ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « فىل » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« رەببىڭنىڭ (كەبىنى بۇزۇۋېتىشكە كەلگەن) پىل قوشۇنىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (1). »
قۇرئاندا ھايۋان ئىسمى بىلەن ئاتالغان بەش سۈرە بار، يەنى بەقەرە ( كالا )، نەھل ( ھەسەل ھەرىسى )، ئەنكەبۇت ( چىشى ئۆمچۈك )، نەمل ( چۈمۈلە ) ۋە فىل سۈرىلىرى بولۇپ، بۇلاردىن بىرى فىل سۈرىسى. فىل سۈرىسىگە ئەبرەھەنىڭ قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان پىلنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. پىلنىڭ قوشۇن سۆزىگە ئەمەس، قوشۇننىڭ پىلغا ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىشىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر نۇقتا بار. يەنى، پىللار ھەر قانچە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ كەبىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قاچقان بولۇپ، پىل، قوشۇن ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەقىللىق ئىدى. شۇڭا سۈرىدە « قوشۇننىڭ فىلى » ياكى « ئەبرەھەنىڭ قوشۇنى » دەپ ئېلىنماي، « فىل قوشۇنى » دەپ ئاتالغان.
مەزكۇر سۈرە بۇخارىدا ۋە قۇرتۇبى نەقىل قىلغان رىۋايەتتە « ئەلەمتەرە » ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. ھەزرىتى ئوسمان نۇزۇل تەرتىپىدە كافىرۇن - فەلەق سۈرىسى ئارىسىغا جايلاشقان. ئىبن ئابباس تەرتىپىدە مائۇن - كافىرۇن سۈرىسى ئارىسىغا جايلاشقان. نازىل بولۇش ۋاقتى نۇقتىسىدىن بىز ئىگە بولغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرە رىسالەتنىڭ 2 - يىلىغا توغرا كەلمەكتە. قۇرەيش سۈرىسى بىلەن بۇ سۈرە ئارىسىدا مەزمۇن جەھەتتىن زىچ مۇناسىۋەت بار.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، خىتاب قىلىنغۇچىدا كۈچ - قۇۋۋەت ئەخلاقىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەزكۇر سۈرە تارىخى پىل ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، كۈچىنى زۇلۇمغا ئىشلەتكەن، كۈچ ئەخلاقىدىن يوقسۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئىشغالچى « پىل قوشۇنى ( ئەسھابۇل فىل ) »، ھەر دەۋرىدە مەۋجۇت بولىدىغان زوراۋان كۈچنىڭ سىمۋولى. ئۇلار « مەن كۈچلۈك، شۇڭا مېنىڭ راست ( زامان زورنىڭ ) » دەيدىغان مەنتىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ مەنتىق بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچى ھامان بىر كۈنى زاۋال تاپىدۇ:
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ (1) أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ (2)
« رەببىڭنىڭ (كەبىنى بۇزۇۋېتىشكە كەلگەن) فىل قوشۇنىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (1). رەببىڭ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ (2). »
سۈرىدە فىل - ئەبابىل ( قۇشلار )دىن ئىبارەت بىر - بىرىگە زىت قۇتۇپلار تىلغا ئېلىنغان:
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ (3) تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ (4) فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ(5)
« رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتكەن (3)-(5).»
بۇ يەردىكى پىل يوغان ۋە كۈچلۈك، لېكىن ھەقسىز زالىمنىڭ؛ ئەبابىل ( قۇشلىرى ) ئۆزى كىچىك، ئەمما زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سىمۋولى. ئاللاھ بىردىنبىر ۋە ھەقىقىي كۈچ - قۇدرەت ساھىبىدۇر.
خۇلاسىلىگەندە، كۈچكە چوقۇنىدىغان ھەر قانداق ئەخلاقسىزلار ۋە كۈچىگە ئىشىنىپ زومىگەرلىك قىلىدىغان ھاماقەتلەر ھامان بىر كۈنى غەزەپكە ئۇچرايدۇ.
سۈرىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى
سۈرە ئىما قىلغان تارىخىي ۋەقەنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
ئۆز ۋاقتىنىڭ ئىككى چوڭ كۈچى بولغان پارس بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى بىر - بىرى بىلەن رىقابەت ھالىتىدە ئىدى. مىلادى 6 - ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا بۇ رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. بۇ رىقابەتنىڭ قارا سايىسى مەككىگىمۇ چۈشكەن بولۇپ، نوپۇزلۇق قەبىلىلەر مۇتەييىبىن ۋە ھەلىف ئىسمى بىلەن ئىككى تەرەپكە ئايرىلغان. مۇتەييىبىن دەپ ئاتالغانلار پارس ئىمپېرىيىسى تەرەپتارلىرى بولۇپ، تەخت تالىشىش كۆرەشلىرى سەۋەبىدىن ئۆز ئىچىدە بوغۇشۇۋاتقان شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاشقان، پارسلار ئۇلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتكەنىدى. بۇ سەۋەبتىن پارسلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايۇنلاردىن ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتقانىدى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كونا نوپۇز دائىرىسى ھەبەشىستان ۋە يەمەن ئىدى.
ھىجاز رايونى بۇ ئىككى كۈچنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرمىگەن بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ھاكىم كۈچلەرنىڭ نوپۇزى ئاستىقا كىرىپ باقمىغان. ھىجاز رايونىنىڭ دورا - دەرمەك، خۇش -بۇي باھارات تىجارەت يولى ئارقىلىق شىمال- جەنۇپ ئارىسىدىكى تىجارەتتىن كېلىدىغان پايدىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بۇ رايوندىكى تىجارەتچى ئائىلىلەر ئالاتتى. ئۇلار تىجارەت يولىدا پات - پات پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە يولنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇ دەۋرنىڭ ھاكىم كۈچلىرىدىن بىرىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغانىدى. مانا بۇ سەۋەبتىن مەككىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر جەمەتلىرىدىن بىرى بولغان ھاشىم ئوغۇللىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈچلۈك بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقچى بولغان ئەبۇ سۇفياننىڭ ئاتىسى ئۇمەييە ئوغۇللىرى ۋە ئەبۇ جېھىلنىڭ ئاتىسى مەھزۇن ئوغۇللىرى رەقىپلىرىگە قارشى مەككىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن پارسلارغا يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ۋەكىلى بولغان ھەبەشىستان بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتماقچى بولىدۇ.
مىلادى 570 - يىللىرىدا مەككىدىكى پارىس تەرەپتارلىرىنىڭ نوپۇزى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە يەمەندە تەختنى تارتىۋالغان ئەبرەھە، ئالۋان تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن خىرىستىيان ھەبەش دۆلىتىگە ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىدۇ. ئۇ جەنۇپ - شىمال ئارىسىدىكى تىجارەتتىن كېلىدىغان پايدىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىجارەت مەركىزىنى مەككىدىن ساناغا قايدۇرماقچى بولىدۇ ۋە كەبىگە رەقىب سۈپىتىدە بىر چىركاۋ ياسىتىدۇ. ئاندىن بۇ چىركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى باھانە قىلىپ، كەبىنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن فىللار بىلەن جابدۇلغان قوشۇنىنى ئېلىپ مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. فىل قوشۇنى مەككىگە يېقىنلاشقاندا ئاللاھ تەئالا ئەۋەتكەن قۇشلار تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ.
سۈرە مانا بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سەپەرنى مەككىلىك مۇشرىكلەرگە ئەسلىتىپ، ئۇلارنى رەسۇلۇللاھقا قارشى ئەبرەھەنىڭ رولىنى ئوينىماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تەئالاغا قارشى كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېنىق ھالدا: « چاينىۋېتىلگەن ساماندەك بولۇپ كېتىش » ۋە ھىمايىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ.
بۇ قىسسەنىڭ قۇرئاننىڭ باشقا جايلىرىدا قايتا تەكرارلانماسلىقىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار:
بىرىنچىسى، پىل قوشۇنىنىڭ ھالاكىتىنىڭ ئاستىدا بىر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىش، يالغانچى قاتارىغا چىقىرىش يوق.
ئىككىنجىسى، مۇشرىكلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن ئۆزىگە نېسىۋە چىقىرىپ، ئۇنى سۈيئىستىمال قىلماسلىقى نەزەردە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.