ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە، خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ « ئاللاھ » تەسەۋۋۇرىنى شېرىكتىن خالىي قىلغانلىقى ئۈچۈن « ئىخلاس » ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەزمۇنىغا مۇناسىپ ھالدا تەۋھىد سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بەزى رىۋايەتلەردە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇنىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرمەكتە،سۈرە رىسالەتنىڭ 3 - يىلىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن.
ئىخلاس سۈرىسى، كەلىمەئى تەۋھىد ( لا ئىلاھە ئىللەللاھ )نىڭ تەپسىرى خاراكتېرىدە بولۇپ، ئۈچ بولۇشلۇق ۋە ئۈچ بولۇشسىزدىن ئىبارەت ئالتە جۈملىدىن تەركىپ تاپقان. سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى تەۋھىد بولۇپ، خىتاب قىلىنغۇچى ئېڭىدا توغرا بولغان ئاللاھ تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. ھەر جۈملە ئارىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بار:
قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ (1) اللَّهُ الصَّمَدُ (2) لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ (3) وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ (4)
« (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر (1). ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر (2). ئاللاھ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس (3). ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ (4).»
ئاللاھ بولىشى نەتىجە، قالغانلىرى سەۋەب بولغاندا بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئۇ ئاللاھتۇر. چۈنكى، تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ھەممە ئۇنىڭغا مۇھتاجدۇر، ئۇ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچقانداق بىر مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھتۇر.
سۈرە تەۋھىد سۈرىسى بولۇپ، تەۋھىد ئاللاھنى ئاللاھ تونۇشتۇرغان شەكلىدە بىلىشتۇر.
ئىخلاس سۈرىسى بىر پۈتۈن ھالىتىدە ئاللاھ تەئالانى تونۇشتۇرىدۇ. بەندىنىڭ رەببىگە ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىشىنى ئىما قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ مەزكۇر سۈرىنى « قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ » دېگەن ( بۇخارى ۋە مۇسلىم ). بۇ مەدھىيە سۈرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە ئاخىرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى ۋە ھېيىت نامازلىرىدا بۇ سۈرىنى كافىرۇن سۈرىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇيتتى. سۈرىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە توغرا بولغان رىۋايەت، ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي بىننى كەئب ۋە جابىر بىن ئابدۇللاھتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا كەلگەن تۆۋەندىكى رىۋايەتتۇر:
« قۇرەيش رەسۇلۇللاھقا: " بىزگە رەببىڭنى تونۇشتۇرغىن! " دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈرە نازىل بولدى » ( تىرمىزى، تەپسىر 3361،3362 ).
بۇ سۈرە ئاللاھ تەئالانى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر سۈرە ۋەھىينىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سۈرە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى بولغان ئاللاھ تىن سۆز قىلماقتا.
قۇرئاندا ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان ئايىتەل كۇرسى ۋە ھەشىر سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىمۇ بار. لېكىن، ئىخلاس سۈرىسى ئاللاھ نى تونۇشتۇرغان مۇستەقىل سۈرىدۇر.