سۈرە ئەنبىيا
سۈرە ئەنبىيا 1-ئايەت
اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ
ئىنسانلارغا ھېساب(قا تارتىلىدىغان) ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدە( بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتە (1).
سۈرە ئەنبىيا 2-ئايەت
مَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّن رَّبِّهِم مُّحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ
قاچانىكى ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز – نەسىھەت-ئەسلەتمە كەلسە، ئۇلار پەقەت ئوينىشىپ تۇرۇپ (ئاران) قۇلاق سېلىشىدۇ[1] (2).
سۈرە ئەنبىيا 3-ئايەت
لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ وَأَسَرُّوا النَّجْوَى الَّذِينَ ظَلَمُوا هَلْ هَذَا إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ أَفَتَأْتُونَ السِّحْرَ وَأَنتُمْ تُبْصِرُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرى (يەنى ئەس - يادى) ئويۇن - تاماشادا، زالىملار ئۆزئارا: «بۇ ئادەم (يەنى مۇھەممەت) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان تۇرسا، سىلەر كۆرۈپ تۇرۇپ سېھىر-كۆزبۇيامچىلىققا بېرىلىپ كېتەمسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ (3)
سۈرە ئەنبىيا 4-ئايەت
قَالَ رَبِّي يَعْلَمُ الْقَوْلَ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
. (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «رەببىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ھەممىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» (4).
سۈرە ئەنبىيا 5-ئايەت
بَلْ قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ بَلِ افْتَرَاهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِآيَةٍ كَمَا أُرْسِلَ الْأَوَّلُونَ
(كاپىرلار قۇرئان سېھىردۇر دەپلا قالماستىن) ياق، ئۇ قالايمىقان چۈشلەردۇر، ياق، ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ياق، ئۇ بىر شائىر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر(نىڭ مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتىلگىنى) كەبى، بىزگە بىرەر (مۆجىزىۋى) دەلىل - پاكىت كەلتۈرۈپ باقسۇنچۇ» دېيىشتى (5).
سۈرە ئەنبىيا 6-ئايەت
مَا آمَنَتْ قَبْلَهُم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان ئەل ئاھالىسىدىن ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىۋى) دەلىللەرنى كۆرسەتسەكمۇ ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟ (6) .
سۈرە ئەنبىيا 7-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەت!) سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئىنسانلارنىلا[2] ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق،ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، بىلىدىغانلاردىن سوراڭلار (7).
سۈرە ئەنبىيا 8-ئايەت
وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَّا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ
ئەلچىلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ ياشايدىغانلارمۇ ئەمەس (8).
سۈرە ئەنبىيا 9-ئايەت
ثُمَّ صَدَقْنَاهُمُ الْوَعْدَ فَأَنجَيْنَاهُمْ وَمَن نَّشَاءُ وَأَهْلَكْنَا الْمُسْرِفِينَ
ئاندىن بىز ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغان (ئىمانلىق) كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، (كۇپرىدا ۋە گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق (9).
سۈرە ئەنبىيا 10-ئايەت
لَقَدْ أَنزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
(ئى ئىنسانلار!) ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئىچىدە سىلەرنىڭ پەند-نەسىھىتىڭلار-شانشەرىپىڭلار بولغان كىتابنى چۈشۈردۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (10).
سۈرە ئەنبىيا 11-ئايەت
وَكَمْ قَصَمْنَا مِن قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا آخَرِينَ
بىز ئاھالىسى ناھەقچىلىك – زۇلۇم قىلغان تالاي ئەللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قوۋمنى پەيدا قىلدۇق (11).
سۈرە ئەنبىيا 12-ئايەت
فَلَمَّا أَحَسُّوا بَأْسَنَا إِذَا هُم مِّنْهَا يَرْكُضُونَ
ئۇلار بىزنىڭ جازالىغۇچى ئازابىمىز(نىڭ كېلىۋاتقانلىقى)نى ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ (12).
سۈرە ئەنبىيا 13-ئايەت
لَا تَرْكُضُوا وَارْجِعُوا إِلَى مَا أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَاكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْأَلُونَ
(پەرىشتىلەر مەسخىرە قىلىپ) «قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن»(دەيدۇ) (13).
سۈرە ئەنبىيا 14-ئايەت
قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! راستتىنلا بىز ئۇۋال قىلىپتۇق» دېيىشىدۇ (14).
سۈرە ئەنبىيا 15-ئايەت
فَمَا زَالَت تِّلْكَ دَعْوَاهُمْ حَتَّى جَعَلْنَاهُمْ حَصِيدًا خَامِدِينَ
ئۇلار ئورالغان زىرائەتتەك، ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك بولۇپ كەتكەنگە قەدەر بۇ پەريادىنى تەكرارلاپ تۇرىدۇ (15).
سۈرە ئەنبىيا 16-ئايەت
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ
بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويۇن - تاماشا قىلىپ (بىكارغا) ياراتمىدۇق (16).
سۈرە ئەنبىيا 17-ئايەت
لَوْ أَرَدْنَا أَن نَّتَّخِذَ لَهْوًا لَّاتَّخَذْنَاهُ مِن لَّدُنَّا إِن كُنَّا فَاعِلِينَ
ناۋادا بىز ئويۇن -تاماشا قىلماقچى بولغان بولساق، ئۇنى ئۆز دەرگاھىمىزدا قىلغان بولاتتۇق، (ئەمما) بىز ئۇنداق قىلمايمىز (17).
سۈرە ئەنبىيا 18-ئايەت
بَلْ نَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَى الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُهُ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ وَلَكُمُ الْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ
بىز باتىلغا ھەق ئارقىلىق زەربە بېرىمىز، ھەق باتىلنى يانجىپ تاشلايدۇ، باتىل شۇ ھامان توزۇپ كېتىدۇ، (ئى كاپىرلار جامائەسى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى بالىسى بار، خوتۇنى بار دەپ ئۇنىڭغا) راۋا كۆرگەن سۆزۈڭلار تۈپەيلى سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! (18).
سۈرە ئەنبىيا 19-ئايەت
وَلَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَنْ عِندَهُ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەۋە. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (پەرىشتىلەر) ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن غادىيىۋالمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ (19).
سۈرە ئەنبىيا 20-ئايەت
يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
ئۇلار كېچە – كۈندۈز،زېرىكمەستىن(ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ) تەسبىھ ئېيتىپ-ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ (20).
سۈرە ئەنبىيا 21-ئايەت
أَمِ اتَّخَذُوا آلِهَةً مِّنَ الْأَرْضِ هُمْ يُنشِرُونَ
يا بولمىسا «ئۇلار زېمىندا بىر بۆلۈك ئىلاھلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەر( ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ) مەھشەرگە يىغامدۇ؟ (21).
سۈرە ئەنبىيا 22-ئايەت
لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ناۋادا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولغان بولسا ئىدى، كائىناتنىڭ تەرتىپى ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى ئاللاھ ئۇ(مۇشرىك)لار راۋا كۆرگەن سۈپەتلەردىن ھالقىغاندۇر - پاكتۇر(22).
سۈرە ئەنبىيا 23-ئايەت
لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ
ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلار (يەنى بەندىلەر)دىن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ (23).
سۈرە ئەنبىيا 24-ئايەت
أَمِ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ هَذَا ذِكْرُ مَن مَّعِيَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِي بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ فَهُم مُّعْرِضُونَ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ، مەن بىلەن بىر سەپتە بولغانلارنىڭ ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (ئورتاق) چاقىرىقى. ياق، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» (24)
سۈرە ئەنبىيا 25-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ
. (ئى مۇھەممەت!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ماڭىلا بەندىچىلىك قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق (25).
سۈرە ئەنبىيا 26-ئايەت
وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَنُ وَلَدًا سُبْحَانَهُ بَلْ عِبَادٌ مُّكْرَمُونَ
ئۇلار: «رەھمان بالا قىلىۋالغان» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر. ياق، ئۇلار(يەنى پەرىشتەلەر) ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر (26).
سۈرە ئەنبىيا 27-ئايەت
لَا يَسْبِقُونَهُ بِالْقَوْلِ وَهُم بِأَمْرِهِ يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئۆزىنىڭ گېپىنى ئاللاھنىڭ گېپىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ (27).
سۈرە ئەنبىيا 28-ئايەت
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَى وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنىمۇ ، ئۆتمۈشىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ خۇرسەن بولمىغان ھېچكىمگە شاپائەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ (28).
سۈرە ئەنبىيا 29-ئايەت
وَمَن يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّي إِلَهٌ مِّن دُونِهِ فَذَلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ كَذَلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
ئۇلاردىن كىمكى، مەن ئاللاھتىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىلاھمەن دەيدىكەن، بىز ئۇنى جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، بىز زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز (29).
سۈرە ئەنبىيا 30-ئايەت
أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
ئىنكاردا چىڭ تۇرغانلار كۆرمەمدۇكى ، ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەسلىدە بىر - بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق. ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ئاپىرىدە قىلدۇق. شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟ (30).
سۈرە ئەنبىيا 31-ئايەت
وَجَعَلْنَا فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَن تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَّعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
يەر تەۋرەپ ئىنسانلارنى سىلكىۋەتمىسۇن دەپ ، بىز زېمىندا تەۋرەنمەس تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق . ئۇلار يوللىرىنى تېپىۋالسۇن دەپ، تاغلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ جىلغىلارنى ئاچتۇق (31).
سۈرە ئەنبىيا 32-ئايەت
وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَّحْفُوظًا وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ
ئاسماننى بىز بىخەتەر تورۇس قىلدۇق . ھالبۇكى ئۇلار بىزنىڭ ئۇنىڭدىكى دەلىل - پاكىتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈمەكتە (32).
سۈرە ئەنبىيا 33-ئايەت
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
كېچىنى ھەم كۈندۈزنى، قۇياشنى ھەم ئاينى ياراتقۇچى ئاللاھتۇر . ئۇلارنىڭ ھەربىرى بەلگىلەنگەن ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ (33).
سۈرە ئەنبىيا 34-ئايەت
وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِّن قَبْلِكَ الْخُلْدَ أَفَإِن مِّتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ
(ئى مۇھەممەت!) بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق. سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (34).
سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ وَنَبْلُوكُم بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
ھەربىر جان ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىق ۋە ياخشىلىق ئارقىلىق سىنايمىز. (ئاخىر) ھەممىڭلار ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر (35).
سۈرە ئەنبىيا 36-ئايەت
وَإِذَا رَآكَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَذَا الَّذِي يَذْكُرُ آلِهَتَكُمْ وَهُم بِذِكْرِ الرَّحْمَنِ هُمْ كَافِرُونَ
كاپىر بولغانلار سېنى كۆرگەن چاغدا پەقەت مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن: «سىلەرنىڭ ئىلاھ - خۇدالىرىڭلارغا تىل ئۇزاتقان ئادەم مۇشۇمۇ؟» دېيىشىدۇ . ھالبۇكى، شەپقىتى چەكسىز ئاللاھنىڭ ئەسلەتمىسى(يەنى قۇرئان)نى ئىنكار قىلغانلار دەل ئۇلارنىڭ ئۆزى شۇ (36).
سۈرە ئەنبىيا 37-ئايەت
خُلِقَ الْإِنسَانُ مِنْ عَجَلٍ سَأُرِيكُمْ آيَاتِي فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
ئىنسان ئالدىراڭغۇ خاراكتېردە يارىتىلغان، مەن سىلەرگە (ئازاب - ئوقۇبىتىمگە ئائىت) دەلىللىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىراتماڭلار(37).
سۈرە ئەنبىيا 38-ئايەت
وَيَقُولُونَ مَتَى هَذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «(سۆزۈڭلار) راست بولسا (دەپ بېقىڭلار)، سىلەر ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب -ئوقۇبەت) قاچان يۈز بېرىدۇ؟» دېيىشىدۇ (38).
سۈرە ئەنبىيا 39-ئايەت
لَوْ يَعْلَمُ الَّذِينَ كَفَرُوا حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ النَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
كاپىر بولغانلار يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن دوزاخ ( ئازابىنى ) توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ! (39).
سۈرە ئەنبىيا 40-ئايەت
بَلْ تَأْتِيهِم بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
ئەمما (قىيامەت) ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ-دە، ئۇلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇلار قىيامەتنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ (40).
سۈرە ئەنبىيا 41-ئايەت
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
سەندىن بورۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مەسخىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. بىراق مەسخىرە قىلغۇچىلارنى مەسخىرە قىلغان نەرسىلىرى (بالايىئاپەت بولۇپ) چىرمىۋالدى (41).
سۈرە ئەنبىيا 42-ئايەت
قُلْ مَن يَكْلَؤُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَنِ بَلْ هُمْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِم مُّعْرِضُونَ
(ئى مۇھەممەت!) مەسخىرە قىلغۇچىلارغا : «سىلەرنى مېھىر - شەپقىتى چەكسىز ئاللاھ(نىڭ جازاسى)دىن كېچە ياكى كۈندۈزدە كىم قوغداپ قالالايدۇ؟» دېگىن، ئەكسىچە ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە (42).
سۈرە ئەنبىيا 43-ئايەت
أَمْ لَهُمْ آلِهَةٌ تَمْنَعُهُم مِّن دُونِنَا لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنفُسِهِمْ وَلَا هُم مِّنَّا يُصْحَبُونَ
يا بولمىسا ئۇلارنىڭ راستتىنلا ئۆزلىرىنى بىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەتتا ئۆزىگە ياردەم قىلىشقىمۇ قۇربىتى يەتمەيدۇ، بىزنىڭ ھىمايىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ(43).
سۈرە ئەنبىيا 44-ئايەت
بَلْ مَتَّعْنَا هَؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّى طَالَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا أَفَهُمُ الْغَالِبُونَ
ياق، بىز ئۇلارنى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنى نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. بىزنىڭ ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنىڭ ئەتراپىنى[3] قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟ (44).
سۈرە ئەنبىيا 45-ئايەت
قُلْ إِنَّمَا أُنذِرُكُم بِالْوَحْيِ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
(ئى مۇھەممەت!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. (ھەقىقەتكە) گاس(بولىۋالغان)لار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (45).
سۈرە ئەنبىيا 46-ئايەت
وَلَئِن مَّسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِّنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
ئەگەر ئۇلارغا رەببىنىڭ ئازاب- ئوقۇبىتىدىن ئازغىنا شامال تەگسە، ئۇلار (ئاھ ئۇرۇپ): « ۋاي ئىست! بىز راستتىنلا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلىپتىكەنمىز» دەيدۇ (46).
سۈرە ئەنبىيا 47-ئايەت
وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا وَكَفَى بِنَا حَاسِبِينَ
بىز قىيامەت كۈنى (ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى ۋاقىتتا قىلغان ئىش - ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچكىمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىرتال قىچا چاغلىق ئىش -ھەرىكىتى بولسىمۇ، بىز ئۇنى كەلتۈرىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز (47).
سۈرە ئەنبىيا 48-ئايەت
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِّلْمُتَّقِينَ
بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (ھەق بىلەن ناھەقنى) ئايرىغۇچى، (قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچى) نۇر، تەقۋادار - مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ئۈچۈن ئەسلەتمە بەرگەن ئىدۇق (48).
سۈرە ئەنبىيا 49-ئايەت
الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِالْغَيْبِ وَهُم مِّنَ السَّاعَةِ مُشْفِقُونَ
ئۇ (تەقۋادار – مەسئۇلىيەتچان) كىشىلەر شۇنداق زاتلاركى، ئۇلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتتىن تەشۋىشلەنگۈچىلەردۇر (49).
سۈرە ئەنبىيا 50-ئايەت
وَهَذَا ذِكْرٌ مُّبَارَكٌ أَنزَلْنَاهُ أَفَأَنتُمْ لَهُ مُنكِرُونَ
بۇ(قۇرئان) بىز چۈشۈرگەن ئۇلۇغ پەند - نەسىھەتتۇر. شۇنداق تۇرسىمۇ، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ (50).
سۈرە ئەنبىيا 51-ئايەت
وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِن قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ
بىز ئىبراھىمغا ھىدايەت – توغرا يولنى تونۇش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئىبراھىمنىڭ (بۇ ئارقىلىق توغرا يولنى تاپىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلەتتۇق (51).
سۈرە ئەنبىيا 52-ئايەت
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا هَذِهِ التَّمَاثِيلُ الَّتِي أَنتُمْ لَهَا عَاكِفُونَ
ئەينى چاغدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قوۋمىغا: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە ئۇ؟ » دېۋىدى (52)،
سۈرە ئەنبىيا 53-ئايەت
قَالُوا وَجَدْنَا آبَاءَنَا لَهَا عَابِدِينَ
ئۇلار: « ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق(بىزمۇ ئەنئەنە بويىچە چوقۇندۇق) » دېيىشتى (53).
سۈرە ئەنبىيا 54-ئايەت
قَالَ لَقَدْ كُنتُمْ أَنتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
ئىبراھىم: «سىلەرمۇ ۋە ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دېدى (54).
سۈرە ئەنبىيا 55-ئايەت
قَالُوا أَجِئْتَنَا بِالْحَقِّ أَمْ أَنتَ مِنَ اللَّاعِبِينَ
ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېۋىدى (55)،
سۈرە ئەنبىيا 56-ئايەت
قَالَ بَل رَّبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَى ذَلِكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «ياق (چاقچاق قىلمىدىم)، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن (56).
سۈرە ئەنبىيا 57-ئايەت
وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُم بَعْدَ أَن تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن چوقۇم بۇتلىرىڭلارغا تۇزاق قۇرىمەن» (57).
سۈرە ئەنبىيا 58-ئايەت
فَجَعَلَهُمْ جُذَاذًا إِلَّا كَبِيرًا لَّهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ
ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى، بەلكىم، ئۇلار قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورار دەپ) پەقەت چوڭ بۇتنىلا (چاقماي) قالدۇرۇپ قويدى (58).
سۈرە ئەنبىيا 59-ئايەت
قَالُوا مَن فَعَلَ هَذَا بِآلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ
ئۇلار (بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى (59).
سۈرە ئەنبىيا 60-ئايەت
قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ
ئۇلار(نىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېيىشتى (60).
سۈرە ئەنبىيا 61-ئايەت
قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَى أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، بەلكى گۇۋاھ بېرىدىغانلار چىقىپ قالار» دېيىشتى (61).
سۈرە ئەنبىيا 62-ئايەت
قَالُوا أَأَنتَ فَعَلْتَ هَذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ
(ئىبراھىم خالايىقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەندە) ئۇلار: « ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېۋىدى (62)،
سۈرە ئەنبىيا 63-ئايەت
قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِن كَانُوا يَنطِقُونَ
ئىبراھىم: «(ياق) ئۇ قىلغۇلۇقنى بۇتلارنىڭ مۇشۇ چوڭى قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى (63).
سۈرە ئەنبىيا 64-ئايەت
فَرَجَعُوا إِلَى أَنفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنتُمُ الظَّالِمُونَ
ئاندىن ئۇلار ئۆز ۋىجدانلىرىغا قايتىپ ئۆز - ئۆزىگە: «سىلەر (بۇتلارغا چوقۇنۇپ) ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار ئۇۋال قىلدىڭلار مانا» دېيىشتى (64).
سۈرە ئەنبىيا 65-ئايەت
ثُمَّ نُكِسُوا عَلَى رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَؤُلَاءِ يَنطِقُونَ
ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى (65).
سۈرە ئەنبىيا 66-ئايەت
قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ
ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ (66)
سۈرە ئەنبىيا 67-ئايەت
أُفٍّ لَّكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئىست، سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» (67)
سۈرە ئەنبىيا 68-ئايەت
قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِن كُنتُمْ فَاعِلِينَ
ئۇلار: « ئەگەر بىر ئىش قىلىپ، ئىلاھلىرىڭلاغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار، ئىبراھىمنى (ئوتقا تاشلاپ) كۆيدۈرۈڭلار» دېدى (68).
سۈرە ئەنبىيا 69-ئايەت
قُلْنَا يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَى إِبْرَاهِيمَ
بىز ئوتقا: «ئى ئوت، ئىبراھىمغا سالقىن ۋە بىخەتەر بولۇپ بەرگىن!» دېدۇق (69).
سۈرە ئەنبىيا 70-ئايەت
وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ
ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋېدى، بىز ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچراتتۇق (70).
سۈرە ئەنبىيا 71-ئايەت
وَنَجَّيْنَاهُ وَلُوطًا إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا لِلْعَالَمِينَ
بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك بولغان زېمىنغا (ئۇلاشتۇردۇق) (71).
سۈرە ئەنبىيا 72-ئايەت
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً وَكُلًّا جَعَلْنَا صَالِحِينَ
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى بەخش ئەتتۇق، (يەنە نەۋرىسى) ياقۇپنىمۇ قوشۇپ بەردۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراملىق - سالىھ كىشىلەردىن قىلدۇق (72).
سۈرە ئەنبىيا 73-ئايەت
وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ
ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى) يېتەكلەيدىغان پېشىۋالار قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلىدۇ، ئۇلار(نىڭ ھەممىسى) بىزگە بەندىچىلىك قىلاتتى (73).
سۈرە ئەنبىيا 74-ئايەت
وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَت تَّعْمَلُ الْخَبَائِثَ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ
بىز لۇتقا پاراسەت - توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق ، ئۇنى ئاھالىسى (بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان ئەلدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ناچار ۋە يولدىن چىققۇچى ئادەملەر توپى ئىدى (74).
سۈرە ئەنبىيا 75-ئايەت
وَأَدْخَلْنَاهُ فِي رَحْمَتِنَا إِنَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
بىز لۇتنى مېھىر -شەپقىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى - سالىھلاردىن ئىدى (75).
سۈرە ئەنبىيا 76-ئايەت
وَنُوحًا إِذْ نَادَى مِن قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
نۇھقا كەلسەك، ئەينى چاغدا ئۇ (ئىبراھىم ۋە لۇتتىن خېلىلا) بۇرۇن (بىزگە يالۋۇرۇپ، رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ (مۆمىنلەردىن ئىبارەت ئىمان) ئائىلىسىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق (76).
سۈرە ئەنبىيا 77-ئايەت
وَنَصَرْنَاهُ مِنَ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان قوۋمغا قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ناچار قوۋم ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق (77).
سۈرە ئەنبىيا 78-ئايەت
وَدَاوُدَ وَسُلَيْمَانَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِي الْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ الْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَاهِدِينَ
داۋۇت بىلەن سۇلايماننىمۇ (ئەسكە ئالغىن). ئەينى چاغدا قوۋمىنىڭ قويى كېچىسى بىراۋنىڭ زىرائىتىنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان[4]، ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى بىز كۆزىتىپ تۇرغان ئىدۇق (78).
سۈرە ئەنبىيا 79-ئايەت
فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُدَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ وَكُنَّا فَاعِلِينَ
بىز توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھېكمەت-پاراسەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق. تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇت بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، بىز (خالىغىنىمىزنى) قىلىمىز (79).
سۈرە ئەنبىيا 80-ئايەت
وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَّكُمْ لِتُحْصِنَكُم مِّن بَأْسِكُمْ فَهَلْ أَنتُمْ شَاكِرُونَ
جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا لايىق رەۋىشتە) مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتامسىلەر؟ (80).
سۈرە ئەنبىيا 81-ئايەت
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان جاي(يەنى شام)غا باراتتى، بىز ھەرنەرسىنى(يەنى ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى) بىلگۈچىمىز (81).
سۈرە ئەنبىيا 82-ئايەت
وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَلِكَ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
سۇلايمانغا (دېڭىزدىن ئۈنچە - مارجان سۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن) غەۋۋاسلىق قىلىدىغان ھەمدە (قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئېگىز بىنالارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان بىر قىسىم باشباشتاق - شەيتانىي كىشىلەرمۇ[5] بار ئىدى ، بىز ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇراتتۇق (82).
سۈرە ئەنبىيا 83-ئايەت
وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
ئەييۇپ(نىمۇ ئەسلىگىن) ئەينى چاغدا ئۇ رەببىگە: «ھەقىقەتەن مېنى دەرد - ئەلەم (يەنى قاتتىق كېسەل) چىرمىۋالدى، سەن ئۆزۈڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى (83).
سۈرە ئەنبىيا 84-ئايەت
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِن ضُرٍّ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَذِكْرَى لِلْعَابِدِينَ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، تېنىدىكى كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتتۇق. دەرگاھىمىزدىن (كەلگەن) مېھىر - شەپقەت ۋە بىزگە بەندىچىلىك قىلغۇچىلارغا بىر ئەسلەتمە سۈپىتىدە، ئۇنىڭغا پەرزەنتلەرنى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ (قايتىدىن) بەخش ئەتتۇق (84).
سۈرە ئەنبىيا 85-ئايەت
وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ كُلٌّ مِّنَ الصَّابِرِينَ
ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفل(لارنى ئەسلىگىن). ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيىنچىلىقلارغا) بەرداشلىق بەرگۈچىلەردىن ئىدى (85).
سۈرە ئەنبىيا 86-ئايەت
وَأَدْخَلْنَاهُمْ فِي رَحْمَتِنَا إِنَّهُم مِّنَ الصَّالِحِينَ
ئۇلارنى مېھىر -شەپقىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، (چۈنكى) ئۇلار ھەقىقەتەن دۇرۇس - ياخشىلاردىن ئىدى (86).
سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەت
وَذَا النُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ
بېلىق ئىگىسى (يۇنۇسنى ئەسلىگىن)، ئۇ ئەينى چاغدا (خەلقىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) ئاچچىقلىنىپ، (ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىپ كەتسەممۇ) «ئاللاھ مېنى جازالىماس» دەپ ئويلاپ (يۇرتىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. (ئۇنى بېلىق يۇتتى) ئۇ (بېلىقنىڭ قورسىقىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا: «(ئاللاھىم!) سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سېنىڭ شەنىڭ ئۇلۇغ - جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكسەن، مەن (بۇ قىلمىشىم بىلەن) راستتىنلا ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئۇۋال قىلدىم» دەپ مۇناجات قىلدى (87).
سۈرە ئەنبىيا 88-ئايەت
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ وَكَذَلِكَ نُنجِي الْمُؤْمِنِينَ
ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، بىز ئىمان ئېيتقۇچىلارغا ئەنە شۇنداق نىجاتلىق بېرىمىز (88).
سۈرە ئەنبىيا 89-ئايەت
وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَى رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
زەكەرىيا(نى ئەسلىگىن)، ئۇ ئەينى چاغدا رەببىگە: «ئى رەببىم! مېنى (پەرزەنتسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، ھەركىم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قېپقالىدىغان يېگانە زات پەقەتلا سەن ئۆزۈڭ» دەپ مۇناجات قىلدى (89).
سۈرە ئەنبىيا 90-ئايەت
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَى وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
بىز ئۇنىڭ دۇئا -تىلىكىنى قوبۇل قىلدۇق. ئايالىنى تۇغالايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يەھيانى بەخش ئەتتۇق. راستتىنلا ئۇ ( ئۈچەيلەن ) ياخشى ئىشلاردا بىر - بىرى بىلەن بەسلىشەتتى، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئەيمىنىش ئىچىدە بىزگە يالۋۇراتتى. ئۇلار بىزدىن ئەيمىنىپ تۇراتتى (90).
سۈرە ئەنبىيا 91-ئايەت
وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِّلْعَالَمِينَ
ئىپپىتىنى ساقلىغانغا (يەنى يۈزى ئېچىلمىغان مەريەمگە كەلسەك) بىز روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق (91).
سۈرە ئەنبىيا 92-ئايەت
إِنَّ هَذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ
(ئى ئنسانلار! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، ھەممە پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلار قوشۇلۇپ) سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلار بىرلا ئۈممەتتۇر، مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن. شۇڭا، ماڭىلا بەندىچىلىك قىلىڭلار (92).
سۈرە ئەنبىيا 93-ئايەت
وَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ كُلٌّ إِلَيْنَا رَاجِعُونَ
ئۇلار (يەنى ئىنسانلار)(دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە - پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر (93).
سۈرە ئەنبىيا 94-ئايەت
فَمَن يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِ وَإِنَّا لَهُ كَاتِبُونَ
كىمكى ئىمان ئېيتقان ھالدا (ۋە ئىمانىغا لايىق رەۋىشتە) ياخشى ئىش - ھەرىكەتلەردە بولىدىكەن، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇلمايدۇ، چۈنكى بىز (ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىش - ھەرىكىتىنى) خاتىرىلەپ قويغۇچىمىز (94).
سۈرە ئەنبىيا 95-ئايەت
وَحَرَامٌ عَلَى قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
بىز ھالاك قىلغان ئەل (خەلقىنىڭ دۇنياغا) قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس (95).
سۈرە ئەنبىيا 96-ئايەت
حَتَّى إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٍ يَنسِلُونَ
ناھايەت يەجۈج - مەجۈج توسمىسى ئېچىۋىتىلگەندە، ئۇلار (يەر - يۈزىنىڭ) ھەربىر تۆپىلىكىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ (96).
سۈرە ئەنبىيا 97-ئايەت
وَاقْتَرَبَ الْوَعْدُ الْحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَاخِصَةٌ أَبْصَارُ الَّذِينَ كَفَرُوا يَا وَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِي غَفْلَةٍ مِّنْ هَذَا بَلْ كُنَّا ظَالِمِينَ
(يەجۈج – مەجۈج توسمىسى ئېچىۋېتىلىش بىلەن) راست ۋەدە (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئۇ كۈندە (ئاللاھقا) تۇزكورلۇق قىلغانلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ، «ۋاي ئىسىت، بىزگە! بىز بۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) بىخۇتلۇق قىلىپتۇق. ياق، بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلىپتۇق» (دېيىشىدۇ) (97).
سۈرە ئەنبىيا 98-ئايەت
إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمْ لَهَا وَارِدُونَ
(ئۇ كۈندە ئۇلارغا) سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بەندىچىلىك قىلىپ كەلگەن نەرسىلىرىڭلار بىلەن بىللە دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر (دېيىلىدۇ) (98).
سۈرە ئەنبىيا 99-ئايەت
لَوْ كَانَ هَؤُلَاءِ آلِهَةً مَّا وَرَدُوهَا وَكُلٌّ فِيهَا خَالِدُونَ
ناۋادا (سىلەر بەندىچىلىك قىلىپ كەلگەن نەرسىلەر) راستتىنلا ئىلاھ بولسا ئىدى، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. (بىراق) ھەممىسى ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ (99).
سۈرە ئەنبىيا 100-ئايەت
لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
ئۇلار دوزاختا ئاھۇ – پىغان چېكىش بىلەن(ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ (100).
سۈرە ئەنبىيا 101-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُم مِّنَّا الْحُسْنَى أُولَئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
بىز تەرەپتىن بېرىلىدىغان ياخشى مۇكاپاتقا تېگىشلىك بولغانلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ (101).
سۈرە ئەنبىيا 102-ئايەت
لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا وَهُمْ فِي مَا اشْتَهَتْ أَنفُسُهُمْ خَالِدُونَ
ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ تۇرىدۇ (102).
سۈرە ئەنبىيا 103-ئايەت
لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
ئۇلارنى (قىيامەت كۈنىگە خاس) ئەڭ چوڭ دەھشەتمۇ بىئارام قىلمايدۇ . پەرىشتىلەر: «سىلەرگە ۋەدە بېرىلگەن ئۇ (خۇشاللىق) كۈن مانا مۇشۇ» دەپ، ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ (103).
سۈرە ئەنبىيا 104-ئايەت
يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُّعِيدُهُ وَعْدًا عَلَيْنَا إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ
ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى بەئەينى كىتاب بەتلىرىنى قاتلاپ يۆگىگەندەك يۆگەيمىز.مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. بۇ، بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدە . بىز ئۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز (104).
سۈرە ئەنبىيا 105-ئايەت
وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِي الزَّبُورِ مِن بَعْدِ الذِّكْرِ أَنَّ الْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ الصَّالِحُونَ
بىز (ئىلگىرىكى كىتابتا) تىلغا ئالغاندىن كېيىن، (داۋۇتقا نازىل قىلغان) زەبۇردا «(جەننەتتىكى) زېمىنغا[6] ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ» دەپ يازغان ئىدۇق (105).
سۈرە ئەنبىيا 106-ئايەت
إِنَّ فِي هَذَا لَبَلَاغًا لِّقَوْمٍ عَابِدِينَ
راستتىنلا، بۇنىڭدا ئاللاھقا (ھەقىقىي رەۋىشتە) بەندىچىلىك قىلىدىغان كىشلەر ئۈچۈن يەتكۈدەك ئۇچۇر بار (106).
سۈرە ئەنبىيا 107-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەت!) بىز سېنى ئالەملەرگە [7] پەقەت مېھىر - شەپقەت سۈپىتىدە ئەۋەتتۇق (107).
سۈرە ئەنبىيا 108-ئايەت
قُلْ إِنَّمَا يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
«ماڭا <سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر> دەپ ۋەھىي كېلىپ تۇرىدۇ. سىلەر بويسۇنامسىلەر، يوق؟» دېگىن (108).
سۈرە ئەنبىيا 109-ئايەت
فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَى سَوَاءٍ وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ
ئەگەر ئۇلار (بۇ چاقىرىقتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن (بۇ چاقىرىقنى) ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب (بۇ دۇنيادىكى بالايىئاپەت ياكى ئاخىرەتتىكى جازا) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇنى بىلمەيمەن (109).
سۈرە ئەنبىيا 110-ئايەت
إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ مِنَ الْقَوْلِ وَيَعْلَمُ مَا تَكْتُمُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ (110).
سۈرە ئەنبىيا 111-ئايەت
وَإِنْ أَدْرِي لَعَلَّهُ فِتْنَةٌ لَّكُمْ وَمَتَاعٌ إِلَى حِينٍ
مەن بىلمەيمەن، ئۇ (يەنى جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك بەھرىمەن بولۇش بولۇشى مۇمكىن» (111).
سۈرە ئەنبىيا 112-ئايەت
قَالَ رَبِّ احْكُم بِالْحَقِّ وَرَبُّنَا الرَّحْمَنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَى مَا تَصِفُونَ
(ئاللاھقا يۈزلىنىپ) «رەببىم! (مەن بىلەن مەككە كاپىرلىرى ئارىسىدا) ھەققانىيەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغايسەن» دېگىن[8] ۋە (ئۇ كاپىرلارغا ئېيتقىنكى) «سىلەرنىڭ (ئاللاھقا) راۋا كۆرگەن ئويدۇرمىلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىنىدىغان شەپقىتى چەكسىز بىردىنبىر زات رەببىمىزدۇر» (112).
Flag Counter