(مەككىدە نازىل بولغان، 123 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
بۇ سۈرىگە 50 - 60 - ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاد قوۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان بۆلەككە ئاساسەن « ھۇد » ئىسمى بېرىلگەن.
گەرچە مەزكۇر قىسسە ئەئراف ۋە شۇئەرا سۈرىسىدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ سۈرىدە بىرقەدەر تەپسىلىيرەك بايان قىلىنغان. سۈرىگە « ھۇد » ئىسمىنى رەسۇلۇللاھ قويغان. بۇنى شۇ ھەدىستىن بىلەلەيمىز:
ئەبۇ بەكرى بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:
- يا رەسۇلۇللاھ ( تېز ) قېرىپ كەتتىلىمۇ قانداق؟ رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرىپ:
- مېنى ھۇد، ۋاقىئە، مۇرسەلات، ئەممايەتەسائەلۇن، ئىزەششەمسۇ كۇۋۋىرەت قېرىتىۋەتتى دېدى ( تىرمىزى، سۇنەن، 5 / 402 ).
بارلىق مەنبەلەردە بۇ سۈرە مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
ھۇد سۈرىسى رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتىۋەتكەنىدى. سۈرىنىڭ ئانا تېمىسىنى تۆۋەندىكى ئايەت ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە:
وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ
« رەببىڭ ئاھالىسى ئىسلاھاتپەرۋەر بولغان ئەلنى،ئورۇنسىز ھالدا ھالاك قىلغىنى يوق » 117 ).
قۇرئان نازىل بولۇش جەريانىدا، كۇفرىنى ئوچۇق ئاشكارا ۋە قاتتىق بىر تىل بىلەن ئەيىبلىگەن سۈرىلەر ئىچىدە ھۇد سۈرىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھۇد سۈرىسى بىلەن بۇ ئائىلىگە تەۋە يۇنۇس سۈرىسى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. بۇ سۈرىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئائىلە تىراگېدىيىسى تىلغا ئېلىنغان. يۇنۇس سۈرىسىدە ئىلاھى ۋەھىيگە قارشى بويۇنتاۋلىق قىلغان قوۋملارنىڭ چوقۇم جازالاندۇرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، پىرئەۋن ۋە قوۋمى دۇچار بولغان ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنىپ، سۈرە « رەببىڭ ھۆكۈم چىقارغۇچە چىدامچان بولغىن! » ئايىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. ھۇد سۈرىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوۋمى شۇنداقلا نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب قوۋملىرىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئىلاھى ۋەھىيدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن جازالاندۇرۇلغانلىقى ئىبرەت سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. جازالاندۇرۇلغان قوۋملار ئىچىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ۋە ھەزرىتى لۇتنىڭ ئايالىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكارچى يېقىنلىرىنىڭمۇ بولۇشى كىشىگە ئىبرەت ئۆرنىكىدۇر. بۇ ئارقىلىق خاس ھالدا قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىسى بولغان رەسۇلۇللاھقا، ئومۇمىي جەھەتتىن بارلىق مۆمىنلەرگە تەسەللىي بېرىلگەن ۋە ھىدايەت كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ھەزرىتى نۇھ ئىلكىدىكى ھىدايەتنى ئوغلى كەنئان ئۈچۈن، ھەزرىتى لۇت ئايالى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولاتتى دېمەكتە. چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرى تاغىسى ( ئابدۇلئۇززا-ئەبۇ لەھەب) ئىدى. ھىدايەت كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ھىدايەتكە لايىق بولمىغان بىر كىشى، مەيلى ئۇ بىر مۆمىننىڭ ياكى بىر نەبىنىڭ ئەڭ يېقىنى بولسۇن ئۇنى ھىدايەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھىدايەتتىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
بۇ ئايەت ۋەھىينىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كۆرسەتمەكتە:
أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
ئاللاھتىن باشقىغا بەندىچىلىك قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچىمەن(2).
ئاندىن سۆز ئاخىرەتكە كەلتۈرۈلگەن ( 3 - 4 ). چۈنكى، ئاللاھ تەئالانىڭ ھاياتقا بولغان ئاكتىپ قول تىقىشى دەپ قاراشقا بولىدىغان ۋەھىينىڭ مەقسىتى پەقەت ئاخىرەتكە ھەقىقىي تۈردە ئىمان ئېيتىلغاندا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمىغان بىرسىگە ۋەھىينىڭ پايدىسى يۇقمايدۇ. ۋەھىي ئۇنىڭغا ھېچنەرسە دېمەيدۇ. چۈنكى بۇنداق بىر كىشى ۋەھىيگە نىسبەتەن كور، گاس ۋە تىلسىزدۇر. ئۇ ۋەھىي كۆرسەتكەننى كۆرەلمەيدۇ، دېگەنلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ ۋە ۋەھىي بىلەن دىئالوگ قۇرالمايدۇ.
ئاخىرەتكە ئىمان بىلەن رىزىق ھەققىدىكى ئەندىشە ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بار. شۇڭا سۈرىدە ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن كېيىن تۆۋەندىكى ئايەت كەلگەن:
وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا كُلٌّ فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
زېمىندىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە كۆچۈپ بارىدىغان جايىنىمۇ بىلىدۇ. (بۇلارنىڭ) ھەممىسى روشەن پۈتۈكتە مەۋجۇتتۇر(6). ھاياتنىڭ سۇ بىلەن باشلىنىپ سۇ ئارقىلىق ئاياقتا تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئايەت بۇ سۈرىدە ئورۇن ئالماقتا ( 7-ئايەت ). شۈبھىسىزكى، بۇ نۇقتىدا تىلغا ئېلىنغان بېئولوگىيىلىك ھاياتنىڭ مەنبەسى بولغان سۇ بىلەن مەنىۋى ھاياتنىڭ مەنبەسى بولغان ۋەھىي ئارىسىدا يېپىق ھالدا زىچ مۇناسىۋەت قۇرۇلماقتا. ئاللاھ ياغدۇرغان رەھمەت يامغۇرى بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئۈستىدىن، ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش يۇرۇتۇپ بېرىلگەن: «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر» دېسەڭ، كاپىر بولغانلار دەرھال: «بۇ ئوپئوچۇق كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېيىشىدۇ(7).
ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنساننىڭ باياشاتچىلىق ۋە يوقسۇللۇق بىلەن ئېمتىھان قىلىنغان ئىككى ھالىتىدە نامايەن قىلغان ئىككى خىل پوزىتسىيىسى بايان قىلىنغان. بۇ نۇقتىدا تىلغا ئېلىنغان پوزىتسىيە، بايلىق بىلەن يوقسۇللۇقتا بىر ئېمتىھان بارلىقىنى كۆرەلمىگەن پاراسەتسىز ئىنساننىڭ ئەقلى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ھەر پاراسەت ئىگىسى ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان شەيئىلەرنىڭ بارلىقى ۋە يوقلىقىنى، ئاللاھ ئالدىدىكى سەمىمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئامىل دەپ قارىمايدۇ. بۇ ھەل قىلغۇچ مەسىلە ئەمەس. شۇڭا مال- مۈلۈك مۆمىن بەندىنىڭ ھاياتىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. قولغا كىرگەن ياكى قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىلەر كامال ئەھلى ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. خام ئەقىللەر ئامانەتنى ئۆزىنىڭ مۈلكى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. مۇشۇنداق ئويلاپ قالغانلىقنىڭ تەبىئى نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَى أُمَّةٍ مَعْدُودَةٍ لَيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ (8) وَلَئِنْ أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَاهَا مِنْهُ إِنَّهُ لَيَئُوسٌ كَفُورٌ (9)
ئەگەر ئۇلارغا ئازاب-ئوقۇبەتنى مەلۇم مەزگىلگىچە كېچىكتۈرسەك، ئۇلار ئەلۋەتتە (مەسخىرە قىلىپ): « ئازاب-ئوقۇبەتنى نېمە توسۇۋالدى؟» دېيىشىدۇ. بىلىڭلاركى، ئازاب-ئوقۇبەت ئۇلارغا يېتىپ كەلگەن كۈنى ھېچقانداق كۈچ ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، مەسخىرە قىلغان ئازاب-ئوقۇبەت ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ(8). بىز بىرەر ئىنسانغا مېھىر-شەپقىتىمىزنى تېتىتىپ، ئاندىن كېيىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ تۇزكورلۇق قىلىدۇ(9).
ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغان قوۋملار بارلىق پەيغەمبەرلەردىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى. مۇشرىكلار « ئۇ (مۇشرىك)لار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ (12). دېيىشكەنىدى.
بىر قانچە سۈرىدە ئىنكارچى قوۋملارنىڭ بۇ خىل مۆجىزە تەلەپلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ زېھنىدە ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بانا-سەۋەب ئىزدەش پوزىتسىيىسى ياتماقتا ئىدى. بۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان قىسسەلەردە ھالاك قىلىنغان قوۋملار ھەققىدىكى بايانلار بۇ باھانىنىڭ يالغان باھانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. سۈرىدە ھالاكىتى بايان قىلىنغان قوۋملارغا تەلەپ قىلغان مۆجىزىلىرى كەلدى. نەتىجە نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ بۇ مۇئامىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ باشلىنىشىغا ۋە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان يوق بولۇشقا ئېلىپ باردى. ئىلاھى قانۇنىيەتنىڭ تەقەززاسى مۇشۇنداق ئىدى. ئىنكارچىلار ئالدى بىلەن مۆجىزە تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ ۋە مۆجىزىنى « سېھىر » ياكى « ئەپسۇن » دېگەندەك بىر بانا-سەۋەب بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ھەققىدە ئىلاھىي قارار بېرىلىدۇ ۋە ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ، ئۇلار تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلىدۇ، بىر ئىبرەتكە ئايلىنىدۇ.
مانا بۇ چۈشەنچە ئىگىسى دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەن كىشى بولۇپ، ئۇنداق كىشى ئاخىرەتتە ياخشى نېسىۋە ئالالمايدۇ:
مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ (15) أُولَئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآَخِرَةِ إِلَّا النَّارُ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ (16)
كىملەركى پەقەت دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى كۆزلەيدىكەن، ئۇلارغا قىلغان ئەجرىنىڭ مۇكاپاتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ(15). بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمگىكى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە قىلغان ئىشلىرى ئىناۋەتسىزدۇر (16).
سۈرىدە قىسسەلەر بايان قىلىنىشتىن بۇرۇن، مۇمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ ھايات، مال- مۈلۈك، دۇنيا، بايلىق، يوقسۇللۇق، ئاللاھ، ئىنسان، پەيغەمبەرلىك ۋە ۋەھىي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئارىسىدىكى ئاسمان- زېمىن قەدەر چوڭ پەرقلەر بايان قىلىنغان ۋە ئاخىرىدا بۇ ئىككىسىنىڭ باراۋەر بولمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن : « ئۇ ئىككىسى ئوخشاش ئورۇندا تۇرامدۇ؟ ساۋاق ئالمامسىلەر » ( 24 ).
ئاندىن سۈرىدە قىسسەلەر بايان قىلىنىشقا باشلانغان.
ئالدى بىلەن قۇرئاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ھەزرىتى نۇھنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان. ھەزرىتى نۇھ قىسسىسى ئارقىلىق ۋەھىينىڭ تۇنجى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا : « تۇغيان-ئاسىيلىق بولغان يەردە توپان بولىدۇ. ئەگەر بىر يەردە تۇغيان بولسا، توپاننىڭ قوپۇشىنى كۈتۈڭلار. بىراق، توپان ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن بىر رەھمەت، ئاسىي بولغۇچىلار ئۈچۈن بىر پالاكەتتۇر. ئاسىي قوۋملار شۇنداق تەكەببۇرلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، « بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتنى ئەكېلىپ باققىنە» ( 32 ) دېگۈدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئاشىدۇ.
مانا بۇ، ئازغۇنلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. ئاسىي قوۋم ئۆزىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن ئاسىيلىق قىلىشنى تاللىغانىدى. دىللاردىكىنى بىلگۈچى ئاللاھ ھەزرىتى نۇھقا : « قوۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ » دەپ خەۋەر بېرىدۇ ( 38 ) ۋە ھەزرىتى نۇھنى كېمە ياساشقا بۇيرۇيدۇ. ۋەھىينىڭ بارلىق دەۋرلەردىكى مۆمىنلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ئاچچىق ساۋاق قىلىپ سۇنغان بۇ قىسسەدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ھەزرىتى نۇھقا بېرىلگەن ئەمىر « قۇرۇقلۇقتا-چۆلدە كېمە ياساش » ئىدى. ئاسىي قوۋمى ئۇنى يەنە مەسخىرە قىلىشقا باشلايدۇ ( 38 ). بەلكىم ئۇلار « بۇنىڭ دېڭىزى قەيەردە؟ » دەپ مەسخىرە قىلىشقانىدى. بۇ قىسسە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھقا ۋە بارلىق مۆمىنلەرگە: سەن چۆلدە-قۇرۇقلۇقتا كېمە ياسا! دېڭىز لازىم بولسا، دېڭىزنى رەببىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىدۇ، دېمەكچى بولسا كېرەك. ئاقىۋەتتە تۇغيان-ئاسىيلىق بولغان يەردە توپان بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلاھىي ھۆكۈم رېئاللىققا ئايلاندى ۋە « تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى » ( 40 ). ھەزرىتى نۇھ « تاغلاردەك ھەيۋەتلىك دولقۇنلار ئارىسىدا يول ئېلىشقا باشلىغان كېمىدىن، ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئوغلىنى كۆردى ۋە دادا مېھرى قەلبىدە قايناپ تېشىپ ئۇنى كېمىگە چاقىردى:
« كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈۋاتاتتى، نۇھ ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىغا: «جېنىم ئوغلۇم! بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن ، كاپىرلار بىلەن بىللە قېپقالمىغىن» دەپ توۋلىدى ( 42 ). بۇ نۇقتىدا ھەزرىتى نۇھنىڭ كېمىگە چاقىرىشى بىلەن ئىمانغا چاقىرىشى ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭدا ئىنكارچى ئوغلىنىڭ كېمىگە چىقىشى بىلەن ئىمان ئېيتىشى ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولاتتى. لېكىن، ئوغلى ئىماننىڭ ئورنىغا ئىنكارنى- كۇپرىنى تاللىدى. دېمىسىمۇ، ھەزرىتى نۇھ كېمە ياساشتىن بۇرۇن بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا ئەسكەرتىلگەنىدى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس، ئۇنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن ياماندۇر. شۇڭا سەن (ھەقىقىي) ماھىيىتىنى بىلمىگەن نەرسە ھەققىدە مەندىن ئىستەكتە بولمىغىن، مەن سېنىڭ نادانلاردىن بولماسلىقىڭ ئۈچۈن نەسىھەت قىلىۋاتىمەن»(46).
«ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بولۇت! (يامغۇرۇڭنى) توختاتقىن» دېيىلدى. سۇ ئازلىدى ۋە (ئاللاھنىڭ) ھۆكمى ئىجرا قىلىنغان بولدى. كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، بۇ ئەسنادا «زالىم قوۋم يوق بولسۇن» دېگەن سادا ياڭرىدى(44)
ئوغلى ئۈچۈن « رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن بىرى ئىدى » دېگەن ھەزرىتى نۇھقا ئىمان ئائىلىسىدىن بولمىغانلارنىڭ ئائىلە ئەزاسى قاتارىدىن ھېسابلانمايدىغانلىقى ئەسلىتىلىپ: « ئى نۇھ! ئۇ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس! » دېيىلدى ( 45 - 46 ). ھەزرىتى نۇھ كۆڭلىدىن مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن توۋا قىلدى ۋە ئاللاھ تەئالادىن مەغپىرەت تىلىدى ( 47 ). ئادەتتىكى كىشىلەر گۇناھلىرى ئۈچۈن توۋا قىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئاللاھقا يېقىن بولغان نەبىلەر غاپىل ھالدا ئالغان بىر نەپىسى ئۈچۈنمۇ توۋا قىلىدۇ. بۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر توۋا ئىدى.
ئىككىنچى قىسسە ئاد قوۋمىنىڭ قىسسىسى ئىدى. بۇ قىسسەدە ھەزرىتى نۇھنىڭ ئورنىنى ھۇد، ئاسىي نۇھ قوۋمىنىڭ ئورنىنى تەكەببۇر ئاد قوۋمى ئالغانىدى ( 50 - 60 ). بۇ سۈرىگە ئىسم قىلىپ بېرىلگەن بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنغان قىسسەنىڭ بىلىنگەن باش پىرسۇناژلىرى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن ھۇد پەيغەمبەر ۋە ئاد قوۋمى ئىدى. ئەمما، بۇ قىسسەنىڭ نازىل بولۇش مۇھىتىدىكى باش پىرسۇناژلىرى ھەزرىتى مۇھەممەت ۋە قۇرەيش قەبىلىسى ئىدى. بەلكىم قىسسە باش پىرسۇناژلىرىنى ئىسىم ۋە جىسىملاردىن خالىي ھالدا پوزىتسىيىسىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى « ئىمان » ۋە « كۇپرى » ۋەياكى « ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ قىلىش » ۋە « ئاللاھ تەئالاغا ئىشەنچ قىلماسلىق » دەپ قويۇشقا بولىدۇ. بۇ قىسسە ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان بىر نۇقتىغا دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. يەنى، قوۋم رەببىگە ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىي بولغان ۋاقتىدا ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىزنىڭ بۇيرىقىغا بويۇن ئەگكەنىدى ( 59 ). بۇ ئېلىشىپ قالغان ساراڭنىڭ ئىشىغا ئوخشايدۇ. يەنى، ئەگەر بىرسى باش ئېگىشكە تېگىشلىك زاتقا قارشى گەدەنكەشلىك قىلسا، تىك تۇرۇشقا تىېگىشلىك يەردە تىك تۇرالمايدۇ. بۇ ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنىڭ بىر بايانىدۇر.
سۈرىدىكى ئۈچىنچى قىسسە سەمۇد قىسسىسى بولۇپ، ئاد ۋە سەمۇد قىسسىلىرىنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا بايان قىلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بار. چۈنكى ئىككى قوۋم ئارىسىدا ھەم قانداشلىق ھەم ئىنكاردا ئوخشاشلىق ھەم ئىنكارچى ئەقىل نۇقتىسىدىن بىردەكلىك مەۋجۇت. تارىخىي مەنبەلەردە ئاد قوۋمى « بىرىنچى ئاد »، سەمۇد قەۋمى « ئىككىنجى ئاد » دەپ تىلغا ئېلىنغان. سەمۇد قوۋمى ھالاك قىلىنغان بىرىنچى ئاد قوۋمىنىڭ قالدۇقلىرى دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى يەمەننىڭ سانا رايۇنى بىلەن ئوممان ئارىسىدىكى ساھىلغا پاراللېل بولغان بىر جايدا، يەنى ھەزرىمەۋت ( ئۆلۈك يېشىل ) رايونىدا ياشىغان بولۇپ، بۇ جاي يېرىم ئارالنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن ۋە ئۆلۈمنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولغان رۇبۇل خەلىل چۆلىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا توغرا كېلىدۇ. ئالەم بوشلىقىدىن ئېلىنغان سۈرەت قاتارلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېنىقلانغان قەدىمقى ئىرەم شەھرى ۋە ئاد مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى بەزى جايلاردا 12 مېتىردىن ئارتۇق قۇم بارخانلىرى ئاستىدىن چىققانىدى. ئىسمى تىللاردا داستان بولغان ئىرەم شەھرىنى بىنا قىلغان ئاد مەدەنىيىتى قۇرئاندا تەپسىلاتى بايان قىلىنغان بىر ئاپەت سەۋەبىدىن ھالاك بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى يېرىم ئارالنىڭ شىمالىغا قاراپ كۆچۈپ، بۈگۈن مەدائىنى سالىھ ئىسمى بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان ۋە قورام تاشلار ئويۇپ ياسالغان، بىنالىرى ھازىرمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكىدەك ھەشەمەتلىك سەلتەنەتنى ئەسلىتىدىغان ھىجىر رايونىغا كەلگەنىدى.
سەمۇد « ئاز سۇ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھىجىر رايونىدا گۈللەنگەن بۇ مەدەنىيەت ھۆل- يېغىن ناھايىتى ئاز بولغان بىر رايوننى بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ سىرى ئۇلارنىڭ سۇنى تىجەشلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلەتكەن سىستېمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلىكىدە ئىدى. قورام تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان كۆپ قەۋەتلىك شەھەرلەردە ياشىغان سەمۇد قوۋمى قورام تاش شەھەرلەر ئارىسىدا تاشلارنى ئويۇپ ياسىغان قاناللار ۋە كارىزلار بىلەن بۇ شەھەرلەرگە سۇ ئېلىپ كەلگەن ۋە سۇنى ساقلىيالىغان بولۇپ، يىلنىڭ قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە ئامبارلىرىدىكى سۇ بىلەن چۆلنىڭ بىر چېتىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغانىدى.
بۇ ئىككى قىسسەنىڭ قۇرئاندا ھەممە جايدا ئارقىمۇ - ئارقا بايان قىلىنىشنىڭ سىرى تۆۋەندىكى سوئالغا مۇجەسسەملەشكەن. يەنى:
سەمۇد قوۋمى نېمە ئۈچۈن شەھەرلىرىنى قورام تاشلارنى ئويۇپ بىنا قىلغان؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرى بولغان ئاد مەدەنىيىتى چۆلنىڭ يەنە بىر چەت قىسمىدا شەھەرلەر ۋە تىللاردا داستان بولغان ئىرەم باغلىرىنى بەرپا قىلغانىدى. ئەمما بۇ پارلاق مەدەنىيەت گۇمران بولغان. بۇ ھالاكەتتىن ساق قالغانلار- سەمۇد مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغۇچىلار ئەجدادلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن دەپ قارىماستىن، « بىنا ماتېرىياللىرى »نىڭ پۇختا بولماسلىقى دەپ قارىغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىڭغىر چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئادى- ئۇلا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان قەدىم ئەجدادلىرىنىڭ بىناكارلىقتا قۇمنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاقىۋەتتە بۇ مەدەنىيەت يېقىلىپ ۋەيران بولغانلىقى سەۋەب بولغانىدى. ئۇلار بۇ تەجرىبىدىن ساۋاق ئالغانلىقتىن بۇ خاتالىقنى تەكرارلاشنى خالىمىغان،مەدەنىيەتلىرىنى قورام تاشلار ئۈستىدە بىنا قىلغانىدى. ئۇلار ئۆيلىرىنى ۋە شەھەرلىرىنى قورام تاشلارنى ئويۇپ ياسىدى. يەنى بۈگۈنكى تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، شەھەرلىرىنىڭ ئاستى- ئۈستى قورام تاش بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ يەر تەۋرەش ۋە بوران-چاپقۇنغا چىداملىق بولاتتى، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايتتى.
ئۇلار مەسىلىگە خاتا نۇقتىدىن نەزەر تاشلىغان بولۇپ، ئۆتمۈشكە ھېكمەت نەزىرى بىلەن قارىمىغانىدى. ئەگەر ئاللاھ نەزەر تاشلا دېگەن نۇقتىدىن تۇرۇپ قارىغان بولسا، مەسىلىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدا ئەمەس، ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئاسىيلىقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى. لېكىن، بۇنى قىلالمىدى ۋە ئەجدادلىرىغا ئوخشاش تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھ تەئالادىن يۈز ئۆرىدى. پەيغەمبىرى ھەزرىتى سالىھنى يالغانغا چىقاردى. توغرا بولغان قۇربان ئىبادىتىنى ئۆزىنىڭ بۇتپەرەست ئەنئەنىسى بىلەن بۇلغاپ، ئاللاھ تەئالاغا بېغىشلانغان، « ئاللاھ نىڭ تۆگىسى » دەپ ئاتىغان بىر ئاتاق تۆگىدىن سۇنى قىزغاندى ۋە « بۇ تۆگە ئاللاھ تەئالانىڭ تۆگىسى بولغاندىكىن ئاللاھ سۇغارسۇن، بىز جاپا تارتىپ قانال ياساپ،كارىز قېزىپ ئېلىپ كەلگەن سۇدىن ئۇنىڭغا بىر يۇتۇم بەرمەيمىز! » دېدى. چۈشەنچىدىكى بۇ قىڭغىرلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كولدۇرلىتىشىغا سەۋەب بولدى ۋە نەتىجىدە ئاستى - ئۈستى قورام تاش بولغان بىر ماكاندا ھالاك قىلىندى:
وَأَخَذَ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ (67) كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا أَلَا إِنَّ ثَمُودَ كَفَرُوا رَبَّهُمْ أَلَا بُعْدًا لِثَمُودَ (68)
زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى-دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى(67). ئۇلار خۇددى ئۇ يەردە (ئىلگىرى) ھېچ باياشات ياشىمىغاندەك بولۇپ قالدى. بىلىڭلاركى، سەمۇد خەلقى رەببىگە تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد خەلقى تارىخ سەھنىسىدىن مۇشۇنداق ئۆچتى(68). سۈرىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنجى ئاد قوۋمى قىسسەلىرىدىن كېيىن لۇت پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن قوۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 69 - 83 ). لېكىن، قىسسە ھەزرىتى ئىبراھىمدىن باشلانغان. بەلكىم بۇ ئارقىلىق قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرى بولغان ئەرەب مۇشرىك قوۋملىرى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئىسىم بىلەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئىلاھىي خەۋەرگە ئاغدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولسا كېرەك. بۇ قىسسەدە خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر نۇقتا، ھەزرىتى لۇتنىڭ ئازغۇن قوۋمىگە: «ئى خەلقىم! بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، (ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار) بۇلار سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىمغا چېقىلىپ مېنى نومۇسقا قويماڭلار، ئاراڭلاردا كاللىسى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟»(78).
ھەزرىتى لۇتنىڭ بۇ سۆزى بىلەن دېيىلمەكچى بولغان مەقسەت ھەرگىزمۇ قىزلىرىنى زالىم قوۋمىگە ئۈستەك بېرىشى ئەمەس. ھەمجىنىس مۇناسىۋەتنى رەت قىلىپ، فىترەتكە مۇۋاپىق بولغان تەرەپكە دەۋەت قىلىش ئىدى. بەزى مۇپەسسىرلەر « مانا قىزلىرىم » ئىبارىسىنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: « ھەزرىتى لۇت پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن قوۋمىنىڭ قىزلىرىنى نەزەردە تۇتقان. چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن قوۋمنىڭ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ». شۇئەرا سۈرىسى 166 - ۋە بۇ سۈرىنىڭ 79 - ئايىتىگە ئاساسەن ھەزرىتى لۇتنىڭ سۆزىنى مۇنداق چۈشىنىش كېرەك: « مانا قىزلىرىم! ئۇلار بىلەن توي قىلىڭلار! ».
تۆتىنجى بولۇپ شۇئەيب نەبىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 84 - 94 ). مەديەن خەلقىگە ئەۋەتىلگەن بۇ رەسۇلمۇ قوۋمى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇ قوۋمنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئىلگىرىكى قوۋملار بىلەن ئوخشاش بولغانىدى. ئىنكارچى مەديەن خەلقى ھەزرىتى شۇئەيبگە، ئۇنىڭ پەقەت نەسەبلىك بىر ئائىلىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن چېقىلمىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ھەزرىتى شۇئەيب بەرگەن بۇ جاۋاب ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە:
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَهْطِي أَعَزُّ عَلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَاتَّخَذْتُمُوهُ وَرَاءَكُمْ ظِهْرِيًّا إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
شۇئەيب ئېيتتى: «ئى خەلقىم! مېنىڭ جەمەتىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەزىزمۇ؟ سىلەر ئاللاھنى ئارقاڭلارغا چۆرۈپ ئۇنۇتتۇڭلار. رەببىم سىلەرنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭلارنى تولۇق قورشاۋغا ئالغۇچىدۇر(92).
سۈرىنىڭ بەشىنچى قىسسىسى ھەزرىتى مۇسا - پىرئەۋن قىسسىسى بولۇپ، بۇ قىسسە پەقەت تۆت ئايەت بىلەن بايان قىلىنغان. يەنى شۇنداقلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. باشقا سۈرىلەردە بۇنىڭغا قارىغاندا خېلى تەپسىلى توختالغان. لېكىن، بۇ سۈرىدە ھەزرىتى مۇسا ھەققىدە توختالغان بۆلەك پەقەت بۇ ئەمەس. بىر قانچە بۆلەكتىن كېيىن يەنە ھەزرىتى مۇسا قىسسىسى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، بۇ بۆلەكتە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ زالىم قوۋمى بىلەن كۆرەش قىلغان ھەزرىتى مۇسا ئەمەس، ئۆز قوۋمى بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىيلىشىش مايىللىقى بىلەن كۆرەش قىلغان ھەزرىتى مۇسا قىسسىسى بايان قىلىنغان ( 110 ). بۇ ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ ۋاستىلىق تۇزكورلىقى بىلەن مۇشرىكلارنىڭ بىۋاستە ئىنكارچىلىقى ئارىسىدىكى ئوخشاش نۇقتىنى تەكىتلەش مەقسەت قىلىنغان.
بارلىق ھالاك قىلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسسەلەردىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن:
وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آَلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ
بىز ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلدى. رەببىڭنىڭ (ھالاك قىلىش) پەرمانى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلىرى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا زىياننى كۆپەيتىشتىن باشقىنى ئېلىپ كەلمىدى(101). بۇ ئايەتلەردىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئايەتلەر بايان قىلىنغان:
فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ (112) وَلَا تَرْكَنُوا إِلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا فَتَمَسَّكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ (113)
«شۇڭا بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ماڭغىن ۋە سەن بىلەن بىللە (ئاللاھقا) يۈزلەنگەنلەرمۇ (توغرا يولدا ماڭسۇن!). ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(112). زالىملارغا قەتئىي مايىل بولماڭلار (يەنى زالىملارغا تەرەپبازلىق قىلماڭلار، يانتاياق بولماڭلار)، بولمىسا ئوت سىلەرگىمۇ تۇتىشىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھىماتچىڭلار بولمىغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ياردەمسىز قالىسىلەر(113).»
رەسۇلۇللاھنىڭ چېچىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئەسلى مەسىلە، قوۋمىنىڭ توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بىر ھالاكەت باسقۇچىغا كىرىپ قېلىش ئەندىشىسى ئىدى. بۇ سۈرە نازىل بولغان مەزگىلدە، رەسۇلۇللاھنىڭ روھى ھالىتىنى مۇنداق مۆلچەرلەش مۇمكىن. يەنى، ئۇ ئىلاھىي ئىرادىگە بويسۇنۇشتا گەدەنكەشلىك قىلغان قۇرەيشكە، سەركەشلىك قىلغان بۇ تۇققانلىرىغا بىرەر بالا كېلىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلغانىدى. بۇ سۈرىدىكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلار رەسۇلۇللاھنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە بۇ ئامىل سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتلەر ئارقىمۇ - ئارقا تەھدىد خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئوچۇق ھالدا تەھدىد بولمىغان ئايەتلەردىمۇ يېپىق ھالدا تەھدىد پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىلاھىي ھالاك قانۇنى دېيىلىدىغان بىر قانۇن بولغان بولسا، ئۇ قانۇننى تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئېنىق بايان قىلماقتا:
وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ (117) وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ (118)
رەببىڭ ئاھالىسى ئىسلاھاتپەرۋەر بولغان ئەلنى،ئورۇنسىز ھالدا ھالاك قىلغىنى يوق(117). ناۋادا رەببىڭ خالىسا ئىدى، پۈتكۈل ئىنسانلارنى (بىرلا دىنغا ئىشىنىدىغان) بىر ئۈممەت قىلاتتى. (ئاللاھ بۇنى خالىمىغاچقا،) ئۇلار ھەرخىل (دىنلاردا، كۆز قاراشلاردا) بولىدۇ (118).
ھەر چاچ مەيلى دۇنيالىق بولسۇن ۋەياكى باشقا بىر يولدا بولسۇن، بىر داۋا يولىدا ئاقىرىدۇ. چاچلىرىنى ۋەھىي بىلەن ئاقارتقانلارغا سالام بولسۇن!