سۈرە ئىبراھىم
سۈرە ئىبراھىم 1-ئايەت
الر كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَى صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، بىز ساڭا ئىنسانىيەتنى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا – كۈچ-قۇدرەتلىك، مەدھىيەگە سازاۋەر ئاللاھنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابتۇر(1).
سۈرە ئىبراھىم 2-ئايەت
اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَوَيْلٌ لِّلْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى تۈپەيلى) قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدىغان كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!(2).
سۈرە ئىبراھىم 3-ئايەت
الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا أُولَئِكَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
ئۇلار دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن ئەگرىلىك ئىزدەيدۇ[1]. ئەنە شۇلار ناھايىتى چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر(3).
سۈرە ئىبراھىم 4-ئايەت
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
قانداقلا بىر ئەلچى ئەۋەتسەك، بىز ئۇنى خەلقىگە (ۋەھىينى) ئېنىق يەتكۈزسۇن دەپ، ئۆز خەلقىنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغاننى) ئەۋەتتۇق. ئاللاھ (ئازغۇنلۇقنى) خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قۇيىدۇ، (ھىدايەتنى، توغرا يولنى) خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، (ھەممىنىڭ ئۈستىدىن) ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچىدۇر(4).
سۈرە ئىبراھىم 5-ئايەت
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُم بِأَيَّامِ اللَّهِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن «قوۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ (ئىمتىھان ۋە ياردەم) كۈنلىرىنى ئەسلەتكىن» دەپ ئەۋەتكەنىدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (جاپا-مۇشەققەتكە) بەرداشلىق بەرگۈچى ۋە مىننەتدار بولغۇچى ھەركىم ئۈچۈن نۇرغۇن ساۋاقلار بار(5).
سۈرە ئىبراھىم 6-ئايەت
وَإِذْ قَالَ مُوسَى لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنجَاكُم مِّنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ وَفِي ذَلِكُم بَلَاءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇسا ئەينى چاغدا ئۆز خەلقىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۇ سىلەرنى پىرئەۋن سۇلالىسىدىن قۇتۇلدۇردى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، ئاياللىرىڭلارنى دەپسەندە قىلاتتى. بۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن رەببىڭلار تەرىپىدىن چوڭ سىناق بار ئىدى» دېگەنىدى(6).
سۈرە ئىبراھىم 7-ئايەت
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ
ئەينى چاغدا رەببىڭلار: «ئەگەر نېمىتىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسەڭلار، ئۇنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى مېنىڭ جازايىم ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىقتۇر» دەپ جاكارلىغان ئىدى(7).
سۈرە ئىبراھىم 8-ئايەت
وَقَالَ مُوسَى إِن تَكْفُرُوا أَنتُمْ وَمَن فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر ۋە زېمىندىكى ھەممە ئادەم تۇزكور – كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»(8).
سۈرە ئىبراھىم 9-ئايەت
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِن بَعْدِهِمْ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُم بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
سىلەردىن ئىلگىرى (ئۆتكەن) نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قوۋملىرىنىڭ خەۋەرلىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلاردىن كېيىن (ئۆتكەن ۋە بېشىغا كەلگەن پالاكەتلەرنى) پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان خەلقلەر بولغان. ئەلچىلىرى ئۇلارغا (ھەقىقەتنىڭ) ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار قوللىرى بىلەن ئېغىزلىرىنى توسۇپ: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى رەت قىلىمىز (يەنى ئېتىراپ قىلمايمىز)، دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسەڭلەرگە قارىتا قاتتىق گۇمان ئىچىدىمىز» دېيىشتى(9).
سۈرە ئىبراھىم 10-ئايەت
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى قَالُوا إِنْ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ
ئەلچىلىرى (ئۇلارغا): «ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا مۇئەييەن قانۇنىيەت بەلگىلەپ ياراتقان ئاللاھ ھەققىدە گۇماندا بولامسىلەر؟ ئۇ بىر قىسىم گۇناھىڭلارنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى مەلۇم مۇددەتكىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن سىلەرگە چاقىرىق قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، سىلەر بىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلاردىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. ئۇنداقتا (ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق پاكىت كەلتۈرۈڭلار» دېدى(10).
سۈرە ئىبراھىم 11-ئايەت
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِن نَّحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَى مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَمَا كَانَ لَنَا أَن نَّأْتِيَكُم بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
رەسۇللىرى (ئۇلارغا): «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، بىراق ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىگە (پەيغەمبەرلىكنى) ئىنئام قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز سىلەرگە ھېچقانداق (مۆجىزىۋى) دەلىل-پاكىت كەلتۈرۈش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. (چىن يۈرەكتىن ئىشىنىدىغان) مۆمىنلەر پەقەت ئاللاھقا تايانسۇن(11).
سۈرە ئىبراھىم 12-ئايەت
وَمَا لَنَا أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى اللَّهِ وَقَدْ هَدَانَا سُبُلَنَا وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَى مَا آذَيْتُمُونَا وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
ئاللاھ بىزنى (مېڭىشقا تېگىشلىك) يولىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئاللاھقا تايانمايمىز؟ سىلەرنىڭ بىزگە سالغان جەۋرۇجاپالىرىڭلارغا ئەلۋەتتە بەرداشلىق بېرىمىز. تايانغۇچىلار ئاللاھقا تايانسۇن!» دېدى(12).
سۈرە ئىبراھىم 13-ئايەت
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُم مِّنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا فَأَوْحَى إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ
كاپىر بولغانلار رەسۇللىرىغا: «سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر» دېدى. (بۇ چاغدا) رەببى ئۇلارغا: «بىز بۇ زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز(13).
سۈرە ئىبراھىم 14-ئايەت
وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ الْأَرْضَ مِن بَعْدِهِمْ ذَلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ
ئۇلار (ھالاك قىلىنغان)دىن كېيىن (بوشالغان) يۇرتقا سىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇ بولسا مېنىڭ ئالدىمدا (ھېساب بېرىشتىن) ۋە مېنىڭ ئازابىمغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» دېدى(14).
سۈرە ئىبراھىم 15-ئايەت
وَاسْتَفْتَحُوا وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
رەسۇللار (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن) زەپەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن (ئاللاھتىن) مەدەت تىلىدى. (شۇنىڭ بىلەن) ئۇچىغا چىققان تەرسا زوراۋانلارنىڭ ھەممىسى تارمار بولدى(15).
سۈرە ئىبراھىم 16-ئايەت
مِّن وَرَائِهِ جَهَنَّمُ وَيُسْقَى مِن مَّاءٍ صَدِيدٍ
(ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ،) ئۇنىڭدىن كېيىن جەھەننەم بار، (ئۇلار جەھەننەمدە) قان ۋە يىرىڭدىن بولغان سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ(16).
سۈرە ئىبراھىم 17-ئايەت
يَتَجَرَّعُهُ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُ وَيَأْتِيهِ الْمَوْتُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٍ وَمِن وَرَائِهِ عَذَابٌ غَلِيظٌ
ئۇنى يۇتماقچى بولىدۇ-يۇ، يۇتالماي قىينىلىدۇ. ھەرتەرەپتىن ئۆلۈم قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۆلەلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن (يەنە) تېخىمۇ قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ(17).
سۈرە ئىبراھىم 18-ئايەت
مَّثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ أَعْمَالُهُمْ كَرَمَادٍ اشْتَدَّتْ بِهِ الرِّيحُ فِي يَوْمٍ عَاصِفٍ لَّا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا عَلَى شَيْءٍ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
رەببىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ (ياخشى) ئىش-ھەرىكەتلىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن كۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، (چۈنكى) بۇ (ھەقىقەتتىن) ئەڭ چەتنىگەن ئازغۇنلۇقتۇر(18).
سۈرە ئىبراھىم 19-ئايەت
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى دەسسىتىدۇ(19).
سۈرە ئىبراھىم 20-ئايەت
وَمَا ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
بۇ ئاللاھقا ھەرگىز قىيىن ئەمەس(20).
سۈرە ئىبراھىم 21-ئايەت
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِن شَيْءٍ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ
(قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىدۇ. ئاجىزلار (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) چوڭچىلىق قىلغان (باشلامچى)لارغا: «بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، (ئەمدى) سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىدىن بىرئاز بولسىمۇ كۆتۈرۈۋېتەلەمسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەن بولسا ئىدى[2]، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىگەن بولاتتۇق. بىز مەيلى نالە-پەرياد قىلايلى، مەيلى بەرداشلىق بېرەيلى بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە قاچىدىغان ھېچقانداق يەر يوق» دەيدۇ(21).
سۈرە ئىبراھىم 22-ئايەت
وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ إِلَّا أَن دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنفُسَكُم مَّا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنتُم بِمُصْرِخِيَّ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغاندا، شەيتان: «ئاللاھ سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغانىدى (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى)، مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ئەمما خىلاپلىق قىلدىم. مېنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى، مەن پەقەت سىلەرنى (ئازغۇن يوللىرىمغا) چاقىردىم، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ماڭا تاپا-تەنە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار. مەن ياردەم قىلىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ياردەم قېلىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر. مەن بۇرۇندىنلا سىلەرنىڭ مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشىڭلارنى رەت قىلغانىدىم. شۈبھىسىزكى، ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچىلار چوقۇم ئېچىنىشلىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ(22).
سۈرە ئىبراھىم 23-ئايەت
وَأُدْخِلَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ تَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ
ئىمان ئېيتقان ۋە (ئىمانىغا يارىشا) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇلار رەببىنىڭ ئىجازىتى بىلەن جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن «سىلەرگە ئامانلىق يار بولسۇن!» دەپ سالاملىشىدۇ(23).
سۈرە ئىبراھىم 24-ئايەت
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِي السَّمَاءِ
ئاللاھنىڭ قانداق مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ياخشى سۆز يىلتىزى مۇستەھكەم، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان(24)،
سۈرە ئىبراھىم 25-ئايەت
تُؤْتِي أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍ بِإِذْنِ رَبِّهَا وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
رەببىڭنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەردائىم مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ساۋاق ئالسۇن دەپ كىشىلەرگە مۇشۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ(25).
سۈرە ئىبراھىم 26-ئايەت
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ اجْتُثَّتْ مِن فَوْقِ الْأَرْضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٍ
يامان سۆز يەردىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ئازراقمۇ تىك تۇرالمايدىغان چۈرۈك دەرەخكە ئوخشايدۇ(26).
سۈرە ئىبراھىم 27-ئايەت
يُثَبِّتُ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ وَيُضِلُّ اللَّهُ الظَّالِمِينَ وَيَفْعَلُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ۋە توغرا سۆز بىلەن دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ مەھكەم تۇرغۇزىدۇ، ئاللاھ (كاپىر بولۇپ ئۆزىگە) ئۇۋال قىلغانلارنى ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ(27).
سۈرە ئىبراھىم 28-ئايەت
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ بَدَّلُوا نِعْمَتَ اللَّهِ كُفْرًا وَأَحَلُّوا قَوْمَهُمْ دَارَ الْبَوَارِ
ئاللاھنڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋە ئۆز قوۋمىنى (ئازغۇن يولغا باشلاش ئارقىلىق) ھالاكەت يۇرتى جەھەننەمگە ئىتتىرگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جەھەننەمدە كۆيىدۇ، ئۇ يەر نېمىدېگەن يامان جاي!(28-29).
سۈرە ئىبراھىم 29-ئايەت
جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا وَبِئْسَ الْقَرَارُ
ئاللاھنڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋە ئۆز قوۋمىنى (ئازغۇن يولغا باشلاش ئارقىلىق) ھالاكەت يۇرتى جەھەننەمگە ئىتتىرگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جەھەننەمدە كۆيىدۇ، ئۇ يەر نېمىدېگەن يامان جاي!(28-29).
سۈرە ئىبراھىم 30-ئايەت
وَجَعَلُوا لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلُّوا عَن سَبِيلِهِ قُلْ تَمَتَّعُوا فَإِنَّ مَصِيرَكُمْ إِلَى النَّارِ
ئۇلار (كىشىلەرنى ) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا تەڭداشلارنى ئويدۇرۇشتى. ئېيتقىنكى: «(دۇنيا ھاياتىدىن ۋاقتىنچە) بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر»(30).
سۈرە ئىبراھىم 31-ئايەت
قُل لِّعِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا يُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَالٌ
ئىمان كەلتۈرگەن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: «ئېلىم-سېتىممۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان كۈن يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن نامازنى تولۇق ئادا قىلسۇن، بىز بەرگەن مال-مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ساخاۋەت قىلسۇن»(31).
سۈرە ئىبراھىم 32-ئايەت
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَّكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاپىرىدە قىلغان، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، سىلەر ئۈچۈن رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن زات ئاللاھتۇر. ئۇ بېكىتكەن قانۇنىيىتى بويىچە سىلەرگە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى ۋە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى(32).
سۈرە ئىبراھىم 33-ئايەت
وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ
سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان قۇياش بىلەن ئاينى ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى(33).
سۈرە ئىبراھىم 34-ئايەت
وَآتَاكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِن تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ الْإِنسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
ئاللاھ سىلەرگە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانايدىغان بولساڭلار ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئۇۋال قىلغۇچى، ناھايىتى تۇزكوردۇر(34).
سۈرە ئىبراھىم 35-ئايەت
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَذَا الْبَلَدَ آمِنًا وَاجْنُبْنِي وَبَنِيَّ أَن نَّعْبُدَ الْأَصْنَامَ
ئەينى چاغدا ئىبراھىم ئېيتتى: «رەببىم! بۇ شەھەر (يەنى مەككە)نى تىنچ-ئامان قىلغايسەن، مېنى ۋە پەرزەنتلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ئۇزاق تۇتقايسەن(35).
سۈرە ئىبراھىم 36-ئايەت
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِّنَ النَّاسِ فَمَن تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
رەببىم! ئۇ(بۇت)لار راستتىنلا كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئېزىشىغا سەۋەب بولدى. كىمكى ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىندۇر، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، سەن ئەلۋەتتە ناھايىتى كەچۈرۈمچان، ناھايىتى رەھىمدىلدۇرسەن(36).
سۈرە ئىبراھىم 37-ئايەت
رَّبَّنَا إِنِّي أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِّنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُم مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ
رەببىمىز! مەن ئۇرۇق-جەمەتىمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ[3] يېنىدىكى ئېكىنسىز باياۋانغا ئورۇنلاشتۇردۇم. رەببىمىز! ئۇلار نامازنى تولۇق ئادا قىلغاي، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغايسەن، ئۇلارغا تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى رىزىق قىلىپ بەرگەيسەن، ئۈمىدكى، ئۇلار (ساڭا) مىننەتدار بولغاي(37).
سۈرە ئىبراھىم 38-ئايەت
رَبَّنَا إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِي وَمَا نُعْلِنُ وَمَا يَخْفَى عَلَى اللَّهِ مِن شَيْءٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ
رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرغىنىمىزنىمۇ، ئاشكارىلىغىنىمىزنىمۇ بىلىپ تۇرىسەن، زېمىندىكى ۋە ئاسماندىكى ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس(38).
سۈرە ئىبراھىم 39-ئايەت
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ
ياشانغىنىمدا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ماڭا بەخش ئەتكەن ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن! مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن دۇئاغا قۇلاق سالغۇچىدۇر(39).
سۈرە ئىبراھىم 40-ئايەت
رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِن ذُرِّيَّتِي رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ
رەببىم! مېنى ۋە ئۇرۇق-ئەۋلادىمنى نامازنى لايىقىدا ئادا قىلىدىغانلاردىن بولۇشقا نېسىپ قىلغايسەن. رەببىم! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغايسەن!(40).
سۈرە ئىبراھىم 41-ئايەت
رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ
رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە مېنى، ئاتا-ئانامنى ۋە بارلىق مۆمىنلەرنى ئەپۇ-مەغپىرەت قىلغايسەن»(41).
سۈرە ئىبراھىم 42-ئايەت
وَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ غَافِلًا عَمَّا يَعْمَلُ الظَّالِمُونَ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمْ لِيَوْمٍ تَشْخَصُ فِيهِ الْأَبْصَارُ
زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخۇد دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان (قىيامەت) كۈنگىچە كېچىكتۈرىدۇ(42).
سۈرە ئىبراھىم 43-ئايەت
مُهْطِعِينَ مُقْنِعِي رُءُوسِهِمْ لَا يَرْتَدُّ إِلَيْهِمْ طَرْفُهُمْ وَأَفْئِدَتُهُمْ هَوَاءٌ
(ئۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەن پېتى ئالاقزادە بولۇپ يۈگۈرەيدۇ، كۆزلىرى چەكچەيگىنىچە قېتىپ قالىدۇ، ئەقىل-ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ(43).
سۈرە ئىبراھىم 44-ئايەت
وَأَنذِرِ النَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ الْعَذَابُ فَيَقُولُ الَّذِينَ ظَلَمُوا رَبَّنَا أَخِّرْنَا إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ نُّجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ الرُّسُلَ أَوَلَمْ تَكُونُوا أَقْسَمْتُم مِّن قَبْلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٍ
(بۇ ۋەجىدىن) خالايىقنى ئازاب-ئوقۇبەت بېشىغا كېلىدىغان كۈن ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغىن. ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلغانلار: «رەببىمىز! بىزگە ئازغىنە ۋاقىت بەرگەن بولساڭ، (دۇنياغا قايتىپ) چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشقان ۋە رەسۇللارغا ئەگەشكەن بولساقكەن» دەيدۇ. (ئۇلارغا:) «سىلەر ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا ھېساب ئېلىنىدىغان كۈن يوق) بىز ھەرگىز يوقالمايمىز دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟(44).
سۈرە ئىبراھىم 45-ئايەت
وَسَكَنتُمْ فِي مَسَاكِنِ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ وَتَبَيَّنَ لَكُمْ كَيْفَ فَعَلْنَا بِهِمْ وَضَرَبْنَا لَكُمُ الْأَمْثَالَ
سىلەر ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلىپ ھالاك بولغانلارنىڭ جايلىرىدا ماكانلاشقان ئىدىڭلار، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئايان ئىدى، سىلەرگە (گۇناھكارلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان جازا ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ھەققىدە) مىساللارنى كەلتۈرگەن ئىدۇق» (دېيىلىدۇ)(45).
سۈرە ئىبراھىم 46-ئايەت
وَقَدْ مَكَرُوا مَكْرَهُمْ وَعِندَ اللَّهِ مَكْرُهُمْ وَإِن كَانَ مَكْرُهُمْ لِتَزُولَ مِنْهُ الْجِبَالُ
ئۇلار (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) نەيرەڭۋازلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقلىرى تاغلارنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (دەرىجىدە كۈچلۈك) بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نەيرەڭۋازلىقلىرىنى ئەلبەتتە بەربات قىلىدۇ(46).
سۈرە ئىبراھىم 47-ئايەت
فَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ مُخْلِفَ وَعْدِهِ رُسُلَهُ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ ذُو انتِقَامٍ
شۇڭا ئاللاھنى رەسۇللىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىغىن. ئاللاھ مۇتلەق غالىبتۇر، ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر(47).
سۈرە ئىبراھىم 48-ئايەت
يَوْمَ تُبَدَّلُ الْأَرْضُ غَيْرَ الْأَرْضِ وَالسَّمَاوَاتُ وَبَرَزُوا لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
ئۇ كۈندە زېمىن باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ (باشقا ئاسمانلارغا) ئايلىنىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەت يېگانە، چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ(48).
سۈرە ئىبراھىم 49-ئايەت
وَتَرَى الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُّقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنىڭ زەنجىرلەر بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالىتىنى كۆرىسەن(49).
سۈرە ئىبراھىم 50-ئايەت
سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٍ وَتَغْشَى وَجُوهَهُمُ النَّارُ
ئۇلارنىڭ كىيىملىرى قەتىران(يەنى قارىماي)دىن بولىدۇ. ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ(50).
سۈرە ئىبراھىم 51-ئايەت
لِيَجْزِيَ اللَّهُ كُلَّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ئاللاھ ھەركىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ ئاشۇنداق جازا بېرىدۇ. ئاللاھ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(51).
سۈرە ئىبراھىم 52-ئايەت
هَذَا بَلَاغٌ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
بۇ قۇرئان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشى، پەم-پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن بىر ئۇقتۇرۇشتۇر(52).
Flag Counter