).
سۈرە ھەج 75-ئايەت
اللَّهُ يَصْطَفِي مِنَ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ النَّاسِ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەرنى تاللايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر (75).
سۈرە ھەج 76-ئايەت
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
(ئەلچىلەرنىڭ بىلگىنى چەكلىك بولغىنى بىلەن) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ. ھەممە ئىش (ئاقىۋەتتە) ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (76).
سۈرە ھەج 77-ئايەت
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى ئىمان ئېيتقانلار! (ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىلىپ) رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا بەندىچىلىك-ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلاركى،مۇرات-مەقسىدىڭلارغا يەتكەيسىلەر (77).
سۈرە ھەج 78-ئايەت
وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ مِّلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِن قَبْلُ وَفِي هَذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ فَنِعْمَ الْمَوْلَى وَنِعْمَ النَّصِيرُ
ئاللاھ يولىدا لايىقىدا كۈرەش قىلىڭلار. ئاللاھ (بۇ ۋەزىپىگە) سىلەرنى تاللىدى، ئۇ دىندا ھېچقانداق قىيىنچىلىقنى يۈكلىمىدى، بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنى. پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە شاھىت - ئۈلگە ۋە سىلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە شاھىت - ئۈلگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇنىڭدىمۇ(يەنى قۇرئاندىمۇ) شۇنداق دەپ ئاتىدى. شۇڭا، نامازنى راۋرۇس ئادا قىلىڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا چىن دىلىڭلار بىلەن باغلىنىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلار، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە، نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار! (78)
Flag Counter