(مەدىنىدە نازىل بولغان، 43 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە « گۈلدۈرماما » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان رەئد ئىسمىنى 13 - ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « رەئد » كەلىمىسىدىن ئالغان.
رەئد سۈرىسى ئىككى ئاساسلىق تېما ئۈستىدە توختىلىدۇ:
1. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاللاھ تەئالاغا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن تەۋھىد-يىگانىلىق
2. مەۋجۇدىيەتنىڭ مەخلۇقاتقا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن ئەزۋاج -كۆپلۈك
سۈرە مۇقەتتە-ئۈزۈك ھەرپلەردىن كېيىن « بۇلار كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر » دەپ سۆز باشلايدۇ. ئايەتلەر كۆپ، كىتاب بىردۇر. ئايەتلەر ۋەھىينىڭ نىشانى، كىتاب ۋەھىينىڭ مەنبەسىدۇر. ۋەھىينىڭ ئانا مەنبەسى ئاللاھ تەئالادۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىي نازىل قىلىشتىكى ئوبېكتى ئىنساندۇر. كۆرۈنگەن ھەر نەرسە بىر ئايەت بولۇپ، ئايەتلەر پەقەت كىتابنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس. ئاسمان كىتابىدا قۇياش ۋە ئاي ئايەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر قانۇنىيەتكە باغلانغان ( 2 ). تەررەنمەس تاغلار، شاۋقۇن سۈرۈپ ئاققان دەريالار، ئەركەك- چىشى قىلىپ جۇپ يارىتىلغان ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسمان- زېمىن ئارىسىدىكى كېچە- كۈندۈز يەر يۈزى كىتابىنىڭ ئايەتلىرىدۇر ( 3 ). دۇنيا ( يەر شارى ) بىردۇر، بۇ يىگانىلىقى بىلەن ۋەھدەتنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، قىتئەلەر ۋە قۇرۇقلۇق پارچىلىرى كۆپتۇر، بۇ كۆپلىكنى كۆرسىتىدۇ ( 4 ). ئۇنىڭدىن باشقا، باغلار، ئېكىنزارلىقلار، بىر يىلتىزدىن چىققان كۆپ شاخلىق ياكى كۆپ شاخلىق بولمىغان يەككە گەۋدە ھالىتىدە قەد كۆتۈرگەن خورما دەرەخلىرى؛ گەرچە بۇلار ئوخشاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تەمى، لەززىتى، رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى ھەر خىل بولغان مېۋىلەرنى بېرىدۇ ( 4 ). بۇلار ياراتقۇچىغا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن ۋەھدەتنىڭ، يارىتىلغۇچىغا يۈزلەنگەن تەرىپى بىلەن كۆپلۈكنىڭ نامايەندىسىدۇر.
سۈرىدە پەقەت ئۈچ ئايەتتە بىرلىك ۋە كۆپلۈككە مۇناسىۋەتلىك بۇنچە كۆپ مىسال بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان:
لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
« ھەقىقىي دۇئا پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ. ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق دۇئا-تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمغا سۇ يەتسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا يەتمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ دۇئا-تىلەكلىرى پۈتۈنلەي بىكاردۇر » ( 14 ).
سۈرىدىكى بۇ ئانا تېما بىلەن نازىل بولۇش سەۋەبى ئارىسىدا بىۋاستە بىر مۇناسىۋەت بولسا كېرەك. مەسىلەن: ئوخشاش بىر ئاتىدىن كەلگەن ئادەم بالىلىرى ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىيسىگە قارىتا بىرسى ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىرسى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇئامىلىدە بولماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئوخشاش بىر ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىرىدىن بىرسى ھىدايەتنى تاللىغان بولسا، يەنە بىرسى گۇمراھلىقنى تاللىماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئوخشاش بىر قوۋمغا مەنسۇپ بىر ئايماق ئىمانغا قاراپ يۈگۈرگەن بولسا، يەنە بىر ئايماق ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مانا بۇ « نېمە ئۈچۈن؟ »لەرنىڭ جاۋابى كائىناتنىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ مۆجىزىۋى تەرتىپى ئىچىگە يوشۇرۇنغان. ئوخشاشلىقلارنىڭ قارىمۇقارشىلىقى، قارىمۇقارشىلىقلارنىڭ ماسلىشىشى بۇ مۆجىزىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر.
ۋەھىي خىتاب قىلىنغۇچىدىن شەيئىلەر ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرىدىغان، شەيئىلەر ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى كۆرەلەيدىغان بىر ئەقىل تەلەپ قىلماقتا. بۇ ئەقىل ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى، يەر بىلەن ئاسمان، ئەركەك بىلەن چىشى، ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەر، ئاللاھ بىلەن ئىنسان، تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي قانۇنلار، يەككە گەۋدە بىلەن كۆپ شاخ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدىغان بىر ئەقىل بولىشى كېرەك:
وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ أُولَئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
«ئاللاھقا مۇستەھكەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ باغلاشقا بۇيرۇغان رىشتىنى ئۈزىدىغان (يەنى سىيلە-رەھىم قىلمايدىغان)، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر، ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ»(25).
مەخلۇقاتتىكى ئوخشاشماسلىقلار، رەڭدارلىقلار ئۈستىدىن رەسۇلۇللاھ ۋە مۇمىنلەرگە: « ھەممە كىشىنى مۇمىن قىلىش سەۋداسىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ تەئالانىڭ مۇرادى بۇ ئەمەس. ئەگەر ئاللاھ تەئالا خالىغان بولسا، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئاللاھ تەئالاغا قىيىن ئەمەس » دېمەكتە. ئەمدى تۆۋەندىكى ئايەتنى ئوقۇپ باقايلى:
وَلَوْ أَنَّ قُرْآَنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَى بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا أَفَلَمْ يَيْئَسِ الَّذِينَ آَمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّى يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
«ناۋادا بىر قۇرئان بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن تاغلار يۆتكەلگەن ياكى يەر يېرىلغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلىتىلگەن تەقدىردىمۇ (ئۇلار بەرىبىر ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۆمىنلەر ناۋادا ئاللاھ خالىسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، (ھەممە ئادەمنى مۆمىن قىلىش) مۇددىئاسىدىن تېخىچە ۋاز كەچمەمدۇ؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ ياكى بالايىقازا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ» ( 31 ).
سۈرىدىكى بارلىق بۆلەكلەردە سۆز مەخلۇقاتنىڭ خىلمۇ-خىل ۋە رەڭدارلىق قانۇنىيىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاب قىلىنغۇچىغا ھاياتنىڭ ئىلاھىي قانۇنلىرىنى ئۆگىتىش، تىرىشچانلىقىنى ئۇ قانۇنىيەتكە پەرۋا قىلماستىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ قانۇنىيەتلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئېلىپ بېرىش ئېڭىنى سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنماقتا.
سۈرە خىتاب قىلىنغۇچىنى مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىنى بىر كىتاب دەپ قاراپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. تەبىئەتتىكى ( 1 - 4 ) ۋە ئۆزىدىكى ئايەتلەر ( 8 - 11 ) ئۈستىدە توختىلىدۇ. مەنىسىزلىك ۋە مەقسەتسىزلىك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان يەككە دۇنيالىق چۈشەنچىنى كەسكىن بىر ئۇسلۇبتا رەت قىلىدۇ ( 5، 11 - 13، 18 ).
سۈرە، خىتاب قىلغۇچىلىرىنىڭ كىملىكىنىمۇ روشەن ھالدا بايان قىلىدۇ. بۇلار رەببىنى ۋە قايتىدىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر ( 5 ). بۇلار ئىلاھى تەھدىدكە قارشى ھاماقەتلەرچە بويۇنتاۋلىق قىلغان ۋە مۆجىزە تەلەپ قىلغان كىشىلەردۇر ( 6 ). ئاللاھ تەئالا ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان كىشىلەردۇر ( 12 ). ئاللاھ تەئالادىن باشقىغا يالۋۇرۇپ- يېلىنغان ( 14 )، ئاللاھ تەئالا بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزغان، بەرپا قىلىشقا، ئۇلاشقا بۇيرىغاننى ئۈزۈپ تاشلىغان ( 25 )، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەلچىسىنى مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر ( 32 ). ئاللاھ تەئالاغا شېرىك كەلتۈرگەن، چۈشەنچىلىرى ئۆزى قۇرغان توزاققا چۈشكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازاپقا لايىق بولغان ( 34 )، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا قارىتا« سەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىدىڭ » دېگەن ( 43 ) كىشىلەردۇر.
بۇ ئايەتلەر پەقەت ئۆز دەۋرىدىكى ئىنكارچىلارنىلا ئەمەس، ھەر دەۋردىكى ئىنكارچىلارنى تەسۋىرلەپ بەرمەكتە.
سۈرە، ئىنساننىڭ ۋەھىي، تەبىئەت ( كائىنات ) ۋە ئۆزىنى ئوقۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇ ئوقۇشنىڭ نىھائى مەقسىتى سۈرىنىڭ 11 - ئايىتىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ
«بىر قوۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ » ( 11 ).
مانا بۇ شەخسى ۋە ئىجتىمائىي- مىللەت خاراكتېرلىق ئۆزگۈرۈشنىڭ ئىلاھىي قانۇنىيىتىدۇر.