ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « قولقا بېرىش،ياردەم قىلىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، قۇرئاندا پەقەت مەزكۇر سۈرىدىلا تىلغا ئېلىنغان « مائۇن » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« ئەڭ كىچىك ياردەمنىمۇ ئايايدۇ » ( 7 - ئايەت ).
مائۇن، مەئۇنەت پېئىلىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، قۇرتۇبى ئېيتقاندەك مائۇن كەلىمىسى « ئازلىق » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپ نەرسىنىڭ ئاز بىر قىسىمىغا ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن زاكات ۋە سەدىقىمۇ « مائۇن » دەپ ئاتالغان. ئابدۇللاھ ب. مەسئۇد مائۇننى « بىر ئۆلچەم، بىر چىلەك »كە ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئۆلچەنگەن ئۆلچىگۈچلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بىرلىكى دەپ ئىزاھلىغان. بىز تاللىغان مەنامۇ يۇقىرىقى ئىزاھاتنى ئاساس قىلماقتا. مۇجاھىد بۇ كەلىمىنى « ئۆتنە بېرىش » دەپ ئالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى « ئۆتنە بېرىشكىمۇ ئۇنىمايدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. مائۇن ھاۋا، قۇياش، شامال، يامغۇر، سۇ، ئوت - ياش، ئوتقا ئوخشاش ھېچكىمنىڭ بېراۋدىن ئاياش ھەققى بولمىغان ئورتاق ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ دېگەنلەرمۇ بولغان، بۇمۇ مائۇننىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتلىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىگە ئىسمى بېرىلگەن ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: « ئەمما ( قۇياش، ھاۋا، سۇ. شامال ۋە يامغۇرغا ) ئوخشاش ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان نەرسىلەرنىمۇ ئايايدۇ، قىزغىنىدۇ ».
بەزى تەپسىرلەر ۋە بۇخارى مەزكۇر سۈرىنى تۇنجى كەلىمىسى بولغان « ئەرەئەيتە » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
مائۇن سۈرىسى رىسالەتنىڭ ئىككىنجى يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەكاسۇر سۈرىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، شەخسى ئىبادەت ( مەسئۇلىيەت ) بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى تەكىتىلەش ۋە كۆرسىتىپ بېرىش بولۇپ، خىتاب قىلىنغۇچىغا سالات ( ئىبادەت ) ئۈستىدىن، ھەسەنات ( شەخسى ئىبادەت )نى قانداق قىلىپ سالىھات ( سالىھ ئەمەل، كوللېكتىپقا ئالاقىدار ياخشى ئىشلار )قا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئۆگەتمەكتە. خىتاب قىلىنغۇچىغا بەندىنىڭ ئاللاھ تەئالا ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق « يېتىمنى ھىمايە قىلىش، ئۇنىڭغا ئاتىدارچىلىق قىلىش بىلەن ئىبادەتنى ئايرىم دەپ قاراش، ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان " دىن "نى ئىنكار قىلىش بىلەن ئوخشاش » دېمەكتە:
أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ (1) فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ (2) وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ (3) فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ (4) الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ (5) الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ (6) وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ (7)
« دىننى يالغانغا چىقىرىۋاتقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ (1).ئۇ شۇنداق كىشىكى، يېتىم-يېسىرنى دۈشكەلەيدۇ، مىسكىن-يوقسۇلغا تائام بېرىشكە قىزىقمايدۇ (2)-(3).مانا شۇ سەۋەبتىن،بۇنداق ناماز ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋايكى، ئۇلار ناماز(نىڭ تۈپ مەقسىتى)دىن غاپىل كىشىلەردۇر (4)-(5). ئۇلار (قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، ئىبادەتلىرىنى) كۆز-كۆز قىلىدۇ (6)، ئەڭ كىچىك ياردەمنىمۇ ئايايدۇ (7).»
مەزكۇر سۈرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئايىتى كىشىنىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن، قالغان ئۈچ ئايىتى كىشىنىڭ ئاللاھ تەئالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تەۋھىد ۋە ئادالەت دىننىڭ ئىككى قانىتى دېمەكتە. بۇلاردىن بىرسى سۇنسا، يەنە بىر قانات ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇ سۈرە كىشىلەر ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئايرىپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىما قىلماقتا. ئەگەر كىشى ئىنسانلار ( ئىجتىمائىي جەمىئىيەت ) ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىبادىتى بىر شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ ( 4 ).
يىغىنچاقلىغاندا، ئىبادەتلەر گەرچە ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا بولسىمۇ، ئىبادەتلەرنىڭ غايىسى بەندىنىڭ باشقا بەندىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىشى كېرەك. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ پايدىسى ئاللاھ تەئالاغا ئەمەس، ئىنسانغا يېتىدۇ. مانا بۇ ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي مېۋىسى.