ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە ۋە قۇرئاندا پەقەت مۇشۇ ئايەتتىلا تىلغا ئېلىنغان « قۇرەيش » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« قۇرەيشنى خاتىرجەملىككە (1)، - قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى ئۇزۇقلاندۇرغان ۋە خەۋپ-خەتەردىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەبە) نىڭ رەببىگە بەندىچىلىك قىلسۇن (2)-(4).»
قۇرەيش كەلىمىسى ئىككى سۆز تومۇرىغا نىسبەت قىلىنىدۇ. يەنى، بىرىنچىسى « لەھەڭ » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قىرش » سۆز يىلتىزى؛ ئىككىنجىسى، « يىغىش ۋە بىرىكتۈرۈش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قەرش » كەلىمىسى. ئەركىلەتمە شەكلىدە كەلگەن قۇرەيشنىڭ مەنىسى بىرىنچى ئېھتىمالدا « لەھەڭ بالىسى »؛ ئىككىنچى ئېھتىمالدا « پارچە پۇل، بىر قانچە تەڭگە » مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. فىھر بىن مالىك ۋەياكى ئۇنىڭ دادىسى قىنانەلى نادىرنىڭ نەسلىدىن كەلگەن مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا مۇقىم ماكانلاشقان قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىسمى.
مۇسھەبلەردە، تەپسىرلەردە ۋە بۇخارىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. ئىككىنجى نەسىل ( تابىئىن ) بۇ سۈرىنى « لى ئىلافى قۇرەيش » ئىسمى بىلەن ئاتىغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان، دەۋەتنىڭ ئىككىنجى يىلىنىڭ ئاخىرى نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
سۈرىنىڭ مەركىزى ئىددىيىسى - بۇ سۈرە فىل سۈرىسىگە ئوخشاش تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىغا ئاللاھنىڭ بەرگەن كاتتا نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى، مەككە ئاھالىسى بولغان قۇرەيش قەبىلىسى ھەممە نەرسىسىنى جانلىق شاھىت سۈپىتىدە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرغان كەبىگە، ئۇنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەئالاغا قەرزدار. تىجارەتنىڭ قۇرەيش ئۈچۈن قانچىلىك ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن بۇ سۈرىنى ياخشى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن، تىجارەت بولمىسا قۇرەيش يوق، ئىلاف يەنى خاتىرجەملىك بولمىسا تىجارەت يوق. بۇ ھەقىقەتنى قۇرەيشنىڭ ئەڭ چوڭ سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان ساففان بىننى ئۇمەييەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلافنىڭ ئىككى قانىتىدىن بىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ سۆزلىرى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ بەرمەكتە:
« قانداق قىلىمىز، قەيەرگە بارىمىز، بىلەلمەيۋاتىمىز. بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالساق، دەسمايىمىزنى يەپ تۈگىتىمىز. مەككىدىكى مەۋجۇدىيىتىمىز يازدا شام، قىشتا ھەبەشىستان بىلەن بولغان تىجارەتكە تايىنىدۇ » ( ۋاقىدى، مەغازى، بەيرۇت، 1404، 197 - بەت ).
لېكىن، بۇ رىئاللىقنىڭ پەقەت يېرىمى. ھەقىقەتنى بۇ جۈملە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلىگەن: « ئەگەر كەبە بولمىسا، تىجارەتمۇ، ئىلاف-خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. كەبە بەرىكىتىنى ئۆزىدىن ئەمەس، رەببىدىن ئالىدۇ ». سۈرە بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:
فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَذَا الْبَيْتِ (3) الَّذِي أَطْعَمَهُمْ مِنْ جُوعٍ وَآَمَنَهُمْ مِنْ خَوْفٍ (4)
« بۇ ئۆي (كەبە) نىڭ رەببىگە بەندىچىلىك قىلسۇن (3)-(4). »
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، ئىبادەتنى بەيت ( بەيتۇللاھ ) كە ئەمەس، ئۇنىڭ رەببىگە قىلسۇن. بۇ ئارقىلىق نانغا ئەمەس، نان بەرگۈچىگە رەھمەت ئېيتسۇن دېمەكتە بۇ ئايەت.