سۈرە مەريەم
سۈرە مەريەم 1-ئايەت
كهيعص
كاف، ھا، يا، ئەين، ساد (1).
سۈرە مەريەم 2-ئايەت
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان شەپقىتىنىڭ بايانىدۇر (2).
سۈرە مەريەم 3-ئايەت
إِذْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا
ئەينى چاغدا ئۇ رەببىگە پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئى رەببىم! ھەقىقەتەن مۇسكۇلۇم بوشىشىپ كەتتى، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ ھېچقاچان رەت قىلىنمىدىم (3 - 4).
سۈرە مەريەم 4-ئايەت
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
ئەينى چاغدا ئۇ رەببىگە پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئى رەببىم! ھەقىقەتەن مۇسكۇلۇم بوشىشىپ كەتتى، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ ھېچقاچان رەت قىلىنمىدىم (3 - 4).
سۈرە مەريەم 5-ئايەت
وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا
تۇغقانلىرىم(يەنى تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرى)نىڭ مەندىن كېيىن قالسا ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، (چۈنكى) ئايالىم تۇغماس. ماڭا ئۆز ھۇزۇرۇڭدىن ئورنۇمنى ئالىدىغان بىر ئىزباسار بەخش ئەتكەيسەن (5).
سۈرە مەريەم 6-ئايەت
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
ئۇ ماڭا ۋارىسلىق قىلغاي، شۇنىڭدەك ياقۇپ جەمەتىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغاي! ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشكە نېسىپ قىلغايسەن» (6).
سۈرە مەريەم 7-ئايەت
يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَى لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا
(ئاللاھ ئېيتتى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغانىدۇق» (7).
سۈرە مەريەم 8-ئايەت
قَالَ رَبِّ أَنَّى يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟» (8).
سۈرە مەريەم 9-ئايەت
قَالَ كَذَلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
(پەرىشتە) ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ» (9).
سۈرە مەريەم 10-ئايەت
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «رەببىىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا دائىر) ماڭا بىرەر بېشارەت بەرگەن بولساڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ بېشارىتىڭ (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ كېچە - كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن» (10).
سۈرە مەريەم 11-ئايەت
فَخَرَجَ عَلَى قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَى إِلَيْهِمْ أَن سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
كېيىن زەكەرىيا ئىبادەتگاھىدىن قوۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا ئەتىگەن-ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى (11).
سۈرە مەريەم 12-ئايەت
يَا يَحْيَى خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
(يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! (ئىلاھىي)كىتاب(يەنى تەۋرات)نى چىڭ تۇتقىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلدۇق (12).
سۈرە مەريەم 13-ئايەت
وَحَنَانًا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَاةً وَكَانَ تَقِيًّا
بىز يەنە ئۇنىڭغا ئۆز ھۇزۇرۇمىزدىن كۆڭلى يۇمشاقلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. يەھيا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان بىرى ئىدى؛ ئۇ قاتتىق قول، ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى (13 - 14).
سۈرە مەريەم 14-ئايەت
وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُن جَبَّارًا عَصِيًّا
بىز يەنە ئۇنىڭغا ئۆز ھۇزۇرۇمىزدىن كۆڭلى يۇمشاقلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. يەھيا تەقۋادار-مەسئۇلىيەتچان، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان بىرى ئىدى؛ ئۇ قاتتىق قول، ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى (13 - 14).
سۈرە مەريەم 15-ئايەت
وَسَلَامٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا
ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلىدىغان كۈنىدە ئۇنىڭغا سالام بولسۇن (15).
سۈرە مەريەم 16-ئايەت
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
(ئى مۇھەممەت!) بۇ كىتاب(يەنى قۇرئان)دا مەريەمنى تىلغا ئالغىن، ئەينى چاغدا مەريەم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى خالىي بىر جايغا بارغان (16).
سۈرە مەريەم 17-ئايەت
فَاتَّخَذَتْ مِن دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
ئۆزىنى كىشىلەردىن دالدىغا ئالغان ئىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ۋەھىي پەرىشتىمىز(يەنى جىبرىئىل)نى ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى (17).
سۈرە مەريەم 18-ئايەت
قَالَتْ إِنِّي أَعُوذُ بِالرَّحْمَنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيًّا
مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن شەپقەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار -ئاڭلىق بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)» (18).
سۈرە مەريەم 19-ئايەت
قَالَ إِنَّمَا أَنَا رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَامًا زَكِيًّا
جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم، رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» (19).
سۈرە مەريەم 20-ئايەت
قَالَتْ أَنَّى يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا
مەريەم ئېيتتى: «ماڭا ھېچقانداق بىر ئەركىشىنىڭ قولى تەگمىگەن، ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟» (20).
سۈرە مەريەم 21-ئايەت
قَالَ كَذَلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِّلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِّنَّا وَكَانَ أَمْرًا مَّقْضِيًّا
جىبرىئىل ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاسان. ئۇنى ئىنسانلارغا(قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مېھىر-شەپقەت قىلدۇق، بۇ قارار قىلىنىپ بولۇنغان ئىش» (21).
سۈرە مەريەم 22-ئايەت
فَحَمَلَتْهُ فَانتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
شۇنىڭ بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى (22).
سۈرە مەريەم 23-ئايەت
فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَى جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَذَا وَكُنتُ نَسْيًا مَّنسِيًّا
تولغاق ئازابى ئۇنى بىر خورما دەرىخىنىڭ غولىغا يۆلىنىۋېلىشقا ئېلىپ بارغاندا، مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بىرى بولسامچۇ!» (23).
سۈرە مەريەم 24-ئايەت
فَنَادَاهَا مِن تَحْتِهَا أَلَّا تَحْزَنِي قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا
جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق پەيدا قىلدى (24).
سۈرە مەريەم 25-ئايەت
وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
خورما شېخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ (25).
سۈرە مەريەم 26-ئايەت
فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنسِيًّا
(بۇ خورمىدىن) يېگىن، (بۇ سۇدىن) ئىچكىن ۋە (بالاڭدىن) زوقلانغىن؛ بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): <مەن ھەقىقەتەن سۆز قىلمايمەن دەپ شەپقەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن> دېگىن» (26).
سۈرە مەريەم 27-ئايەت
فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
مەريەم بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قوۋمىنىڭ ئالدىغا كېلىۋىدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن يىرگىنچلىك ئىش قىلدىڭ (27).
سۈرە مەريەم 28-ئايەت
يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ ناچار ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ ئىپپەتسىز ئايال ئەمەس ئىدىغۇ» (28).
سۈرە مەريەم 29-ئايەت
فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا
مەريەم بوۋاقنى ئىشارەت قىلىۋىدى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق گەپ قىلىمىز» دېيىشتى (29).
سۈرە مەريەم 30-ئايەت
قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
(چوڭ بولغان)[1] بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتاب(يەنى ئىنجىلنى) بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (30).
سۈرە مەريەم 31-ئايەت
وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
قەيەردىلا بولسام، ئاللاھ ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى، ماڭا ھاياتلا بولسام ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى بۇيرۇدى (31).
سۈرە مەريەم 32-ئايەت
وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى قاتتىق قول، ئازغۇن قىلمىدى (32).
سۈرە مەريەم 33-ئايەت
وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدتُّ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
مەن تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان كۈندە، تىرىلىپ (قەبرەمدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈندە ماڭا ئامانلىق بولىدۇ» (33).
سۈرە مەريەم 34-ئايەت
ذَلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ
ئەنە شۇ مەريەم ئوغلى ئەيسا بولۇپ، ئۇ ئۆزى ھەققىدە كىشىلەر دەتالاش قىلىۋاتقان ھەق گەپنى قىلدى (34).
سۈرە مەريەم 35-ئايەت
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٍ سُبْحَانَهُ إِذَا قَضَى أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ
(ئەيسا ئېيتتى) « بالا قىلىۋېلىش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق ئەمەس. ئۇ مۇتلەق ئۇلۇغ ۋە پاكتۇر. ئاللاھ بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا <ۋۇجۇدقا كەل> دەيدۇ-دە، ئۇ دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ (35).
سۈرە مەريەم 36-ئايەت
وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ هَذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِيمٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىڭلار، مانا بۇ توغرا يولدۇر» (36).
سۈرە مەريەم 37-ئايەت
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِن بَيْنِهِمْ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا مِن مَّشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ( كىتابى مۇقەددەسكە ئەگەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ) مەزھەپلەر(ئەيسا توغرىسدا) ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى. ھەممە ھازىر قىلىنىدىغان ئۇ بۈيۈك قىيامەت كۈنى تۈپەيلى كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! (37)
سۈرە مەريەم 38-ئايەت
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا لَكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
بىزنىڭ ھۇزۇرۇمىزغا كەلگەن (قىيامەت) كۈنىدە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ناھايىتى ئىشتىدىغان، كۆزلىرى بولسا ناھايىتى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ . لېكىن، بۇ زالىملار بۈگۈن ئوپئۇچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ (38).
سۈرە مەريەم 39-ئايەت
وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
(ئى مۇھەممەت!) سەن ئۇلارنى ھەسرەت چېكىدىغان (قىيامەت)كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا ھەممە ئىش ( ھۆكۈم قىلىنىپ ) بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ئۇلار بىخۇتلۇقتىدۇر، ئۇلار (ئۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ) ئىشەنمەيۋاتىدۇ (39).
سۈرە مەريەم 40-ئايەت
إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ الْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
بىز زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارلىق شەيئىلەرگە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىمىز، نىھايەت ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ ھۇزۇرۇمىزغا قايتۇرۇلىدۇ (40).
سۈرە مەريەم 41-ئايەت
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَّبِيًّا
(ئى مۇھەممەت!) بۇ كىتابتا ئىبراھىمنى تىلغا ئالغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل ئىدى، نەبىي ئىدى (41).
سۈرە مەريەم 42-ئايەت
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنكَ شَيْئًا
ئەينى چاغدا ئىبراھىم دادىسىغا ئېيتتى: « جېنىم دادا ! سەن ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە نېمىشقا چوقۇنىسەن؟ (42)
سۈرە مەريەم 43-ئايەت
يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا
جېنىم دادا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر كەلدى، سەن ماڭا ئەگەشكىن، مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن (43).
سۈرە مەريەم 44-ئايەت
يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ الشَّيْطَانَ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَنِ عَصِيًّا
جېنىم دادا! شەيتانغا بەندىچىلىك قىلما، چۈنكى شەيتان مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن بويۇنتاۋلىق قىلدى(44).
سۈرە مەريەم 45-ئايەت
يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِّنَ الرَّحْمَنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا
جېنىم دادا!مەن سېنىڭ مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، شەيتاننىڭ دوستىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن» (45).
سۈرە مەريەم 46-ئايەت
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
دادىسى(يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (بۇ ئىشنى ) بولدى قىلمىساڭ، چوقۇم سېنى چالما - كېسەككە تۇتىمەن، سەن ئۇزاققىچە كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما» (46).
سۈرە مەريەم 47-ئايەت
قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
ئىبراھىم ئېيتتى: « ئۇنداقتا سىزگە ئامانلىق بولسۇن، مەن رەببىمدىن سىز ئۈچۈن ئەپۇ - مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىبان (47).
سۈرە مەريەم 48-ئايەت
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَى أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىمەن، رەببىمگە بەندىچىلىك قىلىمەن، رەببىمگە يالۋۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن . ئارزۇ - ئۈمىدىم شۇكى ، يالۋۇرۇشۇم رەببىم تەرىپىدىن جاۋابسىز قالمىغاي» (48).
سۈرە مەريەم 49-ئايەت
فَلَمَّا اعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ وَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا
نىھايەت ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراقلاشقان چاغدا، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق بىلەن ياقۇپنى بەخش ئەتتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى نەبىي قىلدۇق (49).
سۈرە مەريەم 50-ئايەت
وَوَهَبْنَا لَهُم مِّن رَّحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا
ئۇلارغا مېھىر -شەپقىتىمىزدىن ئىنئام قىلدۇق ۋە ئۇلارنى راستچىللىق ھەم ساداقەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك باياناتچىسى قىلدۇق (50).
سۈرە مەريەم 51-ئايەت
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَى إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا
(ئى مۇھەممەت!) بۇ كىتاب( يەنى قۇرئان)دا مۇسانىمۇ تىلغا ئالغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، ھەم رەسۇل ، ھەم نەبىي[2] ئىدى (51).
سۈرە مەريەم 52-ئايەت
وَنَادَيْنَاهُ مِن جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا
ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق ۋە ئالاھىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن (ئۆزىمىزگە) يېقىنلاشتۇردۇق (52).
سۈرە مەريەم 53-ئايەت
وَوَهَبْنَا لَهُ مِن رَّحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
بىز ئۇنىڭغا بەخش ئەتكەن مېھىر - شەپقىتىمىزنىڭ داۋامى سۈپىتىدە قېرىندىشى ھارۇننىمۇ نەبىي قىلدۇق (53).
سۈرە مەريەم 54-ئايەت
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا
(ئى مۇھەممەت!) بۇ كىتاب(يەنى قۇرئان)دا ئىسمائىلنىمۇ تىلغا ئالغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم نەبىي ئىدى (54).
سۈرە مەريەم 55-ئايەت
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىگە ئېرىشكەن ئىدى (55).
سۈرە مەريەم 56-ئايەت
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَّبِيًّا
(ئى مۇھەممەت!) بۇ كىتاب( يەنى قۇرئان)دا ئىدرىسنىمۇ تىلغا ئالغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل ئىدى، نەبىي ئىدى (56).
سۈرە مەريەم 57-ئايەت
وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
بىز ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق (57).
سۈرە مەريەم 58-ئايەت
أُولَئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِم مِّنَ النَّبِيِّينَ مِن ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا
ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ نەبىيلەر ئادەم (ئاتا) نىڭ نەسلىدىن، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ نەسلىدىن، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن ۋە ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ پەيغەمبەر) نىڭ نەسلىدىندۇر، ئۇلار بىز توغرا يولغا يېتەكلىگەن ۋە ئالاھىدە تاللىغانلاردىندۇر. ئۇلارغا مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، ياش تۆكۈپ سەجدىگە باش قويىدۇ (58).
سۈرە مەريەم 59-ئايەت
فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا
ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقانلار نامازنى تاشلاپ قويۇشتى، شەھۋەتلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ (59).
سۈرە مەريەم 60-ئايەت
إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا
لېكىن گۇناھىنى تونۇپ ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، قىلچىلىك ناھەقچىلىككە ئۇچرىمايدۇ (60).
سۈرە مەريەم 61-ئايەت
جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ إِنَّهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا
ئۇلار چەكسىز مېھىر-شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئالدىن ۋەدە قىلغان دائىمىي تۇرالغۇ جەننەتلىرىدۇر .ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (61).
سۈرە مەريەم 62-ئايەت
لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَامًا وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
ئۇلار جەننەتتە ئامانلىق تىلەكلىرىدىن باشقا ھېچقانداق بىھۇدە گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يېمەك- ئىچمەكلەردىن) رىزىققا نائىل بولۇپ تۇرىدۇ (62).
سۈرە مەريەم 63-ئايەت
تِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَن كَانَ تَقِيًّا
بەندىلىرىمىز ئىچىدىن تەقۋادار - مەسئۇلىيەتچانلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ (63).
سۈرە مەريەم 64-ئايەت
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَلِكَ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
(جىبرىئىل ئېيتتى: ئى مۇھەممەت!) بىز( پەرىشتىلەر دۇنياغا) رەببىڭنىڭ يوليۇرۇقى بىلەنلا چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، كەينىمىزدىكى ۋە ئالدى-كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، رەببىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ (64).
سۈرە مەريەم 65-ئايەت
رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋىشكارى، ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلغىن، ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىشتا چىداملىق بولغىن. ئىسمى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تىلغا ئېلىنىشقا لايىق باشقا بىرسىنى بىلەمسەن؟ (65)
سۈرە مەريەم 66-ئايەت
وَيَقُولُ الْإِنسَانُ أَئِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا
(شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيدىغان) ئىنسان «مەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدىمەن؟» دەيدۇ (66).
سۈرە مەريەم 67-ئايەت
أَوَلَا يَذْكُرُ الْإِنسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِن قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْئًا
ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئېسىگە ئېلىپ باقمامدۇ؟ (67)
سۈرە مەريەم 68-ئايەت
فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا
رەببىڭنىڭ ( نامى) بىلەن قەسەمكى ، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ھايات ۋاقتىدا كەينىگە سېلىۋالغان) شەيتانلىرى بىلەن قوشۇپ يىغىمىز. ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە چوقۇم تىزلاندۇرۇپ قويىمىز (68).
سۈرە مەريەم 69-ئايەت
ثُمَّ لَنَنزِعَنَّ مِن كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَنِ عِتِيًّا
ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئارىسىدىن مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھقا ئەڭ قاتتىق ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز (69).
سۈرە مەريەم 70-ئايەت
ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِالَّذِينَ هُمْ أَوْلَى بِهَا صِلِيًّا
ئۇنىڭدىن قالسا، بىز دوزاخقا تاشلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز (70).
سۈرە مەريەم 71-ئايەت
وَإِن مِّنكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا كَانَ عَلَى رَبِّكَ حَتْمًا مَّقْضِيًّا
ئاراڭلاردىن دوزاخقا(يەنى دوزاخنىڭ يېنىغا) بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭ قارار قىلىپ بولغان ھۆكۈم (71).
سۈرە مەريەم 72-ئايەت
ثُمَّ نُنَجِّي الَّذِينَ اتَّقَوا وَّنَذَرُ الظَّالِمِينَ فِيهَا جِثِيًّا
ئاندىن تەقۋادار – مەسئۇلىيەتچانلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويۇپ قويىمىز (72).
سۈرە مەريەم 73-ئايەت
وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَّقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
(ھەقىقەتنىڭ) ئوپئۇچۇق پاكىتلىرى بولغان ئايەتلىرىمىز ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە : «( سىلەر ۋە بىز بولۇپ ) بۇ ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ (دۇنيادىكى) ئىجتىمائىي ئورنى بەكرەك يۇقىرى، سورۇنى بەكرەك ئېسىل؟» دېدى (73).
سۈرە مەريەم 74-ئايەت
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
ئۇلاردىن بۇرۇن(بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) قانچىلىغان نەسىللەرنى يوق قىلىۋەتتۇق، ئۇلار مەيلى مال – مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىنمۇ ئۈستۈن ئىدى (74).
سۈرە مەريەم 75-ئايەت
قُلْ مَن كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَنُ مَدًّا حَتَّى إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضْعَفُ جُندًا
ئېيتقىنكى: «كىمكى ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولىدىكەن، چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھ قانچىلىك مۆھلەت بەرسە بەرسۇن، ئاخىر ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىنگەن جازانى ياكى دۇنيانىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرگەندە، ئاندىن كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرىنىڭ تېخىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ» (75).
سۈرە مەريەم 76-ئايەت
وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَّرَدًّا
ئاللاھ توغرا يول تۇتقانلارنىڭ توغرا يول ئېڭىنى ئاشۇرىدۇ. مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ياخشى ئىشلار رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپات جەھەتتىنمۇ، ئاقىۋەت جەھەتتىنمۇ ئەڭ ياخشىدۇر (76).
سۈرە مەريەم 77-ئايەت
أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتىمۇ) ئەلۋەتتە مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا بېرىلىدۇ، دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ (77)
سۈرە مەريەم 78-ئايەت
أَطَّلَعَ الْغَيْبَ أَمِ اتَّخَذَ عِندَ الرَّحْمَنِ عَهْدًا
ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ(ساڭا مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا بېرىمەن دېگەن) ئەھدىگە ئېرىشكەنمۇ؟ (78).
سۈرە مەريەم 79-ئايەت
كَلَّا سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُ مِنَ الْعَذَابِ مَدًّا
ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولغىنى يوق. بىز ئۇنىڭ (بۇ) دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازانى كۈچەيتىمىز (79).
سۈرە مەريەم 80-ئايەت
وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا
ئۇنىڭ(چوڭچىلىق بىلەن) تىلغا ئالىدىغان (پۇل - مال ۋە ئەۋلادلىرى) بىزگە قالىدۇ، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ (80).
سۈرە مەريەم 81-ئايەت
وَاتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِّيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا
بۇنداقلار ئۆزلىرىگە تايانچ ۋە نوپۇز ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ ( 81) .
سۈرە مەريەم 82-ئايەت
كَلَّا سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
ياق، (ئاخىرەتتە) ئۇ ئىلاھلار ئۇلارنىڭ چوقۇنغانلىقىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ (82).
سۈرە مەريەم 83-ئايەت
أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا
بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى كۆرمىدىڭمۇ؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرۇپ تۇرىدۇ (83).
سۈرە مەريەم 84-ئايەت
فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
(ئى مۇھەممەت!) ئۇلار(نىڭ ھالاك بولۇشى)غا ئالدىراپ كەتمىگىن، بىز ئۇلار(نىڭ كۈنى)نى ساناپ تۇرىمىز (84).
سۈرە مەريەم 85-ئايەت
يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَنِ وَفْدًا
ئۇ كۈن (يېتىپ كەلگەندە) بىز تەقۋادار - مەسئۇ‍لىيەتچانلىق ئېڭى بىلەن ياشىغانلارنى چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك (رەب)نىڭ ھۇزۇرىغا ئىززەت - ئىكرام بىلەن يىغىمىز (85).
سۈرە مەريەم 86-ئايەت
وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَى جَهَنَّمَ وِرْدًا
گۇناھكارلارنى بولسا چاڭقىغان ھالىتىدە جەھەننەمگە ھەيدەيمىز (86).
سۈرە مەريەم 87-ئايەت
لَّا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِندَ الرَّحْمَنِ عَهْدًا
(ئىمان ۋە ياخشى ئىش - ھەرىكەت ئارقىلىق) چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك(رەب)نىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەتكە[3] ئېرىشەلمەيدۇ (87).
سۈرە مەريەم 88-ئايەت
وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَنُ وَلَدًا
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى (88).
سۈرە مەريەم 89-ئايەت
لَّقَدْ جِئْتُمْ شَيْئًا إِدًّا
(ئى كاپىرلار!) سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار (89).
سۈرە مەريەم 90-ئايەت
تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنشَقُّ الْأَرْضُ وَتَخِرُّ الْجِبَالُ هَدًّا
بۇ سۆزنىڭ (قەبىھلىكىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ ، يەر يېرىلىپ، تاغلار يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى (90).
سۈرە مەريەم 91-ئايەت
أَن دَعَوْا لِلرَّحْمَنِ وَلَدًا
چۈنكى ئۇلار چەكسىز مېھىر -شەپقەتلىك(ئاللاھ)نىڭ بالىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى (91).
سۈرە مەريەم 92-ئايەت
وَمَا يَنبَغِي لِلرَّحْمَنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا
ھالبۇكى، چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك(ئاللاھ)نىڭ بالا قىلىۋېلىشى شەنىگە لايىق ئەمەس (92).
سۈرە مەريەم 93-ئايەت
إِن كُلُّ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَنِ عَبْدًا
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى چەكسىز مېھىر –شەپقەتلىك(ئاللاھ)نىڭ ھۇزۇرىغا قۇل سۈپىتىدە كېلىدۇ (93).
سۈرە مەريەم 94-ئايەت
لَّقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا
شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چەكسىز ئىلمى بىلەن قورشاۋغا ئالغان ۋە تولۇق سانىغان (94).
سۈرە مەريەم 95-ئايەت
وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا تەنھا-يالغۇز كېلىدۇ (95).
سۈرە مەريەم 96-ئايەت
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَنُ وُدًّا
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا چەكسىز مېھىر - شەپقەتلىك(ئاللاھ) ھەقىقەتەن ئۆزئارا مېھىر - مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ (96).
سۈرە مەريەم 97-ئايەت
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِ قَوْمًا لُّدًّا
(ئى مۇھەممەت!) سېنىڭ تەقۋادار -مەسئۇلىيەتچان كىشلەرگە خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش ئادەملەر توپىنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ ئارقىلىق ئاسانلاشتۇردۇق (97).
سۈرە مەريەم 98-ئايەت
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُم مِّنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى يوق قىلىۋەتتۇق. سەن ھازىر ئۇلاردىن بىرەرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالامسەن؟ يا بولمىسا ئۇلارنىڭ بىرەر شەپىسىنى ئاڭلىيالامسەن؟ (98)
Flag Counter