ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن :
قۇرئان كەرىم تەتقىقات مەركىزى 2014 - يىلىدىن بۇيان ھايات كىتاۋىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلغان ئىدى . تەرجىمە پۈتۈپ ، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىي ھەيئەت تەرىپىدىن بىر تەرەپتىن قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ ، بەزى ئايەتلەرنىڭ يېڭى ئۇقۇم مەنە تەرجىمىسى يېڭىۋاشتىن مۇزاكىرە قىلىنماقتا ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، پۈتكەنلىرى ئۇدۇللۇق ھالدا ئېلان قىلىنماقتا .
كەڭ قۇرئان شەيدالىرى ۋە قۇرئان ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان سۈرىلەرنى ئوقۇش جەريانىدا بايقىغان ھەرقانداق يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى بىزگە مەلۇم قىلىشىنى ، تەنقىدىي پىكىرلىرى بولسا بىزگە ئەۋەتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئاللاھتىن .
ھۆرمەت بىلەن : قۇرئان كەرىم تەتقىقات مەركىزى
(مەككىدە نازىل بولغان، 7 ئايەت)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « نۇرغۇن ياخشىلىقلار، مول ئىكرام، نېمەت يامغۇرى » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « كەۋسەر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق » ( 1 ).
ئەل كەۋسەر - جامىد ئىسىم ( مەلۇم بىر ئىسىم ياكى پېئىلدىن تۈرلىنىپ چىقمىغان، مۇستەقىل ئىسىم ) بولۇپ، گرامماتىكىلىق قائىدىگە ئاساسەن قارىتىلغان ئوبىيكتتىن باشقا بىر مەنىگە دالالەت قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « كەۋسەر » رەسۇلۇللاھقا بېرىلگەن « نۇرغۇن نېمەتلەرنىڭ » ئومۇمىي ئىسىمى بولۇپ، بۇ نېمەتلەردىن كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى قۇرئان ۋەھىي، نەبىيلىك ۋە ھېكمەت-پاراسەت. ھەزرىتى ئەنەستىن كەلگەن ۋە ئاۋام ئارىسىدا كەڭ تارقالغان « كەۋسەر كۆلى » ئىزاھاتى، كەۋسەر ئىسمى دالالەت قىلغان نەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ مەزكۇر كەلىمە ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەۋسەرنى « جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا خاس قىلىنغان بىر كۆل » دەپ شەرھىيلىگەنلەردىن باشقا يەنە، « رەسۇلۇللاھنىڭ نەسلى، ساھابىلىرى، ئۈممىتى، ئۈممىتىنىڭ ئالىملىرى، جەننەتتىكى بىر ئۆستەڭ، تەۋھىد ئەقىدىسى، ئىسلام، پەزىلەت، ماختاشقا سازاۋەر ماقام، مۇھەممەدى شەرىئەتنىڭ يەڭگىللىكى، قۇرئان، قۇرئاننىڭ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقى، رەسۇلۇللاھقا خاس بىر نۇر... » دېگەندەك شەكىلدە ئىزاھلىغانلارمۇ بولغان.
بارلىق مۇسھەب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. بۇ كەلىمە قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر سۈرە مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان ب. ئاففان، جابىر ب. زەيد ۋە باشقىلار بۇ سۈرىنى ئادىيات - تەكاسۇر سۈرىلىرى ئارسىغا تىزغان. ئىبن ئابباس ئەسر - تەكاسۇر سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرگەن.
سۈرە رىسالەتنىڭ 2 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا نازىل بولغان. سۈرىنىڭ 3 - ئايىتى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان بىر گۇرۇھنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن دەۋەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە رەسۇلۇللاھقا ئىچ - ئىچىدىن دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
سۈرە قۇرئاننىڭ ئەڭ قىسقا سۈرىسى بولغان بولسىمۇ، مەزمۇنى ناھايىتى چوڭقۇر سۈرىلەردىن بىرى. سۈرە مەزمۇن جەھەتتىن نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈشنى ۋە ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىتاپ قىلىغۇچىنى سالىھ ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈمىدىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەنىۋىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئالەملەرگە رەھمەت بولغۇچىغا ۋەھىي ۋە نۇبۇۋۋەتنىڭ پەقەت « بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت » بولۇپلا قالماستىن، يەنە « ناھايىتى چوڭ خەيىرلىك ئىش » ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ:
إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ
« بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق » ( 1 ).
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ خەيىرلىك نېمىتى سايىسىدە، ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ يېتىمى « ئالەملەرگە رەھمەت » بولغانىدى. بۇ شەرەپلىك نېمەت ئالەملەرنىڭ رەببىگە شۈكۈر قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۈكۈرنىڭ ئەڭ چوڭى، تەبىئىيكى ئىبادەتنى ئالەملەرنىڭ رەببىگىلا خاس قىلىشتۇر:
فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ
« شۇڭا سەن پەقەت رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن (2). »
كەۋسەر - ئەبتەر كەلىمىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۈرىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار بولىدۇ. يەنى، ئاللاھ نىڭ نۇرغۇن ياخشىلىقى ۋە كەرىمىگە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىش، مەۋجۇدلىقى پۈتۈنلەي خەيىرلىك بولغان بىرسىدىن مەھرۇم بولغانلىقتۇر. ئۇ ئەل - ئەبەتەر بولۇپ، يەنى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگەن ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغان بىرسى، ئەمەلىيەتتە ئەل - كەۋسەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغان ۋە ياخشلىق بۇلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشىدۇر:
إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ
« شۈبھىسىزكى، ھەقىقىي نەسلى قۇرۇپ كېتىدىغان ئادەم ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغان ئادەمدۇر » ( 3 ).
رەببىم بىزنى رەھمەت، ياخشىلىق بۇلىقىدىن مەھرۇم بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلمىغايسەن!