(مەككىدە نازىل بولغان، 110 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن( باشلايمەن).
سۈرە، « غار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كەھف » ئىسمىنى 13 - 20 - ئايەتلەردە بايان قىلىنغان غار ئەھلى قىسسەسىدىن ئالغان.
بۇ سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى قۇرەيش بايقۇتىدىن كېيىن، يەنى دەۋەتنىڭ 9 – 10-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
سۈرە ئاللاھ-ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى قوش لىنىيىلىك مۇناسىۋەتنى ئاساسىي تېما قىلغان. بىر تەرەپتىن ياراتقۇچى-يارالغۇچى ئارىسىدىكى ماھىيەت پەرقى تەكىتلەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولۇشىدىن تارتىپلا خاراكتېرىدە بار بولغان رەببىگە مۇھتاج بولۇشتىن ئىبارەت فىترى ھەقىقەت بايان قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن، سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى بولغان ئاللاھ تەئالانىڭ مۇتلەقلىقى بىلەن باشلىنىپ، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ بەشەرى ( ئىنسانى ) تەبىئىيتى بىلەن ئاخىرلاشقان.
سۈرە ھەمدۇسانادىن كېيىنلا تەۋھىد ھەققىدە توختىلىپ، « ئاللاھنىڭ بالىسى بار » دەپ بوھتان چاپلىغۇچىلارغا ئاغزىدىن چىققان سۆزنىڭ « خەتىرىنى » ئەسكەرتىدۇ( 5 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئايەتتە رەسۇلۇللاھقا نەسىھەت قىلىنغان. يەنى، ئاللاھ تەئالاغا بۇنداق يامان بۆھتان چاپلىغانلارغا ئاچچىقلىنىپ ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرۈۋالما ( 6 ) دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا « ئۇلار بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ » دېيىلمەكتە. سۈرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كەلىمىسى 7 - ئايەتتە ئورۇن ئالغان « ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن » جۈملىسىدۇر. كەھف سۈرىسىدە بايان قىلىنغان بۇ قىسسە ۋە مەسەللەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقەت بۇ ئايەت بىلەن بايان قىلىنغان « ئىلاھى ئىمتىھان »دۇر.
سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسسە ۋە مەسەللەر ئارقىلىق قۇرئاندىكى سۈرىلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان سىمۋوللۇق تىل ۋە ئوبراز ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بايانلارغا كىشىنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ. سۈرىدە كەھف قىسسەسى ( 13 - 20 )، ئىككى باغ ئىگىسى ھەققىدىكى مەسەل ( 32 - 44 )، ئادەم-ئىبلىس قىسسەسى ( 50 - 53 )، مۇسا – (دانىشمەن) بەندە مەسەلى ( 60 - 82 ) ۋە زۇلقەرنەيىن مەسەلى ( 83 - 98 ) ئورۇن ئالغان.
قۇرئان قىسسەلىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
قۇرئاندا قىسسەلەر ھەققىدە توختالغاندا، قۇرئاننىڭ بىر تارىخ كىتابى، بىر جۇغراپىيە كىتابى ۋە ياكى بىر ۋەقەشۇناس قەلەمگە ئالغان ۋەقەنامە ئەمەس، بەلكى ھىدايەت كىتابى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. قۇرئان قىسسەلەرنى بايان قىلغاندا، تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ئىچكى سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشنى، ئۇ ۋەقەلەرنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلمايدۇ. قۇرئان مەزكۇر ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك «نېمە، نېمە ئۈچۈن، قانداق، قەيەردە، قاچان ۋە كىم» دېگەن سۇئاللار ئۈستىدە ئىنچىكىلەپ توختالمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھەر قانداق بىر قىسسە ھەققىدە ئېنىق بىر تارىخ بېرىلمەيدۇ ۋە قىسسە باش قەھرىمانلىرىنىڭ تارىخى كىملىكى ئۈستىدە توختالمايدۇ،كۆپىنچە ئىسىملار ھەققىدە توختالمايدۇ. پىرئەۋن دەيدۇ، ئەمما بىز بۇ « تىپىك ئىسىم »نىڭ قايسى شەخسنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن بىلەلمەيمىز. ئەسھابى كەھف ھەققىدە توختىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. « ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى » دەيدۇ، ئىسىملىرىنى زىكىر قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئايالى دەيدۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. ھەزرىتى نۇھنىڭ ئوغلى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى توختىلىدۇ، لېكىن ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئوغلىنى قۇربانلىققا ئاتىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىدۇ، ئەمما قۇربانلىققا ئاتىغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمايدۇ، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ مۇقەددەس بەيتنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرغان « زۇررىيەت ( نەسلى، ئائىلىسى،جەمەتى ) » ھەققىدە توختىلىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمايدۇ. « ئىمراننىڭ ئايالى » دەيدۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. لۇتنىڭ ھالاك بولغان قوۋمى ئىچىدە قالغان خوتۇنى ئۈچۈن كىنايە قىلغان ھالدا « قېرى خوتۇن » ئىبارىسىنى ئىشلىتىدۇ. ئىمانى ئۈچۈن قىيىن- قىستاق ئاستىدا جان بەرگەن خانىش ئۈچۈن « پىرئەۋىننىڭ ئايالى » دەيدۇ، ئەمما ئاسىيە دېمەيدۇ. قۇرئان بەزىدە ئىنچىكلىك بىلەن ئايرىيدۇ. لېكىن، بۇ ئايرىش شەخسنىڭ تارىخى كىملىكىنى نەزەردە تۇتۇشتىن كۆرە، ھەقىقەتكە بولغان مەيدانىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەر يەردە مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنى « پىرئەۋىن » دەپ تىلغا ئالغان بولسا، ھەزرىتى يۈسۈپكە چۈشىگە تەبىر ئېيتقۇزۇپ، ئۇنى زىنداندىن چىقارغان كىشىنى « مەلىك (ۋەزىر) » دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدىن « مەلىك » لەر نەسەپ، جەمەت، خۇي ۋە پوزىتسىيە جەھەتتىن « پىرئەۋىن » دېيىلگەن خانىدانلاردىن پەرقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تارىخى مەلۇماتلارمۇ بۇنى تەستىقلىماقتا.
قۇرئاندا كۆپىنچە ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ تارىخى ياكى سىمۋول ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدىغان ئوبرازلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ. زۇلقەرنەيىن دەيدۇ، بۇ ئارقىلىق « قوش مۈڭگۈزلۈك تاج كېيىۋالغانلىقى » ئىما قىلىنغانمۇ ياكى مەزكۇر ھۆكۈمدارنىڭ ھېكمەت ۋە ھۆكۈمنى شەخسىيتىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئوخشىتىش ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ئەبۇ لەھەب دەيدۇ، ئەمما بىز قۇرئان « ئەبۇ لەھەب » دەپ ئاتىغان كىشىنىڭ ئىسمى ياكى لەقىمىنىڭ مۇشۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. قۇرئان ئەبۇ لەھەب ( لاۋۇلدىغان ئوتنىڭ پىرى ) دەپ ئاتىشى بىر كىنايە بولۇپ، ئۇنىڭ جەھەننەمگە باشلايدىغان بىر ھاياتنى تاللىغانلىقى ئىما قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇلئۇززا. قۇرئان بۇ ئۇسلۇبى ئارقىلىق خاتا يولدا مېڭىۋاتقانلارغا « ئىسم مۇھىم ئەمەس » دېمەكتە.
شۇنداق، ئىسىم مۇھىم ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان ئىسىملار ھەققىدە ئەمەس، ئوبرازلارنىڭ پوزىتسىيە، مەيدانى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئەبۇ لەھەب ئۆلىدۇ، ئەمما ئەبۇ لەھەبلىك ئۆلمەيدۇ. پىرئەۋىن ئۆلىدۇ، پىرئەۋىنلىك ئۆلمەيدۇ. قۇرئان خىتاب قىلىنغۇچىغا تونۇشتۇرماقچى بولغىنى پىرئەۋىن ئەمەس، پىرئەۋىنلىك. ئەبۇ لەھەب ئەمەس، ئەبۇ لەھەبلىكتۇر. قۇرئان پەيغەمبەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئومۇمەن ياخشىلارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالمايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ۋە ياخشىلىقىنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىق ئوبرازى سۈپىتىدە ياد ئېتىدۇ. قۇرئاندا تونۇشتۇرۇلغان بىر ياخشى كىشى قىلغان ئىشنى بۈگۈن ئۆزى تۇرۇۋاتقان ماكاندا قىلغان كىشى- ئۆز دەۋرىنىڭ « ئۇ » ئوبرازىدۇر. مۇھىم بولغىنى شۇ ۋەياكى بۇ دەۋردە ياشاش ئەمەس، قانداق ياشىغانلىقىڭىز، كىمنىڭ يولىدىن ماڭغانلىقىڭىزدۇر.
قۇرئان قىسسەلەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇر، ئەقىل، شەخسىيەت ۋە ھاياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇرئان قىسسەلەر ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىدا توغرىنى خاتادىن ئىلغىيالايدىغان بىر ئەقىل شەكىللەندۈرىدۇ. ياخشىلار بىلەن يامانلارنى، ھەق ئەھلى بىلەن باتىل ئەھلىنى، مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلارنى، سالىھلار بىلەن پاسىقلارنى، زالىملار بىلەن مەزلۇملارنى ئايرىيالايدىغان بىر قابىلىيەت بەرپا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان « كىم كىمدۇر؟ » سۇئالى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ئورنىغا « كىم ھەقىقەت ئالدىدا قايسى سەپتە تۇرۇۋاتىدۇ؟ » سۇئالىنىڭ جاۋابى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە بىزگىمۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
بۇ قىسسەلەردىن بەزىلىرىنىڭ باشلىنىشىدا، ئۇ قىسسەنىڭ « ھەق-چىنلىق بىلەن ( بىل ھەق ) » بايان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىدۇ. خۇددى كەھف سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى « بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز » ( 13 ) دېيىلگەندەك شەكىلدە باشلىنىدۇ. يەنە، ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسىنىڭ « ھەق-چىنلىق بىلەن » بايان قىلىنغانلىقى ئىپادىلەنگەن ( مائىدە، 27 ). بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىسسەلەرنىڭ بېشىدىكى « ھەق-چىنلىق بىلەن » ئىبارىسىدە نېمە نەزەردە تۇتۇلغان؟ بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1. « ھەق-چىنلىق بىلەن » بايان قىلىشتىن مەقسەت، بۇ قىسسەلەرنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ۋارىيانتلىرىنىڭ ئورنىغا توغرا بولغان ئەسلى شەكلىنى قويۇش. قۇرئان نازىل بولغان مۇھىتتا بۇ قىسسەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كىشىلەر بىلەتتى. لېكىن، ئۇلار توغرا ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بۇ قىسسەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىچىگە يالغان - ياۋىداق نەرسىلەر قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەسلى شەكلىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھالغا كىلىپ قالغانىدى.
بۇ غەلىتىلىك ھېس قىلغۇدەك بىر مېتود ئەمەس. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ زىل نۇقتىسى قۇرئاننىڭ قىسسەلەرنى بايان قىلىش مەقسىتىنىڭ قىسسەلەرنى ئەسلى ۋە بۇزۇلمىغان ھالىتىگە قايتۇرۇش ئەمەسلىكى، ئۇلارنى بىر « بىلىم ئېلىمېنتى »، بىر « مەلۇمات ئۇلى » سۈپىتىدە نەقىل قىلمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئاللاھ تەئالا پەقەت قىسسەلەرنىلا « ھەق-چىنلىق بىلەن » بايان قىلىپ قالماستىن، باشقا ئايەتلەردىمۇ زىكىر قىلغىنىدەك ئاسمانلارنى ۋە يەرنى « ھەق-چىنلىق بىلەن ( بىل ھەق ) » ياراتقان ( ئەنئام، 73 )؛ ئەلچىنى « ھەق -چىنلىق بىلەن » ئەۋەتكەن ( بەقەرە، 119 )؛ كىتابنى « ھەق-چىنلىق بىلەن » نازىل قىلغان ( بەقەرە، 176 ). ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا « ھەق-چىنلىق بىلەن » ئوقۇغان ( بەقەرە، 252 )؛ پەرىشتىلەرنى « ھەق-چىنلىق بىلەن » چۈشۈرگەن ( ھىجىر، 8 ). بۇ سەۋەبتىن قۇرئاننىڭ « ھەق -چىنلىق» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىگەن نەرسە بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ « تارىخى بولۇشىدىن » بەكرەك مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
2. « ھەق-چىنلىق بىلەن » بايان قىلىشتىن مەقسەت، « توغرا بولغان بىر غايىگە ئۇل قىلىپ » ياكى « مۇتلەق ھەقىقەتنى شىپى كەلتۈرۈپ » دېگەننى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، قىسسەلەرنىڭ « ھەق بىلەن » بايان قىلىنىشى ئارقىلىق تارىخى بىر مەلۇماتنى تەستىقلاش، تۈزىتىش ئەمەس، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش غايىسى بولغان ھىدايەت مەقسەت قىلىنغان. زەمەخشەرى، مائىدە سۇرىسى 27 - ئايىتىدە « ھەق-چىنلىق بىلەن » بايان قىلىنغان ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسىنى تەپسىر قىلغاندا، بىل ھەق ئىبارىسىنى « بىل غەرائىزى سەھىھە ( توغرا مەقسەتلەر بىلەن) » دەپ مەنا بەرگەن. بۇ قۇرئاننىڭ قىسسەلەر ئارقىلىق نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان ئايەتلەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. مەسىلەن، بۇ خىل قىسسەلەر بىلەن نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى قۇرئاندىن سورىغان ۋاقتىمىزدا، قۇرئان ئۆزىنىڭ نازىل بولۇش مەقسىتىنى بايان قىلماقتا. ئەئراف 176، يۈسۈپ 111 ۋە ھۇد 120 - ئايەتلەر بۇنىڭ دەلىلى.
سۈرىدىكى بەش قىسسە - مەسەلنىڭ مەقسىتى
كەھف سۈرىسىدە بەش قىسسە - مەسەل بايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەسھابى كەھف قىسسەسى.
ئەسھابى كەھف قىسسەسى:
بۇ قىسسە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپى بولغان ھايات ۋە ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. « گۇمراھلىق قاپلىغان بىر جەمئىيەت ئىچىدە ئۇلارغا قارشى كۆكرەك كېرىپ ياشاش كېرەكمۇ ياكى جەمئىيەتنى تەرك ئېتىش كېرەكمۇ؟ » دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قىسسە ئارقىلىق ئىمانىڭىزنى ياشىيالايدىغان بىر غارچىلىك يېرىڭىز ( سىز ئۈچۈن ئۆيىڭىزمۇ بىر غار ) بولسا، ئەنسىرىمەڭ! » دېمەكتە.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا بۇ قىسسەنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىدا نامايەندىلىرى بار ئىدى. ئىبن مەسئۇد مۇرسەلات سۈرىسىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: « بىز مىنادا بىر غاردا رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي ھالدا ئۇچرىشاتتۇق. بۇ سۈرە نازىل بولدى ». بۇ قىسسە ئارقىلىق تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا « سىز بۈگۈننىڭ ئەسھابى كەھفى » دېمەكتە ئىدى.
ئىككى باغ ئىگىسى ھەققىدىكى مەسەل
مەسەللەر قىسسەلەردىن پەرقلىق بولۇپ، تارىخى بىر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى شەرت بولمىغان ۋە خىتاب قىلىنغۇچىغا بىر ھەقىقەتنى تەمسىل-ئوخشۇتۇش ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىردۇر. شۇنداقتىمۇ مەسەللەرنىڭ ھەر جايدا ۋە ھەر زاماندا رېئال ھاياتتا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىككى باغ ئىگىسى مەسەلى مال - مۈلۈكنى مۈلكىيەت ياكى ئامانەت دەپ بىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن چۈشەنچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بايلىق بىلەن يوقسۇللۇقنىڭ ماھىيىتىگە كىشىنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرىدۇ. مەسەلدە ئىككى باش قەھرىمان بار بولۇپ، ھەر بىرىگە بىر باغ بەخش ئېتىلگەن. لېكىن، بۇ كىشىلەردىن بىرىسى ئۆزىگە ئېمتىھان قىلىپ ئامانەت بېرىلگەن بۇ مۈلۈكنى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئويلاپ قالغان ۋە مۈلۈك بىلەن ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغان. بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈپ تاشلانغىچە مۈلۈك ئۇنىڭ مېلى ئىدى، ئەمما بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى مۈلكىنىڭ مېلىغا ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ پوزىتسىيە بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر:
وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
باغ ئىگىسى نۇرغۇن مەھسۇلاتقا ( يەنى مال - مۈلۈككە ) ئىگە ئىدى، ( بىر كۈنى ) ئۇ ئاغىنىسى بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ ئۇنىڭغا : «مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم سېنىڭكىدىن كۆپ» دېدى (34).
ئايەتنىڭ شاھادىتى بىلەن بۇ چۈشەنچە بىراۋنىڭ ئۆز ئۆزىگە قىلغان ئەڭ چوڭ يامانلىقىدۇر ( 35 ). چۈنكى، مۈلۈك ئۇنىڭ مىنىدىغان ئۇلىغى ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ ئەكسىچە مۈلۈكنىڭ ئۇلىغىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولغىنى، ئۆزىگە مۈلۈكنىڭ بېرىلىشىنى ئاللاھ تەئالانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەنىدى ( 36 ). مۈلۈك ئۇنىڭغا ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرغان، خۇدىنى يوقاتتۇرغان، رەببىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. مەسەلدىكى ياخشى كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:
قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا (37) لَكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا (38)
پاراڭلىشىۋاتقان ئاغىنىسى ئېيتتى: « سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن بىر تامچە سۇ (سپېرما ) دىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس بىر ئادەم سىياقىغا كەلتۈرگەن ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلامسەن ؟(37) لېكىن ماڭا كەلسەك، ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن (38).
بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەتلەردە مۈلكى ئاز، ئەمما ئىمانى ۋە شەخسىيىتى كۈچلۈك بولغان كىشى مۈلۈك بىلەن كۆرەڭلەپ كەتكەن كىشىگە نەسىھەت قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدۇ. ئاقىۋەتتە بارلىق مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقىسى قالمايدۇ. ئىنسانغا ھەقىقىي يار ۋە ياردەمچىنىڭ پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇ ۋاقىتتا چۈشىنىپ يېتىدۇ. بۇ مەسەلدىن كېيىن كەلگەن بۆلەكتە مەسەلنىڭ مەقسىتىنى بايان قىلغان تۆۋەندىكى ئايەت كەلگەن:
الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ
« مال-مۈلۈك ۋە پەرزەنتلەر دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ياخشى ئىشلار بولسا رەببىڭنىڭ نەزىرىدە قىممەت جەھەتتىن تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈمىد باغلاشقا تېخىمۇ لايىقتۇر» ( 46 ).
كىشلەرنىڭ ( دۇنيادا قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ) پۈتۈكى ئالدىغا قويۇلغاندا، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدا يېزىلغانلاردىن قاتتىق قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار : « ۋاي ئىسىت! بۇ پۈتۈككە چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسى چالا قالماي خاتىرىلىنىپتۇغۇ ؟ » دەيدۇ . قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈككە خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ . سېنىڭ رەببىڭ ھېچكىمگە ئۇۋال قىلمايدۇ (49). بۇ خاتىرە شۇنداق بىر خاتىرە بولۇپ، قەلبنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىن ئۆتكەنلەرنىمۇ قويماي خاتىرىلەيدۇ.
بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بايان قىلىنغانلىقىنى، ئەسھابى كەھف قىسسەسى بىلەن باي- يوقسۇل مەسەلى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان بۇ ئايەتتىن بىلەلەيمىز:
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
« رەببىڭنىڭ خۇرسەنلىكىنى كۆزلەپ، ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۇنىڭغا (تېۋىنىپ) دۇئا قىلىپ تۇرىدىغانلار بىلەن بىللە بولۇشقا چىداملىق بولغىن، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننىتىنى دەپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، ئۆزىنىڭ نەپس-خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ئىشى ئاشقۇنلۇق بولغان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن» ( 28 ).
3. ئادەم-ئىبلىس قىسسەسى
كەھف سۈرىسىنىڭ ئۈچىنچى قىسسەسى بولغان ئادەم ئىبلىس قىسسەسى ياخشى ۋە يامان ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق ئۈستىدە توختالغان. ئىبلىس ئىنساننىڭ دۈشمىنى. ئۇنداقتا، كىشى دۈشمىنىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالامدۇ؟ ئەمما، ئىنسان قۇلاق سالىدۇ. دۈشمىنى كىشىگە ياخشى نەسىھەت بېرەمدۇ؟ ئىبلىس ئىنساننى ھەمىشە ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىبلىسنىڭ ئىنساننىڭ ياخشىلىقىنى ئويلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ۋە ئىبلىسنىڭ ئىنسانغا قىلغان ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىكى ئىنساننىڭ ھەقىقەت چۈشەنچىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى، ئىنساننى ئۆزىگە ۋە رەببىگە قارىتا ياتلاشتۇرۇشىدۇر.
شۇنداق تۇرۇپمۇ شەيتاننى دوست تۇتۇشنىڭ قوبۇل قىلغىدەك بىر ئىزاھاتى بارمۇ؟ بەلكىم، مۇنداق ئىزاھلىنىشى مۇمكىن: « ئەگەر شەيتان ئىنساننى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بىر كۈچى بار دېمەكتۇر. كۈچى چوڭ بولغانغا يېقىنلاشسام، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىمەن ». بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل قېيىپ كېتىشنى ۋەھىي « ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى جانجىگەر دوست قىلىۋېلىش » دەپ بايان قىلماقتا. بۇنىڭغا ئاساسەن، شەيتاننىڭ يولىدىن مېڭىش ئۇنى ئاللاھ تەئالاغا شېرىك قوشۇشنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالغان. مانا بۇ ئايەت:
مَا أَشْهَدْتُهُمْ خَلْقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنْفُسِهِمْ وَمَا كُنْتُ مُتَّخِذَ الْمُضِلِّينَ عَضُدًا
« مەن ئۇلارنى ( يەنى ئىبلىس ۋە پۇشتىنى ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ شاھىت قىلغىنىم يوق. ( بۇ ) ئازدۇرغۇچى گۇرۇھنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق » ( 51 ).
4. مۇسا - دانىشمەن بەندە قىسسە-مەسەلى
سىمۋول خاراكتېرلىق تىلنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان مۇسا - دانىشمەن بەندە مەسەلى، سان ۋە سۈپەتنىڭ، ئوچۇق ۋە يوشۇرۇننىڭ، بىلىم ۋە ھېكمەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. بۇنى دانىشمەن بەندىنىڭ مەسەلنىڭ ئاخىرىدا ئېيتقان شۇ سۆزلىرىدىن ناھايىتى روشەن ھالدا ھېس قىلالايمىز: « ئۇ ئىشلارنى مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلمىدىم . سەن چىداپ بولالمىغان ئىشلارنىڭ ماھىيىتى ئەنە شۇ» ( 82 ).
بۇ بايانلارنى بىر مەسەل ئەمەس بەلكى كۆپچىلىك بىرلىككە كەلگەندەك قىسسە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولغاندا، ۋەقەلەرنىڭ ئىزاھاتىنىڭ ئاچقۇچى « بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قارارىم بىلەن قىلمىدىم » جۈملىسىدۇر. يەنى، ئوتتۇرىدا بەشەرى ئىرادە ۋە ئەقىل ئىشلىتىلمىگەن. دانىشمەن بەندىنىڭ بىر « پەرىشتە » بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا قىسسەدە ئىرادە ئىشلىتىلمىگەنلىكى بايان قىلىنغانلىقىغا قارىغاندا، دانىشمەن بەندىنى پەرىشتە دەپ تەبىر بېرىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
بۇ قىسسە-مەسەل ئۈچ قىرلىق ئەينەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەر قىرىدىن ھەر بىرى پەرقلىق بىر قەھرىماننى ۋە پەرقلىق بىر زاماننى كۆرسەتمەكتە.
1) قىسسە-مەسەلنىڭ « دانىشمەن بەندە »نى كۆرسەتكەن يۈزى بولۇپ، 82 - ئايەتتە كۆرسەتكەندەك، ئۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلمىغان بولۇپ، « ئۆزىگە قىلدۇرۇلغان » بىر « خادىم »دۇر. ئەگەر ھەقىقەت مۇشۇ بولسا، ئۇ قىلغانلىرىدىن جاۋابكار ئەمەس. ئاللاھ تەئالا ھەزرىتى مۇساغا بىر دەرس بەرمەكچى بولغان. « نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر دەرس؟ » سوئالىنىڭ جاۋابىنى بەنى ئىسرائىل مەنبەلىرىدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەر ياردىمى بىلەن تاپالىشىمىز مۇمكىن: بۇ « بۇ دۇنيادا مەندىنمۇ ئۆتە ئالىم بارمۇ؟ » دېگەن سوئالىغا بېرىلگەن بىر ئىلاھىي جاۋابتۇر. مۇسا ئۇنى كەلىمە ئىپادىلىگەن مەنە بويىچە « مۇئەللىم » دەپ بىلگەن ۋە ئىلىمىنى ئۆگىتىشنى ئارزۇ قىلغان ( 66 ).
2 ) قىسسە - مەسەلنىڭ ھەزرىتى مۇسانى كۆرسەتكەن يۈزى بولۇپ، قىسسە - مەسەلدە بايان قىلىنغان « بەندىلىرىمىزدىن بىر بەندە » ھەزرىتى مۇسانىڭ دەل ئۆزىدۇر. بىر بەندە ئۆلتۈرگەن بالا، مۇسا سەھۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان قىپتى يىگىت ئىدى. زالىم پادىشاھتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېشىۋېتىلگەن كېمە، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھايات كېمىسى ئىدى. زالىم پادىشاھ ئۇلارنى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان پىرئەۋىن ئىدى. مېھماندوست بولمىغان قوۋمنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان تېمىنى ئوڭشاپ قويۇش، مۇسا شاھزادە بولۇپ يىللارچە خىزمەت قىلغان مىسىر دۆلىتى ئىدى. مۇسا سارايدا بىر شاھزادە بولۇپ چوڭ بولغان، سەركەردىلىك دەرىجىسىگىچە يۇقىرى ئۆرلىگەن ۋە ھەبەش يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلىپ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغانىدى.
3) قىسسە-مەسەلنىڭ ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان يۈزى بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن بالا، پىل ۋەقەسىدىن كېيىن بەختى ئېچىلغان قۇرەيشنىڭ رايونىدا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن باشقا قوۋملار ئارىسىدىكى ئۇتۇقى ئىدى. تېشىۋېتىلگەن كېمە، مەككىنىڭ تىجارەت كېمىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ كېمىگە كۆرۈنۈشتە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانىدى. ھەقىقەتتە بولسا كېمىنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغانىدى. مېھماندوست بولمىغان قوۋمنىڭ ئوڭشاپ قويۇلغان تېمى، رەسۇلۇللاھقا ۋە مۆمىنلەرگە قاتتىق قول مۇئامىلە قىلغان، زۇلۇم قىلغان مەككىلىكلەرگە خەيبەر فەتھىدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قىلغان ماددىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەر ئىدى.
5. زۇلقەرنەين قىسسە-مەسەلى
سۈرىنىڭ بەشىنچى قىسسە-مەسەلى بولغان زۇلقەرنەين مەسەلى، ماددىي ئىقتىدار - مەنىۋى بىلىم مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە يەرلىك-دۇنيا خاراكتېرلىق تەڭپۇڭلۇقنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى ئايەت بۇ مەسەلنىڭ ئانا تېمىسىنى بايان قىلغان:
إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآَتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا (84) فَأَتْبَعَ سَبَبًا (85)
« ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەرنەرسىنىڭ سەۋەبىنى بەخش ئەتتۇق (84). زۇلقەرنەين سەۋەبكە ئەگەشتى (85).»
مەسەلدە « دۇنياۋى ھاكىمىيەتنى ئىپادىلىگەن ھۆكۈم بىلەن ئىلىم ۋە بىلىمنى ئىپادىلىگەن ھېكمەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا قانداق بولىدۇ؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىلگەن. ئوتتۇرىغا زۇلقەرنەين ( قوش قاناتلىق ) دەپ ئاتاشقا لايىق بولغان بىر « قابىلىيەتلىك ھۆكۈمدار » چىقىدۇ. مانا بۇ زۇلقەرنەين ( قوش مۇڭگۈز / ئىككى دەۋر / ئىككى ئالامەت ئىگىسى ) بولۇشتۇر.
بۇ سۈرە، قىسسە ۋە مەسەللەر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ قوش لىنىيىلىك تەبئىيىتى ۋە قارىمۇقارشى قۇتۇپلارنىڭ بىر-بىرىگە ھەمراھلىقى ھەقىقىتىگە كىشىنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساندا شەيئىلەرنىڭ قوش لىنىيىلىك تەرىپىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان مۆتىدىل بىر چۈشەنچە بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
قىسسە-مەسەللەردىن كېيىن كەلگەن بۆلەك قىيامەتنىڭ دەھشەتلىك بىر سەھنىسىنى تەسۋىرلىگەن ھالدا باشلىنىدۇ ( 99 ). بۇ ئايەت ئارقىلىق بارلىق قىسسە ۋە مەسەللەرنى بايان قىلىش مەقسىتىنىڭ ئىنساننى قىلمىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھېسابىنى بېرەلمەيدىغان بىر ھاياتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى ھېساپ بېرىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك ئىدى.
سۈرىنىڭ قىسسە-مەسەللىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن 99 - 108 - ئايەتلەردىكى بۆلەكنىڭ پەقەت قايتىدىن تىرىلىش ھەققىدىكى بايانلارغا ئايرىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل بۇ.
سۈرىنىڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنجى ئايىتى، قۇرئاننىڭ ئەڭ سەرخىل ئايەتلىرىدىن بىرسى بولۇپ، رەببىمىزنىڭ كالام بايلىقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:
قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا
« ئېيتقىنكى، رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ناۋادا دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولغان، بىز يەنە شۇنچىلىك دېڭىز سۈيىنى سىياھ قىلىپ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، رەببىمنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) تۈگەپ كەتكەن بولاتتى » ( 109 ).
خۇلاسىلىگەندە، كەھف سۈرىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنساننىڭ ھاياتى، بىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئۆتكۈنچى، چەكلىك ۋە نىسپى بولۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ ھاياتى، بىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئەبەدىي، چەكسىز ۋە مۇتلەقتۇر دېگەن ھەقىقەتنى خىتاب قىلىنغۇچىغا ئۆگىتىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى:
فَمَنْ كَانَ يَرْجُوا لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا
« كىمكى رەببىگە يولۇقۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، ياخشى ئىش قىلسۇن. رەببىگە قىلىدىغان بەندىچىلىككە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن» ( 110 ).