ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە بىرىنچى ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان « ھېرىسمەنلىك بىلەن كۆپەيتىش » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « تەكاسۇر » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان.
« (ئى ئىنسانلار! تاكى ئۆلۈپ) قەبرىگە بارغىنىڭلارغا قەدەر (داۋاملاشقان مال- دۇنيانى) كۆپەيتىش قىزغىنلىقى سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى (1)-(2) »
تەكاسۇر ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر سۈرىنىڭ قۇرئاندا ئورۇن ئېلىشى ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كېلەچەكتىكى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر مۆجىزىۋى تېما بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مال - مۈلكىنى كۆپەيتىش ھېرىسمەنلىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىنسانلار گىرىپتار بولغان خەتەرلىك ئىللەتلەردىن بىرى. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئىنسانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئىللەتلەردىن بىرى توختىماي كۆپەيتىش ھېرىسى بولۇپ، قانائەت قىلماستىن كۆپەيتىش، تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىش ۋە تېخىمۇ كۆپكە ئىگە بولۇش ھېرىسى نەتىجىسىدە خۇدىنى يوقىتىپ قويغان ئىنسان بۇ يولدا ئۆزىنى يوقىتىپ، ھەددىنى بىلەلمەي چەكتىن ئاشماقتا.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسھەب ۋە تەپسىرلەردە سۈرە مۇشۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسھابىلىرىنىڭ « مەقبۇرە» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار ( ئالۇسى ). سۈرە بۇخارىدا « ئەلھاكۇم » ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ يوق. سۈرە رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نازىل بولغان بولۇپ، قەدىمقى نۇزۇل تەرتىپلىرىدە كەۋسەر ۋە مائۇن سۈرىسى ئارىسىدا 16 - ئورۇندا يەر ئالغان. بۇ تەخمىنەن رىسالەتنىڭ ئىككىنجى يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
گەرچە بۇ سۈرىنىڭ مەككىدىكى ئىككى چوڭ رەقىب قەبىلە ئارىسىدىكى كۈچ - قۇۋۋەت بەسلىشىشى سەۋەبلىك نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنسىمۇ، ئەمما سۈرە ئىما قىلىۋاتقان مەنا زامان ۋە ماكانلارنى ھالقىغان بولۇپ، ھەر دەۋردىكى « مال - دۇنيا يىغىش، بىرلەشتۈرۈش ھېرىسى »غا گىرىپتار بولغان ئىنسانلارغا خىتاب قىلىپ، بۇ ئىللەتتىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.
سۈرىنىڭ ئانا تېمىسى، ھەر قايسى دەۋر ئىنسانلىرى ئىچىدە كۆرۈلىدىغان ھەممە جەھەتتە بىرىنچى بولۇش ھەۋىسىگە ئەسىر بولغان ئىنسان بولۇپ، بۇ خىرىسقا قۇل بولۇش سەۋەبىدىن ئىنسان ئۈزلۈكسىز يىمەي - ئىچمەي يىغىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ يىگۈزمەي توپلايدۇ. نەتىجىدە بۇ يىغقانلىرى ئاستىدا مىجىلىپ خۇدىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ ۋە يارىتىلىش مەقسىتىنى ئۇنتۇيدۇ. مانا بۇ سۈرە، ئىنساننى دۇنياپەرەستلىشىپ كېتىش بالاسىغا دۇچار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ « قارۇنلاشماسلىق »نى ئىما قىلغان ھالدا سۆزنى باشلايدۇ:
أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ (1) حَتَّى زُرْتُمُ الْمَقَابِرَ (2)
« (ئى ئىنسانلار! تاكى ئۆلۈپ) قەبرىگە بارغىنىڭلارغا قەدەر (داۋاملاشقان مال- دۇنيانى) كۆپەيتىش قىزغىنلىقى سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى (1)-(2).»
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلە، ئۆتكۈنچى بىلەن ئەبەدىي، بىباھا بىلەن باھاسى بولغاننى ئايرىيالىغۇدەك بىلىمگە ئىگە بولۇش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ بىلىم ئىماننىڭ ئەسەرى بولىدۇ. يەنى، بۇ بىلىم ئىنساننى ئاللاھ تەئالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بىلەن ئاللاھ تەئالاغا بەندىچىلىك قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغان تىرىك ۋە تىرىلدۈرگۈچى بىر ئىماننىڭ شاھ ئەسەرى بولۇپ، بۇنداق بىر ئىمان ئىنساننىڭ دىلىغا جەھەننەم خەۋپىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرىدىغان بىر ھۇشيارلىق بەخش ئېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئىچىدىن يالقۇنلاپ چىققان يانغىن ۋىجدان پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، پۈتۈن ھەقىقەت مانا مەن دەپ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان ئۇ كۈندە، ئىنسان ئۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىدۇ. لېكىن، بۇ ۋاقىتتا پۇرسەت قولدىن كەتكەن بولىدۇ:
كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ (3) ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ (4) كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ الْيَقِينِ (5) لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ (6) ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ الْيَقِينِ (7)
« ). ياق، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر (3). ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر (4). ھەقىقەت شۇكى، ناۋادا سىلەر راستتىنلا بىلگەن بولساڭلار (غەپلەتتە قالماس ئىدىڭلار) (5). سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر (6). كۆرگەندىمۇ ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر (7). »
بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان دەۋردىكى ئىنسان « كۆپەيتىش، يىغىش ھېرىسىغا مۇپتىلا بولغان ئىنساننىڭ دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىز تېخى كۆرمىدۇق » دېگەن بولسا مىڭ قېتىم ھەقسىزلىق قىلغان بولاتتى. لېكىن، كۈنىمىزدىكى ئىنسان بۇنى دېسە مىليارد قېتىم ھەقسىزلىق قىلغان، رىئاللىققا كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا تېخى يېقىنقى زاماندا بىر قانچە قېتىم شاھىت بولدى.
سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئايىتى مال - مۈلۈكنىڭ بىز ئۆز ئىختىيارىمىزچە سەرپ قىلىدىغان بىر مۈلكىيەت ئەمەس، سورىقى بار بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئىنساننى ئاگاھلاندۇرماقتا:
ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ
« ئاندىن ئۇ كۈندە نېمەتلەر توغرۇلۇق جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىلەر (8).