17- سۈرە ئىسرا
(مەككىدە نازىل بولغان، 111 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن( باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كېچە سەپىرى » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ئىسرا » كەلىمىسىگە ئاساسەن ئىسرا سۈرىسى دەپ نام ئالغان،سۈرە بەنى ئىسرائىل ئۈستىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن « بەنى ئىسرائىل سۈرىسى » دەپمۇ ئاتالغان.
ئىسرا ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئانا بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان « مەسجىدى ئەقسا » بىلەن بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىن مەلۇم بولماقتا.
ئىسرا سۈرىسى مەشھۇر ئىسرا ئايىتى بىلەن باشلانغان. بۇ قۇرئاندا ئىسرا ھەقىقىتىنى بايان قىلغان بىردىنبىر ئايەت:
سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى بِعَبْدِهِ لَيْلاً مِّنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ البَصِيرُ
«بىر كېچىدە ئۆز قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەندىسى (يەنى مۇھەممەت)نى ھەرەم مەسچىتىدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان ئەقسا مەسچىتىگە ئېلىپ بارغان ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇر، ئۇئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(1).
ئىسرا ئايىتىدىن كېيىنلا تېما بەنى ئىسرائىلغا يۆتكەلگەن بولۇپ، بۇ قىسسەدە بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىل پىرئەۋن زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭرىغان، ھەزرىتى مۇسانىڭ ئارقىسىدىن دېڭىزغا قاراپ ماڭغان، ئاسماندىن چۈشكەن نېمەتكە رازى بولماي چۆلدە 40 يىل چۆرگىلەپ يۈرگەن بەنى ئىسرائىل ئەمەس. بۇ قىسسەدىكى بەنى ئىسرائىل زالىم، بۇزغۇنچىلىق چىقىرىپ، ئەتراپىغا ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرغان بەنى ئىسرائىلدۇر. يەنى « يەھۇدىيلەشكەن » بەنى ئىسرائىلدۇر:
وَقَضَيْنَا إِلَى بَنِي إسْرائِيلَ فِي الْكِتَابِ لَتُفْسِدُنَّ فِي الْأَرْضِ مَرَّتَيْنِ وَلَتَعْلُنَّ عُلُوًّا كَبِيرًا (4) فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا (5) ثُمَّ رَدَدْنَا لَكُمُ الْكَرَّةَ عَلَيْهِمْ وَأَمْدَدْنَاكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَجَعَلْنَاكُمْ أَكْثَرَ نَفِيرًا (6) إِنْ أَحْسَنْتُمْ أَحْسَنْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ وَإِنْ أَسَأْتُمْ فَلَهَا فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآَخِرَةِ لِيَسُوءُوا وُجُوهَكُمْ وَلِيَدْخُلُوا الْمَسْجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَلِيُتَبِّرُوا مَا عَلَوْا تَتْبِيرًا (7) عَسَى رَبُّكُمْ أَنْ يَرْحَمَكُمْ وَإِنْ عُدْتُمْ عُدْنَا وَجَعَلْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ حَصِيرًا (8)
« بىز كىتاب (يەنى تەۋرات)تا بەنى ئىسرائىلغا: «سىلەر يەر يۈزىدە چوقۇم ئىككى قېتىم بۇزغۇنچىلىق چىقىرىسىلەر ۋە تولىمۇ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىسىلەر» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدۇق(4). (ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن) بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىق يۈز بەرگەندە، (جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (قەتلىئام، بۇلاڭ - تالاڭ ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. چۈنكى، بۇ (جازالاش) چوقۇم روياپقا چىقىدىغان بىر ۋەدە ئىدى(5). ئاندىن كېيىن، سىلەرگە قايتىدىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بەردۇق، سىلەرگە كۆپ مال- مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەخش ئەتتۇق(يەنى نوپۇسۇڭلارنى كۆپەيتتۇق)(6). ئەگەر ياخشى ئىش قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولىسىلەر، ئەگەر يامان ئىش قىلساڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. (ئالدىن خەۋەر بېرىلگەن) ئىككىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەن چاغدا، (سىلەرگە باشقا دۈشمەنلەرنى ئەۋەتتۇق)، ئۇلار سىلەرنى قايغۇغا سېلىپ يۈز - ئابرويۇڭلارنى تۆكتى. ئەينەن بۇرۇنقىلاردەك يەنە ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئىشغال قىلغانلىكى يەرنى ۋەيران قىلدى(7). (گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلساڭلار) رەببىڭلار سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىلەر (گۇناھ - مەسىيەتكە) قايتساڭلار بىزمۇ (جازالاشقا) قايتىمىز. بىز جەھەننەمنى كاپىرلار ئۈچۈن سېپىل قىلدۇق(8).
بۇ ئايەتتە يەھۇدىيلەشكەن بەنى ئىسرائىلنىڭ تارىخى ئەڭ ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىنغان مۆجىزىۋى بىر بىشارەت بولسا كېرەك، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تارىخ پەقەت ئاسۇر ئىشغالىيىتىنى، بابىل سۈرگۈنىنى ۋە مىلادىدىن كېيىنكى 70- يىللىرىدا رىم ئىمپىراتورى تىتۇس دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقلارنىلا بايان قىلىپ قالماستىن، بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەردە، ھەتتا مىڭلارچە يىللاردا بەنى ئىسرائىلنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بۇ سەۋەبتىن بېشىغا نېمىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ قىسقىچە بايانى ئىدى. بۇنى ياشاۋاتقان دەۋرىمىزگە بىر نەزەر تاشلىساق تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيمىز.
بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ ئىبرەتلىك تارىخىدىن كېيىن، سۆز قۇرئانغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن:
إِنَّ هَذَا الْقُرْآَنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا
« بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ. ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ» ( 9 ).
قۇرئان توغرا يولغا چاقىرماقتا، بۇنىڭدا قىلچىمۇ شۈبھە يوق. لېكىن، قۇرئاننىڭ توغرا يول چاقىرىقى خىتاب قىلىنغۇچىدا بىر ئىرادىنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلماقتا. چۈنكى، ئاللاھ بىز ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېچىلىدىغان بىر پۈتۈك چىقىرىمىز(13). ئۇنىڭغا: «پۈتۈكۈڭنى ئوقۇغىن، بۈگۈن ئۆزۈڭنى ھېسابلاشقا ئۆزۈڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ(14).دەيدۇ. ئىنساننىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قىلىنىشى، بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىلا بايان قىلىنغان بەنى ئىسرائىل تارىخىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ « ئۇلارغا خاس تارىخ » ئەمەس ئىكەنلىكى، بۇنى بىر تەقدىر دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەبىئىي نەتىجە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
بۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نۇھ قوۋمى ھالاكىتى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئايەتتىمۇ بۇ ھەقىقەت تىلغا ئېلىنغان.
ئاندىن خىتاب بىردىنلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلىدۇ:
لَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آَخَرَ فَتَقْعُدَ مَذْمُومًا مَخْذُولًا
« (ئى ئىنسان!) ئاللاھ بىلەن بىللە باشقىنى ئىلاھ قىلىۋالمىغىن. ئۇنداق قىلساڭ، ئەيىبلەنگەن، خارلانغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالىسەن» ( 22 ).
قۇرئاندا ئاتا - ئانا ۋە ئەۋلاد مۇناسىۋىتى ھەققىدە نەسىھەتلەر ئۈچ جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ:
ئىسرا سۈرىسى 23 - 24 - ئايەتلىرىدە.
لوقمان سۈرىسى 14 - 15 - ئايەتلىرىدە.
ئەنكە بۇت سۈرىسى 8 - ئايەت.
بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالغان ئايەتلەر يېنىدا ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بولغان پەرزەنتنى ئۇلارغا « ئۇھۇش» دەپ سېلىشتىنمۇ توسىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ رىئال ھاياتتا ئەكس ئەتكەن نامايەندىسى بولغانلىقى ئېنىق، مۇھەممەدىي دەۋەتنىڭ ئاتا - ئانا ۋە پەرزەنتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىغانلىقى قىل سىغمايدىغان بىر ھەقىقەت. مەككىدە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن ئائىلە بار بولۇپ، مەككىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان بىر قانچە يىگىت ئاتا-ئانىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن مۇسۇلمان بولغانىدى. بەزى ئاتا - ئانىلار مۇسۇلمان بولغان ئوغۇللىرىنى قىيىن- قىستاققا ئېلىپ قىينىغان، بەزى ئانىلار ئۆلىۋېلىش تەھدىدى بىلەن ئوغۇللىرىغا بېسىم قىلغانىدى. مۇسئەب بىن ئۇمەيىر ۋە سەئىد بىن ئەبى ۋاققاسنىڭ ئائىلىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئېتىقادى جەھەتتىكى پەرق سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان چىقىشالماسلىقلار تۈپەيلىدىن، بەزى مۆمىنلەر ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن، مۇشۇنداق بىر تەلىماتنىڭ كېلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلانغان بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىدە ئىككىنچى قېتىمدا نازىل بولغان لوقمان سۈرىسى 14 - 15 - ئايەتلەردە، يۇقىرىدىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنمىغان بىر نۇقتا تەكىتلەنگەن. يەنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە پەرزەنتىنى مەجبۇرلىغان ئاتا - ئانىلارغا بۇ ھەقتە بويسۇنماسلىققا بۇيرۇلغان. بۇ ئەمىر ئۈچىنچى قېتىمدا نازىل بولغان ئەنكەبۇت سۈرىسى 8 - ئايەتتىمۇ تەكرار قەيت قىلىنغان. بۇ تەكىتلەرنىڭ، ئىسرا سۈرىسىدىكى تەلىماتنى سۈيئىستىمال قىلغان ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق. يەنى، ئىسرا سۈرىسىدىكى ئايەت پەرزەنتلەرنىڭ دىن ئايرىمىسىنى باھانە قىلىپ، ئاتا - ئانىغا قارىتا ئىنسانى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسا، لوقمان ۋە ئەنكەبۇت سۈرىلىرىدىكى ئايەتلەر قۇرئاننىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئەمرىنى ئاتا - ئانىنىڭ سۈيئىستىمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
ئاتا - ئانىغا قارىتىلغان ئەخلاقى مەسئۇلىيەت بايان قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن، بۇ قېتىم يوقسۇللارغا قارىتا ئادا قىلىش زۆرۈر بولغان ئەخلاقى مەسئۇلىيەتلەر تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر كەلگەن ( 26 ). مال-مۈلۈك ئىنسانغا بېرىلگەن ئامانەت بولۇپ، مۈلكىيەت ئەمەس. مال- مۈلۈكنى ئامانەت دەپ چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشتۇر. بۇ نۇقتىدا قۇرئان ئوتتۇراھال بولۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا
« (بېخىللىق قىلىپ) قولۇڭنى بەك سىقىۋالما، (سېخىيلىق قىلىپ) قولۇڭنى ھەددىدىن زىيادىمۇ ئېچىۋەتمىگىن، ئۇنداق قىلساڭ تاپا - تەنىگە، پۇشايمانغا قالىسەن» ( 29 ).
سۈرىدە، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ۋە ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەقىدىۋى ۋە ئەخلاقى پرىنسىپلار ئەسكەرتىلگەن. بولۇپمۇ 22 - 37 - ئايەتلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىملەر 101 - ئايەتتە ئېنىق مەلۇم بولغاندەك، شەنبە كۈنى چەكلىمىسىدىن باشقا تەۋراتتىكى ئون ئەمىردىن توققۇز ئەمىرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ۋەھىيلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان قۇرئاننىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ۋەھىيلەرنىڭ روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
بۇ بۆلەكتە شۇنداق ئەخلاقى پرىنسىپلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىلا ھاياتقا تەدبىقلاش، ئىنساننى نۇرغۇن خاتادىن ساقلاپ قالىدۇ:
وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا
« ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە توختالمىغىن (يەنى بىلمەيدىغاننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە). شۈبھىسىزكى، قۇلاق، كۆز ۋە دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» ( 36 ).
ئاندىن سۈرە تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىغا يۆتكىلىدۇ. پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قارايدىغان مۇشرىك ئەقىلنى ئەيبلەيدۇ ( 40 ). مەۋجۇدىيەتنىڭ تەسبىھىنى بايان قىلىدۇ ( 44 ) ۋە ئىنساننىڭ ئاللاھ تەئالاغا قارشى گەدەنكەشلىكى ۋە تۇزكورلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنداق بىر ئەقىلنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكى دارىتىلىدۇ. سۈرىدە سۆزمۇ بۇ نۇقتىغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، « بىز قۇرۇق سۆڭەككە ئايلىنىپ، كۇكۇم - تالقان توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، راستتىنلا يېڭىدىن يارىتىلىپ تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟» دەپ تۇمشۇق ئۇچلاپ، قايتا تىرىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزىچە ئىنكار قىلغان ئەقىلگە شۇنداق بىر جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، كىشى ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قالىدۇ:
قُلْ كُونُوا حِجَارَةً أَوْ حَدِيدًا (50) أَوْ خَلْقًا مِمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ فَسَيَقُولُونَ مَنْ يُعِيدُنَا قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَى هُوَ قُلْ عَسَى أَنْ يَكُونَ قَرِيبًا (51)
(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «سىلەر تاش ياكى تۆمۈر(50) ياكى يېڭىدىن قايتا تىرىلىشنى ئەقلىڭلار ئالمايدىغان قايسىدۇر بىرەر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرىدۇ)». ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ». بۇ چاغدا ئۇلار (ئىشەنمىگەن قىياپەتتە) باشلىرىنى چايقاپ تۇرۇپ ساڭا: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟» دېيىشىدۇ. سەن: «بەلكىم سىلەر ئويلىغىنىڭلاردىنمۇ يېقىن» دېگىن(51). بۇ ئۇسلۇبنىڭ مەقسىتى، ئىنساننى قىلمىشلىرىنىڭ ئەخلاقى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىش بولۇپ، قىلمىشلىرىنىڭ ئەخلاقى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىنسان، دېمىسىمۇ تاشتىنمۇ، توپىدىنمۇ ئېتىبارسىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئىسرا سۈرىسىدىن ئىلگىرىكى سۈرىلەردىكىگە ئوخشاش ئىنكارچى قوۋمنىڭ مۆجىزە تەلەپلىرى تىلغا ئېلىنغان. رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان مۆجىزە تەلەپلىرى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئوچۇق بايان قىلىنغان:
وَمَا مَنَعَنَا أَنْ نُرْسِلَ بِالْآَيَاتِ إِلَّا أَنْ كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ وَآَتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا وَمَا نُرْسِلُ بِالْآَيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
« بىزنىڭ (مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئۇ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز سەمۇدقا (پەيغەمبەرلىكنىڭ) روشەن دەلىلى سۈپىتىدە ھىڭگان تۆگىنى بەرگەنىدۇق، ئۇلار (ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىشتى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز» ( 59 ).
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلەكتە ئادەم - ئىبلىس قىسسىسى يەنە بىر قېتىم بايان قىلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ ئېرىشكەن بۇ ئۇلۇغ ماقامدىن قىزغانغانلار بولغان ئىدى. ئۇلارغا ئىبلىسنى شەيتان قىلغان ئامىلنىڭ ئادەمگە بولغان رەشىك-ھەسىتى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن ( 61 - 65 ).
ئادەم بالىلىرىغا ئاللاھ تەئالانىڭ قاتمۇ-قات نېمەت بەخش ئەتكەنلىكى بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان: « شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەزىز قىلدۇق، ئۇلارغا قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا (خىلمۇخىل قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن) يۆتكىلىش ئىمكانىيىتى بەخش ئەتتۇق، ئۇلارنى پاكىز ئوزۇقلۇقلار بىلەن رىزىقلاندۇردۇق ھەمدە ئۇلارنى ياراتقانلىرىمىزنىڭ كۆپلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق(» ( 70 ).
رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن بارلىق مۆمىنلەرگە نامازدا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ. بولۇپمۇ بامدات نامىزى تەكىتلىنىدۇ ( 78 ). ئۇنىڭدىن باشقا، رەسۇلۇللاھقا كېچىنىڭ بىر ۋاقتىدا ئويغىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر نامازنىڭ سوۋغا قىلىنىشى، يەنى كېچە نامىزى ئوقۇشى ئەمىر قىلىنغان ( 79 ). شۇنىڭ بىلەن تەھەججۇد رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ۋاجىپقا ئايلىنىدۇ. « مەدھىيلەشكە لايىق بىر ماقام »غا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس، ئۇخلاش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ.
ئاندىن روھ ھەققىدە سوئال سورىغۇچىلارغا سۈرىدە مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ: « (ئى مۇھەممەت!) ئۇلار سەندىن روھ ھەققىدە سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «روھ رەببىمنىڭ ئىشلىرى قاتارىدىندۇر. سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلگەن» ( 85 ).
ئاندىن قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىگە كىشىنىڭ دىققىتى ئاغدۇرۇلىدۇ ( 88 ). ئىلاھىي كالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرەلمىگەن كور كۆزلەر مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ. سۈرىدە بۇ مۆجىزە تەلەپلىرى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىنغان. يەنى، ئىنكارچىلار رەسۇلۇللاھتىن يەردىن بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىش، جەننەتكە ئوخشاش ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغى بولۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇلارنى قىلالمىسا ئاسماننى پارچە-پارچە قىلىپ ئۈستىگە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇدەك دەرىجىدە مۆجىزە سارىڭى بولۇشقانىدى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، يەنە : «ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن » ( 92 ) دېيىشكەنىدى. پۈتۈن بۇ تەلەپلەرگە قارىتا، ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرۇيدۇ: « (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: «رەببىم (ھەرقانداق نۇقساندىن) پاكتۇر. مەن پەقەت بىر ئىنسان ئەلچىمەن(يەنى ئۆزەمچە مۆجىزە كەلتۈرەلمەيمەن» ( 93 ).
سۈرە ئاخىرقى بۆلىكىدە ۋەھىي تىلغا ئېلىنغان ھالدا ئاخىرلىشىدۇ:
وَقُرْآَنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَى مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنْزِيلًا
« قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە-دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇنى (ئايەت، سۈرىلەرگە) ئايرىدۇق ۋە تەدرىجىي نازىل قىلدۇق» ( 106 ).
نۇبۇۋۋەت بىلەن باشلانغان بۇ سۈرە، سۆزنى مەنانىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان ئاللاھ تەئالاغا كەلتۈرۈپ ئاخىرلىشىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمۈرلۈك سەپىرىدە پەيغەمبەرلىك يېتەكچىلىك بولۇپ، بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا ئاللاھ بار.
ھاسىلى كالام، ئىنسان ئاللاھ تەئالادىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.