(مەككىدە نازىل بولغان، 128 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرىگە 68 - ئايەتكە ئاساسەن « ھەسەل ھەرىسى » مەنىسىدىكى نەھل ئىسمى بېرىلگەن.
رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە: «تاغلارغا، دەل-دەرەخلەرگە ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغىن(68)، ئاندىن (گۈل-چېچەكلەردىن ئىبارەت) ھەرخىل مەھسۇلاتلاردىن يېگىن، رەببىڭنىڭ يوللىرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن ماڭغىن!» دەپ ئىلھام قىلدى. ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان رەڭگارەڭ ئىچىملىك چىقىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن دەلىل-پاكىت بار(69).
ئالەملەرنىڭ رەببى ھەسەل ھەرىسىنىڭمۇ رەببىدۇر. ھەرىلەرگە يارىتىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرۈش ئۇلارغا ۋەھىي قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۈرە، ئالغان ۋەھىينى ھەسەل سۈپىتىدە ھاياتقا ئايلاندۇرغان بۇ مەخلۇقاتلار ئارقىلىق ئىنسانغا دەرس بەرمەكتە. يەنى بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىچە ئۆمرى بىر قانچە ئاي بولغان ھەرىنىڭ يارىتىلىش مەقىسىتى بولىدۇ - يۇ، ئىلاھىي بىر شاھ ئەسەر بولغان ئىنساننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولمامدۇ؟ دېيىلمەكچى بولسا كېرەك.
نەھل، مەزكۇر سۈرىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر ئىسمى.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى تەۋھىد. شېرىكنىڭ ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىپ تاشلىغان، بەندىگە ۋە شەيئىلەرگە قۇل قىلىدىغان تەبئىيىتىنى جانلىق شەكىلدە گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. شېرىك ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسىغا قارشى سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدۇر. بۇ سەۋەبتىن سۈرە خىتاب قىلىنغۇچىسىدا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى بەرپا قىلىدۇ. سۈرە باشتىن ئاخىرى ئىنساننىڭ ئاللاھ تەئالا بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بايان قىلىدۇ.
سۈرە « ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ » ( 1 ) دەپ باشلىنىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقۇچى بۇ خىتاب پەقەت باشلىنىش بولۇپ، خىتاب قىلىنغۇچىسىنى، بولۇپمۇ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان خىتاب قىلىنغۇچىلىرىنى قاتتىق بىر سىلكىش بىلەن غەرق بولغان غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشنى؛ ئاللاھ تەئالادىن غەيرىگە ئىلاھلىق سۈپىتى بەرگەن ئەقىلنى سىلكىش ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆلگەن ۋىجدانلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنى ( 2 ) مەقسەت قىلماقتا.
ئاندىن ئۆلگەن ۋىجدانلارنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىنساننى قورشاپ تۇرغان نېمەتلىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن. بۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا ۋەھىي كەلمەكتە. ۋەھىي ئىنسانغا يارىتىلىش مەقسىتىنى ئەسلىتىدىغان بىر ئىلاھىي ئۇقتۇرۇشتۇر. ئىنساننىڭ ياشىشى ئۈچۈن يارىتىلغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىش مەقسىتى بولىدۇ - يۇ، ئىنساننىڭ بىر يارىتىلىش مەقسىتى بولماسمۇ؟ بۇ ھەقىقەت ئەسلىتىلىدۇ ( 3 ). ئۇ ئىنساننى بىر تامچە سۇ (يەنى سپېرما)دىن ياراتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسان ئوپئوچۇق جېدەلخوردۇر ( 4 ). ئات، ئېشەك، قېچىر قاتارلىق كۆندۈرۈلگەن ھايۋاناتلار ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت سەپىرىدە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاز كۆتۈردىمۇ؟ ( 5 - 9 ). بۇ ھايۋاناتلار تەشەككۇر تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى « زەلۇل ( ياۋاش، ئىتائەتكار ) » قىلىپ يارىتىپ ئىنساننىڭ ئەمرىگە بەرگەن ئاللاھ تەئالا ئىنساندىن مىننەتتارلىق بىلدۈرۈشنى كۈتمەكتە. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 10 ). كۈن ۋە ئاينى ئىنساننىڭ ئەمرىگە بەرگەن ئاللاھ تەئالا، ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 12 ). يەر يۈزىگە يەرلەشتۈرگەن رەڭگا-رەڭ گۈزەللىكلەر ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ئامبىرى قىلىپ بەرگەن شەيئىلەر ئۈچۈن، ئىچىنى چەكسىز نېمەتلەر بىلەن تولدۇرغان ۋە ئۈستىدە كېمىلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇرىدىغان سۇنىڭ لەيلىتىش قانۇنىيىتىنى بەلگىلەپ بەرگەن دېڭىزلار ۋە ئوكيانۇسلارنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە (13 - 14). يەر يۈزىدە قىمىرلىماس تاغلارنى يەرلەشتۈرگەنلىكى، شاقىراپ ئاققان سۇلارغا ئېقىن يوللىرىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىنساندىن رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەكتە ( 15 ). مانا بۇ نېمەتلەر ئەسلىتىلگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ سورىماقتا:
أَفَمَنْ يَخْلُقُ كَمَنْ لَا يَخْلُقُ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
« (پۈتۈن كائىناتنى)ياراتقان زات بىلەن(ھېچنەرسىنى) ياراتمىغان(بۇتلار) ئوخشاش ئورۇندا تۇرامدۇ، ئەسلەپ باقمامسىلەر؟(17). »
بۇ ئايەتتىن كېيىن كەلگەن ئايەت، يۈزى قىزارغان ھەر كىشىنى ئاللاھ تەئالانىڭ ئالدىدا خىجالىتىدىن يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكۈدەك قىلىۋېتىدىغان بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:
وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
« ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانايدىغان بولساڭلار ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنتايىن ئەپۇچان، تولىمۇ رەھىمدىلدۇر » ( 18 ).
ئىنساننىڭ رەببىنى ئۇنتۇشىنىڭ تەكتىدە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئۇنتۇغانلىقى ياتماقتا. بۇ سەۋەبتىن بۇ نۇقتىدا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بايان قىلىنغان. ئاخىرەتتىن مەقسەت مۇكاپات ۋە جازادۇر. مۇكاپات ۋە جازانىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساپ بېرىدىغان بولغانلىقىدۇر ( 24 - 32 ).
« تەقدىرگە ئىشىنىش » نامى بىلەن ئاللاھ تەئالاغا تۆھمەت چاپلىغان ئوبرازنىڭ ۋەھىي نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى ۋەكىلى مەككە مۇشرىكلىرى بولۇپ، ئۇلارغا « شېرىك كەلتۈرمەڭلار » دەپ خىتاب قىلغان ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىيسىگە ئۇلار يەنە ئاللاھ تەئالانى سەۋەبچى قىلىپ كۆرسىتىپ جاۋاب بەرگەن. ئۇلارچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ مۇشرىك بولۇشىنى ئاللاھ تەئالا خالىغان ئىدى ( ئاللاھنى ئۇلارنىڭ بۇ تۆھمىتىدىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز ). يەنى گەپنى ئەگىتىپ « مۇشرىك بولۇشىمىز ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن » دېمەكتە:
وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا عَبَدْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ نَحْنُ وَلَا آَبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ كَذَلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
«ئاللاھتىن ئۆزگىگە ئىلاھلىق راۋا كۆرگەن-مۇشرىكلار دېدىكى: «ناۋادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ئاللاھنى قويۇپ باشقا ھېچ نەرسىگە چوقۇنمىغان بولاتتۇق، ھەمدە ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ گېپى بىلەن ھېچنەرسىنى ھارام دېمىگەن بولاتتۇق». ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئەلچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئېنىق يەتكۈزۈش ئەمەسمۇ؟»(35).
« تەقدىرگە ئىشىنىش » نامى ئاستىدا ئاللاھ تەئالاغا مۇشۇنداق تۆھمەت چاپلىغانلىقى يەتمىگەندەك، يەنە « ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش يوق » دەپ ئاللاھ تەئالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشلىرىغا نېمە دەيلى بۇلارنىڭ؟ مانا بۇ پوزىتسىيە، ئاللاھ تەئالاغا ئاسىي بولغان ۋاقىتتىمۇ، ئاللاھ تەئالانى ئۆزىنىڭ نەپسىگە سۈيئىستىمال قىلماقچى بولغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى:
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَا يَبْعَثُ اللَّهُ مَنْ يَمُوتُ بَلَى وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلگەن كىشىنى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ» دەپ ئاللاھ نامىدىن بار كۈچى بىلەن قەسەم ئىچىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ (ئۆلگەنلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش) ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بىراق ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ(38).
سۈرىدە ئاللاھ يولىدا ئەزىيەت تارتقان، جەبىر-جاپاغا دۇچار بولغان، ھىجرەت قىلغان مۆمىنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ( 41 - 42 ).
ئاندىن سۆز بىۋاستە ھالدا قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاپ قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ۋە پەرىشتە ئەلچى تەلەپ قىلغان قوۋمغا رەسۇلۇللاھ ئۈستىدىن جاۋاب بېرىلگەن: « (ئى مۇھەممەت!) سەندىن ئىلگىرى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلەر بىز ۋەھىي قىلغان ئادەملەردىن باشقىسى ئەمەس ئىدى. (ئى «ئىنساندىنمۇ پەيغەمبەر چىقامدۇ؟» دېگۈچىلەر!) ئەگەر بىلمىسەڭلار (بۇنى) ئەھلى كىتابتىن سوراپ بېقىڭلار » ( 43 ).
بۇ ئايەتتىن كېيىن « ئۆزەڭلارغا ئىككى ئىلاھ پەيدا قىلىۋالماڭلار » دەپ شېرىكنى رەت قىلغان ۋە تەۋھىدكە چاقىرغان بىر بۆلەك كەلگەن ( 48 - 64 ). بۇ بۆلەكتە ئاللاھ تەئالانىڭ قىزلىرى دەپ پەرىشتىلەرگە چوقۇنغان كىشىلەرنى، سادىر قىلىۋاتقان جىنايىتى بىلەن قوشۇپ ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: « ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىز پەرزەنتىنىڭ (تۇغۇلغانلىق) خۇشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، غەزەپتىن چىرايى قارىداپ كېتىدۇ » ( 58 ). ئەڭ ئېغىر زىتلىق دېگەن مانا مۇشۇ. ئاللاھ تەئالاغا قىزلارنى لايىق كۆرگەن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىر قىز پەرزەنت كۆرسە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ھاقارەت دەپ قارايدۇ؟ ھالىڭلار مۇشۇنداق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا قىز پەرزەنت نىسبەت بېرىپ ئۇلارغا چوقۇنىسىلەر؟
سۈرىدىكى خىتاب بەزى جايلاردا ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ قىلىنغان خىتابتۇر. مەسىلەن، خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن بۇ ئايەتكە قاراپ بېقىڭ:
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِظُلْمِهِمْ مَا تَرَكَ عَلَيْهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
« ناۋادا ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ھەقسىزلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالايدىغان بولسا، زېمىندا ھېچبىر جانلىقنى قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ (ئۇلارنى جازالاشنى) مۇئەييەن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ (جازالىنىش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچىلىك كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئىلگىرىمۇ سۈرۈلمەيدۇ » ( 61 ).
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە 71 - ئايەتتە بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىنساننىڭ بىر ھالىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق تەسۋىرلەپ، شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ قىلمىشىنى يۈزىگە ئۇرغان. ئايەت بىر تەرەپتىن تۇنجى ئىنساندىن ئەڭ ئاخىرقى ئىنسانغىچە بارلىق توپلۇملار تەۋە بولغان ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنى تەستىقلاش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن تەۋھىد ۋە شېرىكنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىنى مىسلىسىز بىر بالاغەت بىلەن بايان قىلىغان:
وَاللَّهُ فَضَّلَ بَعْضَكُمْ عَلَى بَعْضٍ فِي الرِّزْقِ فَمَا الَّذِينَ فُضِّلُوا بِرَادِّي رِزْقِهِمْ عَلَى مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَهُمْ فِيهِ سَوَاءٌ أَفَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
« ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى. رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى «رىزىقتا تەڭ بولايلى!» دەپ قول ئاستىدىكىلەرگە بېرەمدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تانامدۇ؟» ( 71 ).
تەۋھىد ۋە شېرىك مەسىلىسى شۇنداق زىل مەسىلە بولۇپ، ئاللاھ بىلەن باشقا بىر مەۋجۇدىيەتنى ھەر جەھەتتىن ئوخشىتىشقىمۇ بولمايدۇ ( 74 ).
سۈرىنىڭ داۋامىدا يەنە ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەمرىگە بەرگەن نېمەتلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئىنسان ئاللاھ تەئالاغا ھەر شېرىك قوشقاندا، ئىنسان پۈتۈن نېمەتلەرگە خىيانەت قىلغان ۋە بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھ تەئالاغا تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ. ھەر پەيغەمبەر ( ۋە رىسالەتنىڭ قىيامەتكىچە يەتكۈزگۈچىسى بولغان ئۆلىمالار ) ئۆزى ياشىغان ئىجتىمائىي توپنىڭ شاھىتىدۇر: « ئۇ كۈندە بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۆز ئىچىدىن ئۆزلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچى كەلتۈرىمىز» ( 89 ).
ئاللاھ تەئالاغا بېرىلگەن ۋەدە ئارقىلىق بەندىلەرگە بېرىلگەن ۋەدىنى بۇزۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ ئاللاھ نامىدىن قىلىنغان قەسەملەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:
« قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا قەدىمىڭلار مۇستەھكەم تۇرغاندىن كېيىن تېيىلىپ كېتىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تېتىيسىلەر، ھەمدە چوڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىسىلەر » ( 94 ).
ئۇنىڭدىن كېيىن سۆز بىۋاستە قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن بارلىق مۆمىنلەرگە قۇرئان ئوقۇش ۋە چۈشىنىشنىڭ پاك بىر ئەقىل بىلەن قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ئىستىئازە ئارقىلىق بولىدۇ. ئىستىئازە، ئەقىلگە تەھارەت ئالدۇرۇش بولۇپ، قۇرئان تەھارەتسىز بىر ئەقىل بىلەن ئوقۇلماسلىقى كېرەك:
فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآَنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
« سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن »
( 98 ).
بۇ ئايەت قۇرئان ۋەھىينى چۈشىنىشنىڭ بىرىنچى شەرتىنى بايان قىلماقتا. داۋامىدىكى ئايەتلەر ۋەھىينى توغرا شەكىلدە چۈشىنىشنىڭ كوردىناتلىرىنى بەرمەكتە. ئاندىن ۋەھىينىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن، پاك ھالدا نازىل بولغانلىقى بايان قىلىنغان ( 102 ). ۋەھىي مەنبەسىنىڭ ئاللاھ ئەمەس، ئىنسان ئىكەنلىكى تۆھمىتىنى رەت قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ يەر ئايرىشى دەماللىققا كىشىگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن ( 103 ). ئەسلىدە بۇ قۇرئاننىڭ « ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ » بىر دەلىلى. بۇنداق ساراڭلارچە بىمەنە تۆھمەتنى قۇرئاننىڭ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئۆز ئىچىگە ئېلىپ رەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئۆز مەنبەسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ مىسلىسىز دەلىلىدۇر.
ھالال - ھارامنى بەلگىلەشنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىر بۆلەكتىن كېيىن، سۆز تارىختا بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان كىتابى بار قوۋم بولغان يەھۇدىيلارغا كەلتۈرۈلگەن ( 116 - 118 ). ھەزرىتى ئىبراھىم « ياخشى ئۆرنەك » سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئايەت مانا بۇ دائىرىدە بايان قىلىنغان ( 120 ). يەھۇدىيلارغا قاچانىكى ئېزىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلسە، دەرھال ئۆزلىرىنىڭ ھەزرىتى ئىبراھمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ماختىناتتى ۋە بۇ ئۇرۇق - تۇققانچىلىقنى سۈيئىستىمال قىلاتتى ( 121 - 124 ).
ھەقىقەتكە چاقىرىشنىڭ بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭرىتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسلۇب بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق توغرىلىرى بولغان ياخشى ۋە گۈزەلگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ پرىنسىپلىرىغا كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرغان بۇ سۈرە، بۇ ھەقىقەتلەرنى ياقىلاشنىڭ ھەر زامان ۋە ماكانغا ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ادْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
« (خالايىقنى) رەببىڭنىڭ يولىغا پەم-پاراسەت ۋە چىرايلىق ۋەز-نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق ئۇسلۇبتا كۈرەش قىلغىن، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ توغرا يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تۇتقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ» ( 125 ).