سۈرە بەقەرە 220-ئايەت
فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَى قُلْ إِصْلَاحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
(ئى مۇھەممەت!) سەندىن ھاراق[21] ۋە قىمار[22] توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە نەپمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ نەپلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر»[23] دېگىن. ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى ساخاۋەت قىلىش توغرۇلۇق سورىشىدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (ساخاۋەت قىلىڭلار)» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، (ئۇنۇتماڭلاركى،) ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى. ئاللاھ ئۈستۈن قۇدرەت ئىگىسىدۇر، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇر»(220-219).
[20]. بۇ ئايەت ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈم چۈشۈشتىن بۇرۇن نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلارنىڭ پەقەت ناچار نەرسە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
[21]. بۇ يەردىكى ئەقىلنى بۇلغايدىغان ماددا مەنىسىدىكى خەمرى ھاراقنىلا ئەمەس، دەۋرىمىزدىكى خېروئىن، نەشە قاتارلىق ئەقىلنى بۇلغايدىغان ھەرخىل زەھەرلىك ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
[22]. بۇ ئايەتتىكى قىمار– كۈنىمىزدىكى لاتارىيە قاتارلىق مېھنەتسىز پۇل تېپىشقا ياتىدىغان ھەرقانداق تەلەي سىناش ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
[23]. بۇ ئايەت ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈم چۈشۈشتىن بۇرۇن نازىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلارنىڭ پەقەت ناچار نەرسە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.