ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « يېرىپ چىقارغۇچى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « فەلەق » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« ( ئى خىتاب قىلىنغۇچى! )، ( يوقلۇق ) قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ مەۋجۇدلۇق ( يورۇقلۇقى )غا چىقارغان سەھەرنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن، دېگىن » ( 1 ).
فەلەق ئىسمى، بارلىق مەۋجۇدىيەت تەۋە بولغان « يارىتىلىش ۋە بۇزۇلۇش » قانۇنىيىتىدىن « يارىتىلىش » قانۇنىيىتىنى ئىما قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنفىتارغا ئوخشاش بىر « يېڭىدىن پەيدا بولۇش »نى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، فەلەق « فەجر »گە ئوخشاش دەسلەپكى يارىتىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ يوقلۇق كېچىسىگە خاتىمە بەرگەن مەۋجۇدلۇق ئۇرۇقىنىڭ بىخ تارتىشىدۇر.
بارلىق مۇسھەبلەردە ۋە تەپسىرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. رەسۇلۇللاھتىن نەقىل قىلىنغان بىر سەھىھ ھەدىستە، بۇ سۈرە « بىرىنچى ئايەت » بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىدىكى تىل ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنى بۇنى تەستىقلايدۇ. ئىبنى ئابباستىن ئەبۇ سالىھ ئارقىلىق كەلگەن بىر رىۋايەتتە، سۈرە مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن. قۇرەيب يەنە ئوخشاش مەنبەدىن بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان بىر رىۋايەتنى نەقىل قىلىدۇ. ئىبنى ئابباسنىڭ قۇلى ۋە تالىبى بولغان ئىكرىمە، ئاتا بىن ئەبى راھە ۋە ھەسەن ئەلبەسرى سۈرىنى مەككىدە نازىل بولغان دەيدۇ.
مەدىنىدە بىر يەھۇدىينىڭ ئاللاھ رەسۇلىغا قارىتا سېھىر ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ رىۋايەت سۈرىنىڭ نازىل بولغان جايى ھەققىدىكى ناتوغرا چۈشەنچىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەگەر چوقۇم بىر نازىل بولۇش سەۋەبى بار دەپ قارىساق، بۇ مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئېيتقان « سىلەر سېھىرلەنگەن ئادەمگىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر » ( ئىسرا، 47 ) دېگەندەك تۆھمەتكە ئوخشايدىغان بىرەر سەۋەب بار بولسا كېرەك. قۇرئان رەسۇلۇللاھقا قارىتىلغان بۇ خىل تۆھمەتلەرنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلماقتا.
ھەزرىتى ئوسمان تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە رىسالەتنىڭ 3 - يىلىدا نازىل بولغان بولسا كېرەك. بۇ مەزگىل سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. جاھىلىيەت كېچىسىنى يېرىپ چىققان قۇرئان تاڭ سەھىرىدىن خۇش بىشارەتتىن خەۋەر بەرگەن بۇ سۈرىنى، غەيبتىن بىر خەۋەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.
فەلەق سۈرىسى دەسلەپكى مەزگىلدە نازىل بولغان باشقا سۈرىلەرگە ئوخشاش خىتاب قىلىنغۇچىدا بەلگىلىك ئاڭ شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. سۈرىنىڭ بۇيرۇق تەكرارى ( قۇل - ئېيتقىنكى ) بىلەن باشلىنىشى، « ئى مۇخاتەب! سېنى تەربىيىلەيمەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. بۇ سۈرە ئىنسان ئىرادىسىنىڭ كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلىنمەيدىغان نەرسە تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنىشىغا قارشى ئالاھىدە بىر مۇداپىئە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى، « رەببىڭگە سېغىن ». بۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارنىڭ جاھىلىيەتنىڭ « يامانلىق تەڭرىسى » چۈشەنچىسى بىلەن ئېڭىدا ئۆزلەشتۈرگەن شەيتان ۋە جىن تەسەۋۋۇرىنى رەت قىلغانلىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر سۈرە ئىجاد قىلىنغان ۋە ئىجاد قىلغۇچىنى ئەسىر ئېلىۋالغان قورقۇنچلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
سۈرە، كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتلەردىن قورقۇشنىڭ ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. سۈرە، ئاللاھ نىڭ كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان، بىلگىلى بولىدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغان بارلىق مەخلۇقلارنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە خىتاب قىلىنغۇچىسىنى بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەپ رەببىگە سېغىنىشقا بۇيرىماقتا.
سۈرە، كۆرگىلى بولمايدىغان ۋە بىلىنمەس مەخلۇقلار ئالدىدا ئاللاھ تىن غەيرىگە سېغىنىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى، مۇشرىكلار جىنلارغا سېغىناتتى ( سۈرە جىن، 6 ).
سۈرە، ئىمان ئېيتقان كىشىگە ئاللاھ تەئالاغا سېغىنىشنى ئۆگەتمەكتە ۋە تەنبىھلىمەكتە. ئىنسان نېمە ئۈچۈن رەببىگە سېغىنىدۇ؟ ئىنسان پەقەت جىن ۋە شەيتانغا ئوخشاش كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىلگىلى بولمايدىغانلار دۇنياسى سەۋەب بولغان ۋەھىمىدىن كېلىپ چىققان قورقۇنچلار سەۋەبىدىنلا ئەمەس، « جاھالەت قاراڭغۇلىقى » دەك ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئەھۋالدىمۇ « رەببىگە سېغىنىدۇ ». قەلبنىڭ ئەقىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئىنسانلارنى « بىلىمنىڭ ئورنىغا قورقۇنچقا،مەنانىڭ ئورنىغا ھاياجانغا چاقىرغان دەم سالغۇچىلار »غا ئوخشايدىغان ساختىپەزلەردىن ۋە « ھەسەتخورنىڭ ھەسىتى » گە ئوخشاش يامان تۇيغۇلاردىن پاناھلىق تىلەپ رەببىگە سېغىنىدۇ.
ئاللاھ مۆمىن ئۈچۈن بىردىنبىر ساغلام پاناھلىق مەركىزىدۇر.