ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان « سۇخەنچىلىك قىلىش، ئەيبلەش،قاش-كۆز ئارقىلىق مەسخىرە قىلىش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « ھۇمەزە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« (ئاشكارا - يوشۇرۇن، ئالدى – كەينىدىن دائىم) تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغۇچى، چېقىشتۇرۇپ ۋە ئەيپ ئىزدەپ يۈرگۈچى ھەركىمنىڭ ھالىغا ۋاي! » ( 1 ).
« ھۇمەزە - لۇمەزە »گە ئوخشايدىغان بىر جۇپ ئۇقۇملار خۇددى « مۇززەممىل - مۇددەسسىر » بىر جۇپقا ئوخشاش بىر مەنىنىڭ ئىككى قۇتۇپىنى ئىپادىلەيدۇ. « ئاشكارا - يوشۇرۇن، ئالدى - ئارقىدىن » مەنىسى مەزكۇر كەلىمىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن كېلىپ چىققان. نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە مەزكۇر كەلىمىنىڭ « ھەمماز ۋە لەمماز » شەكلى ئىشلىتىلمىگەن دەپ سورالغاندا، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. جانابى ئاللاھ بىزنىڭ گۇناھكارنى ئەمەس، گۇناھنى نىشان قىلىشىمىزنى ئىما قىلماقتا. بىزنىڭ گۇناھكارنى تۈگىتىشىمىزنى ئەمەس، گۇناھنى تۈگىتىشىمىزنى، گۇناھكارنى ئەمەس، گۇناھنى نۇقتا قىلىشىمىزنى ئىما قىلماقتا.
بۇخارى ۋە بەزى تەپسىرلەردە مەزكۇر سۈرە بىرىنچى ئايىتى بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە قىيامەت ۋە مۇرسەلات سۈرىسىنىڭ ئارىسىغا تىزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرە نۇبۇۋۋەتنىڭ 4 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياكى 5-يىلىنىڭ باشلىرىدا نازىل بولغان بولىشى مۇمكىن. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارىتا تۇتقان ئىنكار پوزىتسىيىسىنى مۇنداق تۆت باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ:
1. سۈكۈت قىلىش
2. مەسخىرە قىلىش
3. تۆھمەت قىلىش
4. رەسمىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش
مەزكۇر سۈرە مۇشرىك مەككىلىكلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىگە قارىتا تۇتقان « مەسخىرە قىلىش باسقۇچى »دىن ئىبارەت دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.
ھۇمەزە سۈرىسى ئىنساننىڭ ئۆز جىنسىدىن بولغان ئىنسان قېرىنداشلىرىغا قارىتا تۇتقان تەربىيىسىز قىلمىشلىرىنى روھىي جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىدۇ. خورلاش، ھاقارەتلەش، مەسخىرە قىلىش، قارا چاپلاش، ئىززەت - ئابرويىنى تۆكۈش، غەيۋەت قىلىش، كەمچىلىك ۋە ئەيبلىرىنى ئىزدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئەخلاقسىزلىق، روھى كېسەللىك دەپ قارايدۇ. بۇ ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى رەت قىلغان مەزكۇر سۈرە بۇ قىلمىشلارنىڭ ۋە ئىللەتنىڭ تېگىدە « ئۆزىنى بىلمەسلىك » ئامىلىنىڭ ياتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. چۈنكى، ئۆزىنى بىلمىگەنلەر « ئەبەدىي ياشايمەن » دەپ ئويلاپ قالىدۇ:
وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ (1) الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ (2) يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ (3)
« (ئاشكارا-يوشۇرۇن، ئالدى-كەينىدىن دائىم) تۆھمەت قىلىپ قارا چاپلىغۇچى،كەمسىتكۈچى، چېقىشتۇرۇپ ۋە ئەيپ ئىزدەپ يۈرگۈچى ھەركىمنىڭ ھالىغا ۋاي! » (1). ئۇ مال-مۈلكۈم مېنى مەڭگۇ ياشىتىدۇ دەپ چاغلاپ، (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماستىن) مال-مۈلۈك توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى (2)-(3). »
بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ئارىسىدىكى قېرىندىشى قەلەم سۈرىسى بولۇپ، مەدىنە سۈرىلىرى ئارىسىدىكى تەپسىرى ھۇجۇرات سۈرىسىدۇر.
سۈرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئەخلاق بولۇپ، سۈرە كىبىرلىك، ھاكاۋۇر كىشىلەرنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان « مال » ئەسلىدە تەقۋا ( مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى )دىن سىرت، باشقا كىشىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلىرىمىزگە ۋەكىللىك قىلماقتا. باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئىگە بولغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئىگە بولمىغانلارغا قارىتا ئۇلارنى كەمسىتىش ۋە خور كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئىززەت- ئابرويىغا تىل تەككۈزۈش سەۋەبى دەپ قارىغانلار « ئىست سېنىڭ ھالىڭغا! » دېيىلگەن « ھۇمەزە ۋە لۇمەزە » سىنىپىغا كىرىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئەلىمى يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدىغان ئازابقا دۇچار قىلىنىپ، قاتتىق خارلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ:
كَلَّا لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ (4) وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ (5) نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ (6) الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ(7).
« ياق، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ (4). سەن ھۇتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ (5). ئۇ يۈرەكلەرگە ئۆتۈپ كېتىدىغان، ئاللاھ ياندۇرغان ئوتتۇر (6)ـ (7). »
تۆھمەت ۋە قارا چاپلاش سەۋەبىدىن بۇ ھەقسىزلىققا دۇچار بولغانلارنىڭ يۈرىكى قانداق ئەلەم تارتقان ۋە ئازابلانغان بولسا، بۇ جىنايەتنىڭ جازاسىمۇ ھۇتەمەدە بولۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ يۈرىكىدە شۇنداق تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ.
يەنى خىيانەت قىلغان فىترىتى، باستۇرۇلغان ۋىجدان چۇقانى، ھاۋايى - ھەۋىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدراكى ۋە يامانلىققا مايىل قىلىنغان يوشۇرۇن ئېڭى، ئاللاھ تەئالادىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقنىڭ ئازابى بىلەن ئىگىسىنى كۆيۈپ پۇچىلاندۇرغان بىر جەھەننەمگە ئايلىنىدۇ:
إِنَّهَا عَلَيْهِمْ مُؤْصَدَةٌ (8) فِي عَمَدٍ مُمَدَّدَةٍ (9)
« ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ (8)- (9).»
بەلكىم بۇ نۇقتىدا « بۇ قىلمىش نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانى بۇنداق غەزەپلەندۈرىدۇ؟ » دېگەن سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، بۇ مۇئامىلە كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاللاھ تەئالانىڭ ئورنىغا قويغانلىقىدۇر. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئەمەل دەپتىرىنى ئاللاھ تۇتىدۇ. خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيبلىرىنى ئاللاھ خاتىرىلەيدۇ ( پەرىشتىلەر ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئادا قىلىدۇ ). باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيبلىرىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاللاھ تەئالاغا خاس بولغان ئىشقا قول ئۇزاتماقچى بولغانلار بولۇپ، بۇلار ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.