ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كاپىرلار » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كافىرۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« (ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، ئى كاپىرلار! » ( 1 ).
« كافىرۇن » كەلىمىسى ئىسمى فائىل ( ئىگە ) شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىسىم خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ شۇ كەلىمىدە ئىپادىلەنگەن ئىش - ھەرىكەتنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىرىنچى ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
« ئي كۇپۇر ۋە تۇز كورلۇقنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغانلار گۇرۇھى! ».
كۇپۇرنىڭ ئەقىدىۋىي ئىپادىسى ئىنكار قىلىش بولۇپ، ئەخلاقىي ئىپادىسى تۇزكورلۇق قىلىش. « كەفەرە » پېئىلى « يېپىپ قويدى، ئۈستىنى يۆگەپ قويدى » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇش كۇپۇرلۇقتۇر. ۋىجداننىڭ ئۈستىنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ نىداسىغا قۇلاق سالماسلىق كۇپۇردۇر. نېمەتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش ۋە ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلىشمۇ كۇپۇردۇر. قەدىمى مۇسھەب ۋە تەپسىرلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇخارىدا بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، رىسالەتنىڭ 2 - يىلى نازىل بولغان بولسا كېرەك.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى - ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇلى بولغان تەۋھىد بولۇپ، بۇ سۈرە ئىخلاس سۈرىسى بىلەن بىرلىكتە كەلىمەئى تەۋھىدنىڭ تەپسىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. يەنى « لا ئىلاھە » قىسمىغا كافىرۇن سۈرىسى، « ئىللەللاھ » قىسمىغا ئىخلاس سۈرىسى ۋەكىللىك قىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
مەركىزى ئىدىيىسى - ئىماندا باھا تالىشىشقا (يەنى شەرت قويۇشقا) بولمايدۇ ياكى باھا تالىشىدىغان يەردە ئىمان بولمايدۇ. سۈرە بىر مەنىدە ئىماندا قەتئىي ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەزكۇر سۈرە، خىتاب قىلىنغۇچىدا مۇستەھكەم ئىماننى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولىشىدىن قەتىئىينەزەر، مۇستەھكەم ئىمانغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كاپىرلارغا سۇنغان ئۇلتىماتۇمىغا ئوخشايدۇ. يەنى:
قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ (1) لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ (2) وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ (3) وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ (4) وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ (5) لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ (6)
(ئى مۇھەممەت!) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار! (1). سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىگە مەن چوقۇنمايمەن (2). سىلەرمۇ مەن چوقۇنۇۋاتقان(ئاللاھ)غا چوقۇنمايۋاتىسىلەر (3). مەن (ئەزەلدىن) سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىگە چوقۇنغىنىم يوق(4). سىلەرنىڭمۇ مەن چوقۇنغان(ئاللاھ)غا چوقۇنغىنىڭلار يوق (5). سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلارغا، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈمگە » (6).
بۇ سۈرە دۇنيانىڭ ئەڭ جىمغۇر ئىنسانىنى، « ئى تاغا! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى، سول قولۇمغا ئاينى بەرسىمۇ، ئاللاھتىن ئەمىر كەلمىگۈچە مەن بۇ داۋادىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن! » ( ئىبن ھىشام، ئەس - سىرا، 2 ، 101 ) دەيدىغان تىللارغا داستان قەتئىي ئىرادە نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلگەن باسقۇچنىڭ بىشارەتلىرىدىن بىرى ئىدى.
ۋاھىدى ۋە ئىبنى ئىسھاق نەقىل قىلغان نازىل بولۇش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ رىۋايەتنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ سۈرىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ:
« بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانىدى. قوۋمىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئەسۋەد بىننى مۇتتەللىپ، ۋەلىد بىننى مۇغىيرە، ئۇمەييە بىننى خەلەف، ئاس بىننى ۋائىل ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى:
ئى مۇھەممەت! بىز ( بىر يىل ) سېنىڭ رەببىڭگە چوقۇنايلى، سەنمۇ ( بىر يىل ) بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنغىن . بۇ سايىدە بىز شېرىك بولايلى. ئەگەر سەن چوقۇنۇۋاتقان ئىلاھ بىزنىڭكىدىن خەيىرلىك بولسا، بىز ئۇ خەيىردىن ئۆزىمىزگە تېگىشلىك نېسىۋىنى ئالىمىز. ئەگەر بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز سېنىڭ ئىلاھىڭدىن خەيىرلىك بولسا، سەن ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالمىغان بولسەن.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇ سۈرىنى نازىل قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئەتىسى سەھەردە كەبىدە ئۇلارغا بۇ سۈرىنى ئوقۇدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ».
ئىبن ئابباس مۇنداق دەيدۇ: « شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ۋە مۇشرىكلار ئۇنىڭغا، ساھابىلىرىگە مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلىدى ».
بۇ ئىپادىلەر مەزكۇر سۈرىنىڭ خۇددى نەجم سۈرىسىگە ئوخشاش مەككە مەزگىلىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن بىرسى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سۇكۇت قىلىش، مەسخىرەت قىلىشتەك مۇئامىلىسى رەسمىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش، زۇلۇم سېلىش، بېسىم قىلىشقا ئايلانغانىدى.