سۈرىدە باشتىن ئاياغ يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
ھەزرىتى يۈسۈپ ھەققىدىكى مەلۇماتلار بۇ سۈرىدىن باشقا، ئەنئام ۋە مۇئمىنۇن سۈرىلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بىراق، « قىسسەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ نام ئالغان يۈسۈپ قىسسىسى بۇ سۈرىدە باشتىن ئاياغ كەڭ دائىرىدە بايان قىلىنغان. قۇرئاندا كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان سەككىز سۈرە بولۇپ، يۈسۈپ سۈرىسىمۇ ئۇلاردىن بىرى.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان، ھىجرەتكە يېقىن بىر مەزگىلگە، يەنى ھىجرەتتىن 2 - 3 يىل بۇرۇن، تائىف ۋەقەسىدىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن باشتىن ئاخىرى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، بىر قېتىمدىلا نازىل بولغان بولسا كېرەك.
بۇ سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى « بىر كىشى نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ » سوئالىنىڭ جاۋابى بولۇپ، ئىمان، ئىخلاس، ئىلىم، لاياقەت، ئىپپەت، غەيرەت، چىدامچانلىق ۋە ئىزچىل مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن بىر كىشى چوڭ بىر جەمئىيەتنى توغرا يولغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ، دېمەكتە. سۈرىنىڭ تېمىسى كەنئان دىيارىدا ۋە پەيغەمبەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغان، ھەسەت سەۋەبىدىن قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغان، قۇل ئورنىدا سېتىلغان، ئىپپىتى سەۋەبىدىن زىندانغا تاشلانغان ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ مىسىرغا ھۆكۈمران بولۇش ھېكايىسىدۇر.
قىسسىدە ئىككى مۇھەببەتنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنماقتا. يەنى، زۇلەيخانىڭ خوراتقۇچى مۇھەببىتى ۋە ھەزرىتى ياقۇپنىڭ بېغىشلىغۇچى مۇھەببىتى. بۇ ئىككى مۇھەببەتتە مۇھەببەت باغلانغۇچى شەخس ھەزرىتى يۈسۈپتۇر. لېكىن، زۇلەيخا يۈسۈپ ئارقىلىق ئۆز ئارزۇ - خاھىشىنى ياخشى كۆرگەن، ھەزرىتى ياقۇپ يۈسۈپ ئۈستىدىن مەزلۇملۇق ۋە ناھەقچىلىققا سەبىر قىلىشنى ياخشى كۆرگەنىدى.
بۇ سۈرىدە ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تارىخى ھاياتى ئۈستىدىن بارلىق زامان ۋە ماكانلارنى ھالقىغان « ئەبەدى ھەقىقەتلەر » نى چۈشەندۈرىدۇ. سۈرىدە ھېچقانداق بىر تەپسىرلەر بىلەن شەرھىيلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىبرەتلەر بايان قىلىنغان:
لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آَيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ
« يۈسۈپ ۋە قېرىنداشلىرىدا (يەنى ئۇلارنىڭ قىسسىسىلىرىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار » ( 7 ).
سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىلا ئىلاھىي كالامنىڭ ئەرەپچە نازىل بولغانلىقى تەكىتلەنگەن ( 2 ). چۈنكى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلار قوللانغان تىللار ئىچىدىن بىرى ئارقىلىق خەۋەر ئەۋەتىشىنىڭ بىر مەقسىتى بار، يەنى « دېمەكچى بولغىنىنى خىتاب قىلىنغۇچىغا بىلدۈرۈش ». بۇ قۇرئان تىلى بولغان ئەرەپچە، ئىنجىل تىلى ئارامىچە، تەۋرات تىلى ئىبرانى ئۈچۈنمۇ شۇنداقتۇر. ئۈچىنچى ئايەتنىڭ تېمىسىمۇ ۋەھىينىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشى بولۇپ، ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (2) نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَذَا الْقُرْآَنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ (3)
« شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ چۈشۈردۇق، ئۈمىدكى، (بۇ ئارقىلىق) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر(2). بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق، ساڭا قىسسىلەرنى ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە ئېيتىپ بېرىمىز. سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى (بۇ قىسسىلەردىن) خەۋەرسىز ئىدىڭ» ( 2 - 3 ).
ئۈچ ئايەتلىك بۇ باشلىنىشتىن كېيىن، يۈسۈپ قىسسىسىنىڭ بايان قىلىنىش مەقسىتىنىڭ « ساۋاق بېرىش » ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ باشلىنىش بۆلىكى ئىچىدە قۇرئان ۋەھىي تىلىنىڭ ئەرەپچە بولغانلىقىدىن، خىتاب قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىنكارچى مەككىلىكلەر ئىكەنلىكى مەلۇم. لېكىن، بۇ قىسسە ئارقىلىق ساۋاق بېرىلمەكچى بولغان كىشىلەر پەقەت بۇ ئىنكارچىلارلا ئەمەس. قىسسە خىتاب قىلىۋاتقان ئاساسەن ئۈچ گۇرۇپ بار:
كاپىرلار -ئىنكارچىلار
مۆمىنلەر
رەسۇلۇللاھ
قىسسە ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ چۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئۈچ ئالەم بار ئىدى:
ئالەمى مۈلۈك - كۆرۈنگەن ماددىي ئالەم
ئالەمى غەيب - كۆرۈنمەيدىغان ئالەملەرنىڭ ھەممىسى
ئالەمى مىسال - كۆرۈنگەن بىلەن كۆرۈنمەيدىغانلار ئارىسىدا قالغان، بىر تەرىپىدە ئالەمى مۈلۈك، يەنە بىر تەرەپتە ئالەمى غەيبكە ئېچىلغان « تەمسىل » ئالىمىدۇر. چۈشلەر بۇ ئالەمگە ئائىتتۇر. بۇ سەۋەبتىن چۈشلەر تەستىقمۇ قىلىنمايدۇ، رەتمۇ قىلىنمايدۇ، پەقەت تەبىر بېرىلىدۇ. تەبىر « كېچىك » مەنىسىدىكى « ئۇبۇر »دىن كەلگەن. ئىبرەت سۆزىمۇ ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەن. چۈشلەرنىڭ ھەقىقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن « ئەجىر قىلىش » كېرەك. ئەقىل بۇ ئىش ئۈستىدە تەر ئاققۇزماي تۇرۇپ چۈشكە تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. يەنى ئالەمى مىسالغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر بىرەر سىموۋۇل ۋە بەلگە بولۇپ، بۇلار ۋەكىللىك قىلغان شەيئىلەرنىڭ ئەسلىگە يېتىش ئۈچۈن بەزى « تار كېچىك »لەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
سۈرىدە چۈش ئۈچ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:
يۈسۈپنىڭ چۈشى. ئۇ چۈشىدە 11 پىلانت، ئاي ۋە كۈننىڭ ئۆزىگە تازىم قىلغانلىقىنى كۆرگەنىدى ( 4 - 6 ).
مەھكۇملارنىڭ چۈشى. يۈسۈپ زۇلەيخانىڭ تۆھمىتى بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىدا مەھكۇملارنىڭ چۈشىگە تەبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ( 36 - 37 ). تەبىر ئېيتقان چۈشى تەبىرىگە ماس ھالدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. يۈسۈپ چۈش تەبىرىنى تەۋھىدكە چاقىرىشنىڭ بىر ۋاستىسى سۈپتىدە ئىشلىتىدۇ ( 38 - 40 ). يەنى، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان قابىلىيىتىنى ئاللاھ تەئالانىڭ يولىدا ئىشلىتىدۇ.
ۋەزىر ( مىسىر ھۆكۈمدارى )نىڭ چۈشى. ھەزرىتى يۈسۈپ ۋەزىرنىڭ ئەتراپىدىكىلەر تەبىر ئېيتالمىغان چۈشىگە تەبىر ئېيتىپ بېرىدۇ ( 43 - 50 ). مىسىر ھۆكۈمدارى تەبىر ئېيتىلغان چۈشىنىڭ رېئال ھاياتتىكى ئىجراسىنى يۈسۈپكە تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ مىسىردىكى پۈتۈن ئىقتىسادى ئىشلىرىغا مەسئۇل بىردىنبىر كىشىگە ئايلىنىدۇ. ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ چۈش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۈچ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى تەشكىل قىلغانىدى. دادىسى ياقۇپقا ئېيتىپ بەرگەن چۈشى ھەقىقەتەن ياخشى چۈش ئىدى. لېكىن چۈشنىڭ مۇلاھىزىسى، مۇلاھىزىنىڭ ھەقىقەت بولۇشى ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك ناھايىتى ئۇزۇن بىر يول، تارتىدىغان كۆپ جەۋىر - جاپا، تۆكۈشكە تېگىشلىك كۆپ تەر، بىرىشكە تېگىشلىك ئېغىر بەدەللەر بار ئىدى. ھەزرىتى ياقۇپ بۇ چۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەدبىر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تەدبىرى تەقدىرگە بويۇن ئەگكەنىدى:
قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَى إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ (5) وَكَذَلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَى آَلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَى أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ (6)
دادىسى: «جېنىم ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قويمىسۇن. چۈنكى شەيتان ئىنسانغا راستتىنلا ئوچۇق دۈشمەندۇر(5). رەببىڭ سېنى شۇ تەرىقىدە تاللايدۇ، ساڭا (چۈشۈڭدە كۆرگەن) ھادىسىلەرنىڭ بىر قىسىم تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ نېمىتىنى ئىلگىرى سېنىڭ ئىككى بوۋاڭ – ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا تولۇق بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ ۋە ياقۇپ ئەۋلادىغىمۇ تولۇق بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ (ھەممىنى) بىلگۈچىدۇر،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى(6).
ھەزرىتى ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ چۈشىگە توغرا تەبىر بەرگەنىدى. ئۇ، چۈشكە رەببىنىڭ يۈسۈپنى تاللىغانلىقى ۋە نېمىتىنى ئۇنىڭ بىلەن تاماملايدىغانلىقى شەكلىدە تەبىر بەرگەنىدى. ئايەتنىڭ ئەلىيم(بىلگۈچى) ۋە ھەكىم(ھىېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى) ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىشى ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ھەزرىتى ياقۇپ بۇ ئارقىلىق ھېچقانداق بىر تەبىرنىڭ ھەقىقەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. ھەكىم ئىسمى كۆرۈلگەن، كۆرسىتىلگەن، كۆرگۈچىنىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ ۋە پۈتۈن بۇلارنىڭ ئارقا پەردىسىدە يۈز بېرىدىغانلارنىڭ ھەتتا ئېلىنغان تەدبىرگە قارىماستىن يۈز بەرگەن ھەر ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھنىڭ چەكسىز ھېكمىتى بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
دەرۋەقە پەيغەمبەر ئاتىنىڭ تەدبىرى تەقدىرنى توسۇپ قالالمىدى. ئۆلتۈرۋېتىشنى پىلانلىغان قېرىنداشلار يۈسۈپنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش بىلەن كۇپايىلەندى. يۈسۈپنىڭ بەدىنى قۇدۇقتا قالدى، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىغانلارنىڭ ئەقلى قۇدۇقتا قالدى. كۈن كەلدى، يۈسۈپ قۇدۇقتىن چىقتى، بىراق ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ ئەقلى قۇدۇقتىن چىقالمىدى. شەيتاننى شەيتان قىلغان رەشىك - ھەسەت قېرىنداشنى قېرىنداش قاتىلى قىلىپ قويغىلى تاس قالغانىدى.
ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ قۇدۇقتىن باشلانغان ھايات ھېكايىسى كارۋانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇل بازىرىدا ئاخىرلاشتى. ئۇنى ناھايىتى ئاز پۇلغا ساتتى ( 20 ). يەنى ئىلكىڭىزگە ئۆتكەننىڭ قىممىتىنى بىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە بىكارغا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ساتقان ۋاقتىڭىزدا زىيان تارتىسىز. قىسسە كىشىگە خۇددى يۈسۈپنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن دىققەت بىلەن زەن سېلىپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، خىتاب قىلىنغۇچىغا « ھازىر ۋە بۇ جايدا » ياشاۋاتقان ھاياتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: « ئاللاھ ئىرادە قىلغان ئىشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغۇچىدۇر. بىراق خالايىقنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ» ( 21 )، « بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى-ئىشىنى قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز » ( 22 ) دېگەندەك بۇ ھېكمەتلەرگە كۈندىلىك ھاياتتا شاھىت بولىمىز. سۈرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەر پەقەت ھەزرىتى يۈسۈپ ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەنمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.
ئەمدى سۈرىدىكى ئۈچ كۆينەك مىسالىغا قاراپ باقايلى...
بىرىنچى كۆينەك، يۈسۈپنىڭ قانغا بويالغان كۆينىكى بولۇپ، بۇ ھەزرىتى ياقۇپقا يەتكەن مۇسىبەت خەۋىرىنىڭ يالغان شاھىدى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنىدى. لېكىن، كۆينەك يالغان شاھىتلىقنى رەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. يەنى بۆرە يېگەن بىرسىنىڭ كۆينىكى ئەمەسلىكىنى، يۈسۈپنى بۆرە يەپ كەتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر توقۇلما ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يۈسۈپنىڭ كۆينەكنى ئېلىپ كەلگەن قېرىنداشلىرى يالغان ئېيتقان، كۆينەك ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى.
ئىككىنجى كۆينەكمۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ، زۇلەيخانىڭ تۆھمىتىنى يۈزىگە ئۇرغان، يۈسۈپكە قۇرۇلغان توزاقنىڭ ئەپتى - بەشرىسىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئارقىدىن يىرتىلغان ھالىتى بىلەن ھەق ۋە ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغانىدى. كۆينەك ئىككىنچى قېتىم ھەقىقەتكە شاھىتلىق قىلدى.
ئۈچىنچى كۆينەك، يۈسۈپنىڭ ئاتىسى ياقۇپقا ئەۋەتكەن كۆينىكى بولۇپ، ئۇمۇ ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى. ئۇ گۇماندىن ئۈستۈن كەلگەن « ئىپپەت كۆينىكى » نىڭ دەل ئۆزى ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھەزرىتى ياقۇپنىڭ كۆزىنى توسقان پەردىسىنى يەنە ئىپپەت كۆينىكى بىلەن ئېلىۋەتكەنىدى.
ھەزرىتى ياقۇپ ئۆلگەنلىكىگە ھەممە كىشى ئىشەنگەن ھەزرىتى يۈسۈپنى پەقەت ئۇنتۇمىغان بولۇپ، « مەن يۈسۈپنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن » دېگەنىدى ( 94 ). پاك مۇھەببەت ئۈچۈن ئىككى كۆزىنى پىدا قىلغان ھەزرىتى ياقۇب بۇنىڭ بەدىلىگە بىر بۇرۇنغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن مىڭ كۆز كۆرەلمىگەن نۇقتىدىن يۈسۈپنىڭ ھىدىنى ئالغانىدى.
ئەسلىدە ھەزرىتى يۈسۈپتىن ئىبارەت بىر تارىخى شەخسىيەت ئۈستىدىن ھايات ھېكايسى بايان قىلىنغان شەخس دەل مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئىدى. سۈرە، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا شۇ ھەقىقەتنى بايان قىلغانىدى: « ئى مەككىنىڭ يۈسۈپى! تائىف سېنىڭ قۇدۇقۇڭ، مەككە سېنىڭ زىندانىڭ، ھىجرەت سېنىڭ مىسىرغا سەپىرىڭ، مەدىنە سېنىڭ مىسىرىڭ. يۈسۈپنى كۈتكەن خوشاللىنارلىق ئاقىۋەت سېنىمۇ كۈتىۋاتىدۇ! مەككىلىك تۇققانلىرىڭ - قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ خام خىيال، خالاس.
دەرۋەقە، تارىخ بۇ مۆجىزىۋى خۇش خەۋەرنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنىڭ شاھىدى. كۈنى كەلدى، ئۆزىگە دۇنيانى تار قىلغان مەككىلىكلەر قەھەتچىلىككە مۇپتىلا بولدى. خۇددى ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ھەسەتخور قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلغىنىدەك، رەسۇلۇللاھمۇ ئۆزىنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن مەككلىكلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى. خەيبەردىن كەلگەن كۈمۈشلەرنى مەككىنىڭ ھاكاۋۇر رەئىسى ئەبۇ سۇفيان ئارقىلىق يوقسۇل مەككىلىكلەرگە ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ تارقىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. غالىب قوشۇنى بىلەن جېنىغا قەست قىلغان مەككىگە كىردى. كەبىنىڭ ھويلىسىدا ئەندىشە ئىچىدە ئاغزىغا قاراپ تۇرغان مەككىلىكلەردىن :
بۈگۈن سىلەرگە نېمە قىلىشىم ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
- سەن پەزىلەتلىك بىر ئاتىنىڭ ئوغلى، سەندىن پەقەت ياخشىلىق كۈتىمىز! - دەپ جاۋاب بېرىشتى.
خۇددى يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ئېيتقىنىدەك، مەنمۇ : « بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر! » دەيمەن، دېدى.
رەسۇلۇللاھ يۈسۈپ سۈرىسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى مۇشۇ تەرىقىدە چۈشەنگەنىدى. كىم بىلىدۇ، بەلكىم رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە سەۋر تېغىدا ھايات - مامات خەۋپى كۆز ئالدىدا نامايەن بولغان ئەنە شۇ « ئۈچىنچىسى ئاللاھ بولغان ئىككى كىشىگە كىم نېمە قىلالايدۇ ئى ئەبۇ بەكرى! » دېگەن ۋاقتىدا، بۇ خۇش بىشارەتكە ئاساسلانغان بولسا كېرەك.
سۈرە باشتىن ئاخىر خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا قارىتا بەلگىلىك مەقسەتنى ئىپادىلىگەن سىمۋوللار بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇلاردىن بىرىنچىسى « كۆينەك » سىمۋولى بولۇپ، ھەسەتنىڭ شاھىدى بولغان يۈسۈپنىڭ قانلىق كۆينىكى ۋە زۇلەيخا ئارقىدىن يىرتىۋەتكەن ئىپپەت كۆينىكى. بۇ ئارقىلىق « ھەممىڭلار بىر يۈسۈپ ۋە ھەر يۈسۈپنىڭ بىر زۇلەيخاسى بار. كۆينىكىڭىزنىڭ قەيەردىن يىرتىلغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. كۆرمەيدىغان كۆزلەرنى ئاچقان بىر جىسمى كۆينەك ئەمەس، بەلكى ئىپپەت كۆينىكىدۇر. كارامەت كۆينەكتە ئەمەس، ئىپپەتتە » دېمەكتە.
گەرچە بۇ قىسسىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن باش قەھرىمانلار يۈسۈپ ۋە زۇلەيخا بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە يارىتىلغان ئوبراز « ئىپپەت ۋە شەھۋەت »تۇر. قىسسە ئىپپەتنىڭ شەھۋەتتىن غالىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
يۈسۈپ قىسسىسى تەۋراتتىمۇ بايان قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى قىسسىنى سېلىشتۈرۈپ ئوقۇش، قۇرئاننىڭ ئارىدىكى پەرىقىنى كۆرسىتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. تەۋراتتىكى باياندا نە يۈسۈپ يۈسۈپتۇر، نە ياقۇپ ياقۇپتۇر-پەيغەمبەردۇر. تەۋراتتىكى بايانلار قوپال، ماددىي ۋە ھېكمەتسىز بولۇپ، قۇرئاندىكى بايانلار ئەدەبى، مەنىۋىي ۋە ھېكمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان.
يۈسۈپ قىسسىسىدىن كېيىن، خىتاب قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلىدۇ ( 102 ). بىۋاستە ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى، يەنى دىلىدىكى سۆزىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئارزۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىنكارچى قوۋمىنىڭ مۆجىزە تەلىپى كەلمەكتە. بۇ تەمەنىڭ مەنىۋىي كۆلەڭگۈسى ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىگە چۈشكەنىدى. مانا بۇ نۇقتىدا، قۇرئان بارلىق مۆجىزە تەمە قىلغان ئىنكارچى ھاماقەتلەرگە بىر تەستەكتىنمۇ قاتتىق تۇيغۇ بېرىدىغان ئايەت بىلەن جاۋاب بېرىدۇ:
« ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) تالاي ئالامەتلەر (يەنى مۆجىزىلەر) باركى، (ئىنسانلار) ئۇلارنىڭ يېنىدىن پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتىدۇ» ( 105 ).
خۇلاسىلىگەندە، قايسى ساھەدە بولسۇن ئەڭ ياخشى ماقامنىڭ پىلانىنى ئاللاھ قىلىدۇ. بۇ پىلاننى ئاللاھنى ھېساپقا قېتىپ تۇرۇپ قىلغۇچىلار غەلبە قازىنىدۇ.