ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
« ئىنسانىيەت » ۋە « ئىنسانلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۈرە ئىسمى « ناس » مەزكۇر سۈرىدە ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان.
بارلىق مۇسھەبلەرنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىپ (ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين)، « ئىنسانىيەت » ئىسمى بىلەن ئاخىرلىشىشى ناھايىتى مەنىلىك بولۇپ، بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. « رەب »، مەلۇم بىر تاللانغان تەبىقىنىڭ، سىنىپنىڭ ياكى مەلۇم بىر ئېتىقاد گۇرۇھىنىڭ، بەلگىلىك جامائەتلەرنىڭ ۋە دىن مەنسۇبىنىڭ رەببى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ رەببىدۇر.
مەزكۇر سۈرە مۇسھەب ۋە تەپسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە « ناس » ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان. بۇ سۈرىنى رەسۇلۇللاھ بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتىغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. بارلىق قۇرئان نۇزۇل تەرتىپىدە بۇ سۈرە فەلەق - ئىخلاس سۈرىسى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان. سۈرە رىسالەتنىڭ 3 - يىلى نازىل بولغان بولسا كېرەك.
رەسمىي مۇسھەب تەرتىپلىرىدە مەزكۇر سۈرە 114 - قاتارغا تىزىلغان. بۇ سايىدە ئاللاھ تەئالا نىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان مۇسھەب، « ناس ( ئىنسانلار ) » سۈرىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىينىڭ مەنبەسى، ئىنسان ۋەھىينىڭ نىشانى. ۋەھىينىڭ ئىككى مەقىسىتى بار، يەنى تەۋھىد ۋە ئادالەت. بىرىنچىسى، بەندىدىن ئاللاھ تەئالاغا؛ ئىككىنجىسى، بەندىدىن ئىنسانغا قارىتىلغان. ئىلاھىي خىتاب بۇ سەۋەبتىن بىر ئۇچى ( بېشى ) سامادا، يەنە بىر ئۇچى ( ئايىغى ) يەردە بولغان بىر خىتابتۇر. ئۇنىڭ ئايىغىغا ئىنسانىيەت ۋەكىللىك قىلماقتا.
ناس سۈرىسى، دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش خىتاب قىلىنغۇچىدا بەلگىلىك ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. فەلەق سۈرىسىدە « فەلەق »نىڭ رەببىگە سېغىنىش تەۋسىيە قىلىنغان بولسا، بۇ سۈرىدە « ئىنسانىيەت »نىڭ رەببىگە سېغىنىش تەۋسىيە قىلىنماقتا.
فەلەق سۈرىسىدە كېچىنى « يامانلىق ئىلاھى » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش رەت قىلىنىدۇ. ناس سۈرىسىدە كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان، ئىنسان ۋە جىن شەيتانلارنىڭ « يامانلىق ئىلاھى » دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىشى رەت قىلىنىدۇ.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىن « شەيتان » ئىسمىنىڭ پەقەت كۆرگىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ شەررىگىلا قارىتىلماستىن، ئىنساننىڭمۇ يامانلىق ئېلىپ كەلگۈچىلىرىگە قارىتىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساندىن ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىمىز. سۈرىدە شەيتاننىڭ « رەب »كە ئىزافەت ( ئېنىقلىغۇچى ) بولۇپ كەلمەسلىكى، شەيتاننىڭ ئىسيان سەۋەبىدىن ئىلاھىي تەربىيىنى رەت قىلغانلىقى، ئىنساننىڭ توۋا قىلىش بىلەن ئىلاھىي تەربىينى قوبۇل قىلغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى رەسۇلۇللاھ بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقاتلارغا ئەمەس، ئىنسانلار ئارىسىدىكى شەيتانلاشقان كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەپ ئاللاھ تەئالاغا سېغىنىش ئېڭىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ بىر ئىلاھىي تەسەللى بولۇشتىن زىيادە، بىر كاپالەت مەنىسىگە ئىگە. چۈنكى، بۇ ئىلاھىي كاپالەتنىڭ ئەڭ ئېغىر شارائىتتا قانداق نامايەن بولغانلىقىغا تارىخ شاھىت.
يىغىنچاقلىغاندا، ئاللاھ ئۆزىگە سېغىنىپ پاناھلىق تىلىگۈچىنى پەقەت كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىنلا ساقلاپ قالماي، پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بولغان بارلىق يامانلىقلارنىڭ شەررىدىنمۇ ساقلايدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ « ئىنسانلارنىڭ رەببى » بولىشى، ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭمۇ خۇددى بىر شەخسكە ئوخشاش ئىلاھىي تەربىيىنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقىقەت:
« شۈبھىسىزكى، بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ» ( رەئىد، 11 - ئايەت ) ئاساسىدا چۈشىنىلىشى كېرەك.