ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
سۈرە ئالدىنقى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان « دەھشەت سالغۇچى، پاجىئە » مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « قارىئە » كەلىمىسى بىلەن ئاتالغان:
« (ئاھ) ئۇ دەھشەت سالغۇچى! (1)، ئۇ دەھشەت سالغۇچى نېمىدۇر؟ (2). ئۇ دەھشەت سالغۇچىنى سەن ئىدراك قىلالامسەن ؟ (3). »
قۇرئاندا پەيدا بولۇش ۋە بۇزۇلۇپ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئۆزى بىلەن ياكى بىرەر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتالغان سۈرىلەرنىڭ سانى 14 بولۇپ، ئۇلار دۇخان، جاسىيە، ۋاقىئە، ھاققا، قىيامەت، نەبە، تەكۋىر، ئىنفىتار، ئىنشىقاق، غاشىيە، فەجر، زەلزەلە، فەلەق ۋە قارىئە سۈرىسىدىن ئىبارەتتۇر.
بارلىق مۇسھەبلەردە، تەپسىرلەردە ۋە ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان.
سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. دەسلەپكى مەزگىلدە تىزىلغان نۇزۇل تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرەيش - قىيامەت سۈرىسى ئارىسىغا يەرلەشتۈرۈلگەن. سۈرە دەۋەتنىڭ 3 - يىلىدا نازىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قۇرئان ۋەھىينىڭ تۇنجى خىتاب قىلىنغۇچىلىرىنى رىسالەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ شاھىتى.
ھەر يولۇچىنىڭ بىر يولى، ھەر يولنىڭ بىر چېكى بولىدۇ. دۇنيادىكى ئىنسان يولۇچى بولغان يەردە، دۇنيامۇ يولۇچى بولمامدۇ؟ ئۇمۇ بىر يولۇچى، ئۇنىڭمۇ بىر ئاخىرقى نۇقتىسى بار. لېكىن، دۇنيانىڭ ئاخىرقى چېكى ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس. چۈنكى، دۇنيا ھاياتى ھاياتنىڭ ۋۇجۇدىغا ئوخشايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بىر روھى بولغاندەك، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭمۇ بىر روھى بار. ئۇ روھ ئاخىرەت بولۇپ، ئاخىرەتسىز دۇنيا ھاياتى، روھسىز بىر مېيىتقا ئوخشايدۇ. سۈرە مانا بۇ روھ ھەققىدە ئىمالىق شەكىلدە توختىلىدۇ. يەنى، ئاخىرەت- قايتىدىن تىرىلىش ۋە ھېساپ ئېلىنىدىغان كۈندىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە توختىلىدۇ، بىزگە ئاللاھ تىن باشقا ھېچكىم خەۋەر بېرەلمەيدىغان ئاخىرقى سائەت ۋە قىيامەت ھەققىدە بىۋاستە ھالدا ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. يەنى، بۇ سۈرىدە ئىنسانلار پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدىغان، بىزگە قوزۇقتەك قېقىلغان، مىدىرلىماس دەپ بىلىنىدىغان تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدىغان بىر ۋاقىتنىڭ دەھشىتىدىن خەۋەر بەرمەكتە.
يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ (4) وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ (5)
« ئۇ كۈنى ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ (4). تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ (5). »
ئۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كېلىدۇ. ئىنساندىن كەمچىلىكسىز بولۇشنى كۈتكىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا بەندىلىرىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، كەمچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن كۈتىۋاتقان نەرسە ياخشىلىقى يامانلىقىدىن تېخىمۇ ئېغىر توختايدىغان بىر ھايات كەچۈرۈشى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ:
فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ (6) فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ (7) وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ (8) فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ (9)
« (ياخشىلىقلىرى) تارازىدا ئېغىر كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ (جەننەتتىكى) خۇشال-خورام ھاياتتا بولىدۇ (6)-(7). (ياخشىلىقلىرى) تارازىدا يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ (8)ـ(9).»
قۇرئاندىكى تىلغا ئېلىنغان قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەھنىلەرنىڭ مۇنداق ئۈچ ئوخشاشلىقى بار:
بىرىنچى: قاتتىق شىددەتلىك ۋە دەھشەتلىك.
ئىككىنجى: ناھايىتى زىل ۋە سىكۇنتلىق ( بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا تۇيۇقسىز، سىكۇنت كېچىكمەستىن رىئاللىققا ئايلىنىدۇ ).
ئۈچىنچى: ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى ئەمەس، يۈز بېرىش جەريانىدا بولىدىغان ۋەقەلەر تەكىتلىنىدۇ.
( بۇ ئۈچ نۇقتا ئۈچۈن ئۆرنەك سۈپىتىدە ئىنشىقاق سۈرىسىگە قاراڭ ).
بۇلاردىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن:
بىرىنچى، قىيامەت ۋە ئاخىرقى سائەتتىكى ۋەقە - ھادىسىلەر ئالدىن بەلگىلەنگەن پرىنسىپ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
ئىككىنجى، بۇلارنىڭ روياپقا چىقىشى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە مۇھتاج بولمىغىدەك شەكىلدە ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن.
ئۈچىنچى، قىيامەت تۇيۇقسىز، ئالدىن بىشارەت بېرىلمەستىن مەيدانغا كېلىدۇ.
تۆتىنچى، بۇ باسقۇچنىڭ باشلىنىشىدا ئىنساندىن ئىبارەت ئىرادىلىك مەخلۇقاتلارنىڭ قىلغان قىلمىشلىرى رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ قىلمىشى بىلەن ئاخىرقى سائەت ئارىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. يەنى، ئى ئىنسان! شۇ كائىنات ئىچىدىكىلەر مەۋجۇدىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. دۇنيانىڭ چەت بىر يېرىدە مەيدانغا كەلگەن زۇلۇم، كائىناتنىڭ بىپايان بىر ئۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.